ئالىم ئەھەت دەرسخانىسىدا دەرس نورمال داۋاملىشىۋاتىدۇ.
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئالىم ئەھەت دەرسخانىسىدا Visual Basic.NET 2015 پىروگرامما لايىھەلەش ئاساسىي بىلىملىرى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي باشلانغان بولۇپ، ھازىر دەرسلەرنىڭ تەستىقلىنىشى نورماللاشتى. بۇ پۈتۈنلەي تېڭشۈن تەرەپنىڭ ئىشى بولۇپ، ئالاھىدە سۈزۈك فىلىملارنى ۋاقتىدا كود ئالماشتۇرۇش، تور يۈزىدە نەقمەيدان قويۇش جەھەتتە ئوخشىمىغان تەلىپى بولغاچقا، شۇ ئۆلچەمدە ئەۋەتسەم تېزلا يەنى شۇ كۈنى ياكى ئەتىسى تەستىقلىنىۋاتىدۇ، ۋاقتىدا كۆرۈڭلار، قارىسام 10%-%15 بالىلار دەرسكە كەلمەپتۇ، قىزىقمايدىغانلار بولسا توپتىن چىقىپ تۇرساڭلار، توپقا كىرەلمەيۋاتقانلار بىر قەدەر كۆپ، قىزىقىدىغانلار ئاۋۋال ئۆگەنسە دېمەكچى ئىدىم.
ئاندىن مەن چىرايىمنى چىقىرىپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتىمەن ھەم مۇشۇنداق سىنغا ئېلىۋاتىمەن، نەقمەيداندا نېمە بولسا شۇنى ئۆز پېتى سىنغا ئېلىپ يوللاۋاتىمەن، بۇنداق قىلسام دەرسمۇ تەبئىي بولىدىكەن، بىرلا قېتىمدا تامام بولىدىكەن، ۋاقتىممۇ تېجىلىپ قالىدىكەن، ئەگەر دەرسنى توسۇۋالىدىكەن دېسەڭلار، چىرايىمنى چىقمايدىغان قىلىۋەتسەممۇ بولىدۇ. قېنى پىكىرىڭلارنى ئاڭلاپ باقاي، رەھمەت.
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,095 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:59
- ئالدىنقى يازما :An Essential Research OF Software packages Tests Programs And Methods
- كېيىنكى يازما :Thesis Manual Development Tool
دەرسلەر ئىنتايىن جانلىق ھالدا، ئاددىي تىل ۋە مىساللار بىلەن ئۆتۈلۈۋاتىدۇ. ئالىي مەكتەپلەردە چۈشەنمىگەن نام بوشلۇقى، تۈر، ئوبىيكىت قاتارلىق چۈشەنچىلەرنى كىسەك بىلەن قىلىپقا ئوخشىتىشىڭىز بەكلا ماس كەپتۇ مۇئەللىم. داۋامىغا تەشنامەن.
مېنىڭچە مۇشۇنداق سۆزلىسە ياخشى ، مۇئەللىممۇ دىدىغۇ ، ھەپتە ئارلىقلىرىدا ئانچە – مۇنچە نەخ مەيدان دەرسىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەيمەن دەپ ، ئىكرانغا ئۆزىنى كىچىكرەك قىلىپ چىقىرىپ قويغىنىمۇ بولغىنى
كۆكلەم دىگەن تورداشقا : label نىڭ ئوڭ ئۇستىدە بىر ئىستىرىلكا بار ، شۇنى چەكسىڭىز تەڭشىكى چىقىدۇ ، ياكى بولمىسا ئوڭ تەرەپتىكى خاسلىقىدىن size نىڭ قىممىتىنى ئىتىككە تەڭشەپ قويۇڭ
دەرىس ناھايىتى ياخشى، سېستىمىلىق، تەپسىلىي سۆزلىنىۋاتىدۇ… ئىلگىرى ئۇنۋېرىستىتتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردىمۇ ئوقۇتقوچىلىرىمىز مۇشۇنداق تەپسىلىي سۆزلەپ بىرىدىغان… نىمىلا دىگەن بىلەن يەنىلا ئۇنىۋېرسىتىت مۇئەللىملىرى سۆزلىگەن دەرىس يەنىلا باشقىچىدە… مىنىڭچە چىرايىڭىز چىقىپ تۇرۇپ سۆزلىگىنىڭىز ياخشىراق بولىدىكەن، چىراي چىقىپ تۇرغاندا دىققەت تېخىمۇ يىغىلغاندەك ھېس قىلغىلى بولىدىكەن…. مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز… بولسا C# دەرىسىنىمۇ بالدۇرراق باشلىغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايمەن… …
سىلەرگە يارىغان بولسا خۇش بولدۇم، ئەمما يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىم بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. تولا يىغىن، يىغىلىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى،…دېگەندەك، ھەتتا شەنبە-يەكشەنبە كۈنىمۇ ئارامچىلىق يوق. پەقەت شۇ كەچ تەرەپلىرى چىقىپ سۆزلەۋاتىمەن. مۇشۇنداق پائالىيەتلەرگە بارمىساملا ھەر كۈنى 1-2 سائەت دەرسخانام ئۈچۈن كۈچەپ قويسام نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرەلەيتتىم.
دەرىس ناھايىتى ياخشى، سېستىمىلىق، تەپسىلىي سۆزلىنىۋاتىدۇ… ئىلگىرى ئۇنۋېرىستىتتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردىمۇ ئوقۇتقوچىلىرىمىز مۇشۇنداق تەپسىلىي سۆزلەپ بىرىدىغان… نىمىلا دىگەن بىلەن يەنىلا ئۇنىۋېرسىتىت مۇئەللىملىرى سۆزلىگەن دەرىس يەنىلا باشقىچىدە… مىنىڭچە چىرايىڭىز چىقىپ تۇرۇپ سۆزلىگىنىڭىز ياخشىراق بولىدىكەن، چىراي چىقىپ تۇرغاندا دىققەت تېخىمۇ يىغىلغاندەك ھېس قىلغىلى بولىدىكەن…. مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز… بولسا C# دەرىسىنىمۇ بالدۇرراق باشلىغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايمەن…
دەرىس بەك ياخشى بولىۋاتىدۇ ؟ ئەمما مۇئەللىم مەشىق كۆپ بولسا ، بۇ رۈەنجەننى تېخىمۇ بەكەرەك چۈشەندۈرۈپ ماڭسىڭىز ؟ لېي بولنىڭ ئېگەزلىكىنى يۇغانتاي دىسەممۇ يۇغانتالمىدىم ؟؟؟؟؟؟؟؟؟ ياردەم ؟ يەنە كۆزنەكنى خالىغانچە تەڭشەشتە قىيىنچىلىقىم بار ؟
مىنىڭچە دەرسىكە سۈرىتىڭىزنى چىقارمىسىڭىز ياخشى بولاركەن ،شەخسەن مىنىڭ سىزگە ۋە دەرس مەزمۇنىغا قاراپ دىققىتىم چىچىلىپ كىتىدىكەن ،بۇ مىنىڭ شەخسى پىكىرىم ،ئەركىنلىك سىزدە
مۇئەللىم چىرايىڭىز چىقىپ تۇرسا ئادەم ئۈزىنى خۇددى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا تۇرۇپ دەرىس ئاڭلاۋاتقاندەك ھىس قىلدىكەن مەنچە ياخشى بوپتۇ دەپ ئويلىدىم
دەرىسنىڭ ئاخىرىنى كۆرەلمىىدىم
دەرس مۇندەرىجىسىدە بار دەرسلەرنى كۆرەلەيسىز، لېكىن كۈندە دەرسلەرنى تەستىقلاپ قويسام ئىلگىرلىشىڭلارغا تەسىر يەتمىسۇن دەپ، ئاز-ئازدىن سۆزلەۋاتىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ، ھەقىقەتەن ياخشى سىستىمىدا سۈرەتكە ئىلىۋاتىسىز ، دەرسىنىڭ سۈپىتىمۇ ھەقىقەتەن ياخشى چىقىۋاتىدۇ، سىزمۇ شۇنداق كىلىشكەن چىقىپسىز ،ئىكراندا گاھىدا بىلىملەرنى توسۇۋالماي دەپ كىچىكلىۋالسىڭىز گاھىدا يۆتكىلىپ تۇرۇپ سۆزلەيسىز ، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە سىز ۋە ناسىرجان مۇئەللىم قاتارلىق ئۇستازلىرىمىنىڭ دەرسلىرىنى ئاڭلاپ ئازراق ئۈگەنگەن بولساممۇ خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن پروگرامما لايىھىلەشنىڭ نەقەدەر مۇھىم بىلىم ئىكەنلىكىنى تولىمۇ ھىس قىپ يەتتىم ، ئاشۇ ماتىماتىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ سىنىپلىرىدا قايتا ئوقۇغۇم كەلدى مۇشۇ ئونىنچى ئايدا ئىنىستىتۇتقا بارغاندا سىنىپلارغا چىققانتىم خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساندان بىلىملىرىنى دەم ئىلىش ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەپ بەرگىنى كۆرۈپ مىنىڭمۇ شۇنداق ئاڭلىغۇم كەلدى، بۇ ئارزۇلىرىمغا يىتىشىمگە سىز ياردەم قىلىۋاتىسىز ،رەھمەت مۇئەللىم ، بىز ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭىز ۋە ئەجرىڭىز ئۈچۈن كۆپلەپ سىزگە ساۋاب بولسۇن ، ئىنىستىتۇتتىكى ئۇستازلارغا بولۇپمۇ ئابدىرىشىت مۇئەللىم ،ئەركىن مۇئەللىم، ئابدىكىرەم ھاجى مۇئەللىم، ئىلھام يۈسۈپ مۇئەللىم ، مەمەتتۇردى مۇئەللىم قاتارلىق ئۇستازلارغا سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىن پايدىلىنىپ سىغىنىشىمنى ئىپادىلىۋالسام ۋە ئۇلارغا سالامىمنى يەتكۈزۈپ قويۇشلىرىنى سورىۋالسام… …
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
بولىدۇ، مەن سالىمىڭىزنى يەتكۈزۈپ قوياي، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن يىغىن بار. بارلىق ئوقۇتقۇچىلار يىغىلىمىز.
مۇئەللىم مەن ھەممە دەرىسىڭزنى تولۇق ئاڭلاپ كىلىۋاتىمەن ،لىكىن ئەمىلى مەشىق قىلاي دىسەم يېڭىدىن قوشۇش تۈرىدە چىققان تۈرلەر سىزنىڭ دەرىسىڭىزدە كۆرسىتىلگىنىگە قەتئى ئوخشىمايدۇ ،شۇڭا يېڭىدىن قۇرۇشتىن قايسى تۈرنى تاللاپ ، مەشغۇلات قىلىشنى بىلەلمىدىم ،
يېڭىدىن تۈر قۇرۇپ مەشق قىلسىڭىزلا بولىدۇ، پۈتۈنلەي مېنىڭكى بىلەن ئوخشاش چىقمىدى دېگەنگە كىرىشىپ قالماڭ، مەن تەييارلىق دەرستە تۇنجى پىروگرامما يېزىشتا تۈرنى قانداق قۇرۇشنى سۆزلىگەن ئىدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم!
دەرسلىرىڭىزنى ئاڭلاپ كېتىۋاتىمەن. سىنغا چىرايىڭىزنى رەسىمدىكىدەك چىقىرىپ قويسىڭىز بەك ياخشى بولىدۇكەن. ئەمما چىقىرىپ قويمىسىڭىزمۇ سىزنى كۆرگۈم كەلسە چوڭ رەسىمىڭىزنى چىقىرىپ قويۇپ پات- پات قاراپ قويساممۇ بولىۋېرىدۇ. يەنە شۇ گەپ دەرسلىرىڭىزدىن نەپ ئېلىۋاتىمەن. رەھمەت سىزگە!
ئادەتتە دەرىس باشلانغاندا دەرىس تىمىسىنى ۋە مەزمۇنىنى قىسقىچە چۈشەندۈرگەندە پۈتۈن بەدەن چىقىۋىتىپ ( پۈتۈن ئىكران بويىچە تەخمىنەن 5 دىن 10 سېكونىتقىچە ) ، ئاندىن دەرس ئارلىقىدا چىراي چىقىرىپ تۇرۇپ يۈز تۇرانە سۆزلىسە تېخىمۇ جانلىق ۋە ئۈنۈملىق بولىدىغان جايلىرىغا كەلگەندە پۈتۈن ئېكران چىراي چىقىرىپ ، PPT ۋە مەشغۇلات قىسمى بىلەن چىراي قىسمىنى %80 بىلەن %20 لىك نىسبەتتە تەڭشىسە ياخشى چىقارمىكىن دەپ ئويلىدىم. لىكىن ئىككىسىنىڭ بىر ئىكرانغا قىسىلىپ چىقىشنىڭ دەرىس سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ۋە باشقا جەھەتتىن قانداق ئىھتىياج ۋە زۈرۈرىيەت بارلىقىنى ھىس قىلالمىدىم. ( ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ شەخسى كۆز قارىشى ۋە تەجرىبىسى )
سىز دېگەندەك قىلىش ئۈچۈن سىنغا ئالىدىغان مەخسۇس بىر ئادەم بولسا ياخشى بولاتتى. ھازىر مەن قاچان چولام تەگسە شۇ چاغدا (ئادەتتە كەچ تەرەپلىرى) كومپيۇتېر ئالدىغا كېلىپ، بىرنەچچە قىسىمنى سۆزلىۋېتىدىغان بولغاچقا، شۇڭا بۇنى ئارتۇقچە قارىدىم. سىز دېگەندەك PPT چىقسا، چىراي چىقمىسا، چىراي چىققاندا PPT چىقمىسا، ئاندىن يەنە كۆڭۈلدىكى سۆزگە ئوخشاش بىر ئادەم مېنى گەپكە سالسا، مەن شۇ سوئاللارغا جاۋاب بەرگەچ سۆزلىسەم، خالىغان ۋاقتىدا سۆزۈمگە قوشۇق سالالىسا يەنى دەرس تېخىمۇ جانلىق، ئەمەلىي دەرسكە يېقىن بولسا ئوبدان بولار ئىدى، بۇنداق قىلىش بىرنەچچە ئادەمنى مەخسۇس مۇشۇ ئىشقا ئاجراتساق بولىدۇ، ئاندىن نەقمەيداندا سىن كىرىشتۈرۈش ئۈسكۈنىسى سېتىۋېلىپ، كەسپىي تېلېكامېرىدىن 3 نى سەپلەشكە توغرا كەلگۈدەك.
ئادەتتىكى سىن ئېلىش ئۆيى قۇرۇش 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چىقىم كېتىدۇ، ئىككى ئادەمنى مۇشۇ ئىشقا سەپلەش ئۈچۈن يىللىق چىقىمى 100 مىڭدىن ئاشىدۇ. شۇڭا ھازىرچە بۇنى ئويلىماي، دەرس تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ، دەرس سۈپىتىگە كۈچەپ باقاي،
ماتىماتىكىغا تازا قىززىقىپ كەتمىگەچكە بىر دەرىسنى بىر قانچە قېتىم ئاڭلاپ ئاران چۈشەندىم ، ھا ھا ھا . سىزنى كورۈپ تۇرۇپ دەرىس ئاڭلىساق ياخشى بولىدىكەن . قاچانمۇ سىز بىلەن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ يۈز تۇرانە كۆرىشىدىغان پۇرسەت كىلە مۇئەللىم . جاپا تارتتىڭىز ،رەھمەت .
مۇئەللىم مېنىڭمۇ بەكلا كۆرگۈم بار ئىدى بىراق توپنى پەقەتلا قوشالمىدىم مۇمكىن بولسا ئۆزىڭىز قوشۇپ قويغان بولسىڭىز 1328679902
چىرايىڭىز چىقىپ تۇرسا بىز خۇددى ئاشۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا سىنىپتا قاتارى ئولتۇرۇپ دەرىس ئاڭلاۋاتقاندەك بەك بەلەن بۇلىدىكەن،مۇشۇنداق بۇلىۋېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،دەرىسلەر بەك ياخشى سۆزلىنىۋاتىدۇ،جاپا چەكتىڭىز مۇئەللىم!!!