نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

«ئۇيغۇر تىلى»مۇ ياكى «ئۇيغۇرچە»مۇ؟

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

تىل نامى توغرىسىدا ئىككى خىل كۆز قاراش بار ئىكەن، مەسىلەن: «ئۇيغۇر تىلى»، «ئۇيغۇرچە» دېگەندەك، تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرۈپ بېقىڭ. ناۋادا، تۆۋەندىكى تىللاردىن بىرسىنى تاللاڭ دەپ چىقسا، قايسىنى تاللاش بىر قەدەر مۇۋاپىق؟ «ئۇيغۇر تىلى» بىلەن «ئۇيغۇرچە» دېگەن سۆزنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى نېمە؟ كىم چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ، رەھمەت!

(1) كەينىگە «تىلى» دېگەن سۆزنى قوشۇش
ئۇيغۇر تىلى
ئىنگلىز تىلى
ئەرەب تىلى
=======
(2) «-چە» قوشۇمچىسىنى قوشۇش
ئۇيغۇرچە
ئىنگلىزچە
ئەرەبچە
======
تۆۋەندىكى رەسىملەردىن پايدىلىنىڭ
ئىنگلىزچە تىل نامى

خەنزۇچە تىل نامى
خەنزۇچىدە 语 دېگەن خەت قوشۇلۇپ چىقىدۇ، مەسىلەن: 英语 دېگەندەك، تۆۋەندىكى رەسمىگە قاراڭ.

ئۆزبېكچە تىل نامى
ئۆزبېكچىدە «-چە» قوشۇمچىسىنى قوشۇپتۇ.

===================
———————————————-
بۇ ئاشخانىدا ئۇيغۇرچە تاماق چىقىدۇ.
مەن ئۇيغۇرچە كىتاب سېتىۋالدىم.
ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينايمىز.
ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتالامسىز؟
ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ئالىمەن.
———————————————-
مەن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتىمەن، دەرس ۋاقتىدا ئىنگلىزچە سۆزلىشىمىز.
بۇ كىتاپ ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغان، ئۇنىڭ تىلى ئىنگلىزچە
———————————————-
مەكتىپىمىز تەسىس قىلغان تىل كۇرۇسلىرى
1. ئىنگلىز تىلى 2. خەنزۇ تىلى 3. ياپون تىلى
———————————————-
ياپون تىلى، ياپونچە
ئالبان تىلى، ئالبانچە
ئامخارىك تىلى، ئامخارىكچە
———————————————–
قېنى ئويلىشىپ باقايلى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
124 پارچە باھا يېزىلدى
  • بەزى مىللەتلەرنىڭ ئىككى-ئۈچ خىل تىل-يېزىقى بار ئىكەن!مېنىڭچە سېستىمىدا يېزىق ئاساس بولغاندىكىن؟‹‹ئۇيغۇر تىلى دەپ ئالسا بولارمىكىن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 15:28
    • بۇ ئۇيغۇرچە دەپ كېتىپ بولدى

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 23:20
  • ‹‹ ئۇيغۇرچە ›› دىگەننى كىسىپلا سۈپەت دەپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ‹‹ ئۇيغۇرچە ›› دىگەن سۆز ‹‹ ئۇيغۇر تىلى ›› دىگەن مەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ، شۇڭلاشقا ‹‹ ئۇيغۇرچە ›› دەپ ئىشلەتسەك مۇئاپىق بولغۇدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 22:59
  • مەنمۇ «ئۇيغۇر تىلى» دېگەننى قوللايمەن،چۈنكى تىلنىڭ دائىرىسى جەھەتتىن ئالساق «ئۇيغۇرچە»دىگەن سۆزنىڭ مەنە دائىرىسى «ئۇيغۇر تىلى»دىگەن سۆزگە قارىغاندا كەڭ بولىدۇ، «ئۇيغۇرچە» دىگەن سۆز «ئۇيغۇر تىلى»دىگەن سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، «ئۇيغۇرچە» دىگەن سۆز ئۇيغۇرغا خاس بولغان بارلىق نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ، «ئۇيغۇر تىلى»بولسا پەقەت تىلنىلا كۆرسىتىدۇ، ئىسىملارنى ئۆز ئۆرنىغا ئىشلىتەيلى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 13:46
  • ئەگەر بۇنى سېستىمىنىڭ تەرجىمىسىدە ئىشلەتمەكچى بولغان بولسىڭىز، سىزنىڭ بۇنى سېستىمىنىڭ روسچە نۇسىسىدا نېمە دەپ ئالغانلىقىغا قاراپ بېقىشىڭىزنى تەشەببۇس قىلىمەن، (چۈنكى windows XPنىڭ روسچە نۇسخىسى خېلى بۇرۇنلا بار ئىدى، بۇنىڭدىن پايدىلىنىشمۇ ۋاقىتتىن ئۇتۇپ، جىقراق بىر ئىش قىلىۋېلىش ئۈچۈن دەپ قارايمەن) روسچىدىمۇ «ئۇيغۇرچە»،«ئۇيغۇر تىلى» دېگەنگە ئوخشاش ئىشلىتىدۇ، خەنزۇ، ئېنگىلىز تىللىرىغا ئوخشىمايدۇ.
    يەنى :روس تىلى русски язык
    روسچە по русский

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 14:49
    • تىلى دېگەن سۆزنى زورلاپ يېزىشنىڭ ئورنى يوق، رۇسچىدىمۇ تىللارنى تاللاڭ دېگەندە، «تىلى» دېگەن سۆزنى ئېلىۋەتكەن.
      ئۆيگە كىرگەندە، بۇ مېھمانخانا ئۆي دېمەي، بۇ مېھمانخانا دېسەكمۇ بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 16:45
  • مىنىڭچە ‹‹ئۇيغۇرچە ››دەپ ئېلىنىشى كېرەك .
    چۈنكى ‹‹ئۇيغۇر تىلى ››دىگەن ئاتالغۇ بىر تىلنى ئىپادىلىسە ،
    ‹‹ئۇيغۇرچە›› دىگەن ئاتالغۇ ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئوبىكىتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بۈلدۈرىدۇ دەپ قارايمەن.
    كۆپچىلىكنىڭ مەن بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 18:30
  • مەن «ئۇيغۇرچە» نى ياقىلايمەن. چۈنكى كومپۇتېردىكى ئاتالغۇلاردا بىز ئىھتىياجلىق بولىدىغىنىمىز «ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ» ياكى «ئۇيغۇرچە يېزىق» ۋە ياكى ئۇيغۇرچە ئاۋاز بولىشى مۇمكىن… . ھەرگىزمۇ «ئۇيغۇر تىلىچە كىرگۈزگۈچ»، «ئۇيغۇر تىلىچە يېزىق»، «ئۇيغۇر تىلىچە ئاۋاز»… بولماسلىقى مۇمكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى am 02:00
  • مەسىلە ئىنىق بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە تىل تاللاش تۈرى بولغاندىن «ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئىلىنسا مۇئاپىق بولىدۇ دەپ قارايمەن «ئۇيغۇرچە»«ئۇيغۇر تىلى» ئىككىسىنى قايتا-قايتا ئوقوپ باقايلى ، تىل تاللاش تۈرىدە قايسىنى ئىشلىتىمىز ، بۇ دىگەن تىل تاللاش تۈرى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 17:35
  • تىل تاللاش تۈرىدە «ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئىلىنسا ، «ئۇيغۇر تىلىچە كىرگۈزگۈچ» دىگەن يەردە «ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ » دەپ ئىلىنسا

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 17:36
  • تىل تاللاڭ دىسە «ئۇيغۇرچە» دەپ تاللىسا ھەي ، ئۇيغۇرچە تىلنى كۆرسىتەمدۇ ئۇيغۇر تىلى »

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 17:41
    • بۇ نۇقۇل تىلغىلا قارىتىلمىغان، ئەگەر مۇشۇ بىز گېپىنى قىلىشىۋاتقان تۈر «ئۇيغۇرچە» ياكى «ئۇيغۇر تىلى»غا توغرىلانسا، باشلام تىزىملىكى ئوڭدىن سولغا بولىدۇ؛ كۆزنەك كۆرۈنۈشلىرىمۇ ھەم شۇنداق. شۇڭا بۇيەردە «ئۇيغۇرچە» دەپ ئېلىنسا مۇۋاپىق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى am 07:23
  • ئۇيغۇر تىلى بولسا نوقۇل بىر تىلنى كۆرسىتىدۇ، يەنى ئىسىم بولۇپ كېلىدۇ؛ ئۇيغۇرچە بولسا بىر سۈپەت بولۇپ، مۇشۇ تىل ۋە مىللەتكە مۇناسىۋەتلىك ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ مۇشۇ تىل ۋە مىللەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 23:38
  • تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇھاكىمىسىنى كۆردۈم، خوشال بولدۇم. بۇنداق خالىس قىزغىنلىقنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. ئەمدى ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى ئورتاقلىشاي:
    قارىسام كۆپچىلىك بىر نەرسىگە سەل قاراپتۇ. «ئۇيغۇر تىلى» دېگەن سۆز — ئىسىم؛ «ئۇيغۇرچە» سۆزى بولسا سۈپەت. ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىدا ئىسىم بىلەن سۈپەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئىشلىتىلىش ئورنى بار: ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ نامى ئۈچۈن ئىسىم قوللىنىلىدۇ؛ شۇ ئادەم ۋە شەيئىلەرنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن سۈپەت ئىشلىتىلىدۇ. ئەمدى كومپيۇتېرنىڭ تىل تاللاش كۆزنىكىدىن قايسىسىنى تاللايسىز دېگەن مەسىلىدە سورىلىۋاتقان نەرسە ئىسىممۇ ياكى سۈپەتمۇ؟ مېنىڭچە بۇ يەردە سۈپەت سورىلىۋاتىدۇ، يەنى قايسى تىلدىكى كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى تاللىماقچى ئىكەنلىڭىزنى سوراۋاتىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىسىدىكى سۈپەت ئىشلىتىلىدىغان يەرگە سۈپەت ئىشلىتىش قائىدىسى بويىچە بۇ يەرگە «ئۇيغۇرچە» دەپ ئالىمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:37
  • بولسا بۇ يەر تىل تاللايدىغان يەر بولغاندىكىن بىر ئاز ئىخچاملاپ ‹ئۇيغۇر› دەپ ئالساق ، ئېنگىلىزچىدىمۇ ھەممىسى شۇ دۆلەتنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپتۇ ، مەسىلەن : ئەرەپ دەپ : ئىران ، ئىراق ،كۇۋەيت دەپتۇ ، بولسا بىز ئۇيغۇر دەپلا ئالايلى ، يەنى جۇڭگۇ دەپ ئىچىدىن ئۇيغۇر دەپلا چىقسا ياخشى ، بولمىسا ئايرىم چوڭ بىر تۈر قىلمامدۇق ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:39
  • ئۇيغۇرچە سېستىما
    ئۇيغۇرچە يېزىق بىر تەرەپ قىلغۇچ

    مەن ئۇيغۇرچىنى مۇۋاپىق كۆردۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 19:30
  • ئالىم ئەھەت ئاكا ياخشىمۇسىز ؟ مەن سىزنىڭ ئېلىكتۇرۇنلۇق خەت ساندۇقى ئادىرسىڭىزنى بىلەلمەي بىۋاستىلە بۇيەرگە ئىنكاس يازدىم ، باشتا كەچۇرۇشۈڭلارنى ئۆمۈد قىلىمەن؟؟
    مېنىڭ مۇنداق تەكلىپىپ بار ئىدى http://www.udict.cnبۇ تور لوغىتىنى خىلىلا ياخشى كۆرەتتىم ،شۇنداق مۇكەمملە ئىشلەيدى ،ئەممە يىقىنىڭ ياغى ctrl+k كونۇپكىسى بىلەن ئۇيغۇرچە يىسىشقا يۆتكىگىىلى بولمايدىغان،تازا ياخشى ئىشلىمەس بوپقاپتۇ ، بولسا ۋاختىىز نى چىقىرىپ ئوڭشاپقويسىڭز

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 16:07
  • مىنڭچە چوقۇم ئۇيغۇر تىلى دەپ ئېلش توغرا چۈنكى بۇ يەردە سوراۋتقىنى تىل ھەمدە كومپيوتردا ئىشلەتمەكچى بولغان تىلنى كورستىۋاتىدۇ شۇڭا ئۇيغۇر تىلى دەپ ئېلشىمىز ئەڭ ئۆلچەملىك بولىدۇ . ئىنگىلىس تىلى، نىمىس تىلى ، ئۇيغۇر تىلى دىسەك خەلقئاراۋى نام بويچىمۇ ئۆلچەملىك چىقان بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بۇ يەردە سوراۋاتقىنى دەل تىل مەسلىسى بۇ ئېنىق بولسى كېرەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 14:29