Microsoft Outlook (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

Microsoft Outlook (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

بىلوگىمدىكى باشقا تېمىغا بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئىنكاس چۈشۈپتۇ، قارىغاندا Outlook توغرىسىدا تېما يازمىسام بولمىغۇدەك، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسنى مۇشۇ تېمىغا يېزىڭلار، رەھمەت!

يېقىندا مىكروسوفت شىركىتى Outlook نى ئېلان قىلىپ، Hotmail بىلەن خوشلاشماقچى بولۇۋاتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر مىكروسوفتنىڭ بۇ يېڭى مەھسۇلاتى Google شىركىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتى ئۈچۈن رىقابەتلىشىش دەپ قارىماقتا. بۇ يىل 6-ئايدا، Hotmail نىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى مۇستەقىل خېرىدارلىرى 324 مىليون، Yahoo نىڭ 290 مىليون، Gmail نىڭ 278 مىليون بولغان.

يېڭى ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى – Windows 8 نى ئېلان قىلىش ۋاقتى يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندا، شۇ يەر ۋاقتى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى مىكروسوفت شىركىتى 16 يىلدىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان Hotmail ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتىدىن ۋاز كەچتى. مىكروسوفت بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېلان قىلغان ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتىنىڭ ماركىسى Outlook.com بولۇپ، دۇنيادىكى ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالىدا ئەڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇۋاتقان، ئىشخانا ئېلېكتىرونلۇق خەت يۇمشاق دېتالى Outlook بىلەن ئىنتايىن يېقىن كېلىدۇ.

Outlook.com دىكى ئاساسلىق ئۆزگىرىش تۆۋەندىكىدەك:
ئۇ Hotmail غا قارىغاندا تېخىمۇ ئاددىي، تېز بولۇپ، Hotmail دىكى كىشىلەر، كالېندار، SkyDrive قاتارلىق مۇرەككەپ تاللانمىلارنى چىقىرىپ تاشلىغان. يەنە Gmail.com ،LinkedIn ۋە Facebook دىكى كىشىلەرنى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دۆلەت ئىچىدىكى شىنلاڭ مىكرو بىلوگى، …قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور ھېساباتلىرى بىلەن ئۇلىنالايدۇ.

يېقىن كەلگۈسىدە Outlook.com دا، Skype نىڭ سۈرەتلىك سۆزلىشىش ئىقتىدارى بىرلەشتۈرۈلىدۇ، مىكروسوفت يەنە دېيىشىچە خەت-ئالاقە قىلغاندا كىشىلەرنى زېرىكتۈرىدىغان ئېلانلار ئاز بولىدىكەن. ئەگەر بۇنى مىكروسوفت ئىشخانا دېتالى Office بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

ئەڭ مۇھىم ئىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، Outlook.com دا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تىللار قوشۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە راۋان خەت-ئالاقە قىلىشقا بولىدۇ، شۇڭا پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان بۇ ئۇيغۇرچە ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتىنى ئىشلەتمەسلىكىمىزگە ھېچقانداق باھانە قالمىدى. بۇ خەۋەرلەرنى باشقا مۇنبەرلەردىمۇ تەشۋىق قىلىپ قويۇڭلار.

بەزى سەۋەب تۈپەيلىدىن ئارايۈز تەرجىمىسىدە بىر قىسىم يېتەرسىزلىكلەرنىڭ سادىر بولۇشى مۇقەررەر، كۆرۈلگەن يېتەرسىزلىكلەرنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىڭ.

سىناش ئۈچۈن http://www.outlook.com بېسىپ كىرىڭ، ئۈستىدىكى چىشلىق چاقنى بېسىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تىللاردىن «ئۇيغۇرچە»نى تاللاپ ساقلاڭ. ئاندىن بارلىق كۆزنەكلەرنى بىرمۇبىر ئېچىپ، سىز بايقىغان زور خاتالىقلارنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىڭ. ھېچبولمىغاندا، ئارايۈز تىلىنى ئۇيغۇرچە تەڭشەپ ئىشلىتىپ بېقىڭ، مەھسۇلاتىمىزنى ئۇيغۇرچە ئىشلىتىدىغانلارمۇ بار ئىكەن دەپ قالسۇن. رەھمەت!

تۆۋەندە بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر

================
تور كۆرگۈچ IE9 نىڭ «Internet تاللانمىلىرى»(Internet 选项)غا كىرىڭ، ئاندىن «خەت نۇسخىسى» (字体)دېگەننى تاللاڭ.
«ھەرپ-بەلگە توپلىمى»(字符集)دىن «لاتىن يېزىقىنى ئاساس قىلىدىغان»(以拉丁文为基础)نى تاللاڭ.
«تور بەت خەت نۇسخىسى»(网页字符集)دىن ALKATIP UI (ياكى ALKATIP)نى تاللاڭ.
«جەزملەشتۈرۈش»(确定)نى بېسىپ، چېكىنىڭ.

قوشۇمچە ئىقتىدارلار (辅助功能)دىن، فورماتى (格式化)نى تاللاڭ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 2- ۋە 3-ئەزانىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى قويسىڭىز بولىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
185 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 7 8 9
  • ئالىم ئەھەت مۇئەللىم مۇمكىن بولسا Windows Phoneغا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى تېزرەك ئىشلەپ قۇشۇۋەتكەن بولساق ھە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 21:10
  • بقڭڭك

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 20:56
  • ئالىم مۇئەللىم، ھازىر outlook قا كىرگىلى بولمايۋاتىدۇ. بۇمۇ چەكلەنگەنمىدۇ يا مىنىڭلا شۇنداقمىدۇ. بىر دوستۇم ۋىدوۋس 8 ئىشلەتكەن ئىدى. دۇكان قاتارلىق ئەپلەرنى ئىشلىتىشى ئۈچۈن بىر مىكروسوفت ھىساباتى تىزىملىتىپ بىرەي دىسەم پەقەت تىزىملاتقىلى بولمىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 13:24
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇئەللىم!
    outlook خەت ساندۇقۇمنى ئاچمىغىلى 10 كۈنچە بولغان ئىدى. بۈگۈن ئاچسام مۇنداق خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى:
    Outlook 当前出现问题。
    你所使用的语言还未提供有关此问题的某些信息。对于由此给你带来的不便,我们深表歉意。

    توردىن ئاختۇرسام، بۇ ئىشقا خەنزۇ تورداشلارمۇ يولۇقۇپتۇ. لېكىن ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىسىنى ئۇلارمۇ تاپالمىغان ئوخشايدۇ.
    مۇشۇ ئىشقا ئامال بارمىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى am 10:01
  • مەن چىشلىق چاقنى باسسام تىل تەڭشەش تۈرلىرى چىقمىدى ئۇقالمىدىم بىر يەرنى خاتا قىلغان ئوىشىمامدىمەن . ماڭا ياردەم قىلساڭلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى am 00:46
    • ھازىر ئۇ چىشلىق چاقنى باسقىلى سالمايدۇ،ئەڭ ئاستىغا قاراڭ,ئوڭ تەرەپتە 简体中文دىگەن خەت بار شۇنى بىسىپ ئۇنىڭ ئىچىدىن ئۇيغۇر تىلىنى تاللىسىڭز بولىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 20:45
  • مەن سەل زاماننىڭ كەينىدە قالدىممۇ نىمە؟بەزىدە ئالدىراش يۇرۇپ بۇ نەرسىلەرنى كۆرگىلىمۇ ۋاقىت چىقمايدۇ…
    ئەسلى گەپكە كەلسەم بۇنى كۆرۇپ ئىنتايىن خۇش بولدۇم،ھەم دەرھال سىناپ كۆرگەنتىم،خەتلەرمۇ شۇنداق چىرايلىق چىىقتى،outlook ۋە skydriveدا خەت يازسام راۋان چىىقتى،بىراق سىزنىڭ بىلوگىڭز ۋە باشقا ئۇيغۇرچە توربەتلەردە خەت يازسام ئۇزۇك چىقۋالدى،شۇنىڭ بىلەن ignore font styles specified on webpages نى ئۆچۇرۋەتسەم خەتلەر راۋان چىىقتى بىراق چىرايلىق چىقمىدى ،بۇ نىمە ئشتۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 13:20
  • ئۇيغۇچىنى تولۇق قوللايدىغان بىخەتەرلىك دەرىجىسىمۇ يۇقىرى بولغان خەت ساندۇقىمىزمۇ بار بوپتۇ ، مەنمۇ ئىككىنى ئلتىماس قىلىۋالدىم .163 نىڭ خەت ساندۇقىنى ئەمدى ئىشلەتمەيمەن .
    بولسا ئۇيغۇرچىنى تولۇق قوللايدىغان پاراڭلىشىش دىتالى بولسا نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى ھە!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 18:56
    • بۇنداق دېتال بارغۇ؟ Windows 8 نى تېخى ئىشلەتمەپسىزدە؟! ئۇنىڭ ئىچىدىكى «ئۇچۇرلار» ئەپىنى ئىشلىتىڭ ياكى outlook.com دا دوستلىرىڭىزنى سۆھبەتلىشىشكە چاقىرىڭ. لېكىن يېقىندا تېخىمۇ نوچىسى چىقىدۇ، بۇمۇ ئۇيغۇرچە

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 23:47
  • مۇشۇ خەت ساندۇقىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى بىر تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولساڭلار،مەن خېلى جىدەللىشىپمۇ ئالالمىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 23:07
باھا بېتى: 1 7 8 9