نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Dashboard يەنى 仪表盘 نېمە دەيمىز؟

[ ئاتالغۇلار ]

بىز ماشىنا ھەيدىگەندە پات-پات مۇشۇ يەردىكى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرگە قاراپ قويىمىز، ئەمما، بۇ نەرسە ئەسلىدە ئات ھارۋىسىدىمۇ بار ئىكەن (رەسىمگە قاراڭ). شۇڭا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇنى چوقۇم يەرلىك تىلدا ئاتاپ باققان بولۇشى مۇمكىن. ئىنگلىزلار بۇ ئاتالغۇنى ھازىر كومپيۇتېر ساھەسىگىمۇ ئېلىپ كىرىپتۇ، «Windows دۇكىنى»دىمۇ ئۇچرايدۇ. سىلەرچە قانداق دېسەك بولار؟

نەشردىن چىققان خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە كەسپىي لۇغەتلەردە 仪表盘 نى پىرىبور تاختىسى دەپتۇ، ھازىر مۇشۇنداق غەيرىي تەرجىمە ئاتالغۇنى كۆرسەم بېشىم سەل ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنى يەنە باشقا بىر يات مىللەتنىڭ تىلىدا ئاتىغاندىن كۆرە، ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە نامى بويىچە «داشبورد» دېسەك بولىدۇ، خۇددىي ھېسابلاش ماشىنىسى (ئەرەبچە+رۇسچە) دېمەي كومپيۇتېر (ئىنگلىزچە) دېگەندەك. ياكى بولمىسا باشقا مىللەت تىلىدا بەك دېگۈمىز كېلىپ كەتسە، باشقا يات تىلغا قارىغاندا بىزگە سەل چۈشىنىشلىك ئاڭلىنىدىغان تىلدا يەنى «يى بياۋ پەن» (仪表盘) دېسەك ياخشى ئەمەسمۇ؟!(چاقچاق)، لېكىن، بەزىلەر شۇنداق دەپ ئىشلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ھازىرچە بۇنى قويۇپ تۇرايلى.

بۇ ئاتالغۇ «كومپيۇتېر» دېگەندەك ئۇنداق كەسپىي ئاتالغۇ ئەمەس، ئات ھارۋىلاردىمۇ بار ئىكەن. ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ بۇ نەرسىگە نەچچە يۈز يىل بۇرۇن ئىسىم قويغىنى ئېنىق. قېنى بىلىدىغانلار تەلىم بەرگەيسىلەر، ناۋادا يېڭىچە ئاتاش ئومۇملاشقان بولسا، دەپ بېقىڭلار.

كومپيۇتېر ئېكرانىدا كۆرۈلگەن تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەممىسى dashboard بولىدۇ

ئۇچۇر تاختىسى، باشقۇرۇش تاختىسى، كۆرسەتكۈچ تاختا، كۆرسەتمە تاختا، باش تاختا، غول تاختا،…دېگەندەك نامزات سۆزلەرمۇ بار، سىزنىڭ پىكىرىڭىز قانداق؟

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
133 پارچە باھا يېزىلدى
  • تۈركچىدە كۆرسەتكۈچ تاختا دەپ ئېلىپتۇ. translate.google.com غا قارالسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 14:20
  • ئات ھارۋۇسىدىكىنى چوققو دەيدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 15:17
  • مېنىڭچە
    1.مەلۇمات تاختىسى2.كۆرسەتكۈچ3.مەلۇماتچى قاتارلىقلار بىرقەدەر مۇۋاپىق…
    (تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلمىساق.)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 16:16
  • سائەت قوندىقى،قونداق

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 16:29
  • نىمىدۇ بۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 17:33
  • «شىكال»دىگەن سۆزنى ئاختۇرۇپ پەقەت تاپالمىدىم .
    يىزىلىش ياكى ئوقۇلۇشتا خاتالىق يوقتۇ؟
    مۇئەللىم سىز ھازىر ئۇيغۇرسوفىت لوغىتىنى يىڭىدىن چىققان ئىملا لوغىتىگە ئاساسەت يەنە قايتىدىن تۈزۈپ چىقىۋىتىپىسىز ،يىقىندا ئۈرۈمچىگە بىېرىپ بۇكىتابنى ئىزدىسەم 150يۈەن لىك كىتابنى 300يۈەن دەپ تۇرىۋالدى.شىنخوا كىتابخانىسىدىمۇ يوقكەن.شۇڭا يەنە بىسىلىپ قالسا ئۆز باھاسى بىلەن ئالارمەن دەپ ئالمىدىم.«چاغاتاي تىلى ئىزاھاتلىق لوغەت »بىلەن يىڭىدن چىققان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئىزاھاتلىق لوغەت»ئىلىپ كەتتىم. سىزدىن سورايدىغىنىم مىنىڭ تەخەللۇسىمنى«تېكىن»دىسە توغرا بۇلامدۇ ياكى« تېگىن »مۇ ؟ئۇ كىتابدا نىمە دەپ ئاپتۇ؟
    «ئۇيغۇر ئسىملىرى قامۇسى »دا «تېكىن» دەپ ئېلىپتۇ ،
    «تۇركى تىللار دىۋانى»( 2008يىللىق نوسخىسى) دا »تېگىن دەپ ئېلىپتۇ.زادى قايسى توغرا ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 17:45
  • «چوققو»دەپ گەپ يوقكەن،«چوقۇ»دەپ باركەن،بىراق مەنىسى«چوغدان»نى بىلدۈرىدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 18:03
  • خوتەندىمۇ «چوققا»دەيدىكەن،بىراق رەسىمنىكىدەك شەكلى ۋە چۈشەندۈرۈلىشىگە ئوخشىمايدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 18:35
  • شكالا دەپ ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز ،
    سىز شىكال دەپ ئىزدەپسىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 20:25
  • شكالا
    ئىزاھلىق لوغەتتىكى يەشمىسى
    ئۆلچىگۈچ،سائەت قاتارلىق ئەسۋابلا ئۈستىگەقۇيۇلغان ياكى سىزىلغان ھەمدە ھەرخىل مىقدارلا (رازمىر،تېمپېراتۇرا،توك بىسمى قاتارلىقلا)نىڭ چوڭ-كىچىكلىك دەرجىسنى ئىپادىلەيدىغان سان-سىپىر ۋەسىزىقلا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 21:30
  • ئىشكالا _刻度 دىگەندەك مەنىسىمۇ باردەك قىلىدۇ .
    بۇ لاتىنچە گەپكەن،روس تىلىدىن بىزگە كىرگەن ئىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:22
  • ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك!
    چۇقۇلاق
    چۇقا
    بۇ ئىسىم يېقىشلىق ، چۈشىنىشلىك ھەم ئىخچام ئىكەن. كالامپاي سۆزلەرنى ئويلىشىۋەرمەي مۇشۇ سۆزنى تەھلىل قىلىپ باقايلى:
    مىسال جۈملە:
    توختى، …نى يەنە ئۇنتۇپ قالدىڭما؟ بۇدا چۇقاڭغا ئېسىپ قويساق (يېزىپ قويساق، چاپلاپ قويساق…) بولىدىغان ئوخشايدۇ. (ئاندىن ئۇنتۇپ قالمايسەن)

    چۇقا دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدىنمۇ بىرنەرسىنىڭ ئۈستىنكى قىسمى دېگەن مەنا چىقىدۇ. ئادەتتە مۇھىم نەرسىلەرنى بىز ئۇيغۇرلار شۇنداق ئېگىز يەرلەرگە قويۇپ قويىمىز، چۈنكى ئېگىزرەك يەرلەرگە قويۇپ قويساق كۆزگە ئاسان چېلىقىدۇ.
    ئىشقىلىپ مەن بۇ سۆزنىڭ ماس كەلمەيدىغان يېرىنى تاپالمىدىم. مۇشۇنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئويلىنىپ باقارسىلەر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى am 06:01
  • چوقو دېيىلىدۇ بىز تەرەپتە

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:57
  • قەشقەر تەرەپتە چوقاي دەيدۇ بۇ نەرسىنى ! لىكىن بۇنداق تاختاي شەكىللىك ئەمەس بەلكى قايچىغا ئوخشاش گىرەلەشمە شەكىلدە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 12:07
    • شۇنداق، چوقاي دېسەك مۇۋاپىق بولمىغۇدەك، چۈنكى قايچىلاشقان ئەمەس. ھازىرچە مەلۇمات تاختىسى بولۇپ تۇردى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 18:54
  • مىنىڭچە بولغاندا ئۇبىز گە ئىنىقلىما بىردۇ ئۇچۇرلار ئارقىلىق بىز نىمىلەرنى بىلىمىز مەنچە «بىلدۈرگۈ»دەيلى بىزگە نىمە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرا ئۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:47