ئاتالغۇلار | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى | بارلىق يازمىلار - 3-بەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار
time-zone
28 پارچە باھا يېزىلدى
14,526 قېتىم كۆرۈلدى

دۇنيا ۋاقىت رايونى (English-Uyghur World Time Zones)

ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە دۇنيا ۋاقىت رايونى جەدۋىلى يەر جاي ناملىرىنى تەرجىمە قىلىشتا ئەسلىدىكى تىلنىڭ ئاھاڭى بويىچە ئېلىنامدۇ؟ ياكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئېلىنامدۇ؟ مەسىلەن: ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئېلىنغان ئىسىملار: ۋاشىنگىتون، ئەسلىي تەلەپپۇزى ۋاشىڭتون، يەنە مەسىلەن: ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ سۇلايمان تاقىم ئاراللىرى دەيمىزمۇ ياكى سولومۇن تاقىم ئاراللىرىمۇ؟ خەنزۇچىدىن خەتمۇ خەت ئۇدۇلمۇئۇدۇل تەرجىمە قىلماي، تاقىم دېگەن گەپنى ئالمىساق بولامدۇ؟ مەسىلەن: سولۇمۇن ئاراللىرى دەپ كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى قوشۇپ قويساق بو……
تولۇق تېكىستى
max_passwords
45 پارچە باھا يېزىلدى
11,547 قېتىم كۆرۈلدى

Password يەنى 密码 ئاتالغۇسى ھەققىدە

ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنىۋاتقان تور بېكەت سىستېمىلىرىدىكى مۇنبەر، بىلوگ، مىكرو بىلوگ سۇپىسىغا قارايدىغان بولساق، Password يەنى 密码 نى ھەرخىل ئاتاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن: پارول، شىفىر، مەخپىي نومۇر، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز ساندا ئىم، پىچىر،...دېگەندەك. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە «پارول» ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكەنلەر بىر قەدەر كۆپ ئىكەن. ئۇنداقتا Password دېگەن نېمە؟ Password نىڭ ئېنىقلىمىسى ئىشلەتكۈچى تەرىپىدىن كىرگۈزۈلگەن، تور، يەرلىك كومپيۇتېر ۋە ئۈسكۈنىلەردە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى دەلىلل……
تولۇق تېكىستى
cell-phone-user2
63 پارچە باھا يېزىلدى
14,276 قېتىم كۆرۈلدى

客户 يەنى «ئابۇنت» ئاتالغۇسى ھەققىدە

نۆۋەتتە 客户 ئۇيغۇر تىلىدا «ئابۇنت» دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ، مەسىلەن: ھۆرمەتلىك كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنتلىرى دېگەندەك. «ئابۇنت» دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە يوق بولۇپ، ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆز «ئابۇنە» بار، بۇ سۆزنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىن بۇ سۆز پارسچىغا قارىغاندا فرانسوزچىدىن كىرگەن ئېھتىماللىقى يۇقىرى دېمەكچى، ئەمما، مەن پارسچە ۋە فرانسوزچىدىن ئىزدەپ تاپالمىدىم. ئەلۋەتتە، مەن ئاددىي قىلىپ Google تەرجىمانىدىن ئىزدەپ باقتىم. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلانغان، ========……
تولۇق تېكىستى
47 پارچە باھا يېزىلدى
9,753 قېتىم كۆرۈلدى

sign in/up يەنى (登陆,注册) ئاتالغۇلىرى ھەققىدە

تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئاتالغۇلار تور بېكەتلەردە كۆپ قوللىنىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ مۇنبەر، بىلوگ، مىكرو بىلوگ ۋە ئېلېكتىرونلۇق خەت قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان بېكەتلەردە چوقۇم بار. بۇنىڭ ئاتالغۇسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھېچبولمىغاندا مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىش مۇھىم دەپ بىلىمەن. تۆۋەندە ئۆزەمنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدۇم، خەنزۇچە تەرجىمىسىدىن پەقەت پايدىلىنىشىڭلارنى ھەرگىزمۇ ئاساس قىلىۋالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ناۋادا، باشقا تىلدىكى مەسىلەن: تۈركچە، ئۆزبېكچە، قازاقچە،...تەرجىمىسى لازىم بول……
تولۇق تېكىستى
Video_conference
41 پارچە باھا يېزىلدى
11,235 قېتىم كۆرۈلدى

音频 ۋە 视频 ئاتالغۇسى ھەققىدە

音频 ۋە 视频 ئاتالغۇسى ھەققىدە بۇ ئەسلىدە ئىنگلىز تىلىدىكى AUDIO ۋە VIDEO دېگەن ئاتالغۇ بولۇپ، 80-يىللارنىڭ بېشىدا ئۈن ۋە سىن دەپ قوبۇل قىلىنغان. مەسىلەن: شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى. 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كومپيۇتېرغا ئائىت ئۇيغۇرچە كىتابلاردا ئاۋاز ۋە سۈرەت دەپ ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن: ئاۋاز كارتىسى، سۈرەت كارتىسى. تىلىمىزدا، بۇ ئاتالغۇ سۈرەت (سىن) ۋە ئاۋاز (ئۈن) دېگەن مەنىدە قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇھىم خەۋەرلىرىدە «XXX ئورۇن كۆرۈنمە……
تولۇق تېكىستى
mobile phone
86 پارچە باھا يېزىلدى
13,899 قېتىم كۆرۈلدى

smart phone 智能手机 ئاتالغۇسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

http://bbs.bilik.co/viewthread.php?tid=24517&extra=&page=1 مەنمۇ بۇ تېمىنى ئانچە-مۇنچە كۆردۈم، بۇ ھەقتە ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىنى سۆزلەپ باقاي، بىز ئاتالغۇنى تەرجىمە قىلىشتا ئەسلىي ئاتالغۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىلىشىمىز، ئىمكان بار ئەسلىي تىلدىن پايدىلىنىشىمىز، ھەرگىزمۇ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى تىلنى ۋاسىتە قىلماسلىقىمىز زۆرۈر، ئەمما، بۇلارنى قوشۇمچە پايدىلانغاننىڭ زېيىنى يوق. بۇ ئىنگلىزچىدىن كەلگەن ئاتالغۇ ئىكەن، ئالدى بىلەن بۇ سۆزنى ۋە ئاتالغۇنىڭ يەشمىسىنى كۆرۈپ باقايلى. ئىنگلىزچە-خەنزۇچە ……
تولۇق تېكىستى
StartScreen
176 پارچە باھا يېزىلدى
28,877 قېتىم كۆرۈلدى

Speed bump يەنى 减速带 نى ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز؟

2011-يىل 14-سېنتەبىردە Windows8 Developer Preview (ئىجادىيەتچىلەر كۆرۈپ بېقىش نەشىرى) ئېلان قىلىندى. نۇرغۇن تورداشلار بۇنى سىناپ ئىشلىتىپ بېقىپتۇ، مەنمۇ ئەڭ بۇرۇن سىناپ باققانلارنىڭ بىرسى. بۇ Windows نىڭ ئېكران يۈزىدىكى بىر نەچچە ئاتالغۇنى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»گە قوشۇۋېتەي دېگەن ئىدىم، ئەمما، مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇيغۇرچە سۆز بېشىمنى قاتۇردى. كېيىن بۇ سۆزلەر ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا چوقۇم ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يېڭى ئاتالغۇلار ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇلار Start screen, Charms, Apps, Tiles, Speed bump دىن ئ……
تولۇق تېكىستى