Messenger دىكى بۇ ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ
[ ئاتالغۇلار ]Messenger دىكى بۇ ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ
بىرىنچى: توردىكى ئالاقە دېتاللىرى مەسىلەن: Messenger ،QQ،…قاتارلىق يۇمشاق دېتاللاردا، ئىشلەتكۈچىنىڭ تۆۋەندىكى بىر نەچچە ھالىتى بولىدۇ.
(1) Available (خەنزۇچە: 有空)
(2) Busy (خەنزۇچە: 忙碌)
(3) Away (خەنزۇچە: 离开)
(4) Appear offline (خەنزۇچە: 隐身)
بۇلارنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاش كېرەك؟ پايدىلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندە ئىنگلىزچە، خەنزۇچە ۋە تۈركچە سېلىشتۇرمىسى بېرىلدى، ئۆز پىكىرىڭىزنى بايان قىلىڭ، رەھمەت!
(بۇ رەسىمنى چېكىپ پۈتۈن كۆرۈڭ)
ئىككىنچى: بۇنداق دېتاللاردا يەنە مۇھىم ئىككى ئاتالغۇ بار، كىشى تىزىملىكى (بەزىدە يەنە ئالاقىلىشىش تىزىملىكى ياكى ئالاقىداش)دىكى كىشىلەرنى گۇرۇپپا (تۈرگە) ئايرىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: يېقىن كىشىلەر، دوستلار، خىزمەتداشلار،…دېگەندەك. ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بۇ ئىككى ئاتالغۇنى قانداق ئاتاش كېرەك؟
(5) group (خەنزۇچە: 群)
(6) category (خەنزۇچە: 组)
بۇلارنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاش كېرەك؟ پايدىلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندە ئىنگلىزچە، خەنزۇچە ۋە تۈركچە سېلىشتۇرمىسى بېرىلدى، ئۆز پىكىرىڭىزنى بايان قىلىڭ، رەھمەت!
(بۇ رەسىمنى چېكىپ پۈتۈن كۆرۈڭ)
- يازما كۆرۈلۈشى: 3,166 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 04-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 14:29
- ئالدىنقى يازما :«ئۇيغۇر تىلى»مۇ ياكى «ئۇيغۇرچە»مۇ؟
- كېيىنكى يازما :ئالىم ئەھەت بىلوگى بىر ياشقا كىردى
مېنىڭچە:
(1) Available (خەنزۇچە: 有空)—–بوش ياكى بىكار
(2) Busy (خەنزۇچە: 忙碌)—- ئالدىراش
(3) Away (خەنزۇچە: 离开)—-ئايرىلىش
(4) Appear offline (خەنزۇچە: 隐身)—- يوشۇرۇش
(5) group (خەنزۇچە: 群)—–توپ
(6) category (خەنزۇچە: 组) — گۇرۇپپا
(1) Available (خەنزۇچە: 有空)—– نى بىكار دىسەك تازا قاملاشمايدۇ. سىز پەقەت كومپىيوتىردا مائۇسنى مىدىرلىتىپ تۇرغان بولسىڭىزلا مۇشۇ خىل Available ھالەت بولىدۇ. ئۇنداقتا سىز مۇشۇ ۋاقىتلاردا راستىنلا بىكارمۇ؟
پەقەت كومپىيوتىردا مائۇسنى مىدىرلىتىپ تۇرغان بولسىڭىزلا مۇشۇ خىل Available ھالەت بولىدۇ.
===========================
بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنداق دېگەن گەپ ئەمەس
ناۋادا «توردا بار»، «توردا يوق» دەپ ئالساق پەقەت ئىككى ھالەت بىلەن ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. ئەمما، Messenger ئىشلىتىۋاتقان توردىكى ھالەتلىرىمىزنى 4 تۈرگە ئايرىغان.
(1) بىكار (ۋاقتىم بار): باشقىلار مەن بىلەن پاراڭلىشىمەن دېسە، مېنىڭ ۋاقتىم بار، مەن تەييار، مەن ھازىر بىكار دېگەن ھالەت.
(2) ئالدىراش (ۋاقتىم يوق): باشقىلارنىڭ پاراڭلىشىمەن دەپ مېنى ئاۋارە قىلماسلىقى ئۈچۈن، مېنىڭ ۋاقتىم يوق، مەن ئالدىراش ئىشلەۋاتىمەن، جاۋاب قايتۇرالمايمەن دېگەن ھالەت.
(3) ئايرىلغان (چېكىنگەن): مەن ئالدىراش ھالەتتە دېسەممۇ باشقىلارنىڭ مېنى ئاۋارە قىلىپ خەت يېزىپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، مەن Messenger دىن ئايرىلدىم، چېكىندىم، مەن يوق دېگەن ھالەت، Messenger دىن چېكىنسىڭىز مۇشۇ ھالەتتە تۇرالايسىز.
(4) يوشۇرۇن: بۇنى دېمىسەممۇ بولار
بىكار دىگەندىن مەن تەييار دىگەن ياخشى، تۈركچىدىمۇ مەۋجۈت دەپ ئېلىنپتۇ. تەييار دىگەننى خالىق دىگەن تورداش دەپتۇ. شۇ بەكرەك مۇۋاپىق ئىكەن. مەن بىكار دىگەندىن گىپىڭىزنى ئاڭلاشقا مەن تەييار دىگەن ياخشى دە. قۇلاققا سەل خوش ياقىدۇ. بىكار دىسەك. توردا سۆزلىششتىن بىكار بولۇپ، باشقا ئىشتا ئالدىراشمۇ بەكىم. شۇڭا بۇ يەردە تەييار دىگەن سۆز ئىنتايىن مۇۋاپىق. بۇ يەردە مائۇس ئىشلىتىمىگەن بولسىمۇ بىكار تۇرغان بولسا، بىزنىڭ ئىشلىتىشمىزنى ساقلاپ تەييار تۇرغان بولىدۇ. تەييار دىگەن ياخشى.
مىنىڭچە خالىقنىڭ بەرگەن جاۋابى مۇۋاپىق.
بىكار [پ] (1) سۈپ. ئىشىدىن خالىي، بوش، ئىشى يوق، ئىشسىز. بىر بىكار ئوننى بىكار قىلىپتۇ. (ماقال) (2) بوشانماق، قويۇۋېتىلمەك. بۇ مۇزاي خامان قوشۇقىدىن بىكار بولۇپ كېتىپتۇ. (3) يوققا چىقماق، كېرەكسىز بولۇپ چىقماق. (4) بوشىماق، قۇرۇقدالماق.
مەنبە: ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى بۆلۈمى تۈزگەن (1992)
ئاساسلىق نەچچە پىكىرنى ئاساس قىلىپ بېلەت تاللاش تېمىسى قىلسىڭىز بوپتىكەن، نەتىجىسى مانامەن دەپ چىقاتتى.
بېلەت تاشلاش پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن، چۈنكى بەزى ئادەملەر ھېچنېمىنى بىلمەي تۇرۇپمۇ بېلەت تاشلايدۇ، بىزگە كېرەكلىك بولغىنى ئېنىق پاكىت،
1. بىكار — باشقىلارغا ۋاقتىڭىز بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھالىتىڭىزنى باشقىلارغا بىكار دەپ كۆرسىتىدۇ.
2. ئالدىراش – باشقىلارغا ۋاقتىڭىز ېوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، ھالىتىڭىزنى باشقىلارغا ئالدىراش دەپ كۆرسىتىدۇ.
3. ئايرىلدى– باشقىلارغا سىسزنىڭ كومپيۇتېر ئالدىدا ئەمەس ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈپ، ھالىتىڭىزنى باشقىلارغا ئايرىلدى(ئايرىلغان) دەپ كۆرسىتىدۇ.
4. يوشۇر — سىزنىڭ كومپيۇترغا ياكى Messenger غا بەرگەن بۇيرىقىڭىز بولۇپ، باشقىلارغا سىزنىڭ ھېچقانداق ھالىتىڭىزنى كۆرسەتمەيدۇ، ياكى سىزنى توردا يوق دەپ كۆرسىتىدۇ. شۇڭا تەپسىلى ئالىمەن دېسەك ھالىتىمنى يوشۇر دەپ ئالساقمۇ بولىدۇ.
在线 -مەشغۇلات،تەييار،خالىي
离线-بىيان
隐身–پىنھان
群–مۇنبەر
组— گۇرۇپپا
忙绿 -ئالدىراش
بۇ باھاغا پىكرىم بار
(1) Available (خەنزۇچە: 有空)—–بىكار مەن
(2) Busy (خەنزۇچە: 忙碌)—- ئالدىراش مەن
(3) Away (خەنزۇچە: 离开)—-ئايرىلدىم
(4) Appear offline (خەنزۇچە: 隐身)—- يوشۇرۇندۇم
(5) group (خەنزۇچە: 群)—–توپ
(6) category (خەنزۇچە: 组) — گۇرۇپپا
(1) Available (خەنزۇچە: 有空)—–بوش ياكى بىكار
(2) Busy (خەنزۇچە: 忙碌)—- ئالدىراش
(3) Away (خەنزۇچە: 离开)—-ئايرىلىش
(4) Appear offline (خەنزۇچە: 隐身)—- يوشۇرۇش
(5) group (خەنزۇچە: 群)—–گورۇپ
(6) category (خەنزۇچە: 组) — كاتوگورىيە
Available __ تەييار
Busy __ ئالدىراش
Away __ ئايرىل
Appear offline __ يۇشۇرۇن
group __ توپ
category__تۈر
بولسا بىزگىمۇ پۇرسەت بىرىلسە توربتى بولمىسا پىكىر بىرىش ھوقۇقىمۇ يوق بولدىكەن شۇنداقمۇ ….
مائۇس توكقا چېتىلماي باشقايەردە تاشلىنقلىق تۇرغان بولسا بۇنى بىكار مائۇس، زاپاس مائۇس دەيمىز.ئەلۋەتتە ئۇنى ئىشلىتىش ئۈچۈن كومپىيۇتىرغا چېتىپ قويغىنىمىز ئۇنى ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييار قىلغانلىقىمىز بولىدۇ. بۇ مائۇسنى بىكار قويۇپ قويغىنىمىز بولمايدۇ. مائۇسنىڭ بەلكىسىنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرىشى مىنى ئىشلىتىڭ مەن تەييار دەپ تۇرغانلىقى. ھەرگىزمۇ مەن بىكار، مەن بىكارچى دەپ چىقىپ تۇرغانلىقى ئەمەس. تەييار دەپ ئاتالسا دەپ كۈچلۈك تەۋىسسيە قىلىمەن.
ئۈستىدىكى بىر نەچچە ھالەتتە چوڭ جەھەتتىن پىكىر يوق ئىكەن، تورداشلارغا رەھمەت ! لېكىن، Group (گۇرۇپپا) دېگەننى نېمە ئۈچۈن توپ دەپ ئالىمىز؟ خەنزۇچە 群 ئالغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ ياكى QQ نىڭ تەسىرىدىنمۇ؟ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ؟ Category (كاتېگورىيە، تۈر، سەھىپە) دېگەننى نېمە ئۈچۈن گۇرۇپپا دەپ ئالىمىز، ئاۋۇ رەسىمنى چەكسىڭىز، ئىنگلىزچىسىنى كۆرەلەيسىز، ئوبدان قاراپ بېقىڭ.
Groupدىگەن سۆز ئۇيغۇرچە سۆزدەكلە تۇيلىدۇ ماڭا ..يەنى ئۇيغۇرچىدىكى 1- گورۇپپا 2- گورۇپپا دىگەندەك ….
Appear offline مانى پىنھان دىسەكمۇ بولدىكەن .
كىرگۈزۈش ئۇسۇلىدا ئۇيغۇرچە بىلەن سولدىن باشلىنىدىغان يېزىقلارنى كىرگۈزگەندە تازا قالماشلايدىغان يېرى بارمۇ نىمە ؟
(1) Available (خەنزۇچە: 有空)—–بىكار
(2) Busy (خەنزۇچە: 忙碌)—- ئالدىراش
(3) Away (خەنزۇچە: 离开)—-ئايرىلىش
(4) Appear offline (خەنزۇچە: 隐身)—- يوشۇرۇش
(5) group (خەنزۇچە: 群)—–گۇرۇپپا
(6) category (خەنزۇچە: 组) — كاتېگورىيە
بۇنىڭغا بەش بىلەت،،،،،،،،،،،
ناھايىتى ياخشى پىكىر بېرىپسىز، رەھمەت سىزگە!
(1) Available (خەنزۇچە: 有空)—–بىكار
(2) Busy (خەنزۇچە: 忙碌)—- ئالدىراش
(3) Away (خەنزۇچە: 离开)—-ئايرىلىش
(4) Appear offline (خەنزۇچە: 隐身)—- مۆكۈش
(5) group (خەنزۇچە: 群)—–گۇرۇپپا
(6) category (خەنزۇچە: 组) — كاتېگورىيە
==========================
يەنە بىر گەپ :مىكروسوفتتىكى ئاتالغۇلارغا پىكىر ئالغاندا Availableنى نىمىشقا ‹‹تەييار››دەپ ئالمىغانلىقىنى بىلمىدىم.
بولسا ئۇيغۇرچە بىر ئالاقىلىشىش قۇرالى ياسىغان چىقسا ھە
بارغۇ