«ئۇيغۇر تىلى»مۇ ياكى «ئۇيغۇرچە»مۇ؟
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]تىل نامى توغرىسىدا ئىككى خىل كۆز قاراش بار ئىكەن، مەسىلەن: «ئۇيغۇر تىلى»، «ئۇيغۇرچە» دېگەندەك، تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرۈپ بېقىڭ. ناۋادا، تۆۋەندىكى تىللاردىن بىرسىنى تاللاڭ دەپ چىقسا، قايسىنى تاللاش بىر قەدەر مۇۋاپىق؟ «ئۇيغۇر تىلى» بىلەن «ئۇيغۇرچە» دېگەن سۆزنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى نېمە؟ كىم چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ، رەھمەت!
(1) كەينىگە «تىلى» دېگەن سۆزنى قوشۇش
ئۇيغۇر تىلى
ئىنگلىز تىلى
ئەرەب تىلى
=======
(2) «-چە» قوشۇمچىسىنى قوشۇش
ئۇيغۇرچە
ئىنگلىزچە
ئەرەبچە
======
تۆۋەندىكى رەسىملەردىن پايدىلىنىڭ
ئىنگلىزچە تىل نامى
خەنزۇچە تىل نامى
خەنزۇچىدە 语 دېگەن خەت قوشۇلۇپ چىقىدۇ، مەسىلەن: 英语 دېگەندەك، تۆۋەندىكى رەسمىگە قاراڭ.
ئۆزبېكچە تىل نامى
ئۆزبېكچىدە «-چە» قوشۇمچىسىنى قوشۇپتۇ.
===================
———————————————-
بۇ ئاشخانىدا ئۇيغۇرچە تاماق چىقىدۇ.
مەن ئۇيغۇرچە كىتاب سېتىۋالدىم.
ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينايمىز.
ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتالامسىز؟
ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ئالىمەن.
———————————————-
مەن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتىمەن، دەرس ۋاقتىدا ئىنگلىزچە سۆزلىشىمىز.
بۇ كىتاپ ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغان، ئۇنىڭ تىلى ئىنگلىزچە
———————————————-
مەكتىپىمىز تەسىس قىلغان تىل كۇرۇسلىرى
1. ئىنگلىز تىلى 2. خەنزۇ تىلى 3. ياپون تىلى
———————————————-
ياپون تىلى، ياپونچە
ئالبان تىلى، ئالبانچە
ئامخارىك تىلى، ئامخارىكچە
———————————————–
قېنى ئويلىشىپ باقايلى
- يازما كۆرۈلۈشى: 9,169 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 03-ئاينىڭ 30-كۈنى am 10:44
- ئالدىنقى يازما :anti-shake قاتارلىق يېڭى ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىڭ
- كېيىنكى يازما :Messenger دىكى بۇ ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ
خەنزۇچدىمۇ 语 خېتى تۇرمامدۇ ؟ شۇڭا ئۇيغۇر تىلى دەپ ئېلىش كېرەك
ئەگەر خەنزۇتىلىدا ئۇيغۇر تىلىنى 语文 دېسەك، «ئۇيغۇرچە»نى نېمە دەپ ئاتايمىز؟
«تىل» دېگەن بۇ سۆز مەزكۇر كۆزنەكنىڭ ئۈستىدە بىر قېتىم تىلغا ئېلىنىپ بولغان. شۇڭا بۇنىڭدىكى تاللاشمۇ تىلغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ. يەنى بىزدىن قايسى تىلنى قوللىنىشنى سوراۋتىدۇ. بىز بۇنىڭغا «ئۇيغۇرچە» دەپ جاۋاب بەرسەك بولىدۇ. «تىل» نى تەكرارلاپ ئولتۇرمىساقمۇ بولار.
سىز قايسى تىلدا لىكسيە سۆزلەيسىز؟
جاۋاب: (ئۇيغۇر تىلىدا) ياكى (ئۇيغۇرچە)
مەسىلەن ،
مەكتەپتە ئۇيغۇرتىلى ، خەنزۇتىلى ، قازاق تىلى قاتارلىق كۇرسلار بار .
مەكتەپتە ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، قازاقچە قاتارلىق تىل كۇرسلىرى بار.
گەرچە مەزكۇر ئورۇندىكى «ئۇيغۇرچە» ۋە «ئۇيغۇرتىلى» دەپ ئېلىشنىڭ ئىككىلىسى ئوخشاش مەنە ئىپادىلىسىمۇ، لېكىن «ئۇيغۇرتىلى» دەپ ئالساق ئۇيغۇرنىڭ تىلى بەكرەك گەۋدىلىنىدۇ، ئۇيغۇرنىڭ يېزىقى چەتتە قالىدۇ، «ئۇيغۇرتىلى» دەپ تاللاپ «ئۇيغۇر يېزىقى»دا خەت باسامدۇق ياكى «ئۇيغۇرچە» دەپ «ئۇيغۇر تىلى-يېزىقى»نى تاللاپ «ئۇيغۇرچە» خەت باسامدۇق؟ مۇشۇنداق ئويلاشساق مۇۋاپىق. مەسىلەن: ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل، ئۇيغۇرچە كىتاب، ئۇيغۇرچە ئىسىم دېگەندەك.
«ئۇيغۇرچە»گە بىر بېلەت!
مىنڭچە تىل تەتقىقاتچىلىرىدىن سوراپ باقساق بولامدىكىن.
ئۇلارمۇ ھەر خىل جاۋاب بەرگەچكە، بۇ يەرگە يېزىلغان ئىدى.
ئەگەر كومپىيوتېر قاتارلىق ئېلىكتېرونلۇق تاراتقۇلاردا تاللاش توغرا كەلسە، ‹ئۇيغۇرتىلى› دەپ ئېلىش ئورۇنلۇق،
دوسلىرىمىز دەپ ئۆتكەندەك، ‹ئۇيغۇرچە› دېگەن ئۇچۇم شۇ ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى (تىل، ئۆرپ – ئادەت قاتارلىق)، ئەمما ‹ئۇيغۇرتىلى› بولسا شۇ ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەتنىڭ تىلىنى كۆرسىتىدۇ خالاس، كومپىيوتېر قاتارلىق تاراتقۇ ۋاستىلىرىنىڭ تونۇيدىغىنى ‹ئۇيغۇرچە› ئەمەس، (ئۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئۆرپ ئادىتىمىز، ۋە مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى بىز ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويمىساق، دەپ بېرەلمەيدۇ) ، ئۇنىڭ كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغىنى پەقەت بىزنىڭ يېزىقىمىزنىڭ مەلۇم قانۇنىيەت بىلەن بىرىكىپ كەلگەن بىر بۆلەكتۇر، شۇڭا مېنىڭچە تاراتقۇلاردا ‹ئۇيغۇرتىلى› دەپ ئالساق بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە دەپ ئېلىش مۇۋاپىق
تىل تاللاش كۆزنىكىدە قايسى مىللەتنىڭ تىلىنى تاللايدىغانلىقىمىزنى سۇرىغانلىقى ھەممىگە ئايان بولغاندىكىن مىنىڭچە‹ئۇيغۇر› دەپلا يازساقمۇ بۇلىدۇ . ‹…چە›،‹…تىلى› دىگەنلەر تىل تاللاش كۆزنىكى ئىكەنلىكى ئىنىق بولمىغان شارائىتتا ئاندىن ئىزاھلانسا بۇلاتتى . ئاددىي ، ئىخچام ، چۈشىنىشلىك بۇلۇش ئاساسى تەلەپقۇ …، باققالنىڭ ئالدىدىكى ھەرخىل مىۋىلەرنى ئۈرۈك مىۋىسى ، شاپتۇل مىۋىسى ، ئۈزۈم مىۋىسى …دەپ ‹مىۋىسى›دىگەننى ئايريىم ئايرىم قۇشۇپ ئېيتىشنىڭ زۇرۇرىيىتى يوقتەكلا ئىش ، باققالنىڭ ئالدىدىكى مىۋە ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا ھەممەيلەن بىلەلىگەندىكىن ئۇنى ئۈرۈك ، شاپتۇل ، ئۈزۈم … دىسەكلا بۇلىدۇ . كۆپچىلىك قۇشۇلسا ‹ئۇيغۇر › دەپلا ئالساق ، بۇمۇ بولمىسا ‹ئۇيغۇرچە›گە بىر بىلەت.
ئالىم ئەپەندىمنىڭ چەككەن رىيازەتلىرىگە پۈتمەس- تۈگىمەس ئەجىر – تۆھپىلەر پۈتۈلگەي . ..
باشقا تۈركلەر بىلەن ئورتاقلىقنى ساقلاش بەك مۇھىم!
ھېلىمۇ ئوخشاتماي يۈرۈپ، ھازىرغا كەلدۇق،.
ھەر ئىككىلىسى مۇۋاپىق تۇرىدىغۇ،تىلنى كۆرسەتمەكچى بولساق ئۇيغۇر تىلى،ئىنگىلىز تىلى،شۇ تىلغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىنى كۆرسەتمەكچى بولساق ئۇيغۇرچە………..
مىنڭچە بۇيەردە سۆز مەنا جەھەتتە پەرىق چوڭ ئەمەسكەن، -تىلى دىگەنگە قارىغانغدا -چە بولسا بىر بوشلۈق، ئىككى ھەرىب ئورۇن ئىگىلەيدىكەن، سۇرەت ۋە سىغىمى جەھەتتە ئۇتالايمىز ئەمەسمۇ؟ قانداق قارايسىلە؟
مىنىڭچە ئۇيغۇرچە دىگەن ياخشى ….
مىنىڭچە ئۇيغۇرچە بولغىنى تۇغرىكەن .***چە دىگەن سۆز شۇ سۆزنىڭ تىلى ياكى يېزىقىغا كارىتىلغان .نەدىمۇ ئۇيغۇرچە تاماق ،ئۇيغۇرچە ئۇسۇل دىگەن گەپ بوسۇن ،ئۇيغۇر تائامى،ئۇيغۇر ئۇسۇلى دېيىلىدۇ،بۇ سۆز.كىتاپقا،كىنوغا،ناىخشىغا ئۇيغۇرچە دەپ سۆز ئالساق تۇغرا بولىدۇ.
يەنىلا ئۇيغۇر تىلى دىسەك مۇۋاپىق بولىدۇ.
مەنچە ‹ئۇيغۇرچە› ياكى .‹ئۇيغۇر تىلى› ھەر ئىككىسى خاتا، چۇنكى مەيلى ئىنگىلىسچە ياكى خەنزوچىدە مىللەت ئىسمى ئاخىرىغا ھەچنىمە قوشۇلمىغان، شۇڭا بىزمۇ ‹ئۇيغۇر› دەپلا ئالايلى!