VirtualBox (مەۋھۇم كومپيۇتېر دېتالى) غا Windows 8 نى قاچىلاش(1)
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]VirtualBox (مەۋھۇم كومپيۇتېر) غا Windows 8 نى قاچىلاش(1)
ئامېرىكا Oracle شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە گېرمانىيە InnoTek يۇمشاق دېتال شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مەۋھۇملاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالى ئىدى. كېيىن بۇ شىركەت، Sun شىركىتى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان، ئۇزۇن ئۆتمەي Sun شىركىتى يەنە Oracle شىركىتى تەرىپىدىن قوشۇۋېلنغان، شۇڭا، بۇ دېتالنىڭ ھازىرقى نامى Oracle VirtualBox.
مەۋھۇملاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالى بىر (ھەقىقىي) كومپيۇتېردا مەۋھۇم بىر نەچچە كومپيۇتېر ھاسىل قىلىدىغان دېتال بولۇپ، بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرلار بىر-بىرسىگە قەتئىي تەسىر قىلمايدۇ. بىر كومپيۇتېرغا Windows, Mac, Ubuntu, Linux,… قاتارلىق نۇرغۇن مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز، ھەتتا ئۇلارنى تەڭ قوزغىتىپ، ئۆز-ئارا سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرالايسىز. ھەر بىر مەشغۇلات سىستېمىسىنى بىر ھۆججەت سۈپىتىدە ساقلايدىغان بولۇپ، VirtualBox قاچىلانغان خالىغان كومپيۇتېرغا يۆتكەپ ئىشلىتەلەيسىز. مەۋھۇم كومپيۇتېر بولغاچقا، قاچىلاش پىروگراممىسىنى تونۇتۇپمۇ يۈرمەيسىز، لېكىن، ئۇنىڭ ئېكرانىنى چوڭايتىپ خۇددى ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي كومپيۇتېردەك ئىشلىتەلەيسىز، مەلۇم بىر سىستېمىنى سىناق قىلىش ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ بىر نەچچە قاتتىق دىسكا ياكى بىر نەچچە كومپيۇتېر سېتىۋېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ساقلىغۇچىسى قانچە چوڭ بولسا، شۇنچە كۆپ مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز. ھەقىقەتەنمۇ بەك قولايلىق يۇمشاق دېتال، ئالدىدىن دەپ قوياي، خۇمار بولۇپ قالسىڭىز، مېنىڭ كارىم يوق، ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالمايمەن.
(1) بۇ يەرنى بېسىپ VirtualBox نى چۈشۈرۈڭ، بۇنىڭ ئىچىدىن VirtualBox 4.1.12 for Windows hosts نىڭ كەينىدىكى x86/amd64 بېسىپ چۈشۈرۈڭ.
ئۇلانمىسى: www.virtualbox.org
google.com دىن virtualbox دەپ ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ
(2) چۈشۈرگەن ھۆججەتنى قوش چەكسىڭىز، تۆۋەندىكى قاچىلاش پىروگراممىسى قوزغىلىدۇ.
(3) «ئىختىيارى قاچىلاش» كۆزنىكىدىن Next نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
(4) بۇ يەردىنمۇ Next نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.
(5) تور ئۇلىنىشىنى قايتا تەڭشەيدۇ، Yes نى بېسىڭ.
(6) قاچىلاش تاماملانغۇچە ساقلاپ تۇرۇڭ.
(7) قاچىلاش تاماملاندى، Finish (تامام)نى بېسىڭ، بۇ چاغدا VirtualBox قوزغىلىدۇ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 14,825 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 04-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:10
- ئالدىنقى يازما :ئۆزبېكىستانغا زىيارەت
- كېيىنكى يازما :Taskbar (ۋەزىپە بالدىقى)دىكى بىر نەچچە ئاتالغۇ
مەۋھۇم كومپيۇتېر ھۆججىتىنى قانداق قىلغاندا س دېسكىدىن باشقا جايغا قۇرغىلى بولىدۇ؟
Unable to load R3 module C:\Oracle\VirtualBox/VBoxDD.DLL (VBoxDD): GetLastError=1790 (VERR_UNRESOLVED_ERROR).
返回 代码:
E_FAIL (0x80004005)
组件:
ConsoleWrap
界面:
IConsole {872da645-4a9b-1727-bee2-5585105b9eed}
مۇشۇ ئۇچۇر چىقىۋاپ ھەل قىلالمىدىم
بۇ تېمىغا مۇناسىىۋەتسىز باشقا بىر تېمىڭىز توغۇرلۇق ئىنكاس يازاي . ئوزبىكىستانغا زىيارەت دىگەن تىمىڭىزدا ئوتتۇردا بىر يەردە چارسۇ بازىرى دەپ كېلىپ بۇ يەردىكى چار چارشەنبىدىكى چار شۇ يەنى 3 دىگەن مەنىدە دەپسىز ، ئەمما بۇ گەپتە يېڭىلىشىپسىز . چارشەنبەدىكى چار تولۇقى چاھار بولۇپ 4 دىگەن مەنىدە (چاھار دەرۋىش دەپ بىر كىتاپ بار 4 دەرۋىشنىڭ ھىكايسى سۆزلىنىدۇ ) .
دادامدىن ئاڭلىۋالغىنىم بويىچە يەكشەنبە (يەك يەنى يەككە ، يالغۇز شەنبە ) ، دۇشەنبە (دۇ ئىككى قوش ، دۇتار يەنى قوش تارلىق ساز) . سەيشەنبە بۇ ئىسىمدىن كۆتۈرلۈپ قاپتۇ . چارشەنبە باشتا دىگىنىمىزدەك ، پەيشەنبە (پەنجە شەنبە ، ئادەمنىڭ پەنجىسى بەش بولىدۇ) ئاخىرقىسى جۇمە .
شۇنداق، توغرا دەيسىز. بىزگە شۇ كىچىكىمىزدىن باشلاپ دۈشەنبە ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى دېگەن ئىدىيە سىڭدۈرۈلۈپ چوڭ بولغاچقا، شۇنداق ئويلاپتىمەن، رەھمەت.
قاچىلىغىلى بولىدۇ مەنمۇ سىناپ باققان مىنىڭ كومپىيۇتېرىم تىخى سەپلىمىسى ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس ئىدى. Windows8نى ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ باققان نورمال قاچلانغان ئىدى.
كۆپچىلىككە يەنە بىر دىتالنى تەۋسىيە قىلاي، ئۇ بولسىمۇ windows8 مەشغۇلات سېستىمىسىدىن باشلاپ مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئىچىدە بار بولغان مەۋھۇم كومپىيوتېر قۇرۇش قورالى. ئۇنىڭ نامى Hyper-V 管理器 دىن ئىبارەت. ئۇ ئارقىلىقمۇ مەۋھۇم كومپىيوتېر قۇرۇپ ھەرقانداق مەشغۇلات سېستىمىسىنى قاچىلىغىلى بولىدۇ. بۇ دىتال windows8 ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن ئىلان قىلىنماقچى بولغان بارلىق مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئۆزىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇندىن كىيىن مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مەۋھۇم كومپىيوتېر قۇرۇپ ئىشلىتشنىڭ ئەھمىيتى چوڭ. مەسىلەن، بىز windows8 قاچىلانغان كومپىيىوتېردا قۇرۇۋالغان مەلۇم بىر مەۋھۇم كومپىيوتېر ھۆججىتىنى windows10 قاچىلانغان كومپىيوتېردا باشقا دىتال قاچىلاپ ئولتۇرمايلا دەرھال ئاچالايمىز.
ئەسكەرتىش:
Hyper-V 管理器 ئارقىلىق مەۋھۇم كومپىيوتېر ھاسىل قىلىشتا ئاساسى تاختىنىڭ قاتتىق دىتالنى مەۋھۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارى ئىچىۋىتىلگەن بولۇشى كىرەك. كۆپىنچە كومپىيوتېرلاردا بۇ خىل ھالەت كۆڭۈلدىكى ھالىتىدىلا ئوچۇق بولىدۇ. ئاز بىر قىسىم كومپىيوتېرلاردا ئىتىك ھالەتتە بولىدىكەن. ئەگەر ئىتىك بولۇپ قالسا BIOS نىڭ ئىچىدىن ئىچىپ قويساق بولىدۇ. قانداق ئىچىشنى بىلمىسىڭىز بەيدۇ تورىدىن 启动BIOS的虚拟化设置 دەپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.
بۇ دىتال ئارقىلىق Linuxمەشغۇلات سېستىمىسىنى قاچىلىغىلى بولامدۇ؟مەن VMwareدا كۆپ قېتىم سىناپمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان ئىدى.يول كۆرسەتسىڭىز.
مەن قاچىلاپ باقمىدىم، لېكىن قاچىلاشقا چوقۇم بولىدۇ، چۈنكى چۈشەندۈرۈشلىرىدە شۇنداق دېيىلگەن ئىكەن.
ھە ، رەھمەت ،مەن چۇشۇرۇپ سىناپ باقاي.
بۇمۇ ياخشى نەرسىدەك قىلامدۇ نىمە ،مەن بىر ئىشلىتىپ كۆرەي قىنى…….
ياردەم قىلدىغانلار يوقما
مەن كوزنەك 8 نى قايتا قاچىلاي دىسەم س دىسكا يىتىشمەيدۇ دەپ قاچىلغىلى بولمىدى ياردەم قىلىپ قاچىلاپ بەرسەڭلار بوپتىكەن