ئەلكاتىپ ۋە ئۇيغۇرسوفت
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]
مانا بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 13 يىللىق خاتىرە كۈنى.
بۇنىڭدىن 13 يىل ئىلگىرى يەنى 1998-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى (يەكشەنبە) ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرىدا ئۇيغۇرسوفت رەسمىي تىجارەت باشلىغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ئۆزىمىزگە تەۋە يۇمشاق دېتال تېخى يوق ئىدى. ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى ۋاكالىتەن سېتىپ چىقىراتتۇق. ئەسلەپ باقسام شۇ ۋاقىتلاردا، UTDOS (تيەنخۇي ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسى)نىڭ باھاسى 2500 يۈەن، بېيدا فاڭجېڭ لازىر نۇرلۇق مەتبەئە سىستېمىسى 6500 يۈەن، بىر يۈرۈش (كومپيۇتېر، پىرىنتېر بىلەن) سېتىۋالغاندا 20,000 يۈەن ئىدى. خەت ئەمما، ھازىر ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ (ھەتتا بەزىلىرى ھەقسىز بولۇپ)، ئۆز ۋاقتىدىكى نەچچە مىڭ يۈەنلىك يۇمشاق دېتال قىلالمىغان ئىشلارنى قىلالايدىغان بولدى.
«ئەلكاتىپ» يۇمشاق دېتالىنىڭ تۇنجى نۇسخىسى 1998-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، Windows مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشتى. ئىلگىرى كومپيۇتېردا يېزىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلار خەت كىرگۈزگۈچىلەر، بەت ياسىغۇچىلار دەپ ۋەزىپىگە ئايرىلغان بولسا، مانا، ھازىر ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ ئۆزى خەت كىرگۈزۈپ، تەھرىرلەپ، بەت تىزىپ، كىتاب-ژۇرنال چىقىرالايدىغان بولدى. ئەمما، شۇ يېقىنغىچە نۇرغۇن كىشىلەر خەت نۇسخىلىرى قانچە كۆپ بولسا، كىرگۈزگۈچنىڭ نەشىرى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنى ياخشى دەپ قارايتتى. شۇڭا، بەزىلەر ئەلكاتىپنىڭ خەت نۇسخىسى ئاران ئون نەچچە خىل ئىكەن دېسە، بەزىلىرى نەشىرى تېخى 5.5 ئىكەن (تېخى پۈتۈن ئەمەس ئىكەن) دەپ قوياتتى. لېكىن، «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»نىڭ سېتىلىش مىقدارى بولسۇن ياكى توردىن چۈشۈرۈلگەن ھەقسىز نۇسخىسى بولسۇن ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئومۇملاشتى. كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە يېزىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلارغا نىسبەتەن، «ئەلكاتىپ» دېگەن سۆز ئەڭ تونۇش ئىسىمغا ئايلاندى. ھەتتا، بەزى دۇكان-ساراي، دوختۇرخانا،….قاتارلىقلارنىڭ ئىسىملىرىمۇ «ئەل»دىن باشلىنىدىغان بولدى. مېنىڭچە بۇ بەلكىم ئۇيغۇرچە ۋىۋىسكىلارنى (ئەلكاتىپ يۇمشاق دېتالى قاچىلانغان) كومپيۇتېردا لايىھىلەش ئېلىپ بارغانلىقنىڭ ئازىراق تەسىرىدىن بولۇشى مۇمكىن. بەزىلەر چاقچاق قىلىپ ئالىم مۇئەللىم قىزىڭىزنىڭ ئىسمى «ئەل»دىن باشلىنامدۇ؟ ئىسمى «ئەلفىرە»مۇ؟-دەپ قوياتتى. مېنىمۇ بەزىدە «ئەلكاتىپ»شىركىتىنىڭ باشلىقى دەپ تونۇشتۇراتتى. تېخى مۇشۇ يېقىنغىچە ئىشخانىغا تېلېفون كەلگەندە ئەلكاتىپ شىركىتىمۇ؟-دەپ قوياتتى. پەقەت تېلېفونغا ئۇيغۇرچە (ئاۋازلىق) قوڭغۇراق ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇنداق گەپلەر ئازىلاشقا باشلىدى.
خۇدايىم بۇيرىسا، كېلەركى قېتىملىق Windows تارقىتىلغاندا، «ئەلكاتىپ» يۇمشاق دېتالى پۈتۈنلەي دەم ئېلىشقا چىقىدۇ. لېكىن، مەن «ئەلكاتىپ» دېگەن بۇ ئىسىمنى ھەر ۋاقىت ئەسلەپ تۇرىمەن. ھېچبولمىغاندا، بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرسوفت قۇرۇلغان خاتىرە كۈندە ئېسىمدىن چىقارمايمەن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 13,460 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2011-يىلى 06-ئاينىڭ 14-كۈنى am 9:02
- ئالدىنقى يازما :جۇڭگولۇقلارمۇ يۇمشاق دېتال سېتىۋالالايدۇ، ئەمما
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى تىزىش قائىدىسى
دېمەك windows8دا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئەلكاتىپنى قاچىلىمايلا خۇددى خەنزۇچە يېزىق كىرگۈزگەندەك بىۋاستە كىرگۈزسەك بولىدىكەندە؟ ئۇنداقتا بۇرۇن ئەلكاتىپتا يېزىلغان ئارخىپلارنى نۇرمال كۆرگىلى بولىدىغاندۇ؟ خەت نۇسقىسى ئۆزگىرىپ كەتمىگەندىكىن؟
ئالىم مۇئەللىم، ئەمدى سىزنى كارخانىچى ئالىم ئەپەندى دەپ تونۇساق بولاتتى، ئۇيغۇرسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرى، قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە بولغان تەرەققىياتىدىن كۆڭلىمىز خېلى سۇ ئىچكەن بولسىمۇ ئەمما شىركەت تەرەققىياتى بەكلا ئاستا بولۇۋاتامدۇ؟ يەنە داۋاملىق ئوقۇتقۇچى بولامسىز؟ كارخانىچى بولامسىز؟ ياكى باشقۇرغۇچى تەكلىپ قىلىپ شىركەتنى باشقۇرغۇزامسىز؟….
ئىشقىلىپ ياخشى بىر ئويلىشىپ باققايسىز!
سىزنىڭ دىگىنىڭىز ئەلكاتىپ نىڭ كىيىنكى نۇسخىلىرى چىقمامدۇ .ئۇنداقتا windows8دە خەت نۇسخىلىرىنى قانداق قىلىمىز ئۇنىمۇ مىكرو سوفت شىركىتى ياساپ بىرەمدۇ خەت نۇسخىلىرىنى ئۈزىمىز ياساپ ئىشلەتسەك بولمامدۇ. مەن «ئەلكاتىپقا » كۆنۈپ قالغانچۇ! ھەي…. windows8دە ئەلكاتىپنى ئىشلەتكىلى بولمامدۇ.
ئەلكاتىپنىڭ خەت نۇسخىلىرى ۋە قازاقچە، قىرغىزچە كىرگۈزگۈچ داۋاملىشىدۇ، ئەمما، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ ھاجىتى قالماسمىكىن دەيمەن
ئالىم مۇئەللىم. مەن ئەلكاتىپنىڭ سادىق ئىشلەتكۈچىسى، شۇنداقلا پروگرامما ھەۋەسكارى، سىزدىن شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ. ئەلكاتىپ دەم ئېلىشقا چىقىدۇ دېدىڭىز. ئەمما خۇددى ۋىن 7 ئوموملاشمىغاندەك ۋىن 8 گىمۇ خېلى بارمىكىن دەيمەن. شۇڭا ئەلكاتىپنى سىز دەم ئېلىشقا چىقارسىڭىزمۇ بىز دەم ئالدۇرمايمىز. سىزگە بىر ئۆتۈنىشىم بار ئىدى. ئەلكاتىپنىڭ كودىنى ئاشكارىلاشقا بولارمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزدەنگۈچىسى، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى…..ئۇلۇغ ئەدىب ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ، ياخشىمۇ سىز ، قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن سىزگە ئوتلۇق سالام يوللايمەن، ئۇلۇغ ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق، خىزمىتىڭىزنى نەتىجىلىك، ئائىلىڭىزنى بەختلىك، ئەقلىڭىزنى زىيادە، ئىجادىيىتىڭىزنى مۇۋپپەقىيەتلىك قىلسۇن. سىزنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ، ئانا تىلىمىزنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش، ئۆزىنىڭ باشقا تىللاردىن قېلىشمايدىغان پاساھىتىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئانا تىلىمىزنى قەدىرلىمەي، ئىملاغا سەل قاراپ خاتا يېزىلىۋاتقان خەتلىرىمىزنى ئاپتوماتىك تەھرىرلىيەلەيدىغان ۋە ھازىرقى چالا تەرجىمانلارنى كېرەك قىلمايمۇ خەنزۇچە جۈملە، ئابزاس ۋە بۆلەكلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلالايدىغان يۇمشاق دېتاللارنى، قولدا بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە يازغىلى بولىدىغان ئەپلەرنى ياساپ، بىز قىلالمىغان ۋە قىلالمايدىغان، ئۇيغۇرلارغا ئىشەنچ ۋە روھىي ئوزۇق بولالايدىغان ئىشلارنى روياپقا چىقىرىشىڭىزغا چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى…..ئۇلۇغ ئەدىپ ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ، ياخشىمۇ سىز ، قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن سىزگە ئوتلۇق سالام يوللايمەن، ئۇلۇغ ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق، خىزمىتىڭىزنى نەتىجىلىك، ئائىلىڭىزنى بەخىتلىك، ئەقلىڭىزنى زىيادە، ئىجادىيىتىڭىزنى مۇۋاپىقىيەتلىك قىلسۇن. سىزنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ، ئانا تىلىمىزنىڭ باشقا تىللاردىن قېلىشمايدىغان پاساھىتىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئانا تىلىمىزنى قەدىرلىمەي، ئىملاغا سەل قاراپ خاتا يېزىلىۋاتقان خەتلىرىمىزنى ئاپتوماتىك تەھرىرلىيەلەيدىغان ۋە ھازىرقى چالا تەرجىمانلارنى كېرەك قىلمايمۇ خەنزۇچە جۈملە، ئابزاس ۋە بۆلەكلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلالايدىغان يۇمشاق دىتاللارنى، قولدا بىۋاستە ئۇيغۇرچە يازغىلى بولىدىغان دىتاللارنى ياساپ، بىز قىلالمىغان ۋە قىلالمايدىغان، ئۇيغۇرلارغا ئىشەنچ ۋە روھىي ئۇزۇق بولالايدىغان ئىشلارنى روياپقا چىقىرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.