Windows 8 بۇ يىل 10-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]بۈگۈن مىكروسوفت شىركىتىدىكى مۇھىم بىر ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى نىيۇيورك شەھىرىدە رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن. Windows 8 نىڭ 4 نەشرى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:
Windows8
Windows 8 Pro
Windows RT
Windows 8 Enterprise
مىكروسوفتنىڭ تاراتقۇلارغا ئەۋەتكەن تەكلىپنامىسىدە مۇنداق يېزىلغان: «سىزنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىپ Windows 8 نى تەبرىكلەشكە تەكلىپ قىلىمىز».
مىكروسوفت ئۈچۈن Windows 8 نىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. مىكروسوفت باش ئىجىرائىيە ئەمەلدارى Steve Ballmer نىڭ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: بۇ يىل تارقىتىلماقچى بولغان Windows 8 نىڭ مۇھىملىقى Windows 95 دىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ. چۈنكى مىكروسوفت Windows، Windows Phone، Office ۋە Windows Server قاتارلىق مۇھىم مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىدۇ، يەنە ئۆز ماركىسىدىكى ھېسابلاش ئۈسكۈنىسى: Surface تاختا كومپيۇتېرنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى يەنە «2012-يىل مىكروسوفت ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ ئۇلۇغۋار يىل ھېسابلىنىدۇ» دېگەن ئىدى.
Windows 8 تارقىتىلغان 2-كۈنى Windows RT ئاساسىدىكى ۋە ARM ئۆزەكلىك Surface RT نىمۇ ئېلان قىلىدىكەن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 16,290 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 09-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 13:51
- ئالدىنقى يازما :Microsoft Visual Studio 2012 ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :Windows دۇكىنىدىن پۇل تېپىڭ (Windows Store ھەققىدە)
ئەسسسلاممۇئەلەيكوم ،،،،Windows8راست ئۇيغۇرچىما مەنغۇ قاچان ئاناتىل سىستىما چىقادەپ كەلگەن راست شۇنداق بولسا نىم دىگەن ياخشى بولاتتى-ھە! Windows7نى يۇيۇپ شۇنى قاچىلساق بولاتتى .
Windows8 رەسمى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن سىلەرنىڭ ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىمۇ زاكاس قۇبۇل قىلىپ پارچە ساتامسىلەر ؟؟
ئامال بار پۇلنى خەقنىڭ يانجۇقىغان سېلىپ بەرگىچە سىلەرنىڭ قۇلۇڭلارغا بەرسەك سىلەرمۇ ئازراق ئىقتىسادى مەنپەت ياراتساڭلار بۇلاتتى , قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ ئەمەسمۇ .
Windows 8 نى ئۇيغۇر سوفىتتا سېتىشنى قاچان باشلايدىغاندەك ؟
زادى 25-چىسلامۇ 26-چىسلامۇ ؟
ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى بويىچە 25-چېسلا، بىزگە نىسبەتەن 26-چېسلا يەنى قۇربان ھېيت كۈنى
ياخشىمۇسىز ئالىم مۇئەللىم – مەنمۇ ھازىرwind ows xp نى 8 تىزىراق چىقسىكەن دەپ 7 نۇسقسىنى ئىشلىتىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى.
ھەممە نەرسە شۇ ۋاقتىدا چىقىدۇ، بىز بۇ يەردە تېزىرەك چىقسىكەن دەپ ئالدىراتقان بىلەن بىكار. Windows 7 نى بىر قاچىلاپ ئىشلىتىپ بېقىڭ، بولمىسا Windows VISTA ۋە Windows 7 نى كۆرمەيلا، Windows 8 گە كۆچۈپ كېتىپ قالماڭ،
ئاۋۋال ئالىم مۇئەللىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان چوڭ تۆھپىلىرىگە رەھمەت!
ئالىم مۇئەللىم بۇ يەردە سورالغان سوئاللارغا ئېرىنمەي جاۋاب بېرىپتۇ، بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ رەھمەت. قارىغاندا baidu.com غا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇيغۇرچە تور بېكەتتىن بىرسى قۇرۇلمىسا بولمىغۇدەك، بولمىسا ئالىم مۇئەللىمنى ھاردۇرۇۋەتكىدەكمىز ھەم ۋاقتىنىمۇ ئىسراپ قىلىپ قويىدىكەنمىز.
http://www.windowsupgradeoffer.com/zh-CN ماۋۇ تور بېكەتتە ماركىلىق كومپىيۇتېربىلەن بىللە تەمىنلىگەن ھەقىقىي نەشىردىكى win7نى win8غا كۆتۈرۈشكە تىزىملاتقىلى بولىدىكەن.
لېكىن 10-ئاينىڭ26-كۈنىدىن كېيىن 98يۈەن تۆلەپ ئاندىن ھەقىقىي نەشىردىكى سېستىمىغا نەشىرىنى كۆتۈرگىلى بۇلىدىكەن.
ئالىم مۇئەللىم (دىرىكتور) ، مەن ئۆتكەن يىلى لىيەنشىياڭ خاتىرە كومپىيۇتېرىدىن بىرنى سېتىۋالغان ، كۆزنەك7 قاچىلاغلىق ئىكەن ! بۇ قېتىم كۆزنەك8 تارقىتىلسا مەن بىۋاستە نەشىر يۇقىرلاتسام بولامدۇ ياكى ئازراق ھەق تۆلەمدىمەن ۋە ياكى يېڭىدىن سېتىۋالامدىمەن بۇنى ؟
خاپا بولماي ليەنشەڭدىن سوراڭ، بۇ مېنىڭ ئىشىم ئەمەس
ھا… ھا… قىزىقارلىق ھەم چۈشىنىشلىك جاۋاپ بولۇپ بۇ.
مۇشۇ سىستېما دەل ۋاقتىدا تارقىتىلسا بېيجىڭ ۋاقتى بويىچە ھېسابلىساق دەل ئۇلۇغ قۇربان ھېيىت كۈنى ئاندىن رەسمىي خەۋىرىنى ئاڭلىيالايدىكەنمىز. ھېيىت كۈنى قوش خۇشاللىق بولىدىغان بولىدى، دە بىزگە!
مىنڭمۇ سىزنىڭكىگە ئوخشاش ،مىنىڭچە ھەقسىز يىڭىلاپ بەرمەيدۇ،پۇل قۇشسام يىڭىلاپ بەرسىلا خوش بولاتتىم.
چۇشەنچە بەرگىنڭىزگە رەھمەت مۇئەللىم ،كۇرۇنگەن تاغ يىراق ئەمەس ، ئاۋال بۇ مەھسۇلات چىقسۇن ، شۇ چاغدا باشقا ئىشلارنى سىزدىن تەپسىلى ئېگەللەمىز.
شۇنداق، ئالدىرماي تۇرۇڭلار.
ئالىم مۇئەللىم، win 8 ئۇقۇغۇچلارغا ئەرزان سېتلامدۇ؟ باش شىركەتتىن ئۇقۇغۇچلارنىڭ ئىستىمال سەۋيىسى ئويلىشىلغانمۇ؟ ياكى پۇل تاپقاندا ئاندىن ئىشىلتىمىزمۇ؟
بەك قىممەت بۇلۇپ كەتسە بىز سېتۋالالمايمىز، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش دەپ چۇقان توۋلاپ ئۇتەمدۇق ياكى….؟ بىر چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.
ھازىرچە ئۇلار بىر قېتىمدا 1 مىليۇن يۈرۈش سېتىۋالدىغانلارنى ئالدىن ئويلىشىپ سودا قىلىۋاتىدۇ، مەسىلەن: DELL، ليەنشاڭ،….دېگەندەك. ئاندىن بىرلا قېتىمدا 500 مىڭ يۈرۈش، 100 مىڭ يۈرۈش، 50 مىڭ يۈرۈش، ئەڭ ئاخىرىدا 10 مىڭ يۈرۈش.
پارچە سېتىشنى ئويلايدىغانغا چولىسى يوقتەك قىلىدۇ، ئۇلار يەنە Windows8 نى Surface بىلەن سېتىشنى ئويلاشقاندەكمۇ قىلىدۇ. بەلكىم كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا ئاندىن مائارىپ ئورۇنلىرىنى ئويلىشار. بىردىن بىردىن Windows سېتىپ ئولتۇرسا، ئاۋۇ 90،000 خادىمنى بېقىپ بولالمايدۇ-ئۇلار،