«ئۇيغۇر تىلى»مۇ ياكى «ئۇيغۇرچە»مۇ؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

«ئۇيغۇر تىلى»مۇ ياكى «ئۇيغۇرچە»مۇ؟

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

تىل نامى توغرىسىدا ئىككى خىل كۆز قاراش بار ئىكەن، مەسىلەن: «ئۇيغۇر تىلى»، «ئۇيغۇرچە» دېگەندەك، تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرۈپ بېقىڭ. ناۋادا، تۆۋەندىكى تىللاردىن بىرسىنى تاللاڭ دەپ چىقسا، قايسىنى تاللاش بىر قەدەر مۇۋاپىق؟ «ئۇيغۇر تىلى» بىلەن «ئۇيغۇرچە» دېگەن سۆزنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى نېمە؟ كىم چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ، رەھمەت!

(1) كەينىگە «تىلى» دېگەن سۆزنى قوشۇش
ئۇيغۇر تىلى
ئىنگلىز تىلى
ئەرەب تىلى
=======
(2) «-چە» قوشۇمچىسىنى قوشۇش
ئۇيغۇرچە
ئىنگلىزچە
ئەرەبچە
======
تۆۋەندىكى رەسىملەردىن پايدىلىنىڭ
ئىنگلىزچە تىل نامى

خەنزۇچە تىل نامى
خەنزۇچىدە 语 دېگەن خەت قوشۇلۇپ چىقىدۇ، مەسىلەن: 英语 دېگەندەك، تۆۋەندىكى رەسمىگە قاراڭ.

ئۆزبېكچە تىل نامى
ئۆزبېكچىدە «-چە» قوشۇمچىسىنى قوشۇپتۇ.

===================
———————————————-
بۇ ئاشخانىدا ئۇيغۇرچە تاماق چىقىدۇ.
مەن ئۇيغۇرچە كىتاب سېتىۋالدىم.
ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينايمىز.
ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتالامسىز؟
ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ئالىمەن.
———————————————-
مەن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتىمەن، دەرس ۋاقتىدا ئىنگلىزچە سۆزلىشىمىز.
بۇ كىتاپ ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغان، ئۇنىڭ تىلى ئىنگلىزچە
———————————————-
مەكتىپىمىز تەسىس قىلغان تىل كۇرۇسلىرى
1. ئىنگلىز تىلى 2. خەنزۇ تىلى 3. ياپون تىلى
———————————————-
ياپون تىلى، ياپونچە
ئالبان تىلى، ئالبانچە
ئامخارىك تىلى، ئامخارىكچە
———————————————–
قېنى ئويلىشىپ باقايلى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
145 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 7 8 9
  • ئۇيغۇر تىلى مەشغۇلاتى دېسە يېقىملىق ئاڭلىنامدۇ ياكى ئۇيغۇرچە مەشغۇلات دېسىمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى am 11:55
  • Uyghur ئۇيغۇر(چە)— ئۇيغۇرغا خاس ھەممە نەرسىنى بىلدۈرىدۇ
    Uyghur Languageپەقەت بىر تىلنى بىلدۈرىدۇ.
    English ئىنگىلىز(چە)—ئىنگىلىز مىللىتىگە خاس ھەممە نەرسىنى بىلدۈرىدۇ.
    English Languageپەقەت بىر خىل تىلنى بىلدۈرىدۇ.

    خەنزۇچە نېمىشقا «تىل(语)» دېگەن سۆزنى قېتىۋالىدۇ؟چۈنكى خەنزۇچىدا «تىل»نى قاتمىسا ئۇ سۆز تىل ئۇقۇمى توغرۇلۇق مەىسى چىقمايدۇ.
    阿拉伯—ئەرەب .بۇ يەردە تىل ئۇقۇمى يوق،پەقەت «语»قېتىلسا ئاندىن تىل ئۇقۇمى مەنىسى چىقىدۇ.
    شۇڭا “ئۇيغۇرچە“ بولسا توغرا بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 18:39
  • ئۇيغۇرچە دەپ ئېلىنسا مۇۋاپىق.
    سەۋەبى: ئۇيغۇرچە دىگەن سۆز كۆپ مەنىلىك سۆز، 1.ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسىتىدۇ.2.ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىيىنىش،ئۆرۈپ ئادەت، پىسخىكا قاتارلىق مىللى ئۇسلۇبىنى كۆرسىتىدۇ.
    شۇڭا، ئۇيغۇرچە دەپ ئېلىنسا ئىخچام، ھەم ئىپادىلەشكە قۇلايلىق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى am 09:33
    • بۇ شۇنداق ئېلىنىپ، تەرجىمىدە شۇنداق ئىشلىتىلدى، مەھسۇلاتمۇ 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى رەسمىي تارقىتىلدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 12:31
  • 中文خەنزۇچە،英文ئېنگلىزچە،汉语خەنزۇ تىلى،英语ئېنگلىز تىلى. شۇڭا 维吾尔文ئۇيغۇرچە ,维吾尔语 ئۇيغۇر تىلى. سىلەر قانداق قارايسىلەر…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 20:13
    • خورازدىكى خو.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 21:27
    • ئۇيغۇرچە بىلەن خەنزۇچىنىڭ گىرامماتىكا،فونتىكا،لېكسىكىلىق قۇرۇلمىسى ئوخشىمايدۇ.شۇڭا خەنزۇچە بىلەن سېلىشتۇرماڭ!ئۇيغۇر تىلى دېگەن يىپىشقاق تىل،ترانسكرىپسىيەلىك(ھەرپلىك\ پىنيىن)يېزىق. «ئۇيغۇرچە» بولسىلا كۇپايە.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 18:49
  • خىلى كۆپ دوستلار ئىيتقاندەك،‹ئۇيغۇر تىلى › ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنىلا كۆرسىتىدۇ،‹ئۇيغۇرچە› بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق مەدىنىيىتنى كۆرسىتىدۇ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 19:01
  • ياخشىمۇ سىلەر !
    بىز تالىشىپ ئولتۇرماي ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى يېزىقىمىزنى ۋە ئۇيغۇر تىلىمىزنى قوغداپ ، ئومۇملاشتۇرساق ياخشى ئەمەسمۇ !؟ ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ ‹‹چۈشەنمىدىم›› ناملىق ئىتوتىدىكىگە ئوخشاش بولۇپ قالمايلى !!!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 16:19
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ كود نۇمۇررىنى تەمىنلىگەن بولساڭلار مەن توردىن تاپالمىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى am 07:58
باھا بېتى: 1 7 8 9