نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Messenger دىكى بۇ ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ

[ ئاتالغۇلار ]

Messenger دىكى بۇ ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ

بىرىنچى: توردىكى ئالاقە دېتاللىرى مەسىلەن: Messenger ،QQ،…قاتارلىق يۇمشاق دېتاللاردا، ئىشلەتكۈچىنىڭ تۆۋەندىكى بىر نەچچە ھالىتى بولىدۇ.
(1) Available (خەنزۇچە: 有空)
(2) Busy (خەنزۇچە: 忙碌)
(3) Away (خەنزۇچە: 离开)
(4) Appear offline (خەنزۇچە: 隐身)
بۇلارنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاش كېرەك؟ پايدىلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندە ئىنگلىزچە، خەنزۇچە ۋە تۈركچە سېلىشتۇرمىسى بېرىلدى، ئۆز پىكىرىڭىزنى بايان قىلىڭ، رەھمەت!
(بۇ رەسىمنى چېكىپ پۈتۈن كۆرۈڭ)

ئىككىنچى: بۇنداق دېتاللاردا يەنە مۇھىم ئىككى ئاتالغۇ بار، كىشى تىزىملىكى (بەزىدە يەنە ئالاقىلىشىش تىزىملىكى ياكى ئالاقىداش)دىكى كىشىلەرنى گۇرۇپپا (تۈرگە) ئايرىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: يېقىن كىشىلەر، دوستلار، خىزمەتداشلار،…دېگەندەك. ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بۇ ئىككى ئاتالغۇنى قانداق ئاتاش كېرەك؟
(5) group (خەنزۇچە: 群)
(6) category (خەنزۇچە: 组)
بۇلارنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاش كېرەك؟ پايدىلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندە ئىنگلىزچە، خەنزۇچە ۋە تۈركچە سېلىشتۇرمىسى بېرىلدى، ئۆز پىكىرىڭىزنى بايان قىلىڭ، رەھمەت!
(بۇ رەسىمنى چېكىپ پۈتۈن كۆرۈڭ)

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
95 پارچە باھا يېزىلدى
  • بۇمۇ پىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ، ئەمدى ئالىم مۇئەللىم يىغىنچاقلىۋەتسىڭىز بولغۇدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 19:02
    • شۇنداق، لېكىن، Group (گۇرۇپپا) دېگەننى نېمە ئۈچۈن توپ دەپ ئالىمىز؟ خەنزۇچە 群 ئالغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ ياكى QQ نىڭ تەسىرىدىنمۇ؟ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ؟ Category (كاتېگورىيە، تۈر، سەھىپە) دېگەننى نېمە ئۈچۈن گۇرۇپپا دەپ ئالىمىز؟ سەۋەبى زادى نېمە؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى am 09:27
    • كاتېگورىيە گەرچە چەتئەل تىلى بولسىمۇ لىكىن بىزنىڭ تىلىمىزدا خېلى كۆپ ئىشلىتىلگەن دەپ قارايمەن، مەيلى ئەدەبىي ئەسەرلەر ياكى تەبئىي پەن ساھەسى بولسۇن…
      كيۇكيۇدا 群 پەيدا بولغاندىن بېرى، بىز ئۇنى ئۇدۇللا توپ دەپ تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىۋاتىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر گۇرۇپپا.
      شۇڭا مەن گۇرۇپپا ۋە كاتېگورىيە دىگەن ئىككى سۆزنى ئىشلىتىشكە تەكلىپ بىرىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى am 11:02
    • Group , گۇرۇپپا ئىككى سۆزنىڭ قايسىنىڭ قايسىدىن ئاھاڭ ئۆزگىرىپ كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ بۇ ئىككى سۆز مەنىداش. بەزىلەر گۇرۇپ دىگەن سۆزنى تەۋسىيە قىلىپتۇ. مېنىڭچە بۇ تازا توغرا ئەمەس. بۇ پەقەت ئىنگىلىزتىلى ئاھاڭىغا يېقىنلاشتۇرغانلىق. ئۇيغۇرتىلىدا يەنىلا گۇرۇپپا دەپ ئالغىنىمىز تۈزۈك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى am 11:07
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يۇقىردا نۇرغۇن سۆزلەر ئېيتىلىپتۇ،ئەڭ ياخشى ئىخچام ،ئۇمۇمىيلاشقان سۆزنى تاللاش كېرەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 22:05
  • 隐身-مەۋھۇم دىگەن سۆزنى تەۋسىيە قىلىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 23:52
  • 隐藏 – نى مۈكۈش، يەنى مۈكۈۋېلىش دەپ ئالساق قانداق بولا. چۈنكى مۈكۈۋالغاندا باشقىلار ئۇنىڭ بار- يوقلىقىنى بىلمەيدۇ دە، ھا، ھا

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى am 10:37
  • (1) Available (خەنزۇچە: 有空)—–بىكار
    (2) Busy (خەنزۇچە: 忙碌)—- ئالدىراش
    (3) Away (خەنزۇچە: 离开)—-كەتتىم
    (4) Appear offline (خەنزۇچە: 隐身)—- مەن يوق

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 12:04
  • profile نىمە دەپ ئالىمىز؟ جىددىي لازىمتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 13:05
    • ئارخىپ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 15:16
    • رەھمەت

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 16:06
    • ئارخىپ :ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
      ئى [ ر<لات ] بىرەر ئىدارە ، تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئىش – پائالىيىتى ۋە ئومۇمىي ئەھۋالىغا ئالاقىدار بولغان ، تۈرگە ئايرىلىپ ۋە سىستېمىلاشتۇرۇلۇپ ساقلىنىدىغان ھۆججەت ، خەت – چەك ۋە فوتو – سۈرەت قاتارلىق ماتېرىياللار : رازۋېدكا ئەمەلدارى ئارخىپ ئىچىدىن لۇتپۇللا بىلەن گۈلباھار يېزىشقان خەتلەرنى سۇغۇرۇۋېلىپ سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى .

      ئانكىت :ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
      ئى [ ر<فران ] تېگىشلىك مەلۇمات ئېلىش ۋە توپلاش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن سوراق خاراكتېرلىك جەدۋەل ، ۋاراق : ئانكىت تولدۇرماق .

      ئانكىت دەپ ئالسا قانداق بولار، ئويلۇشۇپ باققايسىلەر.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 18:51
    • تولدۇرۇشتىن بۇرۇنقىسىنى «ئانكىت» دەپ ئاتايمىزغۇ دەيمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 20:42
    • ئانكىت تېخىمۇ ماس كېلىدىغاندەك تۇرۇدۇ.رەھمەت.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:16
  • Unindents
    indentدىگەننى نىمە دەپ ئالىمىز، قارىسام ئابزاسبېشى، باش قۇر دىگەندەك مەنىدىكەن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 16:09
  • (1) Available (خەنزۇچە: 有空)-بىكار
    (2) Busy (خەنزۇچە: 忙碌)-ئالدىراش
    (3) Away (خەنزۇچە: 离开)-ئايرىلىش
    (4) Appear offline (خەنزۇچە: 隐身)-پىنھان ،يۇشۇرنۇش
    (5) group (خەنزۇچە: 群)-توپ،گۇرۇپپا(创建群گۇرۇپپىلاش،توپ قۇرۇش )
    (6) category (خەنزۇچە: 组)-تۈر (创建组 تۈرلەش ،تۈرگە ئايرىش)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى am 09:53
  • Available __ تەييار
    Busy __ ئالدىراش
    Away __ توردايوق
    Appear offline __ مۆكۈگ
    group __ گورۇپ
    category__ توپ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 19:43
  • (1) Available (خەنزۇچە: 有空)— – تـــوردا بــار
    (2) Busy (خەنزۇچە: 忙碌)— – ئــالـــدىراش
    (3) Away (خەنزۇچە: 离开)— – تـــوردا يـوق
    (4) Appear offline (خەنزۇچە: 隐身)—- يــــــوشۇرۇن
    (5) group (خەنزۇچە: 群)— – تــوپ قۇرۇش
    (6) category (خەنزۇچە: 组) — -گۇرۇپپا قۇرۇش

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 14:52
  • (1) Available (خەنزۇچە: 有空,可见客人的)— بىكار
    (2) Busy (خەنزۇچە: 忙碌)—- ئالدىراش
    (3) Away (خەنزۇچە: 离开)—يوق
    (4) Appear offline (خەنزۇچە: 隐身)—- يوشۇرۇن
    (5) group (خەنزۇچە: 群)—–توپ، گۇرۇپپا،كىڭەش
    (6) category (خەنزۇچە: 组) — تەشكىللەش،ئايرىش

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 14:24
  • ھۆرمەتلىك ئالىىم ئەھەت ئاكا،مۇمكىن بولسا MSNئادرېسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 14:28
    • alim.ahat دۈگلەك ئىچىدىكى a، ئاندىن live.com

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:58
  • (1) Available (خەنزۇچە: 有空)—–بىكار،مەرھابا
    (2) Busy (خەنزۇچە: 忙碌)—-ئالدىراش، مەجھۇل، ئالىمال، ئالىغول،
    (3) Away (خەنزۇچە: 离开)—-ئايرىلىش،
    (4) Appear offline (خەنزۇچە: 隐身)—- يوشۇرۇش، پىنھان
    (5) group (خەنزۇچە: 群)—–گۇرۇپپا،
    (6) category (خەنزۇچە: 组) — كاتېگورىيە

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 12:09
  • يۇقىرقى تەرجىمىلەرمۇ ناھايتى مۇئاپق بوپتۇ، مىنىڭچە ئۆز تىلىمىزغا تىخىمۇ يىقىنلاشتۇرۇپ قوللىنىش ئۈچۈن 1 -‹‹ بوش››، 2- ‹‹ ئالدىراش››، 3-‹‹ ئايرىلىش››،(سىرىت)، 4-‹‹ يوشۇرۇن ›› قاتارلىق ھالەت دىسەكمۇ بولارمۇ؟ يەنە‹‹ 群 ›› نى ‹‹ سورۇن›› دەپ تەرجىمە قىلساق قانداق بولار؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 22:34
  • (1) Available (خەنزۇچە: 有空)—– بىكارمەن
    (2) Busy (خەنزۇچە: 忙碌)—- ئالدىراشمەن
    (3) Away (خەنزۇچە: 离开)—- سىرىتتامەن
    (4) Appear offline (خەنزۇچە: 隐身)—- مۆكۈمۆكۈلەڭ
    (5) group (خەنزۇچە: 群)—– توپ (**** توپى)
    (6) category (خەنزۇچە: 组) —-گورۇپ (*** گورۇپپىسى)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 22:09