Dashboard يەنى 仪表盘 نېمە دەيمىز؟
[ ئاتالغۇلار ]بىز ماشىنا ھەيدىگەندە پات-پات مۇشۇ يەردىكى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرگە قاراپ قويىمىز، ئەمما، بۇ نەرسە ئەسلىدە ئات ھارۋىسىدىمۇ بار ئىكەن (رەسىمگە قاراڭ). شۇڭا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇنى چوقۇم يەرلىك تىلدا ئاتاپ باققان بولۇشى مۇمكىن. ئىنگلىزلار بۇ ئاتالغۇنى ھازىر كومپيۇتېر ساھەسىگىمۇ ئېلىپ كىرىپتۇ، «Windows دۇكىنى»دىمۇ ئۇچرايدۇ. سىلەرچە قانداق دېسەك بولار؟
نەشردىن چىققان خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە كەسپىي لۇغەتلەردە 仪表盘 نى پىرىبور تاختىسى دەپتۇ، ھازىر مۇشۇنداق غەيرىي تەرجىمە ئاتالغۇنى كۆرسەم بېشىم سەل ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنى يەنە باشقا بىر يات مىللەتنىڭ تىلىدا ئاتىغاندىن كۆرە، ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە نامى بويىچە «داشبورد» دېسەك بولىدۇ، خۇددىي ھېسابلاش ماشىنىسى (ئەرەبچە+رۇسچە) دېمەي كومپيۇتېر (ئىنگلىزچە) دېگەندەك. ياكى بولمىسا باشقا مىللەت تىلىدا بەك دېگۈمىز كېلىپ كەتسە، باشقا يات تىلغا قارىغاندا بىزگە سەل چۈشىنىشلىك ئاڭلىنىدىغان تىلدا يەنى «يى بياۋ پەن» (仪表盘) دېسەك ياخشى ئەمەسمۇ؟!(چاقچاق)، لېكىن، بەزىلەر شۇنداق دەپ ئىشلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ھازىرچە بۇنى قويۇپ تۇرايلى.
بۇ ئاتالغۇ «كومپيۇتېر» دېگەندەك ئۇنداق كەسپىي ئاتالغۇ ئەمەس، ئات ھارۋىلاردىمۇ بار ئىكەن. ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ بۇ نەرسىگە نەچچە يۈز يىل بۇرۇن ئىسىم قويغىنى ئېنىق. قېنى بىلىدىغانلار تەلىم بەرگەيسىلەر، ناۋادا يېڭىچە ئاتاش ئومۇملاشقان بولسا، دەپ بېقىڭلار.
كومپيۇتېر ئېكرانىدا كۆرۈلگەن تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەممىسى dashboard بولىدۇ
ئۇچۇر تاختىسى، باشقۇرۇش تاختىسى، كۆرسەتكۈچ تاختا، كۆرسەتمە تاختا، باش تاختا، غول تاختا،…دېگەندەك نامزات سۆزلەرمۇ بار، سىزنىڭ پىكىرىڭىز قانداق؟
- يازما كۆرۈلۈشى: 26,783 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 07-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 21:21
- ئالدىنقى يازما :Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى 26-ئۆكتەبىر رەسمىي تارقىتىلىدۇ
- كېيىنكى يازما :Microsoft Outlook (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى
ھالەت تاختىسى دېسەك بولارمىكىن.
چەتئەللىكلەرنىڭ ئىش ئۈنىمى ھەققىقەتەن يۇقىرىكەن.
170 سۆز ھەممىسى 8 سائەت ئىچىدە قايتىدىن تەكشۈرۈلۈپ بولدىمۇ؟لىخەي!~
سۆز ئەمەس ئاتالغۇ دەڭە تېخى، يوللاش ۋاقىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ بىرمۇبىر ساقلاپ قويىدىغان گەپ، پىكىر يازىدىغان گەپ.
ئالىم ئاكا،مەن يەكەندىن.مۇشۇنى ئالاھىتەن چوڭلاردىن سورىسام ‹چوققا› دەيدىكەن،مەن خاتا بوپ قالدىمىكىن دەپ قايتا-قايتا سورىساممۇ يەنىلا شۇنداق جاۋاب بەردى.مەن يەنە باشقىلاردىن سوراپ باقاي.
رەھمەت، بۇ ئىشلار تاماملاندى. بىر ئاتالغۇ ئۈچۈن 10 كۈن سەرپ قىلساق، بۇنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن 10-15 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇلار تەلەپ قىلغان ۋاقىت بەك قىس بولغاچقا، ھازىرچە «مەلۇمات تاختىسى» دەپ ئېلىندى.
ئۇدۇللا «چوقال » دىمەندۇق؟ يىزىلاردا ھەممە ئادەم شۇنداق دەيدۇ
170 ئاتالغۇغا قايتا قاراپ چىقىش ئۈچۈن 8 سائەت ۋاقىت بېرىلگەن، شۇ چاغدا بۇ «مەلۇمات تاختىسى» دەپ ئېلىندى، ئەمدى پىكىر بېرىشنى توختاتساق بولىدۇ، رەھمەت!
بۇ چۈشەندۈرۈشلەردىن بۇ بەتنىڭ ئاساسەن تاق بەتتىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى، ئىچىدە يېزىق ئۇچۇرىدىن باشقا گىرافىكىلىق ئۇچۇرمۇ كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. «تاختا» دېيىلگەندە ئادەتتە بىر پارچە تاق تاختىنى كۆرسىتىدۇ. «مەلۇمات» ئادەتتە يېزىق، گرافىكلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە «مەلۇمات تاختىسى» ياكى «مەلۇمات بېتى»دەپ ئالساق بولارمىكىن.
مەلۇمات تاختىسى
دەل جايىغا چۈشكۈدەك!
چوقاي دىسەك بولامۇ؟ ئاتا بوۋېمىز شۇنداق ئاتاپتىكەن، مەن مەھەللىمىزدىكى بىر ياشانغان بوۋېمىزدىن سورغانتىم.
مېنىڭچە مۇۋاپىق بولماسمىكىن.
بىرىنجى خىل چۈشەندۈرۈلۈشى:
A dashboard is a visual display of the most important information needed to achieve one or more objectives; consolidated and arranged on a single screen so the information can be monitored at a glance.
ئىككىنچى خىل چۈشەندۈرۈلۈشى:
An easy to read, often single page, real-time user interface, showing a graphical presentation of the current status (snapshot) and historical trends of an organization’s Key Performance Indicators (KPIs) to enable instantaneous and informed decisions to be made at a glance.
ھۆرمەتلىك ئالىمكا ۋە ئالىمكامنىڭ بىلوگىدىكى تورداشلار ، مەن يېقىندا كومپىيۇتېرىمغا ghost ۋىندوۋس7 قاچىلىغان ئىدىم بىراق ، ukkخەت نۇسخىسىنى قاچىلىسام نورمال قاچىلانمىدى . قانداق قىلسام بۇلار؟ ماڭا يول كۆرسەتكەيسىلەر
ئەسلى نۇسخىسىدىكىنى قاچىلاڭ.
كونتىرول تاختا دىيىش تۈپتىن خاتا ، چۈنكى ئۇ كۆرسەتكۈچلەر ماشىنىنى كونتىرول قىلالمايدۇ .پەقەت ماشىنىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ . شۇڭا كۆرسەتكۈچ تاختا دىيىش لازىم
كۆرسەتكۈچ تاختا – بۇ ناھايىتى مۇۋاپىق ، دەل جايىغا چۈشىدۇ . ھازىرچە مۇشۇنى ئىشلىتىپ تۇرساق ، كىيىن تېخىمۇ قىسقا ، دەل مەنە بىرىدىغان سۆزنى تاپقاندا ئورنىغا ئالماشتۇرۇۋالارمىز . باشقىچە سۆزلەر بۇنىڭغا ماس كەلمەيدۇ .
ئەتتىرگۈل سىز قارىغاندا نىفىت خىمىيە زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان ئوخشىمامسىز؟ئۆزىڭىزنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەمسىز؟بىز بىر يەردە ئىشلەمدۇق تېخى!~~
سىز داۋاتقىنىڭىز DCS سېستىمسىغۇ دەيمەن؟
مىنىڭچە كۆرسەتمە تاختا بىلەن مەلۇمات تاختا ھەر ئىككىلىسى بۇلىۋىرىدۇ.
بىز ئادەتتە خىزمەتتە بۇلارنى پۈتۈنلەت خەنزۇچە ئاتالغۇدا ئاتايمىز . بىزنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىمىز ئاساسەن يوقۇرى بېسىم، يوقۇرى تېمپىراتۇردىكى ،زەھەرلەك ۋە خەتەرلىك ئامىللار ئىچىدە ئىشلىنىدىغان بولۇپ .مۇشۇ كۆرسەتمە تاختىدىكى سائەتلەردە كۆرسىتىلگەن سانلىق قىممەتلەرگە ئاساسەن كومپىيۇتېردا مەشغۇلات قىلىمىز .ئاخىردا تېما مەزمۇنىغا قايتساق :بىز ئىدارىدە تىل بىرلىكىمىز بارلار ئادەتتە ئۆز تىللىرىمىزدا بۇ ئاتالغۇنى كۆرسەتمە تاختا دەپ ئالىمىز . باشقىلىرى تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولغاچ بۇ يەردە دەپ ئولتۇرمىدىم .
كۆرسەتمە تاختا دېگەنمۇ مۇۋاپىق ئىكەنتۇق.
«كۆرسەتمە تاختا» دېسىڭىز بەزىدە كۆپ مەنە بېرىپ قويۇشى مۇمكىن. «كۆرسەتمە» دېگەننىڭ ئۆزىلا قوش مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئاپتوماتىك تەرجىمىدە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشى مۇمكىن.
7.« ئەخلەت خەت» قۇرۇق ئەھۋالدا مۇنداق بىر جۈملە سۆز باركەن:
بۇيەردە يوق (بەك ئوبدان! ) Microsoft SmartScreen مۇ ئۇلارنى كەلگەن خەتلەرگە بېرىشىدىن تۇسۇۋالدى
此处没有垃圾邮件(太棒了!)- Microsoft SmartScreen也致力于保护你的收件箱免受垃圾邮件的侵扰
8. ”ئارگىنال“نى باسقاندا كۆرۈلىدىغان جۈملە،يەنىلا قۇرۇق ئەھۋالدا:
ئۈچۈرىڭىزنى ھازىرچە ئەۋەتمىسىڭىز ”ئارگىنال ساقلاش“ نى چىكىڭ.بۇنداق قىلسىڭىز بۇيەرگە قايتىپ كىلەلەيسىز،تەييار بولغاندا تاماملاڭ
如果你尚未准备好发送邮件,请点击“保存草稿“。这样你可以在准备好后返回返回此处并王城邮件发送
9.“ئۆ چۈرۈلگەن“نى باساق مۇنداق جۈملە باركەن:
”ئۆچۈرۈش“كۈنۇپكىسى ۋە ”ئەخلەت“كۈنۇپكىسى ئارقىلىق ياقتۇرمايدىغان ئۇچۇرنى چىقىرىپ تاشلايسىز،لىكىن ئەخلەت كۈنۈپكىسى يوللىغۇچىنىمۇ كەلگەن چىقىرىۋىتىدۇ.(ھەم ئەخلەت خەت سۈزگىچىنى ياخشىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ)
“删除“按钮和”垃圾邮件“都可以清除不需要的邮件,但是”垃圾邮件“按钮还会阻止某个发件人在你的收件箱中出现
9.ئوڭ تەرەپتىكى ”رەسىم“نى باسسا مۇنداق جۈملە باركەن:
رەسىملەرگە ئېرىشسىڭىز –ياكى پەقەت ئۇلانمىلىرىغا ئېرىشسىڭىز مۇ ،-ئۇلارنى بۇيەردە كۆرسىتىمىز
当你的获取照片或者仅仅是照片的连接时,我们会在此处显示这些照片或链接
. facebookدىكى دوستلىرىغا ئىلىكتۇرۇنلۇق خەت ئارقىلىق ئۇچۇر يوللىغاندا (خۇددى QQ غا ئوخشاش تىز ئۇچۇرلىشىدۇ) كۆرۈلىدىغان سۆزلەر:
ئۇچۇر يىزىش消息
يىڭى سۆھبەت باشلاش 发起新对话
پاراڭلىشىدىغان ئادەم قۇشۇش 添加聊天联系人
دوستلارfacebook facebook好友
5.ھىساباتنىڭ ئۆزىنى چەككەندە كۆرۈلىدىغان سۆزلەر:
ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ 有空
كۆرگىلى بولمايدىغان 隐身
ئارخىپ تەھرىرلەش编辑个人资料
ھىسابات تەڭشەكلىرى账户设置
چىكىنىش 注销
6. ھىساباتنىڭ يىنىدىكى بىرىنچى بەلگىنى باسقاندا كۆرۈلىدىغان سۆزلەر :
ئۇقۇش رامكىسى 阅读窗格
ئېتىك 关闭
ئوڭ 右侧 ئەمەلىيەتتە بۇنى چەكسە سول تەرەپپكە چىقىپ قالىدىكەن
ئاستى底部
تېخىمۇ كۆپ خەت تەڭشەكلىرى更多邮件设置
ياردەم ۋە تەكلىپ پىكىر 帮助,反馈
HOTMAIL گە ئالمىشىش 切换回 HOTMAIL