Microsoft Skydrive (ئۇيغۇرچە)نى ئىشلىتىپ بېقىڭ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

Microsoft Skydrive (ئۇيغۇرچە)نى ئىشلىتىپ بېقىڭ

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

Skydrive بولسا Microsoft شىركىتى يولغا قويغان بۇلۇت ساقلىغۇچ مۇلازىمىتى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر Windows Live ھېساباتى ئارقىلىق تىزىملاپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ رەسىملىرىنى، ھۆججەتلىرىنى Skydrive غا ساقلاپ قويالايدۇ. ھەرقانداق كۆچمە ئۈسكۈنە ۋە تورغا ئۇلانغان ھەرقانداق جايدا ھۆججەتلىرىڭىزنى زىيارەت قىلالايسىز، باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالايسىز.

تور يۈزىدە Word, Excel, Powerpoint ھۆججەتلىرىنى قۇرالايسىز. سىزگە 25GB ھەقسىز بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھۆججەتلىرىڭىزنى ساقلاش ئۈچۈن بارماق دىسكا ئىشلىتىپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەرخىل پاراڭلىشىش دېتاللىرىدىكى دوستلىرىڭىزنى بۇ يەرگە سۆرەپ كىرىپ، ئۇلار بىلەن ئەركىن سۆھبەتلىشەلەيسىز. ئۇنى يەنە «خەت»، «كالېندار»، «كىشىلەر» ئەپى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز. ئۇنداقتا دەرھال ئىشلىتىپ «بۇلۇت» ھۇزۇرىنى سۈرۈڭ.

يەنە ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تەرجىمە سۈپىتى ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان باشقا مەھسۇلاتلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشىلاندى، ئەمما بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش بولغاچقا بەزى يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بولۇشى ئېنىق، «ئەلنىڭ كۆزى 50» دەپتىكەن، قېنى ئىشلىتىپ بېقىڭلار، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بولسا بەرگەيسىلەر ياكى يول كۆرسەتكەيسىلەر، رەھمەت!

ئادرېسى: Skydrive
ئۇيغۇرچىگە تەڭشەش ئۇسۇلى يەنىلا outlook.com غا ئوخشاش بولۇپ، ئاۋۋال ئۇ يەردە ئۇيغۇرچە تەڭشىۋېلىپ، ئاندىن skydrive.live.com نى بېسىپ كىرسەڭلارمۇ بولىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
91 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 3 4 5
  • Skydrive غا كىرسەم ئاۋۇ مىنىڭ ئىسمىم تەتۈر چىقىۋاتىدىغۇ؟!!! يەنى مىنىڭ ئىسمىم ئابدۇۋارىس ئېلى ئىدى، ئاۋۇ Skydrive دا « ئېلى ئابدۇۋارىس » دەپ چىقىۋالدى، مۇشۇنى ئوڭشىغىلى بۇلامدىكىن دەپ …. بىز ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئاتىمىزنىڭ ئىسمى ئىسمىمىزنىڭ كەينىدە كەلسە توغرا بۇلاتتى، يا بىز ئىنگىلىز بولمىساق فامىلىنى ئىسىمنىڭ ئالدىدا ئىشلىتىغان. بۇنىڭغىغۇ ئامال قىلىپ ئىسىم بىلەن فامىلىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرىۋەتتىم، لېكىن كۆڭلۈم تىنجىمىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 16:57
  • ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم:
    ماۋۇ skydrive دا قايسى خىل خەت نۇسقىسى ئىشلىتىلگەن، مەن ھەممە تور كۆرگۈلەردە ئېچىپ باقتىم، لىكىن خەت نۇرمال كۈرۈنمىدى. يا بۇ مىنىڭ كومپيوتېرىمدىكى مەسىلىمۇ؟ مەن ukij دىن باشلانغان بارلىق خەت نۇسقىسىنى قاچىلىدىم بولمىسا؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 16:32
  • Skydrive نىڭ ئۇيغۇرچە بەت يۈزىنى قانداق ئاچىمىز ؟ مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى am 11:43
  • مۇئەللىم مەن ئۇيغۇرچە قىلالمىدىم غۇ قانداق قىلسام بولا كومپىيوتىرنىڭ سستىمىسى win7 …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 23:15
  • رەھمەت ئالىم ئەھەد ئاكا …
    ئۇيغۇرتىلىمىز ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردىڭىز ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق ئاتا قىلسۇن ….

    كۆپتىن كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم ……….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 14:06
باھا بېتى: 1 3 4 5