نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Experience Index يەنى 体验指数 نېمە دەيمىز؟

[ ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

(1) Windows Experience Index
خەنزۇچە: Windows 体验指数

بۇ ئىقتىدار Windows VISTA دىن باشلاپ قوشۇلغان بولۇپ، كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم قاتتىق دېتاللارنى باھالاپ نومۇر قويىدۇ. Experience نى بىۋاسىتە تەرجىمە قىلساق ھېس-تۇيغۇ، تۇيغۇ، سەزگۈرەشتە، كەچمىش، …دېگەندەك بولىدۇ، Index بولسا ئاچقۇچ، ئىندېكس، كۆرسەتكۈچ،… بۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆزنى دائىم كۆرۈپ تۇرىسىز، شۇڭا ئەستايدىل بولۇڭ، سىزچە قانداق دېسەك ئەڭ مۇۋاپىق بولار؟ ئىلگىرى بۇ يەرنى تۇنجى كۆرگىنىڭىزدە، قانداق ئاتاپ باققان ئىدىڭىز؟

(2) No Pen or Touch Input is available for this Display
没有可用于此显示器的笔和触控输入
بۇ يەردىكى Touch سۆزىگە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆز قايسى؟ ھازىر چەكمە ئېكران، سەزمە ئېكران، سېزىمچان ئېكران، چەكمىلىك ئېكران، سەزمىلىك ئېكران، سەزگۈ ئېكران،…دېگەندەك ھەر خىل ئىشلىتىدىغانلار كۆپ ئىكەن. ھازىر تاختا كومپيۇتېر ۋە ئەقلىي تېلېفونلاردا بۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە ئېكرانلار كەڭ ئىشلەتمەكتە. خەنزۇچە ئاتالغۇدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلماڭ. چۈنكى خەنزۇچە ئۇچۇر ئاتالغۇلىرىدىمۇ ئۆزگىرىش خېلە بار، ئىلگىرى touch نى 触摸 دېگەن بولسا، ھازىر 触控 دەيدىغان بولدى. سىزنىڭ پىكىرىڭىز قانداق؟

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
67 پارچە باھا يېزىلدى
  • Touch Input = «تەگمە كىرگۈزگۈچ»،
    «تەگمە كىرگۈزۈش».
    بۇنىڭغا قاپىدا قىلىپ« سەزمە ئېكران»دىسەكمۇ بۇلىدىغان ئوخشايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:44
  • مىنىڭچە 体验指数 نى سەپلىمە كۆرسەتكۈچ،ئىقتىدار كۆرسەتكۈچ دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتىساق ئۇنىڭ ھەقىقى رولى تازا ئېچىپ بېرىلمەيدۇ،چۈنكى ئاخىرىدا چىقارغان يەكۈندە cpuنىڭ چاستوتىسى مانچە،مانچە يادرولۇقكەن.ramنىڭ سىغمى مانچىلىككەن،مانچىنىچى ئەۋلاتكەن ۋاھاكازالار دىگەندەك ئۇچۇر يوق.پەقەت بەش تۈرگە قويغان تارماق ۋە بىر غول(ئاساسى) نومۇر بار. ئەمما يالغۇز بۇ نومۇرنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىكى بىلەنلا كومپىيوتېرنىڭ ئىقتىدارىغا يەنە باھا بەرگىلى بولمايدۇ. بۇ ئقتىدارنى جانلاندۇرۇپ مۇنداق چۈشەنسەك بولا مەسلەن: سېستىما كومپىيوتېرىمىزنىڭ ئىچىدىكى cpuغا كىرىپ ئۇنۇڭغا ئېغىر يۈكتىن بىرنى ئارتىپ قويۇپ مۇشۇنى ئاۋۇ يەرگە قانچىلىك ۋاقىتتا ئاپىرالايسەن دەپ بۇنىڭغا ئاساسەن بىر نومۇر قويۇپ .ئاندىن gpuنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۆزەڭ ئەڭ سۈزۈك دىگەن كىنودىن بىرنى قوياپ باقە قېنى قانچىلىككى دەپ ئۇنۇڭغا بىر نومۇر قوياپ دىگەندەك ramۋەromلارغۇمۇ بىرەر قۇر نومۇر قوياپ ئاخىردا سىلەرنىڭ ئائىلەڭلار مانچە نومۇرغا لايىقكەن(ئەڭ تۆۋەن نومۇر ھېساپ) دىگەندەك ئىش.بۇ ھېساپتا بىر ئادەمنىڭ (windows)خەقنىڭ ئۆيىگە(كومپىيوتېر) بېرىپ ھەر قايسى ئائىلە ئەزالىرىغا ئۆز كۆڭلىدە ھېس قىلغىنى بويىچە ھە ماۋۇ مانداراقكەن ماۋۇسى يەنە مانداراقكەن دەپ باھا بەرگەن بىلەن ئوخشاش ئىش. بۇ بويىچە بولغاندا ھېس كۆرسەتكۈچ،چۈشەنچىسى(windowsنىڭ كومپىيوتېرىمىز ھەققىدىكى چۈشەنچىسى)،تەسىرات كۆرسەتكۈچ دىگەندەك ناملارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ رولىنى ئېچىپ بېرەلەيدۇ دەپ قارايمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 23:26
  • ‏ھېچكىمنىڭ ئنكاسىنى كۆرمەي تۇرۇپ بىرنى يېزىۋىتەي.
    ‏مەن ئۇنى «كومپىيۇتېر پارامىترلىرى»دەپ ئاتاپباققان،يەنە «كومپىيۇتېر سەپلىمە كۆرسەتكۈچلىرى»دەپ ئاتاپباققان.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 23:31
  • ‏مىنىڭچە سېزمچان ئكران بولىۋەرسۇنمىكىن،چۈنكى ئەگەر ئۇ ئكران تىگىشنى سىزەلىسە ئۇھالدا شۇ تىگشكە قارتا مۇئەييەن ئنكاس قايتۇرشى مۇمكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 23:36
  • ئاۋۋالقىسى : ۋىندوۋس چۈشەنچە كۆرسەتكۈچى

    كېيىنكىسى: قەلەم ياكى چەكمە يوللىغۇچ يوق

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى am 00:16
    • رەھمەت!
      بۇ يەرنى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچە ئاتاپ بېقىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، سەل كۆنەلمىگەندەك بولدۇق، بىرىنچى سۆزنى سۆزنى «تۇيغۇ»، ئىككىنچى سۆزنى «سەزمە» دەپ ئالغان ئىدۇق. مەسىلەن:
      Windows تۇيغۇ كۆرسەتكۈچى
      بۇ ئېكراندا ئىشلەتكىلى بولىدىغان قەلەم ياكى سەزمە كىرگۈزۈش يوق

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى am 09:51
    • رەھمەتنى بىز دېسەك بولىدۇ ئالىم مۇئەللىم، كۆپ جاپا چېكىۋاتىسىز، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت! ئارام ئېلىشقىمۇ دىققەت قىلىڭ، سىزدەك كىشىلەرنىڭ تەن ساقلىقى بىز ئۈچۈن مۇھىم ئىش.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 22:33
  • «تۇيغۇ»بىلەن «سەزمە» دەپ ئېلىنىدىغان بولدىمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى am 11:17
    • ھەئە، شۇنداق ئېلىندى
      ==========
      Windows تۇيغۇ كۆرسەتكۈچى
      بۇ ئېكراندا ئىشلەتكىلى بولىدىغان قەلەم ياكى سەزمە كىرگۈزۈش يوق
      =========
      شۇنداق قىلىپ بۇ باسقۇچلۇق خىزمەت تاماملاندى، ئوڭۇشلۇق يوللاندى

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 19:40
  • ئالىم مۇئەللىم ئۈمىد يوق دەيسىزغۇ؟؟؟؟؟؟ ۋىندوۋس8 ئۇيغۇرچىدىن ئۈمىد يوقما؟؟؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى am 11:33
  • «تويغۇ»دەپ ئېلىش باشقىچە تۇيۇلغان بولسا «ھىس-تويغۇ كۆرسەتكۈچ»دەپ ئالسا قانداق بۇلار؟مۇشۇ «ھىس-تويغۇ دىگەن سۆزنى كۆپراق بىللە ئىشلىتىمىزغۇ بىز.
    مىنىڭچە ئېكرانغا «سەزمە»دىگەندەك مەنىدىكى سۆزنى ئىشلەتسەك بۇلىدۇ.
    مۇشۇ چىكىلىپ بېرىلگەن بويرىقنى
    سىزىش رولىنىلا ئويلايدۇ.بويروقنى
    ئىجرا قىلىش ئېكراننىڭ ئىشى ئەمەس.
    سەزمىلىك ئېكرانغائىشلىتىلىدىغان قەلەم ياكى باشقا چىكىش ئارقلىق كومپىيوتىرنى ئۆز خاھىشىمىز بىلەن كونتىرول قلىپ ئىشلىتىدىغان ،
    ئېكران يۈزىدەبويرۇق بېرىشتىكى ۋاستىىلىك قۇرال نى چەكمىلىك
    كىرگۈزۈش دەپ ئالساق .
    كىرگۈزۈش ھەرگىز ئېكراندىكى نەسىلەرنى سەزمەيدىغاندۇ.
    منىڭ پىكىرىم ئىككى خىل سۆز ئىشلەتسەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 12:33
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىزدىن تېمىغا مۇناسىۋەتسىز سۇئال سورايدىغان بولدۇم، كەچۈرسىز. windows8 دە ئۇيغۇرچە بىلەن ئىپادىگىلى بولمايدىغان ئۇرۇنلار Uighur uly يېزىقى بىلەن ئىپادىلەندىمۇ قانداق؟ مەسىلەن ئىشلەتكۈچىنىڭ ئورنىغا يىزىلغان ئىسىم ۋە خەرىتىدىكى بەزى ئۇرۇنلار، يەنە بىرسى مەن قىلالمىدىممۇ ياكى ھاۋارايىنى ئۈرۈمچىگە توغۇرلىغىلى بولمىدى، store غىمۇ بۇ نۆۋەت جۇڭگۇنىڭ يۇمشاق دىتاللىرى قېتىلىپ قاپتۇ. مىنىڭ قاچىلىغىنىم بولسا English چە windows8 ئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 15:57
  • Windows Experience Index
    Windows كەچمىش كۆرسەتكۈچى، تۇيغۇ كۆرسەتكۈچى

    No Pen or Touch Input is available for this Display
    بۇ ئېكرانغا لايىق (ئىشلەتكىلى بولىدىغان) قەلەم ياكى سەزگۈر كىرگۈزگۈچ يوق
    Touch Pad سەزگۈر تاختا

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 16:57
    • ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى
      تۇيغۇ:
      ئىسىم، (1) تاشقى نەرسىلەرنى سېزىش، ھېس قىلىش قابىلىيىتى؛ سەزگۈ (2) روھىي، جىسمانىي كەچۈرمىش، تەسىرات، ھېسسىيات.
      ======
      شۇڭا، يەنىلا تۇيغۇ ئەڭ ماس كېلىدىكەن دەپ قارىدىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 19:44
  • ھازىر «بىر كىتاب بىر ئالەم »نى كۆردۈم،ئسىل گەپلەرنى قىلدى،تورداشلار كۆرۈپ قۇيۇڭلار.
    ============================
    «تەسىرات كۆرسەتكۈچى» ؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 19:52
  • Windows تۇيغۇ كۆرسەتكۈچى
    بۇ ئېكراندا ئىشلەتكىلى بولىدىغان قەلەم ياكى سەزمە كىرگۈزۈش يوق
    =================
    ئۇ چاغدا بۇنىڭدىن كىيىن ئېكراننىمۇ «سەزمە ئېكران» دەپ ئالامدۇق ؟
    ======================
    مۇئەللىم سىزگە مۇشۇنداق شىركەتتىن تۇرۇپ-تۇرۇپ تەرجىمە قىلىشقا بويرۇق كىلەمدۇ؟بۇ باسقۇچلۇق خىزمەت پەقەت مۇشۇنىلا تەرجىمە قىلىشما؟ياكى باشقىلىرىنى ئۆزىڭىز بىر قوللۇق يۇغۇشتۇرىۋەتتىڭىزمۇ؟ھى…ھى..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 21:35
    • بۇنداق تۇرۇپ-تۇرۇپ كەلسە، نەچچە مىڭ ئاتالغۇ، نەچچە يۈزمىڭ سۆز-جۈملە باشقىلار بىلەن قانداقمۇ قەدەمداش تاماملىنالايدۇ؟ بۇ ئىشلار كۈن بىلەن ئەمەس، سائەت بىلەن ئۆلچىنىدۇ. 1 سائەت ۋاقىتمۇ بەك قەدىرلىكتۇر. كېچىكتۈرۈشكە ھېچقانداق باھانە يوقتۇر. بۇ يەردە دېيىلگىنى شۇ كۈندىكى ئىشنىڭ بەك بولسا بىر پىرسەنتىدۇر.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 23:27
  • ئالىمجان مەلىم(قەشقەر چە سۆز) قانداق ئەۋاللىرې سىلدىن سوراپ باقسام ماركىلىق كوپېيو تىر سەپلىمە كوپىيوتىر دەيدىكەن بۇ سەپلىمە كوپېيو تىر نىڭ مۇ ماركىسى باركەن ماركىلىقكوپېيو تىردىگەن قانداق كوپېيو تىر بۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلشى يوقمۇ تىلفۇننىمۇ شۇنداق دەيدىكەن، (تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپقالدى كەچۈرگەيلا)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 19:47
  • زاۋۇتتىن چىققاندىلا ئېنىق بىر سەپلىمە بىلەن چىققان، ماركىسى بار، قەغەز يېشىكنى ئېچىپ، توكلا سېلىپلا ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېر ھەممىسى ماركىلىق كومپيۇتېردۇر، مەسىلەن: IBM, DELL, SONY, HP,… پۇلنى تۆلەپلا ئالىسىز
    يەنە بىر كومپيۇتېر بار، كومپيۇتېر بازىرىنى نەچچە چۆگىلەپ، دېيىشىپ، باھا تالىشىپ، يانچۇقتىن پۇلغا بېقىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجى بويىچە سەپلىتىدىغان، قۇراشتۇرۇپ بولغۇچە بىرەر يېرىم سائەت كېتىدىغان كومپيۇتېرنىڭ ھەممىسى سەپلىمە كومپيۇتېردۇر.
    لېكىن زاۋۇتتىن چىقىشتىن بۇرۇن سىز يەنە سۆزلىشىپ، ئېھتىياجىڭىزنى ئېيتىپ، خالىغانچە تاللىۋالىدىغان ھەمدە بىر ئېنىق ماركىدا چىقىدىغان كومپيۇتېرمۇ بار، يەنى DELL.

    ھازىرچە بەك كەسپىي سۆزنىمۇ دېمىدىم، قۇلۇمدا يەنە ئازىراق ئىش بار ئىدى، كەچۈرۈڭ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 21:29
  • ھەي قېرىنداشلار بۇ سەزمە دىگەن سەزمىسۇن دىگەن گەپ ئەمەسما مەسىلەن «رەسىم سىزما»دىگەندەك
    سەزگۈر بوپ قالغۇدەك جۇما!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى am 08:33
    • «ئۇيۇشما» دېگەن ئۇيۇشماڭلار دېگەن گەپما؟ مەسىلەن: مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى
      «بىرلەشمە» دېگەن بىرلەشمەڭلار دېگەن گەپما؟ مەسىلەن: ياشلار بىرلەشمىسى، سودىگەرلەر بىرلەشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى
      «تارتما» دېگەن تارتماڭلار دېگەن گەپما؟ ئۈستەلنىڭ تارتىمىسىدا (抽屉-چۇتىسىدا) قەلەم بار،
      …..

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى am 11:42