ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز نۇسخىسى) لازىممۇ؟
[ چۈشۈرۈش ]ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز) نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 2.6 مېگابايت
[ ئەلكاتىپ 5.7 ھەقسىز نۇسخىسىنى يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ]
يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن خېرىدارلار ۋە تورداشلار ئەلكاتىپ 5.5 (ياكى 5.6) نى Windows7 نىڭ 64 بىتلىق نەشىرىگە قاچىلىيالمىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن WindowsXP گە كۆچۈۋالغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى. ئەمما، مەن Windows7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلساممۇ، خەت نۇسخىلىرى ئاز تۇرسا، ئېھتىياجدىن چىقالمىدى-دەيدۇ. مەن يەنىلا Windows7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەمما، Windows7 مۇھىتىدا قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزۈش، كود ئالماشتۇرۇش ۋە Photoshop قا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار، ئەلكاتىپنىڭ بۇ نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ باقسىمۇ بولىدۇ،
بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر
(1) ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزگۈچ ۋە 6 خىل خەت نۇسخىسى تەمىنلەندى.
(2) ئوچۇق ۋە يېپىق ھالەتتىكى كود ئالماشتۇرۇش تەمىنلەندى. Word مۇھىتىدىكى كود ئالماشتۇرۇشنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ماكرو بىخەتەرلىكىنى تەڭشەش ھاجەتسىز.
(3) ئەلكاتىپ تەھرىرلىگۈچ تەمىنلەندى، Photoshop قا كۆپ قۇرلۇق تېكىستلەرنى كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولىدۇ. سۆز بېشىدا ھەمزەنى بېسىش ھاجەتسىز، SHIFT+X نى باسسا ۋە SHIFT+Z نى باسسا نېمە چىقىدىغانلىقىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىڭ. «چ» نى كېڭەيتىلگەن رايونغا تەتۈر ئايلاندۇرغاندىكى كود خاتالىقى تۈزىتىلدى.
(4) قاچىلاش پىروگراممىسى ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە ياسالدى.
(5) Windows XP غا قاچىلىغاندا، ئوڭدىن-سولغا ئىقتىدارنى قوشالايدۇ، ئايرىم تەڭشەش ھاجەتسىز.
(6) Windows 7 نىڭ 32 بىتلىق ۋە 64 بىتلىق نۇسخىسىغىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
شۇڭا، تەڭشەش ھاجەتسىز، قاچىلاپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، يېشىل ھالەتتە لايىھەلەنگەن بولۇپ، قىستۇرما ئېلان ياكى باشبەتنى ئۆزگەرتىۋالىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. خاتىرجەم ئىشلىتىڭ. پەقەت ئۈرۈمچى ۋاقتى GMT+6 نى قوشىدۇ. ئۆچۈرۈپ تاشلىسىڭىز پاكىز ئۆچىدۇ، قالدۇقى قېلىپ قالمايدۇ.
ھەقسىز نۇسخىسىدا، يېڭى ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولغان ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى يوق، بۇ ئىقتىدارلارغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ھەقسىز نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 2.6 مېگابايت
[چۈشۈرۈڭ]
تەكلىپ-پىكىرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ
- يازما كۆرۈلۈشى: 150,520 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2011-يىلى 07-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 17:01
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟
- كېيىنكى يازما :Windows8 دەۋرى كەلدىمۇ-نېمە؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مۇئەللىم مەن سىز تەمىنلىگەن ئەلكاتىپ 5.7 نەشىرنى چۈشۈرۈپ قاچلىسام كومپىيوتىرىمنىڭ يۈلنىشى ئوڭدىن سولغا بوپ قالدى . سىستىما تىل بولقىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇدىتال win8.1 دە قىرغىزچە يازغىلى بولمامدۇ؟
مىنىڭكى win8.1نىڭ 64لىك نۇسخىسى ئىدى
ئالىم مۇئەللىم ، ئەلكاتىپ 6.0 دە ســــــــــــــــــوزۇپ يېزىش ئۈچۈن ئايرىم كۇنۇپكا لايىھەلەندىمۇ؟
ۋىندوس 10 ئۈچۈن بىرەر كىرگۈزگۈچ يوقمۇ ئەھەت مۇئەللىم
Windows 10 ئۈچۈن ئەلكاتىپ 6.0 بار، پات يېقىندا ئېلان قىلىمەن
ئەلكاتىپ 5.9 نەشىرىنىڭ ھەقسىز نەشىرىنى قەيەردىن چۈشۈرىمىز ؟
ئۇيغۇرسوفت تور بېكىتىدىكى مەھسۇلاتلار دېگەن جايدىن ياكى مۇشۇ بىلوگىدىكى چۈشۈرۈش دېگەن يەردىن
ئالما كومپىيوتېردا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ باركەن، لېكىن ۋوردتا يازغاندا ئۈزۈلۈپ ئۇلانماي يېزىلىدىكەن، بۇنى قانداق تەڭشەيمىز؟
مەن مىكروسوفتنىڭ ئىشىنى قىلىمەن، مېنىڭ ئالما كومپيۇتېرىم يوق، بىلمەيدىكەنمەن، كەچۈرۈڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچنى قاچىلىغان ۋاقىتتا قاچىلاش تۈرى بولسا بەك ياخشى بولاتتىكەن. مەسىلەن، ئۇيغۇرچە،ئۇيغۇرچە كېڭەيتىلگەن، قازاقچە، قىرغىزچە ئىچىدىن بىرىنى تاللاپ قاچىلاش دىگەندەك.
ئۇيغۇرچە خەت ئارىسىغا لاتىنجە قىستۇرغاندا بەك ئەپسىزكەن! ياخشىراق ئامالى بار مىدۇ؟
بارلىق ئۇرغۇرچە خەت نۇسخىلارنى ئەلكاتىپ5.7 گە مۇجەسسەم لىۋەتسىگىز تىخىمۇ قولايلىق بولاتتى.
ئەلكاتىپ ئۇيغۇرچە 5.7كىرگۇزگۇچكە تىخىمۇ كوپ خەت نۇسخىسى كىرگۇزۇش مومكىنمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلپىدا خەت نۇسخىسىنى ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسىغا قانداق ئايلاندۇرۇمىز
ئەلكاتىپ كود ئالماشتۇرۇشتا ئايلاندۇرىسىز.