نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

ئۇيغۇرچە OCR

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بۈگۈن (يەنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، چارشەنبە) بېيجىڭدىكى ئۈچىنچى ئىشىم بېيجىڭ خەنۋاڭ (汉王) شىركىتىنىڭ تەكلىپى بۇيىچە مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن تېخنىكىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىدى، خەنۋاڭ شىركىتى دۆلىتىمىزدىكى OCR (ئوپتىكىلىق ھەرپ-بەلگىلەرنى پەرقلەندۈرۈش) تېخنىكىسى جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ شىركەت دۆلەتنىڭ تۈر مەبلىغىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ساھەسىدە تېخى تەلتۈكۈس ھەل بولمىغان ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە OCR يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئىدى. خەنۋاڭ بىلەن ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئۇيغۇرچە OCR جەھەتتىكى تېخنىكىلىق ئالاقىسى ئالدىنقى يىلنىڭ بېشىدا باشلانغان بولۇپ، دەسلەپكى سىناق مەھسۇلاتمۇ پۈتۈپ قالغان ئىدى، ئەمما، قىسمەن مەسىلە ساقلانغان بولۇپ، بۇنى پەقەت بىۋاسىتە تېخنىكىلىق مۇنازىرە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولاتتى.

خەنۋاڭ شىركىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار مېنىڭ بېيجىڭغا بارىدىغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن، بىز 4-ئاينىڭ 27-كۈنى چارشەنبە چۈشتىن بۇرۇن ئۇچرىشىشنى پىلانلىغان ئىدۇق. بۇ مىكروسوفت شىركىتىگە بارغان كۈننىڭ ئەتىسى ئىدى. مەن ئۇيغۇرچە OCR نىڭ سىناق نۇسخىسىدىكى نۇقسانلارنى رەتلەپ، ھەل قىلىش چارىسىنىمۇ ناھايىتى پۇختا تەييارلىغان ئىدىم. ئۇلار مېنىڭ ۋاقتىمغا ئاساسەن شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىككى سائەت تېخنىكىلىق لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

مەن دېيىشكەن ۋاقىتتىن يېرىم سائەت بۇرۇن، جۇڭگۈەنسۈن يۇمشاق دېتال باغچىسى (شاڭدى غەربىي يولى上地西路)غا جايلاشقان بېيجىڭ خەنۋاڭ (باش) شىركىتىگە كەلدىم. ئىشىك تۈۋىدىكىلەرگە تىزىملىتىپ ساقلاپ تۇردۇم، ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەن بىلەن كۈرۈشمەكچى بولغان مەسئۇل خادىم پەسكە ئۆزى چۈشۈپ مېنى ئېلىپ ماڭدى. بۇ شىركەتنىڭ مىكروسوفتقا ئوخشىمايدىغان يېرى كارتا بەرمىدى، لېكىن، ئىشىك ئالدىدا چىراي پەرقلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ۋە يوقلىمىدىن ئۆتىدىكەنمىز. بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە خەنۋاڭنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، پەرقلەندۈرۈش سۈرئىتى خېلە تېز ئىكەن. بىز لېفىت ئارقىلىق 3-قەۋەتتىكى 10 كىشلىك كىچىك يىغىن زالىغا كەلدۇق. ئارقىدىن باش دېرىكتورنىڭ ياردەمچىسى ۋە 5-6 كىشى كىرىپ كەلدى. ئۇ باش دېرىكتورنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاۋىستىرالىيەگە Intel شىركىتىنىڭ يىغىنغا كەتكەنلىكىنى، ھازىرچە بارلىق ئىشلارغا ئۆزىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ ئىسىم كارتوچكىسىنى بەردى. ئاندىن ئۇ خادىملارغا: «ئالىم مۇئەللىم شىنجاڭدىن ئالاھىدە شىركىتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇيغۇرچە OCR غا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ئوبدان سورىۋېلىڭلار، بولمىسا، سىلەرنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىمەن، ئالىم مۇئەللىم، بىز سىزنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزنى ئاڭلاشقا تەييار بولدۇق»-دېدى. قىززىق يېرى مەن ئىسىم كارتوچكىسىدا خەنزۇچە ئالىم ئەھەت (دېرىكتور) دەپ يازساممۇ، ئۇلار مېنى ئىزچىل «ئالىم مۇئەللىم (阿老师)»-دەپ چاقىرىپ تۇردى. قارىغاندا، ئۇلار دېرىكتورنى چوڭ بىلمەي، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسىنى چوڭ بىلەمدىغاندۇ؟ ياكى تېخنىكىلىق جەھەتتە ئۇلارغا لېكسىيە سۆزلەپ بېرىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ، مۇئەللىم دەپ تۇرىۋالدىمۇ ھېچ بىلمىدىم.

ھەرپ-بەلگە پەرقلەندۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقىمۇ يىغىنغا قاتناشتى، بىز شۇنداق قىلىپ سۆھبەتنى باشلىۋەتتۇق. مەن بارلىق تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويدۇم، ناھايىتى قىزغىن پاراڭلاشتۇق، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دەپتىرىگە ئالدىن تەييارلىۋالغان سوئاللىرى بويىچە سوئال سوراشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ سىناق مەھسۇلاتىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ، ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرغا قويدۇم، ئۇلارمۇ خۇددىي ئوقۇغۇچىلاردەك دەپتەرلىرىگە خاتىرە قالدۇردى. مېنى تەسىرلەندۈرگەن يېرى ئۇلارمۇ بىر يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنى خېلە تۇنۇيدىغان بولۇپتۇ، ئەمما، ئۇيغۇر-يېزىقىنى تېگىدىن چۈشەنمىگەن بولغاچقا، ھەر بىر مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويغاندا، ناھايىتى كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ باردۇق. ئۇلارغا نىسبەتەن قىيىن ئىش سۆزلەرنىڭ ئىچىدىكى تۇتاش بۆلەكنى ئايرىش (يەنى سۆز ۋە تۇتاش بۆلەك چېگرىسىنى بېكىتىش) ۋە ئاخىرقى نەتىجىگە نىسبەتەن ئىملا تۈزىتىش ئىكەن. بۇ ماڭا نىسبەتەن بەكلا ئاددىي ئىش ئىدى، لېكىن، ماڭا نىسبەتەن قىيىن ئىش ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى بىر-بىرىدىن ئاجرىتىش ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى بىر-بىرىدىن ياخشى ئاجرىتىپتۇ، لېكىن، بىرىكتۈرگەندە سۆزنىڭ ئىملاسىدا مەسىلە كۆرۈلىدىكەن. گەرچە يەككە ھەرپلەرنى پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى %98 گە يەتسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى بىرىكتۈرگەندە ھاسىل بولغان سۆزنىڭ ئىملاسىدا خاتالىق كۆپ ئىكەن. ئومۇمىي پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى %60 دىن %70 غىچە بولىدىكەن، بۇنى پەقەت ئىملا تەكشۈرۈش ئارقىلىق (بولۇپمۇ سۆز ۋە ھەرپنىڭ چاستوتاسىغا ئاساسەن، ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى بۇيىچە) ھەل قىلغاندا، %90 دىن يۇقىرى قىلىشقا بولىدۇ، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى ئارقىلىق سىناق نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولدى. بەتنى ئاپتۇماتىك تۈزلەش، داغ نۇقتىلارنى چىقىرىپ تاشلاش قاتارلىق ئالاھىدىلىكى ئۈچۈن، ئەسلىدىكى خەنزۇچە OCR نىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىپتۇ، ناۋادا، ئىملا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغاندا، پەرقلەندۈرۈش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ قولدا ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدىكەن

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر بىر قۇر كەينىدە قۇر ئايرىش بەلگىسىنى سۈكۈتتىكى ھالەتتە (ئىلگىرىكى قاتتىق قۇر ئايرىش بەلگىسىنىڭ ئورنىغا) يۇمشاق قۇر ئايرىش بەلگىسىگە ئالماشتۇرۇش، «س» بىلەن «ى»، «ل» بىلەن «ى»، «ا» بىلەن «1» قاتارلىقلارنى توغرا پەرقلەندۈرۈشتە ھەقىقەتەنمۇ سۆزلۈك ئامبىرى ۋە ئىملا تەكشۈرۈش تېخنىكىسىغا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى تولۇق ھېس قىلدى. مەن ئەينى ۋاقىتتا «ئۇيغۇرچە كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالى» ھەققىدىكى ماگىستېرلىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى ئوقۇغاندىنمۇ كەسكىن مۇنازىرە بولدى. تېخنىكىلىق سۆھبەت ئىككى يېرىم سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى. چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولاي دېگەندە، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىكى بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن كۆرۈشىدىغان ئىشىمنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ خوشلاشتىم. ئۇلار رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇپ قويايلى دېيىشتى، ئاندىن ھەممىسى 1-قەۋەتكە چۈشۈپ ئۇزۇتۇپ قويدى.


مەن شۇنداق قىلىپ بۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتالدىمۇ مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلدىم، خەنۋاڭ شىركىتىنىڭ ھەرپ-بەلگە پەرقلەندۈرۈش جەھەتتىكى تېخنىكىسى ناھايىتى ئىلغار، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭمۇ ئۇيغۇرچە تىل-يېزىققا مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتاللاردا تىكلىگەن ئاساسىي ئىنتايىن پۇختا، شۇنداق قىلىپ ، ئۇيغۇرچە (قازاقچە ۋە قىرغىزچە) يۇمشاق دېتال ساھەسىدە ئۇزۇندىن بېرى تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان بۇ تېخنىكا ئاخىرى ھەمكارلىق ئاساسىدا ياخشى ئۈنۈم بەردى. كۆڭلۈم ئىنتايىن ئارام تاپتى.

جۇڭگۈەنسۈن يۇمشاق دېتال باغچا رايونىغا دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق يۇمشاق دېتال كارخانىلىرى توپلاشقان ئىكەن، خەنۋاڭ شىركىتىدىن ئايرىلىپ ئالدىدىكى چوڭ يولغا كەلسەم، Baidu شىركىتىنىڭ بىناسى كۆرۈندى. قارىغاندا بۇ يەر يېقىن كەلگۈسىدە، دۇنيادىكى 2-كىرىمنىي جىلغىسى بولۇپ قالغۇدەك.

OCR توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما:


يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
47 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • خەنۋاڭ ھەقىقەتەن ياخشى قىلىۋاتىدۇ ھازىر. مەنمۇ ئادەتتە شۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىمەن.مەنمۇ بۇرۇن مۇشۇ ھەقتە كۆپ ماتىريال كۆرگەن. لىكىن بازار يوق دەپ كىيىن قويۇپ قويغان.
    ئالىم مۇئەللىم ئۇلارغا بىزدە مەتبۇئاتتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر نەچچە خەت نۇسخىسى ۋە ئىملا (بولسا جۈملە) ئامبىرى تەمىنلەپ بەرسە پەرىقلەنگەندىن كىيىنكى تېكىستنىڭ ئاپتوماتىك توغىرلىنىش(OCR تېخنىكىسىنىڭ 4- باسقۇچى، ھەم مۇھىم باسقۇچى) نىسبىتى كۆپ ئاشىدۇ. ئۇيغۇر تېخنىكلارغا ئىھتىياجلىق بولسا بېيجىڭدىمۇ كومپيۇتېر كەسىپنىڭ بالىلىرى خىلى كۆپ، شۇلارغا تەشەببۇس قىلىپ قويسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى am 08:51
    • بۇ نەرسە ئەسلىدە 5-6 يىلنىڭ ئالدىدا بولغان بولسا، بازىرى تېخىمۇ كۆپ بولار ئىدى، ئۇيغۇرسوفتقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن پايدىسى بولمىسىمۇ، شۇنداقتىمۇ مەن ئۇلارغا بىر يىلدىن بۇيان نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەمىنلەپ بەردىم، ئۇيغۇرچىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق تېخنىكىلىق مەسىلە قالمىدى،
      ئۇلارمۇ ھازىر شەخسلەرنىڭ سېتىۋالمايدىغانلىقىنى، بازارغا سالسا زىيان بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئۇيغۇرچە OCR يۇمشاق دېتالىدا يىلدا مىليون پۇل تاپسىمۇ زىيان بولارمىش. شۇڭا، ئۇلار قىممەت سېتىش ۋە مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن ئىدارە-ئورگانلارنىڭ بۇ نەرسىگە زادى قانچىلىك ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا بازار تەكشۈرۈش قىلىۋاتىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى am 10:31
  • بۇ دىتالغا بەلكىم ھازىرچە شەخىسلەرنىڭ ئېھتىياجى چۈشمەسلىكى (بەلكىم چۈشسىمۇ دىتالنىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقى تۈپەيلى قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.) ئەمما بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ ئازراق ئىقتىسادىي ياخشىلىنىش بولسا، چوقۇم بۇ دىتالنى سېتىۋالىدىغانلار چىقىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئەڭ ياخشىسى باھانى بىراقلا يۇقىرى قىلىۋەتمەي، ئىدارە-ئورگان نۇسخىسى ۋە شەخسلەر نۇسخىسى دەپ ئىككى خىل چىقارسا، شەخسلەر نۇسخىسىنىڭ باھاسىنى نىسبەتەن تۆۋەنرەك قىلسا مېنىڭچە چوقۇم ئالىدىغانلار چىقىدۇ. ئەمىلىيەتتىغۇ خەنۋاڭنىڭ مەھسۇلاتى تىگىدىن قىممەت. بۇ ئىچكىرىگە نىسبەتەن قىممەت بىلىنمىگەن بىلەن، رايۇنىمىزغا نىسبەتەن خېلىلا قىممەت ھېسابلىنىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 20:33
  • تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ جۇغراپىيە دەرسىدە مۇئەللىم :«جۇڭگونىڭ كرېمنىي جىلغىسى – جۇڭگۈەنسۈن» دەپ سۆزلىگەنىدى. بېيجىڭدىكى ئاشۇ كۈنلەردە بۇ جايغا قەدەم ئېلىپ باقماپتىكەنمەن. ئەمدى پۇرسەت بولۇپ قالسا بېرىپ باقمىسام.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 23:05
  • ئۇيغۇرچە OCR نى نەچچە يىل بۇرۇن شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى بىلەن چىڭخۇا ئونۋېرسىتىتى بىرلىكتە تەتىقىق قىلىپ بازارغا سالغان ئىدىغۇ؟ شىنخۇا كىتابخانىسىدا كۆرگەن ئىدىم باھاسى 268سوم…

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى am 01:41
    • شۇنداق، ئۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تەتقىق قىلغىنى، ماۋۇ بولسا، خۇسۇسىي شىركەتنىڭ ھەمكارلىقىدىكى مەھسۇلات، ئوخشاش ئەمەس.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:24
  • مۇرەككەپ، چاپاق ئارقا كۆرۈنۈشلۈك تىكىست رەسىملىرىدىكى خەتنى تونۇتۇشتا خەنۋاڭ بوپ قويىدۇ. ھەر-ھەر چاپاق خەنزۇچە خەتلەرنىمۇ توغرا تونىيالايدۇ تېخى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 14:05
    • شۇنداق، ئۇيغۇرچىمۇ ھازىر شۇنداق ياخشى سەۋىيەگە ياتتى، دۆلەت ئىچىدە OCR تېخنىكىسىدا خەنۋاڭغا يېتىدىغانلار يوق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:20
  • شىنجاڭدىمۇ سەركە شىركىتىغۇ دەيمەن.
    ئۇيغۇرچە سكەننىرلەش سېستىمىسىنى بازارغا سالغان.
    بىز مەكتەپكە سېتىۋالغان ئىدۇق. لېكىن خىزمەت بەك ئالدىراش بۇلۇپ كېتىپ، تۈزۈكرەك سىناپ ئىشلىتىشكە پۇرسەت چىقىغان ئىدى.
    مېنىڭچە بۇنى سېتىۋالىدىغانلار چوقۇم چىقىدۇ.
    ھېچبولمىغاندا، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتالنى قوللاش يۈزىسىدىن ۋە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسىمۇ، سېتىۋېلىشىمىز كېرەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى am 01:48
  • بىزمۇ سەركە شىركىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان ئۇيغۇرچە باسما يېزىق پەرقلەندۈرۈش سىستىمىسىنىڭ 200 نەچچە يۈەنلىكىنى سېتىۋالغان ، تونۇش ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمەسكەن شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا تونۇتقۇچە قولدا باسقان تېزرەك ھەم كۈچ تېجەيدىكەن دەپ تاشلاپ قويدۇق .
    لېكىن مېنىڭ ئەڭ ئاچچىقىم كەلگىنى : دېتالنى ياساپ سېتىۋىلىپلا ، كېيىنلىكىگە ئىگە بولمىغىنى ، ئۇلار دېتالنىڭ دەسلەپكى نەشىرىنى تارقىتىپ ھازىرغىچە نەچچە يىل ئۆتتى بىراق ھېچقانداق يېڭىلاش، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئىشىنى ئىلىپ بارمىدى يەنى بۇرۇن قانچىلىك دەرىجىدە ياسىغان بولسا ھازىرمۇ شۇ سەۋىيىدە دېگەن گەپ. قىسقىسى مەن ئېلىپ رازى بولمىدىم.
    مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا يەنىلا خەنۋاڭدەك شەخسى شىېركەتلەر ياسىغىنى ئىشەنچىلىك ئوخشايدۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى am 09:56
  • مىنىڭچە ئۇيغۇرچە يېزىقنى كومپيوتېرغا تونۇتۇش تېخنىكىسى OCR ئۇنداق بىز ئويلىغاندەك ئالەمشۇمۇل مۇرەككەپ تېخنىكا ئەمەس ، مىنىڭچە ئەرەپلەرمۇ بۇ مەسىلىگە خېلى بۇرۇنلا يۇلۇققان ھەمدە ھەل قىلىپ بولغان ، دىمەك بىزنىڭكىنىڭمۇ چوڭ چاتاق يوق. لىكىن مەن ئويلايمەن، ئەگەر شۇنداق كۆپ كىتابنى كومپيوتېرغا تونۇتىدىغان ئىش بولسا يېڭى يېزىىق دەۋرىمىزدىكىنى ئىنگىلىزچە OCR ئارقىلىق ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ. قوغۇشۇن مەتبەئە تېخنىكىسى ئەمەلدىن قالغاندىن تارتىپ كومپيوتېردا بەت تۈزۈش تېخنىكىسىغا ئۆتۈپ كەتتى. دىمەك تېخنىكا يېڭىلانغاندىن كىيىنكى دىيارىمىزدا چىقىرىلغان ھەرقانداق كىتابنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسى نەشىرىياتتا ھەم باسمىخانىلاردا تەييار بار. دىمەك بىزگە بەك لازىم بولۇپ كەتتى دىگەن تەقدىردىمۇ شۇ بىر مەزگىلدىكى ئاز بىر قىسىم يېڭى يېزىقدا نەشىر قىلىنغان كىتابلارنى كومپيوتېرغا تونۇتۇشتا ئالىم مۇئەللىم دىگەن ھازىرقى تېخنىكا كىتىشى مۇمكىن. لىكىن بۇنىڭغا كەتكەن زور مەبلەغنى خەت ئۇرىدىغانلاغا بەرسەك بىردەمدىلا ئۇرۇپ بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. لىكىن تېخنىكىنىڭ ھەل بولۇش بولماسلىقى ھەم مۇشۇ ساھانىڭ بوش بولۇپ قالماسلىقىنى ئويلىساق ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە OCR تەتقىق قىلىپ باقساق بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 19:49
    • ئەرەپچە-ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ قۇر ئورنىنى بىكىتىش ئاسان ، سۆزلەرگە ئاجىرىتىشمۇ ئاسان. ئەڭ تەس قىيىن نوقتا ئۇلىنىپ كەلگەن خەتلەرنى ھەرپلەرگە ئاجرىتىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قەدەم خەتنىڭ ئەتراپىدىكى شاۋقۇنلارنىڭ تەسىرىگە بەك ئاسان ئۇچرايدۇ. بەلگىلىك مۇقىم ساندىكى ھەرپلەرگە ئاجرىتىۋالغاندىن كىيىنلا AN,HMM,SVM,EM دىگەنلەرنىڭ خالىغىنىنى مەشىقلەندۈرۈپ قويسىلا بولدى. ئەرەپچە OCR مۇ تېخى بەك مۇكەممەللىشىپ كەتكىنى يوق، ياخشى تونۇيدىغان OCR سوفتتىن بىر-ئىككىسىلا بار. قوليازما OCR سى تېخى يوق. قىزىقىدىغان بالىلار يەنىلا تەتقىق قىلىپ قويسا بولىدۇ، كىيىن ئەرەبىستاندىن بازار چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 12:51
  • بۇ تور بەت firefox تور كۆرگۈچىدە نورمال كۆرۈنمىدىغۇ؟ firefox نىڭ (选项) دىكى تەڭشەيدىغان يىرىنى ئەلكاتىپ تور خەت نۇسخىسىغا تەڭشىسەممۇ پەقەت مۇشۇ توربەتلا خەتلىرى ئەرەپچىگە ئوخشاش چىقىۋالدى، باشقا تور بەتلەر نورمال. كومپيوتېرغا ئەلكاتىپ 5.5 نۇسخىسىنىڭ ھەقسىز نۇسخىىسىنى قاچىلغانتىم بولمىسا. بۇيەرگە شۇ ئەھۋالىنى كىسىپ يوللاي دىسەم يوللىغىلى بولمايدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 21:39
    • كومپىيوتېرىڭىزغا ukij tuz tom بىلەن alpida unicode system خەت نۇسخسىنى قاچىلۋالسىڭىز ئوڭشىلىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 17:16
  • ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن، ئالىم مۇئەللىم.
    خەنۋاڭدا ئىشلەيدىغان بىر ئۇيغۇر بالىنى تونۇيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 20:31
  • جاپا چەكتىڭىز ئالىمكا

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 17:16
  • مەنمۇ سەركە شىركىتى بىر نەچچە يىل بۇرۇن بازارغا سالغان ئۇيغۇرچە OCR نى سېستىۋالغان ئىدىم ، ئۇلار بۇ سېستىمىنڭ تونۇش نىسبىتى %98 كە يەتتى يەتتى دەپتىكەن ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسكەن ، ئۇنىڭدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەن ……
    خەنۋاڭ شىركىتى ئۇيغۇرچە OCR نى بازارغا سالسا باھاسى مۇۋاپىق بولغاندا سېتىۋېلىپ كۆرۈپ باقساق بولغىدەك .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 13:18
  • ئالىم مۇئەللىم سىزدىن سوراپ باقسام : مەنمۇ سىز ياسىغان ئەل كوررىكتورىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن ، مۇمكىن بولغاندا ئەل كوررىكتورىدا گىرامماتىكىلىق خاتالىقنى تەكشۈرىدىغان ۋە تۈزىتىدىغان ئىقتىدارنى قوشقىلى بولارمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 13:21
  • ئالمكا، سىز دىن سورىسام ،كۆچمە خەۋەرلىشى شىركىتنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل قاچلاش ماشىنىسدىكى ئويغۇرچە خەتلەرنىمۇ سىلەر كىرگۈزگەنمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 14:05
  • بولسا خەنۋاڭنىڭ ئورگان تورىنىڭ ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 13:15
    • ئادرېسىنى بىۋاسىتە قالدۇرۇپ قويۇشتىن، سىزنى توردا بىر نەرسە ئىزدەشنى مەشىق قىلىۋالسۇن دەپ
      http://www.google.com
      http://www.baidu.com
      نى قالدۇردۇم، 汉王 دەپ يېزىپلا ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز، ئىزدەش ماتورىدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 14:34
باھا بېتى: 1 2