Dashboard يەنى 仪表盘 نېمە دەيمىز؟
[ ئاتالغۇلار ]بىز ماشىنا ھەيدىگەندە پات-پات مۇشۇ يەردىكى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرگە قاراپ قويىمىز، ئەمما، بۇ نەرسە ئەسلىدە ئات ھارۋىسىدىمۇ بار ئىكەن (رەسىمگە قاراڭ). شۇڭا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇنى چوقۇم يەرلىك تىلدا ئاتاپ باققان بولۇشى مۇمكىن. ئىنگلىزلار بۇ ئاتالغۇنى ھازىر كومپيۇتېر ساھەسىگىمۇ ئېلىپ كىرىپتۇ، «Windows دۇكىنى»دىمۇ ئۇچرايدۇ. سىلەرچە قانداق دېسەك بولار؟
نەشردىن چىققان خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە كەسپىي لۇغەتلەردە 仪表盘 نى پىرىبور تاختىسى دەپتۇ، ھازىر مۇشۇنداق غەيرىي تەرجىمە ئاتالغۇنى كۆرسەم بېشىم سەل ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنى يەنە باشقا بىر يات مىللەتنىڭ تىلىدا ئاتىغاندىن كۆرە، ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە نامى بويىچە «داشبورد» دېسەك بولىدۇ، خۇددىي ھېسابلاش ماشىنىسى (ئەرەبچە+رۇسچە) دېمەي كومپيۇتېر (ئىنگلىزچە) دېگەندەك. ياكى بولمىسا باشقا مىللەت تىلىدا بەك دېگۈمىز كېلىپ كەتسە، باشقا يات تىلغا قارىغاندا بىزگە سەل چۈشىنىشلىك ئاڭلىنىدىغان تىلدا يەنى «يى بياۋ پەن» (仪表盘) دېسەك ياخشى ئەمەسمۇ؟!(چاقچاق)، لېكىن، بەزىلەر شۇنداق دەپ ئىشلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ھازىرچە بۇنى قويۇپ تۇرايلى.
بۇ ئاتالغۇ «كومپيۇتېر» دېگەندەك ئۇنداق كەسپىي ئاتالغۇ ئەمەس، ئات ھارۋىلاردىمۇ بار ئىكەن. ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ بۇ نەرسىگە نەچچە يۈز يىل بۇرۇن ئىسىم قويغىنى ئېنىق. قېنى بىلىدىغانلار تەلىم بەرگەيسىلەر، ناۋادا يېڭىچە ئاتاش ئومۇملاشقان بولسا، دەپ بېقىڭلار.
كومپيۇتېر ئېكرانىدا كۆرۈلگەن تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەممىسى dashboard بولىدۇ
ئۇچۇر تاختىسى، باشقۇرۇش تاختىسى، كۆرسەتكۈچ تاختا، كۆرسەتمە تاختا، باش تاختا، غول تاختا،…دېگەندەك نامزات سۆزلەرمۇ بار، سىزنىڭ پىكىرىڭىز قانداق؟
- يازما كۆرۈلۈشى: 26,775 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 07-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 21:21
- ئالدىنقى يازما :Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى 26-ئۆكتەبىر رەسمىي تارقىتىلىدۇ
- كېيىنكى يازما :Microsoft Outlook (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى
ھورۇن خوتۇننىڭ پايتمىسىدەك ئۇزۇن بوپ كەتسە بولمايدۇ…ئامال بار ئىخچام .ئېغىزغا كېلىدىغاننى ئىشلىتەيلى… مەن ئەزەلدىن ئات-ئېشەك ھارۋىلىرىدا ئۇنداق نەرسە كۆرمەپتىكەنمەن….پەقەت ئۈچ بۇرجەك ياغاچتىن ياسالغان نەرسە بار….بىزمۇ چوققا دەيمىز.
1.ماشىندىكىسى «سائەت تاختىسى»
2.كومپىيوتىردىكىسى «سائەت كۆزنىكى»،«ئۇچۇر كۆزنىكى»؟؟
سان كۆرسىتىدىغان سائەتلەرمۇ بار غۇ؟
مەن مۇشۇ «سائەت»نى بەك تەۋسىيە قىلىمەن ،بۇيەردىكى سائەت،ھەرگىز ۋاقىتتنى كۆرسىتىدىغان ۋاقىت سائىتى ئەمەس.كەڭ مەنىدىكى سائەت.
«سائەت تاختىسى»نىمىدىگەن چۈشكەن ھە!!!!
باشقا سۆزلەرنى «显示板»گە ئىلىپ قۇيايلى!~
بىراق مۇشۇ كالىندار،ھىساپلاش ئەسۋابى،ئىلخەتنىڭ بەلگىسى ،ئۇلارمۇ dashboard غا كىرەمدۇ؟
ئالىم ئەھەت ئاكا ، مەن كەلپىنلىك . بۇنى نەرسىنى تىپىك كەلپىن شىۋىسى بويۇچە ‹‹ چوقۇلاق ›› دەپ ئاتايمىز . مەنىسى ھارۋانىڭ باش قىسمى ، چوققىسى دىگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ . مەسىلەن ، ھارۋا بىلەن بازارغا مېڭىشنىڭ ئالدىدامۇنداق دىئالوگلار بولۇشى مۇمكىن :
ئاچىكا ، موندىۋى سومىكاڭنى ئەپكىلە ، ھارىۋىنىڭ چوقۇلۇقىغا ئېسۋاتاي ؛
( ھەدە ، سومىكاڭنى بېرە ، ھارۋىنىڭ بېشىغا ئسىپ قۇياي )
ئالتتا ئولتاغاندىكىن چوقۇلاقنى چىڭ تۇتۋاساڭ چۈپ كەتمەيسە ؛
( ئالدىدا ئولتۇرغاندىن كېيىن ، ھارۋىنىڭ باش قىسمىنى چىڭ تۇتىۋالساڭ ، چۈشۈپ كەتمەيسەن )
ئۇنۇككۇي ! ،ھېى كالۋا كەسەكنى چوقۇلاققچە بېسۋاتما ، ئىشەك تاتاممايتۇ ۋېكا ؛
( ھاياجانلىنىش ! ھەي ، كېسەكنى ھارۋانىڭ باش قىسىمىغىچە بېسۋەتمىگىن ، بولمىسا ئېشەك تارتالمايدۇ )
يۇقارقىلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، بۇ سۆز ‹‹چوقا›› دىگەن سۆزبىلەن ‹‹ لاق ›› دىگەن ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىنىڭ بىركىشىدىن تۈزۈلۈپ ھارۋىدىن ئبارەت قاتناش قورالىنىڭ باش قىسمىنى بىلدۈرىدۇ . بۇ سۆزكومپىيوتېردىكى مەنە ئېھتىياجىنى ئپادىلەشكە ماس كېلەمدۇ يوق ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم . شۇڭا تەھلىل قىلىپ باقسىڭز دەپ قارايمەن .
كۆپ رەھمەت! بۇنى بىلىۋالدىم
پىكىرنى تولىمۇ ئەتراپلىق بېرىپسىز، كۆپ رەھمەت.
قەشقەردە چوقاي دەپ ئاتايدۇ. مەسىلەن: ھارۋىنىڭ(ئىشەك ھارۋىسىنىڭ) چوقىيىنى چىڭ تۇتۇپ ئولتۇر، يىقىلىپ كەتمىگىن يەنە. دىگەندەك.
مېنىڭچە كۆرسەتكۈچ ئەسۋاپ تاختىسى دىسەك قانداق بولا؟ئەسلى بۇ تاختىغا ماشىندا سۈرئەت كۆرسىتىش ئەسۋابى، ماي كۆرسىتىش ئەسۋابى دىگەندەكلەر ئورنىتىلدىكەن.
ئستىرلكىسى بارلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ سائەت دىسەك بولىدۇ دەپ قارايمەن.مەسىلەن:توك سائتى،سۇ سائتى،بېسىم سائتى.(ئەمما سۈرئەت ئۆلچىگۈچكە تازا كەلمەيدىكەن،مەسلەن: سۈرئەت سائتى)
ئستىرلكىسى يوق ئەمما سان بىلەن كۆرسىتىپ بېردىغانلىرنى ئۆلچىگۈچ ،كۆرسەتكۈچ،كۆرسىتش تاختىسى،مەلۇمات تاختىسى دسەك بولارمىكى.
مەن «مەلۇمات تاختىسى»دىگەننى تەۋسىيە قىلىمەن،چۈنكى ئۆلچەنگەن قممەتلەر شۇ ئۆلچىگۈچ تەرپىدىن مەلۇم بولۇپ تۇردو.
،ەسكەرتمە تاكۆرسەتمە ..كۆۆرس ەتما تاختا ..
تېلفۇۇندا يازغان ىدىم
«دوسكا» دېسەكلا بولىدۇ،«دوسكا»غا خالىغان نەرسىنى يېزىپ ، خالىغان نەرسىنى چاپلاپ كۆرسەك بولىدۇ.كۆرسەتكۈچ تاختا، كۆرسەتمە تاختا دېگەنلەر ئەمەلىيەتتە شۇ «دوسكا»دىن ئىبارەت.قاتناش بەلگىلىرىنى كۆرسىتىدىغان تاختىمۇ شۇ.
ئەسلىدە، بۇ ئات ياكى ئېشەك ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ ، جىددىي توختىغاندا، ئۇچۇپ بېرىپ ، ئېشەك مىنىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان (توسىدىغان،تۇتۇۋالىدىغان)نەرسە بولۇپ ، پېقىر ياشىغان يېزا-قىشلاقلاردا بۇ خىل نەرسە ئۈچبۇلۇڭ شەكىللىك ياسىلىدىغان بولغاچقا ، «چوققا» دەپ ئاتىلاتتى.قالغىنىنى تورداشلار يېزا-سەھرالارغا بېرىپ ، چوڭلاردىن سوراپ باقسا مۇۋاپىق ، خوتەندە ئېشەك ھارۋىسىنىڭ ئادەتتە ئۇچبۇلۇڭ شەكىللك ، ئات ھارۋىسى (مەپە) نىڭ تىكتۆتبۇلۇڭ شەكىللىك بولىدۇ.بەلكىم ئاشۇ تىكتۆتبۇلۇڭ شەكىللىكنىڭ خاس نامى بولسا ، شۇ مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن.
دوسكا دىسەك بەك كەڭ مەنەنى ئىپادىلەپ كىتەمدۇ قانداق …
يەنىلا كۆرسەتكۈچ تاختا دىسەك …ياكى كۆرسەتكۈچ دىسەكلا بولامىكىن
Control Panel 控制面板 نىمۇ تىزگىن تاختا دىگەندەك ئېسىمدە. ما نەرسىنىمۇ شۇنداق دىسەك گەپلەر ئارىلىشىپ قالارمۇ؟
ئات ھارۋىسىدىكى نەرسە بولسا ئاتنىڭ پوق -سۈيدۈك ،ياكى ئاتنىڭ يۈگۈرىشىدىن ھاسىل بولغان پاتقاقلارنىڭ چاچىرىشىنى تۇساپ تۇرىدىغان نەرسە ئوخشايدۇ.ئەگەر شۇنداق بولسا بۇنىڭ بىلەن ماشىنا ئالدىكى سائەت تاختىسىنىڭ ماھىيەت جەھەتتە ئانچە مۇناسىۋىتى يوق.
بۇ يەردىكى ئوخشاشلىق پەقەت بۇ نەرسىنىڭ شوپۇرنىڭ ئالدىدا قۇيۇلغانلىقىدا.
كۆرسەتكۈچ تاختا
كۆرسەتكۈچ تاختا
بىز ئشىلەۋاتقان يەردە نۇرغۇن بىسىم ،تېمپىراتۇرا،ماددا ئىگىزلىكى،ئىغىرلىقى،ئېقىش مىقدارى ، قاتارلىق ئۇچۇرلارنى نەق مەيدانغا بارماي ئۆي ئىچىدىلا كۆرەلەيدىغان نۇرغۇن ئۆلچىگۈچ ئەسۋابلىرى بار .بىز مىللىيلار ئۇنى ئاددەتتە «سائەت» دەپ ئالىمىز .ئەلۋەتتە تۇلاراق خەنزۇچە ئاتايمىز .بۇ پەقەت ئومۇمىي ئاتىلىشى .شۇڭا ئۇنى «سائەت كۆرسەتكۈچ»ياكى «سائەت»دىسەكمۇ بۇلىدۇ.
كومپىتوتىر ساھەسىدىمۇ مۇشۇنداق ئالساقمۇ ياكى باشقىچە ئالساقمۇ بۇلىدۇ. مەسىلەن :كۆرسەتكۈچ،كۆرسەتمە تاختا ۋە ياكى سائەت تاختىسى دىگەندەك .
مېنىڭچە تىزگىن تاختا دېسەك مۇۋاپىق.
مەن بۇ ئاتالغۇنى بەيدۇ قامۇسىدىن ئىزدەپ باقسام، بۇ بىر ئىشلىتىلىش دائىرىسى ۋە تىپى بىر قەدەر كۆپ بولغان ئەسلىھەنىڭ ئاتالغۇسى ئىكەن. تۆۋەندە بەيدۇ قامۇسىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى بۇ يەرگە چاپلاپ قوياي، كۆپچىلىك كۆرۈپ بېقىپ ياخشىراق مۇلاھىزە قىلىپ باقساق بولغۇدەك، ئەسلى بۇ ساپ چىرايلىق ئۇيغۇرچە خەتلەر ئارىسىغا باشقا يېزىقلارنى چاپلىمىسام بولاتتى، ئەمما ماۋۇ بىر ئىلمىي مەسىلە بولغاچقا كۆپچىلىك توغرا چۈشەنگەيسىلەر:
简介
instrument panel 用于安装仪表及有关装置的刚性平板或结构件。 仪表盘
按型式分有屏式仪表盘、框架式仪表盘、通道式仪表盘、柜式仪表盘。 仪表盘可带外照明,亦可附接控制台,有各种形式及规格,可按需要安装各种仪表,亦可按需要将各种仪表盘组合成一个整体。 仪表盘有时亦是一个广义的词汇,包括盘、屏、柜、台、模拟(半模拟)盘等。
编辑本段汽车仪表盘
车门状态指示灯–显示车门是否完全关闭的指示灯。车门打开或未能关闭时,相应的指示灯亮起,提示车主车门未关好,车门关闭后熄灭。 仪表盘
驻车指示灯–驻车制动手柄(即手刹)拉起时,此灯点亮。手刹被放下时,该指示灯自动熄灭。在有的车型上,刹车液不足时此灯会亮. 仪表盘 汽车仪表指示灯图解
[1]电瓶指示灯
显示蓄电池工作状态的指示灯。接通电门后亮起,发动机启动后熄灭。如果不亮或长亮不灭应立即检查发电机及电路。
燃油指示灯
提示燃油不足的指示灯,该灯亮起时,表示燃油即将耗尽,一般从该灯亮起到燃油耗尽之前,车辆还能行驶约50公里左右。
清洗液指示灯
显示风挡清洗液存量的指示灯。如果清洗液即将耗尽,该灯点亮,提示车主及时添加清洗液。添加清洁液后,指示灯熄灭。
电子油门指示灯
本灯多见于大众公司的车型中,车辆开始自检时,EPC灯会点亮数秒,随后熄灭,出现故障,本灯亮起,应及时进行检修。
前后雾灯指示灯
该指示灯是用来显示前后雾灯的工作状况,前后雾灯接通时,两灯点亮,图中左侧的是前雾灯显示,右侧为后雾灯显示。
转向指示灯
转向灯亮时,相应的转向灯按一定频率闪烁。按下双闪警示灯按键时,两灯同时亮起,转向灯熄灭后,指示灯自动熄灭。
远光指示灯
显示大灯是否处于远光状态,通常的情况下该指示灯为熄灭状态。在 仪表盘
远光灯接通和使用远光灯瞬间点亮功能时亮起。
安全带指示灯
显示安全带状态的指示灯,按照车型不同,灯会亮起数秒进行提示,或者直到系好安全带才熄灭,有的车还会有声音提示。
O/D挡指示灯
O/D挡指示灯用来显示自动档的O/D挡(Over-Drive)超速挡的工作状态,当O/D挡指示灯闪亮,说明O/D挡已锁止。
内循环指示灯
该指示灯是用来显示车辆空调系统的工作状态,平时为熄灭状态。当打开内循环按钮,车辆关闭外循环时,该指示灯自动点亮。
示宽指示灯
示宽指示灯是用来显示车辆示宽灯的工作状态,平时为熄灭状态,当示宽灯打开时,该指示灯随即点亮。
VSC指示灯
该指示灯是用来显示车辆VSC(电子车身稳定系统)的工作状态,多出现在日系车上。当该指示灯点亮时,说明VSC系统已被关闭.
TCS指示灯
该指示灯是用来显示车辆TCS(牵引力控制系统)的工作状态,多出现在日系车上。当该指示灯点亮时,说明TCS系统已被关闭。