ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز نۇسخىسى) لازىممۇ؟
[ چۈشۈرۈش ]ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز) نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 2.6 مېگابايت
[ ئەلكاتىپ 5.7 ھەقسىز نۇسخىسىنى يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ]
يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن خېرىدارلار ۋە تورداشلار ئەلكاتىپ 5.5 (ياكى 5.6) نى Windows7 نىڭ 64 بىتلىق نەشىرىگە قاچىلىيالمىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن WindowsXP گە كۆچۈۋالغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى. ئەمما، مەن Windows7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلساممۇ، خەت نۇسخىلىرى ئاز تۇرسا، ئېھتىياجدىن چىقالمىدى-دەيدۇ. مەن يەنىلا Windows7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەمما، Windows7 مۇھىتىدا قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزۈش، كود ئالماشتۇرۇش ۋە Photoshop قا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار، ئەلكاتىپنىڭ بۇ نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ باقسىمۇ بولىدۇ،
بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر
(1) ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزگۈچ ۋە 6 خىل خەت نۇسخىسى تەمىنلەندى.
(2) ئوچۇق ۋە يېپىق ھالەتتىكى كود ئالماشتۇرۇش تەمىنلەندى. Word مۇھىتىدىكى كود ئالماشتۇرۇشنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ماكرو بىخەتەرلىكىنى تەڭشەش ھاجەتسىز.
(3) ئەلكاتىپ تەھرىرلىگۈچ تەمىنلەندى، Photoshop قا كۆپ قۇرلۇق تېكىستلەرنى كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولىدۇ. سۆز بېشىدا ھەمزەنى بېسىش ھاجەتسىز، SHIFT+X نى باسسا ۋە SHIFT+Z نى باسسا نېمە چىقىدىغانلىقىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىڭ. «چ» نى كېڭەيتىلگەن رايونغا تەتۈر ئايلاندۇرغاندىكى كود خاتالىقى تۈزىتىلدى.
(4) قاچىلاش پىروگراممىسى ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە ياسالدى.
(5) Windows XP غا قاچىلىغاندا، ئوڭدىن-سولغا ئىقتىدارنى قوشالايدۇ، ئايرىم تەڭشەش ھاجەتسىز.
(6) Windows 7 نىڭ 32 بىتلىق ۋە 64 بىتلىق نۇسخىسىغىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
شۇڭا، تەڭشەش ھاجەتسىز، قاچىلاپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، يېشىل ھالەتتە لايىھەلەنگەن بولۇپ، قىستۇرما ئېلان ياكى باشبەتنى ئۆزگەرتىۋالىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. خاتىرجەم ئىشلىتىڭ. پەقەت ئۈرۈمچى ۋاقتى GMT+6 نى قوشىدۇ. ئۆچۈرۈپ تاشلىسىڭىز پاكىز ئۆچىدۇ، قالدۇقى قېلىپ قالمايدۇ.
ھەقسىز نۇسخىسىدا، يېڭى ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولغان ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى يوق، بۇ ئىقتىدارلارغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ھەقسىز نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 2.6 مېگابايت
[چۈشۈرۈڭ]
تەكلىپ-پىكىرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ
- يازما كۆرۈلۈشى: 132,976 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2011-يىلى 07-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 17:01
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟
- كېيىنكى يازما :Windows8 دەۋرى كەلدىمۇ-نېمە؟
بۇنى كۆزنەك 7 نىڭ 32 بېتلىقىدا ئىشلەەتكىلى بولمامدۇ ؟
ئەسسالامۇئەليكۇم ئالىم مۇئەللىم مەن Photoshop تا ئەلكاتىپنى نورمال ئىشىلتەلمىدىم
سىز دېگەندەك كەڭەيتىلگەن رايۇندى تەتۈر كۆچۈرۈپ ئەكەلسەم،ئاستىدىكى قۇر ئۈستىگە چىقىپ قالدى؟
! مەن ۋىندوۋىس 8.1مۇھىتىدا ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچنى چۈشۈرسەم تۇنۇمىدى ،ps ,会声会影 قاتارلىقلارغا ئىشلىتەتتىم ! مەيلىتى ھەقلىق نۇسخىسى بولسىمۇ سېتىۋالسام ! بىر ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز خاپا بولماي !
كېڭەيتىلگەن رايوندا تەتۈر كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىزلا بولاتتى، ھەقسىز نۇسخىسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
سېتىۋالىمەن دېسىڭىز مانا:
http://www.uighursoft.com/ug-CN/contact.html
ۋىندوۋىس 8.1 مۇھىتىدا قوللىمايدىكەنغۇ ؟ قانداق قىلسام بولىدۇ ؟
چۈشۈرۈش ئادرېسى خاتا ئىكەن.
uyghursoft.comدىكىyنىiغا ئالماشتۇرسام ئاندىن چۈشۈرگىلى بولدى
ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز؟ ئۇزۇندىن بۇيان ئىدارىمىز ھۆججەت ماتىرىياللارنى ئەلكاتىپ 3.9 تا بېسىپ كىلىۋاتاتتى، ئېھتىياج تۈپەيلىدىن 5.7 نەشىرىنى ئىشلەتمەكچى بولىۋاتىمىز، ئەمما 5.7 نەشىرىدە بۇرۇنقى 3.9 تا يېزىلغان ماتىرىياللار نورمال كۆرۈنمەيدىكەن، كود ئايلاندۇرساممۇ ئوخشاش تۇرىدۇ، قانداق قىلغاندا نورمال ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟
رەھمەت سىلەرگە، ئەلكاتىپ يىزىق كىرگۈزۈزۈش پىروگىراممىسىنى باشقا تۇرلادىن ئىزدەپ چۈشۈرۈپ قاچىلىغىنىم بولسا پۈتۈنلەي تور ئويۇنى ئىكەن. ئاخىرى ئالىم مۇئەللىمنىڭ بۇ بىكىتىگە كىرىپ كۆڭلۈمدىكى دىتاللارنى چۈشۈرىۋالدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم :
مەن windows 8.1 دا ئەلكاتىپنى قاچىيالمىدىم،ياكى ئەلكاتىپ بۇ سېستىمىنى قوللىمامدۇ؟! ئەگەر قوللىمىسا پوتوشوپقا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنىڭ باشقا ئۇسۇللىرى بارمۇ ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم :
مەن windows 8.1 دا ئەلكاتىپنى قاچىيالمىدىم،ياكى ئەلكاتىپ بۇ سېستىمىنى قوللىمامدۇ؟! ئەگەر قوللىمىسا پوتوشوپقا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنىڭ باشقا ئۇسۇللىرى بارمۇ ؟1
نەزەرىيە جەھەتتىن قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ئەمما قازاق ۋە قىرغىز قېرىنداشلار ئىشلىتىمەن دېسە قاچىلاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەگەر Photoshop نىڭ تۆۋەن نەشرىنى ئىشلەتسىڭىز، ئەلكاتىپنى قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.
windows8دە ئۇيغۇر تىلىنى تاللاپ ئىشلەتسەم بەكلا ئۆزگىچە بولىدىكەن.لىكىن ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ سىستىمىدا كۆرۈنۈشى ئانچە چىرايلىق ئەمەس.بۇنى ھەل قىلاي دەپ چۆرگىلەپ يۈرۈپ بىر قانچە خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ مەسىلىمۇ ھەل بوپ قالدى .لىكىن بەزى خەنزۇچە خەتلەر كود شەكىىلىدىلا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بوپ قالدى .…ۋە ھاكازالار.
win9 ئىلان قىلىنغاندا بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولۇپ ھىچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەن ئاساستا ،كومپېيوتىرىنىزدا ئانا تىل ھوزۇرىنى تىخىمۇ ياخشى سۈرەلىشىمىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
گەرچە بۇ ئىش ئۈچۈن كۆپ كۈچۈڭلارنى سەرىپ قىلساڭلارمۇ ……
تىرىشىشقايسىلەر ، مىللىتىمىز سىلەرگە بەكمۇ مۇھتاج
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، مەن ئەلكاتىپنىڭ ھەقلىق نۇسقىسىنى سىتىۋالاي دىگەن.
ھەقلىق نۇسقىسىدا ALKATIP Yazma Tom بۇ خىل خەت نۇسقىسى بار دەيدۇ، بۇ خىل خەت نۇسقىسى كۆزۈمگە بەكلا چىرايلىق كۆرىنىدۇ. سورايدىغىنىم: بۇ خىل خەت نۇسقىسىنى Photoshop تىلا ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟ ياكى word دىمۇ باشقا خەت نۇسقىلىرىغا ئوخشاش نۇرمال ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
مەيلى Photoshop ياكى word بولسۇن نورمال ئىشلىتىشكە بولىدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم ئەھەت ئاكا ، مەن Photoshop , 会声会影 غا ئوخشاش دېتاللاردا پەقەت ئۇيغۇرچە يېزىق تەھرىرلىيەلمىدىم ، خىيال كىرگۈزگۈچنى ئورناتسام riched32.dll نى ئاچالمىدى دەپ چىقىۋالدى ، مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم ، كۆزنەك 7 نىڭ 32 بىتلىق سېستىمىسى ئىدى ، سىزدە خىيالغا ئوخشاش كىرگۈگۈچلەردىن بارمۇ ، بولسا سېتىپ بەرگەن بولسىڭىز بولاتتى . يۇقارقىدەك يۇمىتاللاردا ئۇيغۇرچە يېزىقنى بىمالال كىرگۈزگىلى بولىدىغان ، خۇددى word تا كىرگۈزگەندەك ، ئەپلىك ئەپلەر بولسا بەك ياخشى بولاتتى ، بۇنداق بولسا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولاتتى ، رەھمەت !
ئەلكاتىپ تەھرىرلىگۈچىدە يازسىڭىز بولىدۇ
ئەسسسالامۇئەلەيكۇم !ياخشىمۇسىز !ئەلكاتىپتا قازاقچە خەت يازاي دىگەن ئەمما قانداق تەڭشەشنى ئۇقالمىدىم ! ياردەم قىلسىڭىز!
ئەسالام ئالىم ئەپەندى مەن كۇنۇپكا تاختىدىكى ئۇيغۇرچە ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا پەقاتلام كۇنەلمەي ۋاتىمەن ئۇزۇن بولدى .. خاپا بولمايماي ماڭا دەپ بەرگەن بولسىڭىز كۇنۇپكا تاختىدىكى خەتلەرنىڭ ئورنىنى ئوزەمگە قولاي قىلىپ ئوزگەرتىۋالسام…..باشقىلارمۇ پايدىلىنىپ قالسا ھورمەت بىلەن……………..