Experience Index يەنى 体验指数 نېمە دەيمىز؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

Experience Index يەنى 体验指数 نېمە دەيمىز؟

[ ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

(1) Windows Experience Index
خەنزۇچە: Windows 体验指数

بۇ ئىقتىدار Windows VISTA دىن باشلاپ قوشۇلغان بولۇپ، كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم قاتتىق دېتاللارنى باھالاپ نومۇر قويىدۇ. Experience نى بىۋاسىتە تەرجىمە قىلساق ھېس-تۇيغۇ، تۇيغۇ، سەزگۈرەشتە، كەچمىش، …دېگەندەك بولىدۇ، Index بولسا ئاچقۇچ، ئىندېكس، كۆرسەتكۈچ،… بۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆزنى دائىم كۆرۈپ تۇرىسىز، شۇڭا ئەستايدىل بولۇڭ، سىزچە قانداق دېسەك ئەڭ مۇۋاپىق بولار؟ ئىلگىرى بۇ يەرنى تۇنجى كۆرگىنىڭىزدە، قانداق ئاتاپ باققان ئىدىڭىز؟

(2) No Pen or Touch Input is available for this Display
没有可用于此显示器的笔和触控输入
بۇ يەردىكى Touch سۆزىگە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆز قايسى؟ ھازىر چەكمە ئېكران، سەزمە ئېكران، سېزىمچان ئېكران، چەكمىلىك ئېكران، سەزمىلىك ئېكران، سەزگۈ ئېكران،…دېگەندەك ھەر خىل ئىشلىتىدىغانلار كۆپ ئىكەن. ھازىر تاختا كومپيۇتېر ۋە ئەقلىي تېلېفونلاردا بۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە ئېكرانلار كەڭ ئىشلەتمەكتە. خەنزۇچە ئاتالغۇدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلماڭ. چۈنكى خەنزۇچە ئۇچۇر ئاتالغۇلىرىدىمۇ ئۆزگىرىش خېلە بار، ئىلگىرى touch نى 触摸 دېگەن بولسا، ھازىر 触控 دەيدىغان بولدى. سىزنىڭ پىكىرىڭىز قانداق؟

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
71 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • Experience Index – كەچمىش كۆرسەتكۈچى دېگەن سۆز مۇۋاپىق ئىكەن.
    No Pen or Touch Input is available for this Display
    بۇ ئېكراننىڭ قەلەم ياكى چەكمە ئىقتىدارى يوق

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى am 07:19
  • UighursoftنىڭCEOسى ئالىم مۇئەللىممۇ ياكى …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 22:52
  • 1. Windows Experience Index
    سېستىما مەشغۇلات كۆرسەتمىسى ياكى سېستىما ھوزۇر باھاسى.
    2. No Pen or Touch Input is available for this Display
    مەزكۇر كۆرسەتكۈچكە (ئېكرانغا)ماس سەزمىلىك قەلەم ياكى سېزىمچان كونتروللىغۇچ يوق.
    يۇقارقىلار پەقەت مېنىڭ شەخسەن قارىشىم. تۇغۇلغان كغنغمدىكى تېمىكەنتۇق، ئەپسۇس بۈگۈن تېخى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولۇپتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 18:02
  • 体验指数 پەقەت سىناپ بېقىپ قويغان نومۇرلا شۇڭا بۇنى ‹باھا نومۇرى ›دىسىلا بولدىغۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 15:02
باھا بېتى: 1 2 3 4