ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ تەكرارلىقى
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]ياسىنجان سادىق چوغلان يازغان «باھادىرنامە» رومانى جەمئىي 6 توم (2966 بەت، 7861 ئابزاس، 27,921 قۇر، 587,822 سۆز، 3,917,115 ھەرپ-بەلگە) بولۇپ، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالىنى ياخشىلاش داۋامىدا، ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ كۆردۇم. قىزىققۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بېرىلدى.
ئىزاھات: نۇرغۇن جايلاردىكى تىنىش بەلگىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەلىي بوشلۇق سانى 494148 بولۇپ، بۇ سۆز ھەقىقىي سۆز سانى 587,822 گە تەڭ ئەمەس.
بۇ روماندىكى بارلىق ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ تەكرارلىقى بولۇپ، بەزى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ سانى ئۇيغۇرچە ھەرپنىڭ تەكرارلىقىدىنمۇ يۇقىرى بولغان.
سۆزلەردىكى ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ ئوتتۇرچە قىممىتى: 5.7 ھەرپ بولغان، يەنە ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئادەتتە 5.7 ھەرپتىن تۈزىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ يەنىلا ئىخچام تىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بارلىق سۆز 587,822
تەكرارلانمىغان سۆزلەر (ھەر خىل تۈرلىنىشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاندا): 32646
تەكرارلانمىغان تۈپ سۆز: 5120
دېمەك، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقانلار ئۇيغۇر تىلىدىكى 5120 تۈپ سۆز ۋە 283 سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىنىڭ تۈرلەش قائىدىسىنى بىلىۋالسا، ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ بۇ رومانى يەنى ئۇيغۇرچە يېزىلغان رومانلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ روماننى بىمالال چۈشىنەلەيدۇ.
ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقانلارغا تەكلىپ
5000 تۈپ سۆز (ۋە قوشۇمچىلارنىڭ تۈرلىنىش قائىدىسى) سۆز بايلىقىڭىز ئۈچۈن يېتەرلىك. ھەر كۈنى 10 سۆز ئۆگەنسىڭىز، 500 كۈن (دەم ئېلىپ ئۆگەنگەندە، تەخمىنەن 2 يىل)دە بىر تىلنى پىششىق ئىگەللەش تامامەم مۇمكىن. ناۋادا، تەكرارلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان سۆزلەردىن باشلاپ ئۆگەنسىڭىز، بەلكىم يېرىم يىلدا راۋرۇس سەۋىيەگە يېتىسىز. نېمىگە قاراپ تۇرىسىز؟ بىر تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن يېرىم يىل، ئېشىپ كەتسە ئىككى يىل يېتەرلىك.
- يازما كۆرۈلۈشى: 11,821 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 01-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 23:21
- ئالدىنقى يازما :客户 يەنى «ئابۇنت» ئاتالغۇسى ھەققىدە
- كېيىنكى يازما :Password يەنى 密码 ئاتالغۇسى ھەققىدە
يېقىندا مىكروسوفىتنىڭ يۇمشاق دىتال ئېچىش قورالىدا ئۇيغۇرچىنى نۇرمال كىرگۈزۈپ ناھايتى خۇشال بولدۇم ،ھەم سىلىدىن يەنە بىر قېتىم سۆيۈندۈم مۇئەللىم.سىلدىن يەنە بىر ئىشنى سوراپ باقسام دوسنىڭ ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان خەت نۇسخىسى بارمۇ؟؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ھۆرمەتلىك ئالىمىمىز (مەن شۇنداق دېيىشنى ۋىجدانىي بۇرچۇم دەپ بىلىمەن، ئېيىپكە بۇيرىمىغايسىز؟) ئالىمجان!
قىممەتلىك ئىزدىنىش ۋە پارلاق نەتىجىلىرىڭىز ئۈچۈن داۋاملىق ئاپېرىن ئېيتىمەن!
مېنىڭچە سىز ئاۋام خەلقنىڭ تىل بايلىغىنىڭ قوللىنىلىش قىممىتىگە ئىزچىل ئەھمىيەت بىرىپ ئىش كۆرسىڭىز . ئىنشا ئاللاھ سىز يانىلا غەلىبە قىلىسىز. چۈنكى مىليونلىغان ئاۋام خەلق ۋە مۇشۇ تور دىكى جىگەرلىك ئىلىەم ئەرباپلىرى سىز تەرەپتە.
تىل-يېزىق كومىتېتى تىل-يېزىغىمىزنىڭ قوللىنىلىش ھالىتىنى ئازىراقمۇ ئويلۇنۇپ كۆرگىنى يوق! شۇنداق بولمىسا ئىدى ، تىل-يېزىقنىڭ نوپۇزى قاتتىق قالايمىقانچىلىققا، سىقىلىشقا ۋە چەتكە قېقىلىشقا دۇچ كەلمىگەن بولاتتى.
مانا ئەمدى مەلۇم بولىشىچە ، ئۇلار ئۆزلىرىنى كاتتا بىلەرمەن ھېساپلاپ ، مەركەزدىكى ۋە قەشقەردىكى تىل-يېزىق ، تەرجىمە ئەرباپلىرىمىزنى كۆزگە ئىلمىسە …..!
بىلىش كېرەك ئىدىكى، بىر مىللەتنىڭ تىل -يېزىغى شۇ مىللەتنىڭ جانىجان مەنپىئەتىگە مۇناسىۋەتلىك قىممەتلىك بايلىغى، ھەرگىزمۇ بىر نەچچە كىشىنىڭ تاماششا قىلىشىغا ، ئويۇن ئوينىشىغا ئىشلىتىدىغان شاخمەت تاختىسى ئەمەس!
مەن يانىلا «ئېقىللىق»، «ئاۋارىچىلىق» دەپ قوللۇنۇشنى قەتئىي تەشەببۇس قىلىمەن. بۇ مەسىلىدە سالا قىلىش كېرەك ئەمەس، خەلقىمىز بىلەن ئوينىشالمايمىز!
چۈنكى ئىملا ئۆزگىرىۋەرسە ئەۋلاتلىرىمىز ئەسلىكى ئىملا ھالىتىدە يېزىلغان كىتاپ – ماتېرياللارنى چۈشىنەلمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقمامدۇ؟
تىل-يېزىق كومىتېتىغا «ئەمدى بەس!» دەپ ئاغرىتىپ تۇرۇپ زۇكۇن قويىدىغان ۋاقت كېلىپ قالدى!
ئىزاھ:
2) يەنە ئەلكاتىپ 3.9 دىكى كۆچۈرمە جۈملىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ” “ ۋە ’ ‘ لەرنىمۇ 5.7 دە بىۋاستە چىقارغىلى بولىغان ھالغا كەلتۈرۈش …..
دېگەن جۈملىدىكى ‹بولىغان › دېگەن سۆزلەم ئەسلىدە ‹ بولىدىغان › دەپ يېزىلاتتى….. دىققەتسىزلىگىمدىن تۈزۈتۈلمەي يوللىنىپ قاپتۇ……
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
كۆپتىن-كۆپ ئېزىز ۋە ھۆرمەتلىك ئالىم ئەپەندىم!
قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى سەرپ قىلىپ قايتۇرغان قىممەتلىك ئىنكاسىڭىز ئۈچۈن كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!
تەۋسىيىڭىز بۇيىچە ئۇ پروگراممىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقتىم. خەت نۇسخىسى گۈزەل بولۇش بىلەن بىرگە ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىش ھالىتىمۇ نوقسانسىز – ئۆلچەملىك ياخشى ئىكەن.
ئەگەر ئەمدى ئۇيغۇن كۆرسىڭىز بۇ پروگراممىغا ئاشۇ ئەلكاتىپ 3.9 دىكى :
1) سۆزلەمنىڭ خالىغانچە سوزۇلما شەكلىنى ، يەنى ھەرپلەر ئارىسىغا سىزىقچە قىستۇرۇپ نوقسانسىز ئۇلاش ئارقىلىق سۆزلەمنىڭ بەلگىلىك ئۇزارتىلغان شەكلىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىگىنى قوشۇشنى ئويلۇنۇپ كۆرگەن بولسىڭىز.
مەن ئەلكاتىپنىڭ بۇ نۇسخىسىدا مۇنداق بىر ئالاھىدىلىك ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. يەنى بىر سۆزلەمنى يېزىپ كۆرۈپ باقتىم. بۇنىڭدا مەن سىزىقچە چىقىرىشقا بولىدىغان كونۇپكىلارنى ھەرخىل شەكىلدە ئىشلىتىپ باقتىم. نەتىجىسى تۈۋەندىكىدەك بولدى:
ك _ — ___ىتاپ
سىزىقچىنىڭ يەنە بىر ئەۋزەللىگى، بەزىدە جۈملىلەرنىڭ مەنا ئىپادىلەش جەھەتتىكى مەنتىقىلىق تۈزۈلىشىنى ھاسىل قىلىشقىمۇ ئىشلىتىلەتتى. بۇ ئۈچۈن مونۇ — نى ئىشلەتسەك قىسقا بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنى ئۇزۇنراق قىلىپ (ئۆلچەملىك ھالغا كەلتۈرۈپ) ئىشلىتەيلى دېسەك ئوتتۇرىدا بوشلۇق پەيدا بولۇپ قالىدىكەن. ___ نى ئىشلىتەيلى دېسەك ، كۆرگىنىمىزدىكىدەك ئورنى مۇۋاپىق بولمايدىكەن.
2) يەنە ئەلكاتىپ 3.9 دىكى كۆچۈرمە جۈملىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ” “ ۋە ’ ‘ لەرنىمۇ 5.7 دە بىۋاستە چىقارغىلى بولىغان ھالغا كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى ئويلۇنۇپ كۆرگەن بولسىڭىز (؟)
دېگەنلىرىم ئارتۇقچە بولۇپ قالسا ئۆزۈر تىلەيمەن.
خەير، ئاللاھقا ئامانەت بولغايسىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
كۆپتىن-كۆپ ئېزىز ۋە ھۆرمەتلىك ئالىم ئەپەندىم!
سۆيۈملۈك ئانا تىلىمىزنىڭ ئالەمشۇمۇل قەدىر-قىممىتىگە مۇناسىپ ھەيران قالارلىق ئىزدىنىش ۋە نەتىجىلىرىڭىز ئۈچۈن چىن قەلبىمدىن ئاپېرىن ئېيتىمەن!
ئەگەر شۇ تاپتا ئىمكانىيىتىم يار بەرسە ئىدى، كاتتا تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇپ ئالتۇن بىزەكلىك تون كەيدۈرەر ئىدىم!!!
جەنابىي ئاللاھ ئىش – ئىزدىنىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇۋاپپىقىيەتلەرگە ئېرىشىشىنى نېسىپ ئەيلىگەي، ئامىن!
سىزنىڭ ئىزدىنىش نەتىجىلىرىڭىز ئۆز نۆۋىتىدە مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ دۇنياۋىي تىل بولالايدىغانلىغى جەھەتتىكى تەسەۋۇرلىرىمنىڭ مۇكەممەل دەلىللىرى بولۇپ كەلمەكتە! ئۇيغۇر تىلى ھەقىقىتەن ئىپادىلەش كۈچى جەھەتتە ئاجايىپ يۈكسەك ، ئاجايىپ پاساھەتلىك ياخشى تىل. كۆز ئالدىمىزدا بۇ خۇسۇستا ئەمەلىي چۈشۈنۈشۈش پۇرسىتى كېلىدۇ، ئىنشا ئاللاھ!
تىل – يېزىق كومىتېتى مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇلار يېڭى ئىملا لۇغىتى تۈزگەن مەزگىلگىچە خېلە ئوبدان ئىشلارنى قىلغان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىمقى ئىملا مەسىلىسىدە ئېغىر خاتالىق سادىر قىلدى. بىرلا مىسال، ئەسلىدە ‹تراكتۇر› دەپ ئۇزۇن يىللارغىچە بىر ئوبدان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان سۆزنى قاراپ تۇرۇپ ‹تىراكتۇر› دەپ، خۇددى تىلىمىز ۋە يېزىغىمىز بىر نىمىگە كەلمەيدىغاندەك قىلىپ ئۆزگەرتىۋېشى بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.
ئەمدى قارىسام ‹ئېقىللىق› دېگەن سۆزلەمنى ‹ئېقىللىك› دېگۈدەكمىز!!؟؟
شۇ تاپتا بەكمۇ جىلە بولۇپ كېتىۋاتىمەن!
ئارتۇق سۆزلەپ ۋاختىڭىزنى ئېلىۋەرمەي. مېنىڭچە ئۆزىڭىزنىڭ بىلگىنىڭىزنى ئاساس قىلسىڭىز. كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەنكى، سىز تىل مەسىلىسىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەقىقىي، تەبىئىي قائىدە- قانۇنىيەتلىرىگە ئىنتايىن ماس ھالدا تەپەككۈر قىلىپ كېلىۋاتىسىز. بۇ ئۈچۈن بەكمۇ سۆيۈنۈپ كىتىۋاتىمەن!
جەنابىي ئاللاھ ئىجادىيەت قەدىمىڭىزدىن قىزىل گۈللەرنىڭ ئۈنۈپ بېرىشىنى نېسىپ ئەيلىگەي ، ئامىن!
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم:
شۇ تاپتا ۋىندوۋز 7 نىڭ 64 بىت نۇسخىسىنى قاچىلىغان ئىدىم. ئەمما ئەلكاتىپ 3.9 نى قاچىلىيالماي قالدىم. بۇنى قانداق قىلسام قاچىلىيالايمەن، تەلىم بەرگەن بولسىڭىز.
خەير، ئاللاھقا ئامانەت !
سالام قۇددۇس ئاكا،
سىزنىڭ قىلغان ئەجىرلىرىڭىزنىڭ ئىنتايىن كۆپ، ساۋابىنى يېقىن كەلگۈسىدە كۆرۈشكە نېسىپ قىلغاي،
64 بىتلىق Windows ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئەلكاتىپ 5.7 نى بۇ يەردىن چۈشۈرۈۋېلىڭ. ئەلكاتىپ 3.9 يېڭى Windows قا ماسلاشمايدۇ ھەم Unicode ئۆلچىمىدە ئەمەس، ئەلكاتىپ 5.7 نى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈشۈرۈش ئادرېسى:
../?p=496
ئالىم مۇئەللىم، بولسا مۇشۇنداق تەتقىقاتقا ئائىت ماقالىلىرىڭىزدە مۇھىم ئاتالغۇلارنىڭ (سۆز تەكرارلىقى، ھەرپ تەكرارلىقى، تەكرارلىقى يۇقىرى سۆزلەر/ ھەرپلەر…) خەنچە، ئېنگلىزچە ئاتالغۇلىرىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز توردىن تېخىمۇ كۆپ ماتېرىيال كۆرۈشىمىزگە پايدىلىق بولاتتى.