Messenger دىكى بۇ ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ
[ ئاتالغۇلار ]Messenger دىكى بۇ ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ
بىرىنچى: توردىكى ئالاقە دېتاللىرى مەسىلەن: Messenger ،QQ،…قاتارلىق يۇمشاق دېتاللاردا، ئىشلەتكۈچىنىڭ تۆۋەندىكى بىر نەچچە ھالىتى بولىدۇ.
(1) Available (خەنزۇچە: 有空)
(2) Busy (خەنزۇچە: 忙碌)
(3) Away (خەنزۇچە: 离开)
(4) Appear offline (خەنزۇچە: 隐身)
بۇلارنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاش كېرەك؟ پايدىلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندە ئىنگلىزچە، خەنزۇچە ۋە تۈركچە سېلىشتۇرمىسى بېرىلدى، ئۆز پىكىرىڭىزنى بايان قىلىڭ، رەھمەت!
(بۇ رەسىمنى چېكىپ پۈتۈن كۆرۈڭ)
ئىككىنچى: بۇنداق دېتاللاردا يەنە مۇھىم ئىككى ئاتالغۇ بار، كىشى تىزىملىكى (بەزىدە يەنە ئالاقىلىشىش تىزىملىكى ياكى ئالاقىداش)دىكى كىشىلەرنى گۇرۇپپا (تۈرگە) ئايرىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: يېقىن كىشىلەر، دوستلار، خىزمەتداشلار،…دېگەندەك. ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بۇ ئىككى ئاتالغۇنى قانداق ئاتاش كېرەك؟
(5) group (خەنزۇچە: 群)
(6) category (خەنزۇچە: 组)
بۇلارنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاش كېرەك؟ پايدىلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندە ئىنگلىزچە، خەنزۇچە ۋە تۈركچە سېلىشتۇرمىسى بېرىلدى، ئۆز پىكىرىڭىزنى بايان قىلىڭ، رەھمەت!
(بۇ رەسىمنى چېكىپ پۈتۈن كۆرۈڭ)
- يازما كۆرۈلۈشى: 50,372 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 04-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 14:29
- ئالدىنقى يازما :«ئۇيغۇر تىلى»مۇ ياكى «ئۇيغۇرچە»مۇ؟
- كېيىنكى يازما :ئالىم ئەھەت بىلوگى بىر ياشقا كىردى
1) Available (خەنزۇچە: 有空)—–ئوچۇق (ئاساسلىقى تاللىغىلى بولدىغان، ئشلەتكىلى بولدىغان مەنىنى ئىپادىلەيدۇ،ھەرقانداق نەرسى ئوچۇق بولغان سىز ئۇنىڭغا كىرەلەيسز،ئىشلىتەلەيسىز،ئەللەۋەتتە كومپىيوتى
رمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
(2) Busy (خەنزۇچە: 忙碌)—- ئالدىراش
(3) Away (خەنزۇچە: 离开)—-ئايرىلىش
(4) Appear offline (خەنزۇچە: 隐身)—- يوشۇرۇش
(5) group (خەنزۇچە: 群)—–توپ(توپى) ئاسالىقى ھازىر مەيلى ئۇيغۇر رادىئو ئۇزۇنلىدا بولسۇن مەيلى تېلۋىزور دا بولسۇن چچ توپى،ئۈندىدار توپى دەپ ئاتىلىپ كىشلىرمىز تەرپىدىن تاللنىپ بولدى دەپ قارايمەن،(6) category (خەنزۇچە: 组) — گورۇپ(بۇنىڭدا خەنزۇچە گورۇپ دىگەننى ئىشلەتسەك ياخشى چىقارمىكىن دەپ ئويلايمەن،پىكىر بىرشىڭلارنى سورايمەن!
(1) Available (خەنزۇچە: 有空)—–ئوچۇق
(2) Busy (خەنزۇچە: 忙碌)—- ئالدىراش
(3) Away (خەنزۇچە: 离开)—-ئايرىلىش
(4) Appear offline (خەنزۇچە: 隐身)—- يوشۇرۇش
(5) group (خەنزۇچە: 群)—–توپ(توپى) (6) category (خەنزۇچە: 组) — گورۇپ