نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Dashboard يەنى 仪表盘 نېمە دەيمىز؟

[ ئاتالغۇلار ]

بىز ماشىنا ھەيدىگەندە پات-پات مۇشۇ يەردىكى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرگە قاراپ قويىمىز، ئەمما، بۇ نەرسە ئەسلىدە ئات ھارۋىسىدىمۇ بار ئىكەن (رەسىمگە قاراڭ). شۇڭا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇنى چوقۇم يەرلىك تىلدا ئاتاپ باققان بولۇشى مۇمكىن. ئىنگلىزلار بۇ ئاتالغۇنى ھازىر كومپيۇتېر ساھەسىگىمۇ ئېلىپ كىرىپتۇ، «Windows دۇكىنى»دىمۇ ئۇچرايدۇ. سىلەرچە قانداق دېسەك بولار؟

نەشردىن چىققان خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە كەسپىي لۇغەتلەردە 仪表盘 نى پىرىبور تاختىسى دەپتۇ، ھازىر مۇشۇنداق غەيرىي تەرجىمە ئاتالغۇنى كۆرسەم بېشىم سەل ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنى يەنە باشقا بىر يات مىللەتنىڭ تىلىدا ئاتىغاندىن كۆرە، ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە نامى بويىچە «داشبورد» دېسەك بولىدۇ، خۇددىي ھېسابلاش ماشىنىسى (ئەرەبچە+رۇسچە) دېمەي كومپيۇتېر (ئىنگلىزچە) دېگەندەك. ياكى بولمىسا باشقا مىللەت تىلىدا بەك دېگۈمىز كېلىپ كەتسە، باشقا يات تىلغا قارىغاندا بىزگە سەل چۈشىنىشلىك ئاڭلىنىدىغان تىلدا يەنى «يى بياۋ پەن» (仪表盘) دېسەك ياخشى ئەمەسمۇ؟!(چاقچاق)، لېكىن، بەزىلەر شۇنداق دەپ ئىشلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ھازىرچە بۇنى قويۇپ تۇرايلى.

بۇ ئاتالغۇ «كومپيۇتېر» دېگەندەك ئۇنداق كەسپىي ئاتالغۇ ئەمەس، ئات ھارۋىلاردىمۇ بار ئىكەن. ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ بۇ نەرسىگە نەچچە يۈز يىل بۇرۇن ئىسىم قويغىنى ئېنىق. قېنى بىلىدىغانلار تەلىم بەرگەيسىلەر، ناۋادا يېڭىچە ئاتاش ئومۇملاشقان بولسا، دەپ بېقىڭلار.

كومپيۇتېر ئېكرانىدا كۆرۈلگەن تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەممىسى dashboard بولىدۇ

ئۇچۇر تاختىسى، باشقۇرۇش تاختىسى، كۆرسەتكۈچ تاختا، كۆرسەتمە تاختا، باش تاختا، غول تاختا،…دېگەندەك نامزات سۆزلەرمۇ بار، سىزنىڭ پىكىرىڭىز قانداق؟

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
133 پارچە باھا يېزىلدى
  • بۈگۈن ئەرەبلەر «لوحة المعلومات» دەپ تەرجىمە قىلىپتۇ، ئۇيغۇرچە مەنىسى «مەلۇمات تاختىسى» دېگەنگە يېقىن كېلىدۇ، خەنزۇچە، تۈركچە، ئۆزبېكچە ياكى قازاقچىغا تېخى تەرجىمە قىلىنماپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 23:11
  • ئېنىقلىمىسىغا قارىغاندا، Windows دۇكىنىدىن ئەپ سېتىۋالغاندا ياكى چۈشۈرگەندە، ئەڭ ئاخىرقى جەزملەشتۈرۈش مەشغۇلاتنى ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، سېتىۋالغان نەرسىلەرنى چۈشەندۈرىدىغان(مەسىلەن: نامى، قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى، ياسىغان ئورۇن، باھاسى،…دېگەندەك) ئۇچۇرلار كۆرسىتىدىغان رامكا (Panel) (ياكى تاختا) ئىكەن. قارىغاندا، «مەلۇمات تاختىسى» (ياكى رامكىسى) بىر قەدەر يېقىن كېلىدىغاندەك قىلامدۇ-نېمە؟ سىلەرنىڭ پىكرىڭلار قانداق؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 23:17
  • مەن «كۆرسەتكۈچ تاختا»دېگەننى مۇۋاپىق دەپ قارىدىم.
    ماشىنىدا بۇيەردىكى ئۇچۇرلار تىزلىك، تېىمپىراتورا، ماي، ماتورنىڭ ئايلىنىشى قاتارلىقلارنى كۆرستىدۇ . ئىشلىتىلىشىگە قارىغاندا «كۆرسەتكۈچ تاختا»دېگەن سۆز بىر قەدەر مۇۋاپىق بۇلارمىكىن دەيمەن.
    ئىمكانىيەت بولسا win8نىڭ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سۆەت بولسا قوشۇپ يوللاپ قويسىڭىز. پىكىر يۈرگۈزۈشكە قولايلىق بولاتتى.

    «مەلۇمات تاختىسى» دېگەن سۆزمۇ مۇۋاپىق بولغۇدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى am 00:27
  • ‹مەلۇمات تاختىسى› بولىدىغاندەك قىلىدۇ. مەن تۆۋەندىكىلەرنى تاپتىم:
    مەلۇماتچى
    ئېلتاختا(ئېلىكتىرونلۇق تاختا)
    سان تاختىسى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى am 08:40
  • ئېنىقلىمىسىغا قارىغاندا، Windows دۇكىنىدىن ئەپ سېتىۋالغاندا ياكى چۈشۈرگەندە، ئەڭ ئاخىرقى جەزملەشتۈرۈش مەشغۇلاتنى ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، سېتىۋالغان نەرسىلەرنى چۈشەندۈرىدىغان(مەسىلەن: نامى، قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى، ياسىغان ئورۇن، باھاسى،…دېگەندەك) ئۇچۇرلار كۆرسىتىدىغان رامكا (Panel) (ياكى تاختا) ئىكەن. قارىغاندا، «مەلۇمات تاختىسى» (ياكى رامكىسى) بىر قەدەر يېقىن كېلىدىغاندەك قىلامدۇ-نېمە؟ سىلەرنىڭ پىكرىڭلار قانداق؟
    =================================
    مۇئەللىم ،سىز بىزگە خاتا ئۇچۇر بېرىپ ،قايماقتۇرۇپسىز.
    ئەگەر مۇشۇنداق يەرگە ئىشلىتىدىغان سۆز بولسا مىنىڭچە «ئۇچۇر رامكىسى»،«مەلۇمات رامكىسى»دىگىنى ياخشىمىكىن دەيمەن ،«تاختا» دىگەننىڭ ئورنىغا «رامكا »دەپ ئالسا بۇلامىكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى am 10:13
    • Control Panel نى كونترول تاختىسى دەپ ئېلىپتىكەنمىز، 3-ئايدا توردا پىكىر ئالغاندىمۇ، مۇشۇ ئاتالغۇغا مەركەزلەشكەن ئىدى. چوڭ يەرلەردە تاختا، كىچىك يەرلەردە رامكا دەپمۇ ئالغان، مەسىلەن: Search Panel، Reading panel دېگەندەك. ماۋۇ خېلە چوڭ نەرسە.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى am 11:17
  • http://www.izdinix.com/showpost.aspx?ThreadID=49406
    بىزنىڭ بوكسىر ماھىيىرىمىزنى تىلى مۇڭغۇل دەپ يىزىپتۇ،بولسا ئۇ تورغا خاتالىقنى ئەسكەرتىپ يوللاپ قويساق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى am 10:29
  • مىنڭچە ‹‹ مەلۇماتچى ›› دىسەك سەل ئىخچام ھەم چۈشنىشلك بولغىدەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى am 11:18
  • Windows Vista دىن باشلاپ، ئېكراننىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئومۇمىي نامى gadget دەپ ئاتىلىدىغان سائەت، كالېندار، رەسىم كۆرگۈچ، CPU نىڭ تېمپىراتۇرىسى، چاپلاق خاتىرە(stick) قاتارلىق قوراللارنى خالىغانچە قوشۇپ قويغىلى بولىغان بىر ئىقتىدار قوشۇلغان بولۇپ ئىقتىدار قوشۇلۇلغان بولۇپ، بۇ قوراللار gadget دەپ ئاتالغان ئىدى. بۇ قوراللار خۇددى Android سىستېمىلىق تېلېفونلاردىكى ئېكرانغا چىقىرىۋالىدىغان(سائەت، ھاۋارايى، ھەر خىل تەڭشەكلەر) widget-小部件 غا ئوخشاش ئوخشايدۇ دەپ چۈشەندىم. Mac OS تىمۇ dashboard دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىقتىدار بولۇپ، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى dashboard كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن، widget دەپ ئاتىلىدىغان ھەرخىل بىرلىك ئايلاندۇرغۇچ، تەرجىمە قىلغۇچ، RSS ئوقۇغۇچ، كىچىك ئويۇنلار چىقاتتى(Mac OS تا دېيىلگەن dashboard بولسا widget لارنى قويىدىغان قاچا ئورنىدىكى بىر پۈتۈن ئېكران).
    http://v.youku.com/v_show/id_XMzkxMzY2MA.html
    يۇقىرىقى چۈشىنىشلىرىمگە قارىغاندا مېنىڭچە بولسا «قورال تاختىسى» دەپ ئېلىش مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 15:37
    • «قورال تاختىسى» دىسە تازا قاملاشمامدۇ نىمە؟ مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە «قورال» دېگەن بىز شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مەلۇم بىر ئىشلارنى قىلىساق ئاندىن ئۇ بىر قورال بولىدۇ. ئاۋۇ نەرسىلەرنىڭ ئىقتىدارىدىن كۆرىۋىلىشقا بولدىكەنكى مەلۇم سانلىق مەلۇماتلارنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىدىكەن، مېنىڭچە «مەلۇمات تاختىسى» بىر قەدەر مۇۋاپىق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى am 05:06
  • google ھېساباتىمىز بىلەن https://www.google.com/dashboard/ غا تىزىملىتىپ كىرسەك، ھېساباتىمىز ئارقىلىق ئىشلىتىۋاتقان google نىڭ بارلىق مۇلازىمەتلىرىنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالى(ئۇچۇرلىرى) چىقىدىكەن.
    دېمەك بىزنىڭ google مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىمىزدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرەلەيدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 15:52
  • ئالىم مۇئەللىم ، بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر مەسىلىنى سۇراپ باقاي :
    uighur بىلەن uyghur ئوخشاشمۇ؟

    Microsoft Uighur دىگەن خەت نۇسقىسدا نىمە ئۇچۇن uighur دەپ ئېلنىپ قالدى؟
    win8 نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىردە uyghur دەپ دەپ ئېلىنغاندەك قىلغانغۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:30
  • مەن ھازىر win8 كۇرۇپ بېقىش نەشىرىنى ئىشىلتىۋاتمەن، ئالىم مۇئەللىم ،سىز دەۋاتقان بۇ نەرسىلەر 桌面 دا تۇرۇپ تىزگىنەك ئوڭ تەرەپنى چەكسەك چىقدىغان 小工具 دە چىقدىكەنغۇ؟

    مىنىڭچە ئۇنى خەت مەنىسگە ئاساسەن مۇۋاپىق تەرجىمە قىلالمىساق ئۇزىمىز بىر قاراپ چۇشنەلايدىغان ئىسىم قويساقمۇ بۇلدىغۇ. مەسلەن android تا مۇشۇنداق نەرسىلەرنى 小部件 دىگەندەك ناملار بىلەن ئالىدۇ. شۇڭا بىزمۇ مۇشۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرۇپ ئاتساق خاتالاشمايمىز.
    مىنىڭ بۇ ئاتالغۇغا بولغان پىكرىم:
    قۇرال، زاپچاس،مەلۇمات….
    رەسىمدە كۆرسىتىلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مەلۇم نەرسىدىن تېز مەلۇمەت بىردىكەن ، مەسلەن ۋاقىت . ھاۋارايى ، كالىندار …. ئۇلارنىڭ مۇشۇ خۇسۇسىيتىنى تۇتساق بۇمۇ ھەل بوپ قالدۇ،

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:01
  • ئۇنى تىل -يىزىق كومىتىدىكىلەر يىزىپتىكەندە!~
    تىل -يىزىق كومىتىتىنىڭ تورىنى ئارلاۋىتىپ يىڭى يىزىق بىلەن كونا يىزىقنى ئۆزئارا ئۆزگەرتىش توغرسىدا بىر ھۆججەت كۆرۈپ قالدىم .بۇنىڭغا ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم بىلەن مىرسولتان ئوسمانوف مۇئەللىم قاتنىشىپتىكەن.بۇ دىتالنى بۇرۇن مەن ئشلىتىپ كۆرگەن ئىدىم .بۇنى دىتالنى ئشىلەپ چىقىرىشتىكى سەۋەپ نىمە؟چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى am 10:06
  • تەرجىمە ئاتالغۇغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار بەك كۆپ بولۇپ كەتتى، سەل مۇۋاپىق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 12:03
  • شكال تاختا دىگەن سۆزنى كىچكىمدە كوپ ئاڭلىغان ئەسقىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 12:10
  • ئالما كومپيۇتېرنىڭ Mac OS مەشغۇلات سېستىمىسىدىمۇ مۇشۇنداق بىر نەرسە بار. يەنى كونوپكا تاختىسىدىكى F4 كونوپكىسىنى بېسىپ Dashboard قا كىرەلەيمىز. بۇ يەردىكى Dashboard ماھىيەتتە ئارقا تەگلىك. يەنى ئۇنىڭغا سائەت، ھېسابلىغۇچ، قەغەز(بىر ئىشلارنى خاتىرلەپ قويىدىغان)، پايچەك كۆرسەتكۈچ، لۇغەت…دېگەندەكلەرنى قويغىلى بولىدۇ. يوقاپ كەتمەيدۇ. ئەمدى ئاتالغۇغا كەلسەك ئۇيغۇرچە Dashboard قا يېقىن قىلىپ تاشتاختا (تاش+تاختا) دەپ ئاتىساقمۇ يېقىشلىق بولغۇدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 14:16