نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Microsoft Skydrive (ئۇيغۇرچە)نى ئىشلىتىپ بېقىڭ

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

Skydrive بولسا Microsoft شىركىتى يولغا قويغان بۇلۇت ساقلىغۇچ مۇلازىمىتى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر Windows Live ھېساباتى ئارقىلىق تىزىملاپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ رەسىملىرىنى، ھۆججەتلىرىنى Skydrive غا ساقلاپ قويالايدۇ. ھەرقانداق كۆچمە ئۈسكۈنە ۋە تورغا ئۇلانغان ھەرقانداق جايدا ھۆججەتلىرىڭىزنى زىيارەت قىلالايسىز، باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالايسىز.

تور يۈزىدە Word, Excel, Powerpoint ھۆججەتلىرىنى قۇرالايسىز. سىزگە 25GB ھەقسىز بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھۆججەتلىرىڭىزنى ساقلاش ئۈچۈن بارماق دىسكا ئىشلىتىپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەرخىل پاراڭلىشىش دېتاللىرىدىكى دوستلىرىڭىزنى بۇ يەرگە سۆرەپ كىرىپ، ئۇلار بىلەن ئەركىن سۆھبەتلىشەلەيسىز. ئۇنى يەنە «خەت»، «كالېندار»، «كىشىلەر» ئەپى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز. ئۇنداقتا دەرھال ئىشلىتىپ «بۇلۇت» ھۇزۇرىنى سۈرۈڭ.

يەنە ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تەرجىمە سۈپىتى ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان باشقا مەھسۇلاتلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشىلاندى، ئەمما بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش بولغاچقا بەزى يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بولۇشى ئېنىق، «ئەلنىڭ كۆزى 50» دەپتىكەن، قېنى ئىشلىتىپ بېقىڭلار، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بولسا بەرگەيسىلەر ياكى يول كۆرسەتكەيسىلەر، رەھمەت!

ئادرېسى: Skydrive
ئۇيغۇرچىگە تەڭشەش ئۇسۇلى يەنىلا outlook.com غا ئوخشاش بولۇپ، ئاۋۋال ئۇ يەردە ئۇيغۇرچە تەڭشىۋېلىپ، ئاندىن skydrive.live.com نى بېسىپ كىرسەڭلارمۇ بولىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
86 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • كەچۈرسىز،خاتا كىتىپ قاپتۇ،ھازىر كىرسەم 320000 مىڭ رەسىم 18000 بۇپتۇ، قانداق ئاخىرقى نەتىجىندىن بىزگىمۇ ئازراق ئۇچۇر بەرگىلى بولامۇ؟ باشقىلا قانداقكىن تۇنجى beta نۇسقىسىدىن باشلاپ English دىن ئۇيغۇر تىلىنى تاللاپ ئىشلىتىپ سىىناپ كىلىۋاتقانلاغا، باشقىچە ھۇزۇر بۇلۇپ كىتىدىكەن. نەچچەرەت windows 8 نىڭ rtm msdn نەشىرى توغۇرلۇق سىنلىق تەسىراتىمنى سۆزلىمەكچى بۇلۇپ يەنىلام سىزگە قاراپ قالدىم، ئاللا خالىسا پاختا تىيىپ 1000 كوي تېپىپ ئىككى دىسكا سېتىۋالىمەن، ئاللا خالىسا، يەنە بىر گەپ windows8 بىلەن لۇغەتنىڭ باھاسى قانچىگە بارا؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 17:54
    • چوقۇم خەۋىرىنى بېرىمەن، windows8 نىڭ ئەرزان نەشرىنىڭ باھاسى تېخى ئېنىق ئەمەس، كەسپىي ۋە بايراقدار نەشىرىنىڭ باھاسى 1200 يۈەن ۋە 2000 يۈەن ئەتراپىدا. لۇغەتنىڭ باھاسىمۇ بەك قىممەت بولمايدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 20:59
  • bing مۇشۇنى «بىلىڭ»دەپ ئاتىساق قانداق بۇلار؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:30
  • ئالىم مۇئەللىم ئۆزىنى مەن ئۇيغۇر دەيدىغانلار سىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەر بىر خىزمىتىڭىز ۋە ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز .
    بۇلۇت سۇپىسى ياكى ئىلخەت بولسۇن ياكى كۆزنەك سېستىمىلىرى بولسۇن بۇ ساھەدە سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ۋە ئەجرىڭىز ھەممىدىن كۆپ . مەن سىزنىڭ ئۆمۈرىڭىزنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى ، تېنىڭىزنىڭ سالامەت ، ئائىلىڭىزنىڭ تىنچ – ئامان بولۇشىنى تىلەيمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 16:56
  • ئالىم ئەھەت ئاكا، بىز نېمە سەۋەبتىن فېيسبۇك ۋە تۋايتىر لارنى ئىشلىتەلمەيمىز؟ ئىزاھلاپ ئۆتسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 23:55
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ، سىزدىن بىر ئىشنى سورۋالاي سىز تور بەت ئىچىدىكى خەت شەكلىنى ئۆزىڭىز خالىغان شەكىلگە توغۇرلىۋاپسىز ، مەن شۇنچە قىلىپمۇ قىلالمىدىم بۇنى بىر دەپ بىرىڭە

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 16:45
  • بۇ مىنىڭ 2011 يىلى Skydrive ئىشلىتىپ يازغان تۇنجى بۇلۇت سۇپۇسىدىكى وااڭغې ھۈججىتىمكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 17:43
  • ماڭا بۇ يۇمشاق دىتال بەك يارايدۇ. ئادەتتە ئەقلىي يانتېلىفۇنىمدىمۇ بۇ يۇمشاق دىتالنى كۆپ ئىشلىتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى am 10:53
  • مەن fire fox ۋە google chrome نىڭ ھەر ئىككىلىسىدە outlook ياكى skydrive غا كىرسەم خەتلەر نورمال ئۇلاشمايۋاتىدۇ، خۇددى خەت نۇسخىسى قوللىمىغاندەكلا، باشقا ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە چىقسام ناھايىتى نورمال، سەۋەبى نىمىدۇ؟ خەت نۇسخىسىنى ALKATIP TOR غا تەڭشىۋالغان بولمىسا…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 16:57
  • IE8 دىمۇ نورمال ئەمەس، مەن ئىشلەتكەن سىستىمىنىڭ چاتىقىمۇ ياكى مۇشۇ ئىككى تور بەتتە چاتاق بارمۇ بىلەلمىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 17:40
  • مەن ۋىندوس ئىكىسپى ئىشلىتىپ بۇ دىتالنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەلمىگەن ئىدىم ۋىندوس 7 دە تۇيغۇ باشقىچە بۇلىدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 19:54
  • ياخشى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 22:14
  • مەن ئۇيغۇرچە قىلالمىدىمغۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 19:06
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مۇئەللىم مىنىڭ كومپىيوتۇرۇمدا ئۇيغۇرچە خەت شەكلى چىرايلىق كۇرۇنمەيۋاتىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 19:56
  • 、ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ئالىم مۇئەللىم مەن تۈنگۈندىن بىرى بۇ http://www.hotmail.comۋە http://www.outlook.comبەتلەرنى ئاچالمىدىم. 此网站的安全证书有问题مۇشۇنداق ئۇچۇر چىقىۋېلۋاتىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى am 08:51
  • مەن ئۇيغۇرچەنى تاللىساممۇ يەنە ئەرەپچىدەك چىقىپ قالدى قانداق قىلسام بولا

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 22:08
باھا بېتى: 1 2 3 4