نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  چۈشۈرۈش  >  يازما كۆرۈش

ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز نۇسخىسى) لازىممۇ؟

[ چۈشۈرۈش ]

ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز) نۇسخىسىنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 2.6 مېگابايت
[ ئەلكاتىپ 5.7 ھەقسىز نۇسخىسىنى يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ]

يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن خېرىدارلار ۋە تورداشلار ئەلكاتىپ 5.5 (ياكى 5.6) نى Windows7 نىڭ 64 بىتلىق نەشىرىگە قاچىلىيالمىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن WindowsXP گە كۆچۈۋالغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى. ئەمما، مەن Windows7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلساممۇ، خەت نۇسخىلىرى ئاز تۇرسا، ئېھتىياجدىن چىقالمىدى-دەيدۇ. مەن يەنىلا Windows7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەمما، Windows7 مۇھىتىدا قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزۈش، كود ئالماشتۇرۇش ۋە Photoshop قا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار، ئەلكاتىپنىڭ بۇ نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ باقسىمۇ بولىدۇ،

بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر
(1) ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزگۈچ ۋە 6 خىل خەت نۇسخىسى تەمىنلەندى.
(2) ئوچۇق ۋە يېپىق ھالەتتىكى كود ئالماشتۇرۇش تەمىنلەندى. Word مۇھىتىدىكى كود ئالماشتۇرۇشنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ماكرو بىخەتەرلىكىنى تەڭشەش ھاجەتسىز.
(3) ئەلكاتىپ تەھرىرلىگۈچ تەمىنلەندى، Photoshop قا كۆپ قۇرلۇق تېكىستلەرنى كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولىدۇ. سۆز بېشىدا ھەمزەنى بېسىش ھاجەتسىز، SHIFT+X نى باسسا ۋە SHIFT+Z نى باسسا نېمە چىقىدىغانلىقىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىڭ. «چ» نى كېڭەيتىلگەن رايونغا تەتۈر ئايلاندۇرغاندىكى كود خاتالىقى تۈزىتىلدى.
(4) قاچىلاش پىروگراممىسى ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە ياسالدى.
(5) Windows XP غا قاچىلىغاندا، ئوڭدىن-سولغا ئىقتىدارنى قوشالايدۇ، ئايرىم تەڭشەش ھاجەتسىز.
(6) Windows 7 نىڭ 32 بىتلىق ۋە 64 بىتلىق نۇسخىسىغىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

شۇڭا، تەڭشەش ھاجەتسىز، قاچىلاپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، يېشىل ھالەتتە لايىھەلەنگەن بولۇپ، قىستۇرما ئېلان ياكى باشبەتنى ئۆزگەرتىۋالىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. خاتىرجەم ئىشلىتىڭ. پەقەت ئۈرۈمچى ۋاقتى GMT+6 نى قوشىدۇ. ئۆچۈرۈپ تاشلىسىڭىز پاكىز ئۆچىدۇ، قالدۇقى قېلىپ قالمايدۇ.

ھەقسىز نۇسخىسىدا، يېڭى ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولغان ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى يوق، بۇ ئىقتىدارلارغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ھەقسىز نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 2.6 مېگابايت
[چۈشۈرۈڭ]

تەكلىپ-پىكىرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
216 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىمجان
    قانداخ ئەھۋاللىرى ، ئالدى بىلەن مۇشۇ يۇمشاخ دىتالنى ئىشلەپ ، ھەخسىز خەلقىمىزنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنغانلىرىدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم . خەلقىمىز ئۈچۈن مىننەتسىز سىڭدۈرگەن ئەجىرلىرىگە كۆپ تەشەككۈر . مەنمۇ كومپىيوتۇر مەشخۇلاتىغا قىزىققۇچى بىر يېڭى ئۆگەنچى بىر نەچچە كۈندىن بېرى ۋورد مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىختىدارىنى ھازىرلىغان بىر دېتال ئىزدەپ يۈرگەنتىم بۈگۈن مۇرادىم ھاسىل بۇلۇپ بۇ دىتالنى ئۇچىرىتىپ قاچىلىۋالدىم .بىراااخ سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىگىدىنمۇ ياكى سېستىمامنىڭ قوللىماسلىقىدىنمۇ بىلمىدىم خەتلەرنىڭ ئورنى جايىدا چىخمىدى مەسلەن مەن :ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ يېزىپ بۇلۇپ بوشلۇخ كۇنۇپكۇسىنى بېسىشىمغا كۈرىنىدىغان خەت ئەلەيكۇم ئەسسالام دەپ چىقىدۇ
    مۇمكىن بولسا مۇشۇ ھەختە مەسلەھەت بەرگەن بولسىلا

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 20:46
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز؟مەن ۋىندوۋس8سىستىمىسىنڭ رەسمى نۇسخىسىنى قاچىلىغان ئېدىم ،مەلۇم سەۋەپلەربىلەن ۋىن 8نى ئۆچۈرىۋېتىپ 5يۈەنلىك ئېكىسپى قاچىلىغان ،ئەمدى يەنە ۋىن8نى قاچىلاي دەپ ،ۋىن ئېكىسپى شارائىتىدابۇرۇن چۈشۈرۈپ قويغان ۋىن8ھۆججتىنى قوزغاتسام غوزغالمايۋاتىدۇ قانداق قىلسام بولا؟
    يەنە 248يۈەن تۆلەپ ئالغېنى سالماس خە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 15:06
    • ئۇنداق بولمايدۇ، بۇرۇن قانداق قاچىلىغان بولسىڭىز شۇنداق قاچىلاڭ، يەنى Windows 7 دىن دەرىجە ئۆستۈرۈپ قاچىلاڭ

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 23:58
  • ئالىم مۇئەللىمنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ سۇئالىمغا جاۋاپ بەرگىنىدىن خۇشالمەن .بۇلىدۇ مۇئەللىم.مەن قىپ باقاي .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى am 07:59
  • ئالىم مۇئەللىم .مەن ۋېندوۋېس 8 نىڭ ئوغرى گوست نەشىرىنى ئىشلىتىپ ئانچە مۇنچە .ئىشلىتىشنى ئۈگۈنىۋالدىم .ئەمدىكى مەقسەت مەن سېتىۋالاي دىگەن .مەن ئادەتتە ئائىلدە .سىسمسىز تورغا چىقىمەن بۇنىڭدا چۈشۈرۈشكە مۇمكىن بولمايدۇ .ماڭا مەسلىھەت بەرسىڭىز قانداق قىلسام سېتىۋالالرمەن …

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 19:52
    • ئۇنداقتا تور بار يەردىن چۈشۈرۈڭ ياكى سېتىۋالغاندا بەرگەن نومۇرنى كىرگۈزۈپ ئاكتىپلاپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 22:36
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! ئالىم ئاكا ياخشىمۇسىز !ئەلكاتىپ 5.7نى قاچىلىسام نىمە ئۈچۈنALKATIP YAZMA TOMبىلەن ALKATIP YAZMA خەت نۇسخىسى قاچىلانمايدۇ !

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:18
  • بىزنىڭ شىركەتنىڭ ئچكى تورىدا بىر مۇڭداشقۇ بولۇپ،ئالاھىدىلگى چ چ غا ئوخشايدۇ.مەن ئەلكاتىپ ھەقسىز 5.7 نۇسقىنى قاچىلىسام خەتلەر نورمال چىقتى،بۇنىڭ بىلەن ئاناتىلدا نۇرمال ئالاقە قىلالىدۇق ، بۇنىڭدىن ئالامچە خوشاللىق تاپقاندەك بولغان ئېدۇق.لېكىن ،چېكىت،ئۈندەش،تىرناق قاتارلىق تېنىش بەلگىلىرى ،خەت يولىغان ۋاقىتتا ،يازغان ئۇرنىدا تۇرماي ئالمىشىپ كەتتى.بۇقانداق گەپ؟ئوڭشاشنىڭ چارىسى بارمىدۇ؟ ياردەم قىلسىڭىز!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى am 11:36
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    مەندە win8.1نىڭ ھەقىقى نەشىرى بار، يېقىندىلا 8.1غا كۆتۈرگەن، ھازىر ۋوردتا ئۇيغۇرچە يازسام خەتلەر سۆزمۇ-سۆز سولدىن ئوڭغا چىقىۋالدى، خېلى ھەپىلىشىپ قانداق توغرىلاشنى بىلمىدىم، ياردەم قىلغان بولسىڭىز مۇئەللىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 20:46
  • مەن 5.7 خەت نۇسقىسىنى چۈشۈرگەن يىشەلمىدىم پارول دەيدۇ پارولنى دەپ بىرەمسىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 23:42
  • ياخشىمۇسىز،مەن بۇ سېستىمىنى قاچىلىغاندىن كېيىن،يېڭى بەتتىكى قۇر بېشى بەلگىسىنى يۆتكىيەلمەيۋاتىمەن،خەنزۇچە خەت يېزىشتە ئىشلىتىدىغان كۇر بەلگىسىنى ئۆزگرتەلمىدىم،ياردەم قىلغان بولساڭلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 15:35
  • ئەسسالامۇ ئالەيكۇم ؟ ئالىم ئەخەت ئاكا مەنمۇ ۋىندۇۋىس8 نى ئىشلىتىپ باقاي دېگەنىدىم، ئاچقۇچ نۇمۇر نىڭ راس-يالغانلىققا قانداق ئىشىنىمىز ؟ چۈشەندۈرۈپ قويغان بوسىلا؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 15:35
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئاكا!مۇشۇ كومپىيوتىر ئىشلىتىش داۋامىدا دەرىجە ئۆستۇرۇش(升级) ئىشىغا دائىم يولۇقۇپ قالدىم،شۇنىڭ بىلەن مەندە مۇنداق بىر خىيال پەيدا بولۇپ قالدى،يەنى مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى ،خەت كىرگۈزگۈچ ۋە باشقا سېستىمىلارنى قاچىلاپ بىر مەزگىلدىن كېيىن دەرىجە ئۆستۈرۈشكە توغرا كەلگەندە مەخسۇس بىكەتكە كىرىپ بىۋاستە دەرىجە ئۆستۇرۇش كونوپكىسىنى باسسىلا ئەسلىدىكى سېستىما ئاساسىدا بولامدۇ ياكى ئەسلىدىكى سېستىمىنىڭ ئورنىغا ئاپتۇماتىك ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش دىگەندەك مەشغۇلاتلارنى بىۋاستە ئاپتۇماتىك ئېلىپ بارالايدىغان بولسا قانداق بولا؟ئەلۋەتتە ھەقسىزلىرىنى كۆزدە تۇتتۇم!مەسىلەن خۇددى 金山، 360 دىگەندەك سېستىمىلارنىڭ كۆمپىيوتېر قوغدىغۇچلىرىنىڭ دەرىجىسىنى دائىم بىر كونوپكىنى بېسىش بىلەنلا ئۆستۇرۇپ تۇرىمىز ئەمەسمۇ؟خۇددىي شۇنىڭغا ئوخشاش دەرىجىسىنى ئۆستۇرۇش قولايلىق بولسا دىمەكچى،مەن دائىم تەرجىمە قىلىدىغان ماتىرىياللاردىكى قىيىن مەسىلىلەرنى (维软大词典2007)دىن پايدىلىنىپ ھەل قىلاتتىم،لىكىن خېلى ئاز بولمىغان ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يوقلىقى مىنى خېلى قىينىدى ،ئەگەر مۇمكىن بولسا ئاشۇنداق سېستىمىلارنىڭ سىلەرنىڭ مەخسۇس تور بىكىتىگە بىۋاستە ئۇلاپ پىكىر ئېۋەتىدىغان يەرلىرى بولسا يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى بىۋاستە شۇ سېستىمىدىنلا ئېۋەتسەك،ئاشۇنداق تەكلىپلەر بىر مەزگىلدىن كېيىن رەتلەپ كونا سېستىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۇرۇپ تۇرساڭلا،ۋاختى كەلگەندە بىزمۇ بىر كونوپكا بىلەن سېستىمىمىزنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۇرۇپ تۇرالىساق بەك ياخشى بولاتتى،ۋاختىڭىز چىقسا بۇ توغرىسىدا ئويلىنىپ باقسىڭىز!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى am 09:57
    • بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى شۇنداق بولىدۇ، تورغا چىقىش شارائىتى يوقلار ئۇنى ئىشلىتەلمەيدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى am 11:14
  • ئالىم مۇئەللىم،تىچلىقمۇ؟ سىزدىن ياردەم سوراي دىگەن،مەن ئۇيۇن تەرجىمە قىلىشنى ئۆگىنىۋاتقان،ئەلكاتىپنىڭ 8*8 دا نورمال كۈرۈندىغان كىچىك خەت نۇسقىسى(small font) بارمىدۇ؟مەن ھەممىنى سىناپ باقتىم بولمىدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى am 10:11
    • بار، ئۇنى بىز ئۆزىمىزنىڭ MP4 مەھسۇلاتىغا ئىشلەتكەن، كېيىن يەنە يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ پۇل ئاغدۇرۇش ئۈسكۈنىسىگە ھەقلىق تەمىنلىگەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 20:00
  • چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەھرىرلەپ قويسڭىز بوپتىكەن. ئۇزۇن بولدى چۈشۈرگىلى بولمايدىغان بوپ قالغانغا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:36
  • ھورمەتلىك ئالىم ئەپەندى بىز كومپىوتۇر يىزىقىدا 2 خىل تاللاشقا دۇچ كەلدۇق بۇ سىزگىمۇ ئايان. بىز زادى خەلىققارا تىل پونكىسىيىسىگە ماس ھالدىكىنى ئىشلىتەمدۇق ياكى خەنزۇ تىلى ئاساسىدىكى پىنيىنچىنىمۇ كىيىن قانداق بوپ كىتە..بۇ ئىشلا…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 20:52
    • توۋا، يەنە بىر توۋا. «بىز كومپىوتۇر يىزىقىدا 2 خىل تاللاشقا دۇچ كەلدۇق…» دېگەن جۈملىدە بىز دېيىشكە يەنە يېزىق دېيىشكە ئاغزىڭىز قانداق باردى؟ مەن دەپ يازغان بولسىڭىز، ئانچە-مۇنچە جاۋاب بېرەتتىم.
      كېيىنكى ئىشلاردىن غەم قىلماڭ، سىز پەقەت ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ، ھازىر QQ مۇ ئۇيغۇرچىنى قوللايدۇ، ئەتە-ئۆگۈن ھەممىسى مەجبۇرىي شۇنداق بولىدۇ. ئۈمىدۋار بولۇڭ. ئۈمىدسىزلىك شەيتان.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى am 06:48
  • ئەلكاتىپ بىلەن ئەلپىدانى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتكىلى بولمامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 22:59