ئالىم ئەھەت بىلوگى يېڭى مۇلازىمىتېرغا كۆچتى. | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئالىم ئەھەت بىلوگى يېڭى مۇلازىمىتېرغا كۆچتى.

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

مانا بۈگۈن ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىدىكى ئەمەتجاننىڭ ياردىمىدە، «ئالىم ئەھەت» بىلوگى يېڭى مۇلازىمىتېرغا ئوڭۇشلۇق يۆتكەلدى. مەن xjcfan شىركىتىدىكى بارلىق خادىملارغا رەھمەت ئېيتىمەن.

«ئالىم ئەھەت» بىلوگى 2011-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە شياڭگاڭدىكى مۇلازىمىتېرغا ئورۇنلاشقان ئىدى، ئەمما بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان زىيارەتچىلەرنىڭ سانى داۋاملىق ئېشىپ بارغاچقا، ئېچىلىش سۈرئىتى تېخىمۇ ئاستىلاپ، تورداشلارغا قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، شۇ سەۋەبتىن شياڭگاڭدىكى مۇلازىمىتېرىدىن دۆلەت ئىچىدىكى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمىتېرغا كۆچۈرۈشكە توغرا كەلدى. مانا بۈگۈن يېڭى ئۆيگە ماكانلاشتى. تورداشلارنىڭ داۋاملىق يوقلاپ تۇرۇشىنى، ياخشى تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
18 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز. مەن سىزنىڭ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىىتىدىكى بىر ئاددى ئوقۇغۇچىڭىز . مەن ئۆزۈم بىر ئۇيغۇرچە سودا باشقۇرۇش سېستىىمىسى ياسىغان پىروگرامما تىلى visual stdio 2005 vb.net. ھازىرغىچە خوتەن رايونىدا 60 تەك سودا ماگىزىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ.
    2013-يىلى يېتىپ كېلىشى بىلەن مەندە مۇنداق بىر خىيال پەيدا بولۇپ قالدى
    ھازىر تېلىفون ساھاسى بەك جانلىنىپ كەتتى. نۇرغۇن سودا سېتىق ئۇچۇرلىرىنى تېلىفون ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆرسەك بولىدىكەن شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىر sqlserverمۇلازىمېتىرىدىن بىرنى ماڭدۇرۇپ ئابونتلارنىڭ ساندىنىنى مۇلازىمېتىرگە قويسام ، تور بەتتىن بىرنى ياساپ تور بەتتە تىزىمىلىتىپ كېرىپ ئابونتلار سودا سېتىق ئۇچۇرىنى تەكشۇرسە، ئاندىروئىد، ئالما تېلىفونلىرىگىمۇ ئەپ يازسام خېرىدارلار تېلىفون بىلەن سودىسىنى تەكشۇرسە.
    ھازىر سېستىمىنىڭ سېتىلىش باھاسى 2500يۈەن ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ. مەن سېتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ سېستىمىنى پۇتۇنلەي ھەقسىز قىلىۋەتسەم . خېرىدارلار پەقەت ساندىنىنى مېنىڭ مۇلازىمېتىرىمگە قويۇپ ئايدا 50يۈەندىن يىلىغا 600يۈەن پۇلنى ئالدىن مۇلازىمېتىر ھەققى ئۈچۈن بەرسە
    مەنمۇ سېستىمىنى بۇنىڭدىن كېيىن ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرسام يېڭى نەشرىنى توردىن چۈشۈرۈپلا ھەقسىز قاچىلاپ ئىشلەتسە

    بۇ مەسىلە ئۇستىدە ماڭا يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز چىن قەلبىمدىن خوشال بولغان بولاتتىم. قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئالىدىغان بولدۇم پەخرىمىز ئالىم مۇئەللىم
    مۇلازىمېتىر توغرىسىدا تەپسىلىرەك چۈشەنچىمۇ قېتىپ قويغان بولسىڭىز.
    كۇرۇس تەربىيەلەيدىغان ئۇچۇرلارنىمۇ كۆردۈم . مەن ئۇيغۇر سوفىت بىلەن ھەمكارلىشىشنى بەكمۇ خالايمەن . ياكى تېلىفون نومۇرىڭىزنى مېنىڭ ئى_خەت كە ئەۋەتىپ بەرسىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 21:58
باھا بېتى: 1 2