Dashboard يەنى 仪表盘 نېمە دەيمىز؟
[ ئاتالغۇلار ]بىز ماشىنا ھەيدىگەندە پات-پات مۇشۇ يەردىكى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرگە قاراپ قويىمىز، ئەمما، بۇ نەرسە ئەسلىدە ئات ھارۋىسىدىمۇ بار ئىكەن (رەسىمگە قاراڭ). شۇڭا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇنى چوقۇم يەرلىك تىلدا ئاتاپ باققان بولۇشى مۇمكىن. ئىنگلىزلار بۇ ئاتالغۇنى ھازىر كومپيۇتېر ساھەسىگىمۇ ئېلىپ كىرىپتۇ، «Windows دۇكىنى»دىمۇ ئۇچرايدۇ. سىلەرچە قانداق دېسەك بولار؟
نەشردىن چىققان خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە كەسپىي لۇغەتلەردە 仪表盘 نى پىرىبور تاختىسى دەپتۇ، ھازىر مۇشۇنداق غەيرىي تەرجىمە ئاتالغۇنى كۆرسەم بېشىم سەل ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنى يەنە باشقا بىر يات مىللەتنىڭ تىلىدا ئاتىغاندىن كۆرە، ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە نامى بويىچە «داشبورد» دېسەك بولىدۇ، خۇددىي ھېسابلاش ماشىنىسى (ئەرەبچە+رۇسچە) دېمەي كومپيۇتېر (ئىنگلىزچە) دېگەندەك. ياكى بولمىسا باشقا مىللەت تىلىدا بەك دېگۈمىز كېلىپ كەتسە، باشقا يات تىلغا قارىغاندا بىزگە سەل چۈشىنىشلىك ئاڭلىنىدىغان تىلدا يەنى «يى بياۋ پەن» (仪表盘) دېسەك ياخشى ئەمەسمۇ؟!(چاقچاق)، لېكىن، بەزىلەر شۇنداق دەپ ئىشلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ھازىرچە بۇنى قويۇپ تۇرايلى.
بۇ ئاتالغۇ «كومپيۇتېر» دېگەندەك ئۇنداق كەسپىي ئاتالغۇ ئەمەس، ئات ھارۋىلاردىمۇ بار ئىكەن. ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ بۇ نەرسىگە نەچچە يۈز يىل بۇرۇن ئىسىم قويغىنى ئېنىق. قېنى بىلىدىغانلار تەلىم بەرگەيسىلەر، ناۋادا يېڭىچە ئاتاش ئومۇملاشقان بولسا، دەپ بېقىڭلار.
كومپيۇتېر ئېكرانىدا كۆرۈلگەن تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەممىسى dashboard بولىدۇ
ئۇچۇر تاختىسى، باشقۇرۇش تاختىسى، كۆرسەتكۈچ تاختا، كۆرسەتمە تاختا، باش تاختا، غول تاختا،…دېگەندەك نامزات سۆزلەرمۇ بار، سىزنىڭ پىكىرىڭىز قانداق؟
- يازما كۆرۈلۈشى: 26,779 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 07-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 21:21
- ئالدىنقى يازما :Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى 26-ئۆكتەبىر رەسمىي تارقىتىلىدۇ
- كېيىنكى يازما :Microsoft Outlook (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى
Outlookئېكران يۈزىدەكۆرۈلدىغان سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە سىلىشتۇرۇلمسى :
1.«بۇيىچەئورۇنلاشتۇرۇرۇش»排序方式(خەت چەكنى مەلۇم قانونىيەت بىلەن تىزىپ كۆرسىتىشنى كۆرسىتىدۇ)
چىسلا 日期
ئەۋەتكۈچى 发件人
تېما 主题
چوڭلۇقى 大小
سۆھبەت会话
2.«كۆرۈش: بارلىق» 查看:所有(خەت چەكلەرنى ئاستىدىكى تۈرلەر ئارقىلىق ئاختۇرۇپ كۆرۈشنى كۆرسىتىدۇ)
بارلىق所有
ئوقۇلمىغان未读
خەۋەر新闻稿
كىشىلەر联系人
گۇرۇپپىلار群
ئىجتىمائىي يىڭىلانمىلار 社交更新
باشقىلار其他所有
+++++++++++++++++++++++++++++++++
ئىلىكتۇرۇنلۇق خەت يازغاندا ئۇچىرايدىغان سۆزلەر:
يىڭى新建
ئەۋەتىش发送
ئارگىنال ساقلاش 保存草稿
تاللانمىلار 选项
ئىناۋەتسىز取消
تېما قۇشۇش 添加主题
ھۆججەت قىستۇرۇش附加文件
تاپشۇرۋالغۇچى收件人
كۆچۈرۈپ ئەچەتىش 抄送
مەخپىي ئەۋەتىش 密件抄送
يىقىن كىشىلەر 联系人
+++++++++++++++++++++++++++++++
3.«تاللانىمىلار» ئىچىدىكى سىۆزلەر:
RICH TEXT RTF
PLAIN TEXT 纯文本
EDIT IN HTML 使用HTML格式编辑
يۇقىرى ئۈستۈلۈك 高优先级
نورمال ئۈستۈنلۈك普通优先级
تۆۋەن ئۈستۈنلۈك 低优先级
بۇنىڭدا خېلى كۆپ ئۆگەرتىلىدىغان يەرلەر باركەن،ھازىر ئۆگەرتىشقا كىرىشسەك ئۆزگەرتكىلى بۇلامۇ ؟
:电子邮件转发 ئېلىكتۇرۇنلۇق خەتنى يۆتكەش
创建 Outlook 别名: باشقا Outlook نام قۇرۇش
答复地址 : گەپ قايتۇرۇش ئادىرىسى
保存已发送邮件: يوللىغان خەتلەرنى ساقلاپ قىلىش
活动视图设置:ھەركەتچان كۆزنەك (ئېكران)تەڭشەكلىرى
按照对话进行组合并预先加载邮件:
سۆزلىشىش مەزمۇنىغا ئاساسەن گۇرۇپپىلاش(يىغىنچاقلاش) ۋە خەتلەرنى ئالدىن يۈكلەش
白名单和黑名单: قار تىزىملىك ۋە ئاق تىزىملىك (بۇ سۆزلەرنى بىز بەك ئاسان چۈشىنىمىز)
高级隐私设置: خۇسۇسىي مەخپىيەت ئالىي تەڭشەكلىرى
键盘快捷方式: تىز كۇنۇپكىلار
新邮件排序规则: يىڭى ئىلىكتۇرۇنلۇق خەتنى رەتلەش(تەرتىپلەش ) قائىدىسى
بەزى يەرلىرىنى يەنە تۈزۈتۈش ئېلىپ بارساق بۇلامدۇ قانداق؟
شۇنداق.«مەلۇمات تاختىسى»بوپ قويدۇ.
لىكن مەن仪表盘 دىگەن سۆزنى خەتمۇ-خەت تەرجىمە قىلپ مۇنداق تەھلل قىلدىم كۆرۈپ بېقىڭلار.
(仪(器–ئەسۋاپ،ئۈسكىنە،سايمان دگەن مەنىلەرنى ئپادىلەيدۇ.
表–سائەت،كۆرسەتكۈچ دگەن مەنىدە.
盘–دىسكا،تاختا دىگەن مەنىدە.
بۇلارنى قوشۇپ تەرجىمە قىلساق،«كۆرسىتىش ئۈسكىنىلرى تاختىسى»دىگەنلىك بولىدىكەن.خەنزۇچە مەنىسىدىن قارغاندا بۇ بىرقانچە سائەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان تاختايدەك قىلىدۇ.
مەسىلە:‹ مەلۇمات تاختىسى ›بارلىق ئوخشاش بۇلمىغان سائەتلەرنىڭ ئورتاق ئاتىلىشىمۇ ياكى مۇشۇ سائەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان تاختاينىڭ ئاتىلىشىمۇ؟ قېنى ئويلىنىپ باقساق،مۇشۇنداق ئايرىشنىڭ ئەھمىيتى بارمۇ؟
بۇنىڭ ئىشلىتىش رولى ۋە جايلاشقان ئورنىدىن قارىغاندا مىنڭچە «كۆرسەتكۈ » دىسەك قانداق بولا.
阻止垃圾邮件
过滤器及报告
白名单和黑名单
自定义 Outlook
高级隐私设置
语言
键盘快捷方式
新邮件排序规则
标记
即时操作
================================
ئەخلەت خەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش
سۈزگۈچ ۋە دوكلات
بىخەتەر ۋە چەكلەنگەن ئەۋەتكۈچىلەر
Outlook نى ئىختىيارىي تەڭشەش
ئالىي خۇسۇسىي تەڭشەكلەر
تىل
كۇنۇپكا تاختىسى قىسقا يولى
يېڭى ئۇچۇرلارنى تىزىش قائىدىسى
بەلگە سېلىش
تېز مەشغۇلاتلار
ئېلېكتىرونلۇق خەت يېزىش
ئۇچۇر خەت نۇسخىسى ۋە ئىمزا
ئادرېسقا جاۋاب قايتۇرۇش
ئەۋەتكەن ئۇچۇرلارنى ساقلىنۋاتىدۇ
قوشۇمچە ھۆججەتلەر
ئېلېكتىرونلۇق خەت ئوقۇش
ئوقۇش رامكىسى
«ئاكتىپ كۆرۈنۈش» تەڭشەكلىرى
سۆھبەت ۋە ئالدىن يۈكلەنگەن ئۇچۇرلار بويىچە گۇرۇپپىلاش
ئۈچىنچى تەرەپ تورىدىن كەلگەن مەزمۇن
===============================
撰写电子邮件
邮件字体和签名
答复地址
保存已发送邮件
附件
阅读电子邮件
阅读窗格
活动视图设置
按照对话进行组合并预先加载邮件
来自第三方网络的内容
ھېساباتىڭىزنى باشقۇرۇڭ管理帐户
管理帐户
帐户详细信息(密码、地址、时区)
向其他帐户发送电子邮件或接收来自其他帐户的电子邮件
电子邮件转发
发送自动假期答复
POP 和删除已下载的邮件
消息历史记录
创建 Outlook 别名
重命名电子邮件地址
==============================
ھېسابات تەپسىلاتلىرى (پارول، ئادرېس، ۋاقىت رايونى)
باشقا ھېساباتلارغا ئېلېكتىرونلۇق خەت ئەۋەتمەك ياكى تاپشۇرۇۋېلىش
ئېلېكتىرونلۇق خەت يوللاش
ئاپتوماتىك دەم ئېلىش جاۋابى ئەۋەتىش
POP ۋە چۈشۈرگەن ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈش
ئۇچۇر تارىخىي
Outlook باشقا نام قۇرۇش
ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىزنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىڭ
مەلۇمات تاختىسى مۇۋاپىق بولغۇدەك.
ئالىمجان ئاكا يەنە بىر خوش خەۋەرنى دىمىدىڭىزغۇ بىزگە Outlook.com ئىلخەت پۈتۈبلەي ئۇيغۇرچە بۇلۇپتۇ .. بەك ھاياجانلىنىۋاتىمەن .. ھازىرقى live ئىسمىم بىلەن تىزىملىتىپ كىردىم . . بەك پەچەت بوپتۇ …
بۇنداق خۇش خەۋەرلەر ئەمدى ئۈزۈلمەيدۇ، ئۆزۈڭلار بايقىساڭلار ئەڭ ياخشى، تۇنجى ھاياجاننى ئۆزۈڭلار ئالدى بىلەن ھېس قىلىپ بېقىڭلار
مىكروسوفتنىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇرچە چىقسىغۇ . . . ھى ھى .
مېنىڭچە ئەمدى تەس ئەمەس، ھامان شۇنداق بولغۇسى
‹‹ ئەقىل ئۇۋاق، ئىتستانبۇللى مەھمۇد دېيىل، قەشقەرلى مەھمۇد، سەن كافانى چالىشتۇر ئۇيغۇرچە ئۆرەن، باڭا تۈرۈكچە سورۇن يوق ››
بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى نىمىكىن؟
ئۇ گەپنىڭ مەنىسى:‹‹ ھەي ئەقىلسىز، مەھمۇد ئىستانبۇل ئەمەس، مەھمۇد قەشقىرىدۇر. سەن كاللاڭنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچە ئۆگەن، ماڭا تۈرۈكچە ئۆگۈنۈشنىڭ ھاجىتى يوق ›› دېگەنلىك.
چۈنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ھازىرقى تۈرۈكچىسىنى ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى››نى ئاساس قىلىپ چىقارغان. نەۋرىسى بوۋىسىغا ئىش ئۆگۈتۈشنى نەدە قويۇپتۇ.
باشقا ئىنكاسلارنى ئوقۇمىدىم لىكىن تارانچى شىۋىسىدە لىڭگىلچاق دەپ بىر نەرسە بار شۇنىڭغا ئوخشايدىكەن ،ئالاھىدىلىكى ئادەمنى توسۇپ تۇرىدۇ ،يۈگەن چۇلۋۇر دىگەندەك نەرسىلارنى باغلاپ قويۇشقا ،ئوت-چۆپ ،ياغاچ تاش باسقاندا مال-چارۋىنى ياردار قىلىشتىن ساقلىنىشقا ئىشلىتىلدۇ….
ئەنگىلىزلار ئۆزىنىڭ ئەڭ كونا نەرسلىرىنىمۇ ئەزىزلەپ ھازىرقى زامانغا ئېلىپ كېلىدۇيۇ، بىز بولساق زورلاپ يېڭىچە قىلىشقا مەجبۇر، ئاڭ ۋە ساپادىكى پاخپاخلىقتىنلا بىچارىلىكىمىز چىقىپ قالىدۇ.
كۆپچىلىككە تەۋسىيە لوندون ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىشىنى يەنە بىر نۆۋەت تولۇق كۆرۈپ چىقىڭلار.
بۇرۇندىن تۈركىيەلىكلەرگە دەپ قويىدىغان بىر گېپىم بارتى ‹‹ ئەقىل ئۇۋاق، ئىتستانبۇللى مەھمۇد دېيىل، قەشقەرلى مەھمۇد، سەن كافانى چالىشتۇر ئۇيغۇرچە ئۆرەن، باڭا تۈرۈكچە سورۇن يوق ›› تۈركىيەلىكنىڭ ھەرقاندىغى غىڭ قىلالمايىتتى. ^^
1975-يىلى خەلقئارا ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش يىغىنى لوندوندا ئېچىلىپ ئېلان قىلىنغان ئىدى، ۋاقىت، ئۇزۇنلۇق، ئېغىرلىق، تېمپۇراتۇرا،…دېگەنلەرنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىنغان ئىدى. لېكىن 2001-يىلى لوندونغا بارغىنىمدا، ۋاقىت بىرلىكىدىن باشقا ھەممە نەرسىنى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئىشلەتكەن ئۆلچەملەرنى قوللىنىلىۋاتقانلىقىنى بىلدىم، يول بەلگىلىرى كىلومېتىر ئەمەس ئىنگلىز مىلى، سەي-كۆكتات ئالسىڭىز كىلوگىرام ئەمەس قاداق بىلەن، ھاۋا رايى سېلىتسىيە گىرادۇس ئەمەس كىلۋىن بىلەن ئۆلچىنىدىكەن. ھەتتا ماشىنىدا شوپۇرنىڭ جايى ئوڭ تەرەپتە. تىل-يېزىق ئىملاسى شۇ پېتى.
بىز تۈركچە بىلمەيتتۇق ……………..
ئالىم ئەھەتكە:
ئۇلا ئەمەس، بۇلارنىڭ قەدىمدىن ئويناۋاتقان ئويۇنلىرى ۋە بايراملىرى ھازىرمۇ شۇنچىلىك تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇرۇنلاردا دىيارىمىزدا ھەرخىل بايراملار نۇرغۇن ئىدى، ھازىر قانچىسى قالدى؟! ھەقىقىي مەنىدىكى كۈچلۈكلۈك دېگەن باشقىدە. ھازىر كىشىلىرىمىزگە ئازراق بىر نەرسە ئۆگەنسە، باشقىلار بىلمەي قالمىسۇن دەپ مەن ئالاھىدە بولغۇسى كېلىدىغان شەرقى ئاسىياچە مىجەز سىڭىپ بولدى. بەش-ئالتە تىلدا پىشقان ئابدۇخالق ئۇيغۇر ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچە يېزىپتىكەن. ھازىر نەدىكى پاخپاقلار بىر نەرسە يازسا، ئۆزىمۇ مەنىسىنى تولۇق بىلمەيدىغان ئەنگلىزچە، ئورۇسچە يەنە بىر نېمىچە ئارىلاشتۇرۇپ يازىدۇ. ئوقۇپ يېرىمىدا قارىسا ئۇ گەپنىڭ ئۇيغۇرچىسىمۇ چىقىۋاتقان، ھەممە ئېلىشاڭغۇ. تېخى بۇ ئىلمىي ماقالە دەپ قويۇشلىرى بار. كۈلمەي ئامال يوق.
يېڭى سۆز يېڭى تەرجىمە دەيدىغان ئىش يوق، ئۇ سۆز بىلدۈرۈدىغان ئۇقۇم ئۆزگەردى، خالاس.