ئالىم ئەھەت دەرسخانىسىدا دەرس نورمال داۋاملىشىۋاتىدۇ.
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئالىم ئەھەت دەرسخانىسىدا Visual Basic.NET 2015 پىروگرامما لايىھەلەش ئاساسىي بىلىملىرى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي باشلانغان بولۇپ، ھازىر دەرسلەرنىڭ تەستىقلىنىشى نورماللاشتى. بۇ پۈتۈنلەي تېڭشۈن تەرەپنىڭ ئىشى بولۇپ، ئالاھىدە سۈزۈك فىلىملارنى ۋاقتىدا كود ئالماشتۇرۇش، تور يۈزىدە نەقمەيدان قويۇش جەھەتتە ئوخشىمىغان تەلىپى بولغاچقا، شۇ ئۆلچەمدە ئەۋەتسەم تېزلا يەنى شۇ كۈنى ياكى ئەتىسى تەستىقلىنىۋاتىدۇ، ۋاقتىدا كۆرۈڭلار، قارىسام 10%-%15 بالىلار دەرسكە كەلمەپتۇ، قىزىقمايدىغانلار بولسا توپتىن چىقىپ تۇرساڭلار، توپقا كىرەلمەيۋاتقانلار بىر قەدەر كۆپ، قىزىقىدىغانلار ئاۋۋال ئۆگەنسە دېمەكچى ئىدىم.
ئاندىن مەن چىرايىمنى چىقىرىپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتىمەن ھەم مۇشۇنداق سىنغا ئېلىۋاتىمەن، نەقمەيداندا نېمە بولسا شۇنى ئۆز پېتى سىنغا ئېلىپ يوللاۋاتىمەن، بۇنداق قىلسام دەرسمۇ تەبئىي بولىدىكەن، بىرلا قېتىمدا تامام بولىدىكەن، ۋاقتىممۇ تېجىلىپ قالىدىكەن، ئەگەر دەرسنى توسۇۋالىدىكەن دېسەڭلار، چىرايىمنى چىقمايدىغان قىلىۋەتسەممۇ بولىدۇ. قېنى پىكىرىڭلارنى ئاڭلاپ باقاي، رەھمەت.
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,376 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:59
- ئالدىنقى يازما :Geography Reports
- كېيىنكى يازما :The aforementioned listed will probably be impediments to market rise in the acquiring nations around the world.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەخەد مۇئەللىم سىزۋە سىزنىڭ ئائىلىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن،مەن نەچە ۋاقىتتىن بىرى cپىراگىرامما تىلى ئۇگۇنەدەپ ھېچ قانداق ئۇگۇنۇشنىڭ ئۇسۇلىنى تاپالماي تورلاردا خەنزۇچە دەرىسلەرنى كۆرۇپ باققان بولساممۇ قارىسەغا كۆچۇرمىچىلىك قىلىپ ئاندىن تازا ئۇگەنگىم كەلمەي دىگەندەك يۇرىۋاتسام سىزنىڭ دەرسىڭىز ئۇچراپ قالدى، دەرىسلەرنى بىرقۇر كۆرۇپ ئاناتىلدا سۆزلەنگەن دەرىستىن تازا ھوزۇرلىنىپ ۋاتىمەن ئالدى بىلەن سىزگە رەخمەت ئېيتىمەن ،ئاندىن بىر سۇئال سورىۋالسام : سالام دۇنيا پىراگراممىسغا كود يېزىپ بولغاندىن كىيىن قوش چىكىت نىڭ ئوتۇرىغا ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ ئىجرا قىلىش كونۇپ كىسىنى باسام ئۇيغۇرچە خەت نىڭ ئورنىغا سوراق بەلگىسى چىقىۋالدى . چۇشەندۇرۇپ قڭيغان بولسىڭىز!
خەنزۇچە Windows دىكى كونسول سۇپىسىدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى يوق، شۇڭا چىقمايدۇ.
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم مەن سىزنىڭ دەرىسخانا چ چ توپىڭىزغا كىرەلمىدىم ئىمكان بولسا دەرىسخانا توپىغا مەنمۇ كىرسەم مىنىڭ QQ نومۇرۇم:2464461329
دەرس ئاڭلاشقا چ چ توپىغا ئەزا بولۇش كەتمەيدۇ، بىۋاسىتە ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ.
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئۇستاز مەن سىزنىڭ دەرىسخانا چ چ توپىڭىزغا كىرەلمىدىم ئىمكان بولسا دەرىسخانا توپىغا مەنمۇ كىرسەم مىنىڭ QQ نومۇرۇم:2464461329