ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-12-15

    ئىلى يولى ۋە زۇنۇن قادىرى - [ئاتاقلىق كىشىلەر]

    ئىلى يولى ۋە زۇنۇن قادىرى

    ئاپتورى : ئابدۇللائابلەت

     

    سەنتەي،سىتەي يوللىرى،

    تۈگىمەيدۇ تاشلىرى.

    جىرەن ئاتنىڭ كۆزلىرى،

    قۇرىمايدۇ ياشلىرى..

    يۇرتىدىن ئايرىلغىنىغا يىگىرمە يىلدىن ئاشقان زۇنۇن قادىرى 1983-يىلى ئىسسىق ھوۋۇللاپ تۇرغان تومۇز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۆزى يالغۇز غۇلجا شەھرىگە قاراپ يولغا چىقتى.ئۇ ئۆزى ئۆسكەن ،ئەركىن ۋە كۆڭۈللۈك ھاياتۈ ئۆتكۈزگەن يۇرتىنى،ئىچەكىشىپ كەتكەن يۇرتلىقلىرىنى ،قېرىنداشلىرىنى شۇنچىلىك سېغىنغان ئىدىكى بەزىدە بۇ تەبىئىي قايناق ھېسياتىنى باسالماي قالاتتى.ئۇ يۇرتىنى ،يۇرتلىقلىرىنى كۆرگەندە قانداق بولۇپ كېتەر؟

    ئۇنى ئەل يۇرتىمۇ كۆرگەندە قانداق بولۇپ كېتەر!؟

     

    - .تارىمدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەنگە تۆت يىلدىن ئاشقان بىر كۈنى ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيوپ بىلەن ئايالى خەلچەم،زۇنۇن قادىرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى مېھمانغا چاقىرغاندى.تاماقنىڭ ئالدىدا  تېيىپجان ئېلىيوف زۇنۇن قادىرنى خۇش قىلىۋېتىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ساندۇققا سېلىپ ساقلاپ يۈرگەن داڭلىق ھاراقلىرىنى كۆرسەتتى.ئۇ يىللاردا مۇنداق داڭلىق ھاراقلار ئالتۇندىن ئەتىۋار ئىدى.ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىن ئوڭ تەرەپتىكى تام تۈۋىدە غۇلجا پاسۇنىدا چىرايلىق پىلتىلەنگەن ساندۇق بار ئىدى.تېيىپجان ئېلىيوا ساندۇق ئۈستىدىكى چاماداننى ئېلىپ،ساندۇق تۈۋىگە قويدى-دە،ئاندىن بىر قولى بىلەن ساندۇق قاپقىسىنى كۆتۈرۈپ،يەنە بىر قولى بىلەن ساندۇق ئىچىدىن ساقلاپ قويغان ھاراقلىرىنى بىر-بىرلەپ ئالدى،بىر قانچە خىل داڭلىق ماركىلىق ھاراق بودۇلكىلىرى ساندوق تۈۋىگە قاتار تىزىلدى.

    تېيىپجان ئېلىيوف زۇنۇن قادىرىغا ھەييارلارچە قاراپ كۈلۈمسىرەپ:
     
    ئانارچى قارى ،كۆردىڭلىمۇ،مانا ھاراق دېگەن،تاللاپ ئېچسىلە-دەپ چاقچاق قىلدى -قانداق ھاراقلار- بۇ؟-دېدى زۇنۇن قادىرى كۆز ئەينىكى ئۈستىدىن ھاراق بودۇلكىلىرىغا قاراپ-

    مانا ماۋۇ تۇرپان داچۈ،ماۋۇ گولياڭ داچۈ،ماۋۇ ئېرگوتو،ماۋۇ ئىلى داچۈ،ماۋۇ... تېيىپجان ئېلىيوف ئالدىدىكى ھاراق بودۇلكىلىرىنى بىر-بىرلەپ قولغا ئېلىپ تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى. -ئىلى داچۈ - زۇنۇن قادىرى ھاياجانلىنىپ تېيىپجان ئېلىيوفنىڭ گېپىنى بۆلىۋەتتى.-ئەكىلە ئىلى داچۈنى ئۇ ئىلى داچۈنىڭ بودۇلكىسىنى قولىغا ئېلىپ ،ياشاڭغىراپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن خېلى ئۇزاق قاراپ تۇردى-دە،ئاندىن بۇرنىغا يېقىن ئەكىلىپ پۇراپ كويدى.ئېھ،قانداقلا بولمىسۇن ئىلىدىن چىققان ھاراقتە-بۇ!بۇنىڭدىن يۇرتنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ.ئۇ ئاشخانا ئۆيدە خەلچەم بىلەن تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقان ئايالى زىلەيخانغا ھاراقنى پۇلاڭلىتىپ كۆرسىتىپ ھاياجان بىلەن ۋاقىردى: -زىلەي،ھاي زىلەي،مۇنۇ ئىلى داچۈنى كۆردۇڭمۇ؟تېيىپجان مېنى دەپ ئون يىل ساقلاپتۇ،ئەمەسمۇ

    دوختۇر ھاراقنى قاتتىق چەكلىگەچكە ،زۇنۇن قادىرى بۇ كۈنلەردە قەتئىي ھاراق ئىچمىگەندى،ئەمما بۇ كۈنى ئىلى داچۈدىن ئىككى رومكا تېتىپ ،خۇددى ئىلىنىڭ ،ئاقئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ئىچكەندەك خۇشال بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ،ئۆزىگە ھاي بەردى.سالامەتلىكىنىڭ تازا ئەسلىگە كەلمىگەنلىكى ،ئائىلىسىنىڭ مۇقىم ئولتۇراق ئۆي -ماكاننىڭ يوقلىقى ،بالىلارىنىڭ ئەھۋالى

    ئۇنىڭ غۇلجىغا بېرىش ئارزۇسىنىڭ دەرۋازىسىنى توراپ تۇرغاندى.

    يىلى سىنتەبىردە ئايالى زىلەيخان ئاقسۇدىن غېنىنىڭ قارا ماشىنىسىغا ئۆي-ۋاقىنى بېسىپ -1979

    ،باي ناھىيسى ياقا ئېرىق دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدىغان ئىنىسى ئابدۇكېرىمنىڭ ئۆيىدە  بىر كېچە قونۇپ،ئۈربمچىگە كىرىپ كەلگەندە ،زۇنۇن قادىرى قېيىنئىنىسى خەمىتنىڭ ئۆيىدە تۇرۋاتاتتى.زىلەيخان يۈك-تاقىنى ئېلىپ كەلگەندە زۇنۇن قادىرى:«ئىنىمىزنىڭ ئۆيىدە تۇرايلى»دېگەندى.ئەمما زىلەيخان قەتئىي ئۇنىماي:«مۇشۇنداق قىلمىساق ئىدارە

    بىزگە ئۆي بەرمەيدۇ...»دەپ ئۆي -ۋاقىنى ئىدارە قورۇسىغا چۈشۈرگەندى. ئىدارە قورۇسى ئىچىدە تاشلىۋېتىلگەن بىر كونا ئاپتوبوس بار ئىدى.زىلەيخان ئاپتوبوس شۇپۇرى بىلەن بىر مەيدان كەسكىن «جەڭ» قىلىپ غەلبە قىلدى ۋە ئاخىرى ئاپتوبۇسنى ئۆي قىلىۋالدى.ئۆيگە پاتمىغان نەرسە كېرەكلەرنى ھويلىغا قويدى.بۇ بىلەتسىز قىزىق «كىنو»ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ داڭلىق يازغۇچىسى،سىنارېسىتى زۇنۇ قادىرى ئىشلىگەن «مەپىلىك كارۋان»ئىدى .بۇ يەرلىك «سىگان»لار تارىم بويلاپ «ئويۇن» قويۇپ،ئۈرۈمچىگە يېڭىلا كەلگەندى.ئۇلار كۈندۈزى «ئويۇن»قويۇپ،كېچىسى ماشىنا ئىچىدە ئۇخلىشاتتى.بۇ «كىنو»نى كۆرگەن تاماشىبىنلار دەسلەپتە كۈلەتتى،ئاندىن ئىچى كۆيەتتى،ئاندىن غەزەپلىنەتتى،ئاندىن....كوچا-كويدا ،سورۇن-سورۇنلاردا،ئۆيلەردە بۇ يېڭى شىنجاڭدا ئىشلەنگەن «مەپىلىك كارۋان»نى ھېكايە قىلىپ،سۆزلەپ يۈرۈشەتتى.ئادەم دېگەننىڭ مىجەز -خارەكتىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.تاماشىبىنلارمۇ شۇنداق،بۇ تاماشىبىنلار ئىچىدە ئاجايىپ خارەكتېرلىكئادەملەر بار ئىدىكى ،ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا قاراپ ئادام يا كۈلىشىنى،يا نەپرەتلىنىشنى،يا ئېچىنشىنى بىلمەي قالاتتى.ئۇلار ئۆزلىرىمۇ سولچىل سىياسەتنىڭ ناھەقتىن ناھەق سەكسەن دەرىسىنى يېگەن،تاغدا سۈرگۈنلۈكتە يۈرگەن ،تۈرمىلەردە ئازاپلانغان،كېيىن ئازات بولۇپ،يەنە رەھپەرلىك خىزمىتىگە قويۇلغان كىشىلەر ئىدى.ئۇلار زۇنۇن قادىردىن ئەھۋال سورىماقتا يوق:«بۇلار نەدىن كەلدى؟زۇنۇن قادىرنىڭ تارىمدىكى ئويۇنى تېخى تۇگىمىگەن .ىدىغۇ،بۇ يەرگە كېلىشكە كىم روخسەت قىلدى؟...»دېيىشىپ غۇتۇلداپ كېتىشتى.ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە بولسا،زۇنۇن قادىرى ئۈرۈمچىگە مەڭەۈ كەلمىسە،ئاشۇ تەكلىماكان قۇملۇقلىرىدا،توغراق،يۇلغۇنلار تۈۋىدە چىرىپ كەتسە ،ئۆزلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى بولسا ....توۋا،بۇ ئادەملەرەە نېمە دېگۈلۈك؟...تىخى ئۇلارنىڭ بەزى «ناتىقلىرى»نومۇس قىلماستىن«12 مۇقام ئۇيغۇرنىڭ ئەمەس»دەپ چارپاقىدەك كۆپۈپ ،كوكىراپ يۈرگەن ئىدى-يا... تارىخ بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالارمۇ؟...پالتىنىڭ سېپى ئۆزۇڭدىن بولغاندىن كېيىن «ئەلھۆكمىلىللا»دېمەكتىن باشقا نېمە ئامالىڭ بار؟بۇ يەردە ئادەم ئىختىيارسىز ئەينى يىللاردىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات سەنبئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ليۇشۇۋۇنىڭ بېيجىڭدىن قالپاق كېيىپ كەلگەن ۋاڭمىڭغا ئالاھىدە غەمىورلۇق قىلىپ،ئۇنى مەكىتتىن ئىلىغا يۆتكىگەن ۋە ئىلى ئوبلاستلىق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۇمىنىڭ ئەينى يىللاردىكى باشلىقى سۇڭ يېمىنگە ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرۇش،غەمىۇرلۇق قىلىش توغۇرسىدا تاپىلىغان سۆزلىرىنى ئەسلەپ قالىدۇ:ئۇلار ماھىيەتتە ئۆز مىللىتى ئىچىدىن كامدىن -كام چەقىدىغان بۇ تالانىتلىق«ئۇنسۇر»نى شۇ چاغدىكى سولچىل سىياسەتنىڭ بېسىمىدىن قورىقماي قوغداپ قالغاندى.زۇنۇ قادىرىنى ياخشى بىلىدىغان ئاشۇ كىشىلەر بولسا،ئازادە،كەڭرى ۋەزىيەت ،ھوقوقى بار شارئىتتا تۇرۇپ،ئاشۇنداق بولمىغۇر مۇئامىلىدە بولغاندى.ئاممە قورىقماس،ئەر يۈرەك زىلەيخا:«ھوي،قارغۇ،تونىمىدڭمۇ،بۇ سېنىڭ ئۇستازىڭ زۇنۇ قادىر بولىدۇ،بىز قايتىپ كەلدۇق ،ئۆي بېرىشەمسەن؟»دەپ ئۇلار بىلەن ياقا سىقىشاتتى،يىغىن مەيدانلىرىغا بېسىپ كىرىپ جىدەل قىلاتتى.بۇ «مەپىلىك كارۋان»نى كۆرۇدىغانلار بارغانسېرى كۆپۇيۇپ كەتتى.ئۇنىڭ ئۈستىەە بۇ يەرگە چەتئەلىكلەرمۇكېلىپ-كېتىپ تۇراتتى.ئىدارە رەھپەرلىكى ئاخىرى بۇ«مەپىلىك كارۋان»نى نەنمىندىن بىر ئېغىز ئۆي تېپىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيدى.بۇ قورۇ ۋە ئۇنىڭغا يانداش قورۇدا شائىر.ژورنالىست ئابلىمىت سادىق،يازغۇچى،ژۇرنالىست ئەخەت تۇردى،يازغۇچى،ژۇرنالىست مەرھۇم قاھار جېلىل،خەنزۇچە،«مىللى يازغۇچىلار»ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى جاڭشىرۇڭ ،تەرەققىپەرۋەر تىجارەتچى مەرھۇم ئەخمەت ۋاجىدىيلار بار ئىدى.زۇنۇن قادىرغا بېرىلگەن بۇ توپا تاملىق بىر ئېغىز ئكي ئۇنىڭ ئاقسۇدىكى «ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانى»دىكىدا ئولتۇرغان ئۆيىدىن ئانچە پەرىقلەنمەيتتى.ئۆيىنىڭ يېرىمىنى دېگۇدەك تاشلىۋېتىلگەن ھاك.سېمونىت پارچىلىرى ئىگىلەپ ياتاتتى.بۇ ئۆينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆگزىسىگە لاي سېلىنمىغاچقا ئازراق يامغۇر ياغسىلا ئۆتۈپ كېتەتتى.بۇ چاغدا زۇنۇن قادىرنىڭ چوڭ ئوغلى نۇرلان ئايالى ۋە بەختىيارنىڭ ناپوسى غۇلجا شەھرىگە سۆكۈلگەچكە ئۇلار غۇلجىغا كەتكەندى.زۇنۇن قادىرنىڭ  يېنىدا كىچىك ئوغلى پەرھات ۋە ئاقسۇدا تۇغۇلغان سەييارە،زوھرە ۋەخاتىمە دېگەن قىزلىرى قالغاندى.بۇ ئالتە جان كاتەكتەك بۇ ئۆيگە سېغمايتى.ئەمما كونىلارنىڭ«ئۆي سېتىۋالما،جوشنا سېتىۋال.»دېگىنىدەك ،قوشنىلىرى ئېسىل ئادەملەر بولغاچقا ،ئۇلارنمى تەڭلىكتە قويمىدى.ئۇلار زۇنۇن قادىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۆيلىرىگە چاقىرىپ مېھمان قىلىپ تۇراتتى،بەزى كۈنلىرى قوندۇرۇپ قالاتتى.زۇنۇن قادىرى كۆپرەك ئابلىمىت سادىق ۋە ئەخەت تۇردىنىڭ ئكيىدە تۇراتتى.كېيىن ئۇلار ئىككى ئېغىز ئۆيگە كۆچۈپ چىقتى.زۇنۇن قادىرنىڭ خىزمىتىمۇ ئەسلىگە كەلدى.بالىلىرى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئىشقا ئۇرۇنلاشتى.كىچىكلىرى مەكتەپتە ئۇقۇدى.ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم بولغانلىقىنى كۆرگەن زۇنۇن قادىرى ئۇزۇندىن بۇيان سېغىنىپ،كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرگەن يۇرتىنى كۆرۈش قىزغىنلىغىدا بۈگۈن بۇ ئاپتوبۇسقا چىققاندى .ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىنقى 4-رېتىدە مۇكچىيىپ ئولتۇرغان كۆز ئەينەكلىك بۇ بوۋايغا ھېچكىم دېققەت قىلمايتى.ئاپتوبۇس ئىچىدە بەزىلەر ئاستا پاراڭ سېلىشىپ ،بەزىلەر مۇگدەپ ئولتۇرماقتا ئىدى.ماشىنا قارىماي ياتقۇزۇلغان يولدا بىر خىل سۈرئەتتە غىڭىلداپ كېتىۋاتماقتا.زۇنۇن قادىرى دىرىزىدىن ئارىلاپ-ئارىلاپ سىرتىكى مەنزىرلەرگە قاراپ يىگىرمە يىلدىن بۇيان كۆزدىن ئۇچۇپ كەتكەن بو يوللار بىلەن خىيالىدا  پاراڭلاشماقتا.ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپتۇ:بۇ قاقاس،چۆل ياقىلىرىدا ھازىر قاتار-قاتار ئۆيلەر،ئاشخانىلار،رېمونىتخانىلار،قوتان،پاختىزارلار،ئورمانلىقلار،يېزىلار ھەتتا شەھەرلەر پەيدا بوپتۇ. ئادەم قېرىغانسىرى تولا خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالىدىكەن .ئۇ كۆز ئالدىدىكى كۈنلىرىنى ئەمەس ،ئۆتكەن كۈنلىرىنى ،بالىلىق -ياشلىق چاغلىرىدىكى ئىشلىرىنى ئويلاپ قالىدىكەن.مانا ھازىر ئۇ بۇ ئازادە ئاپتۇبۇستا ئەركىن ئولتۇرۇپ،راھەتلىنىپ،خىيال سۈرۈپ كېتىپ بارىدۇ.ئەمما بىر چاغلاردا ئۇ ئۇزۇن يوللاردا ھارۋىدا،پىيادە مېڭىپ كۆرمىگەننى كۆرگەندى.. ئەنە ئاۋۇ ئالدىدا كۆرۇنىپ تۇرغان جىڭنىڭ توپىلىق يولىدا ئۇ بىر كۈن كەكىچە ھارۋا ساقلاپ ئاچ قوساق ئەسنەك بېسىپ ئولتۇرغاندى.ئۇ چاغلاردا بۇ ئۇزۇن يوللاردا ئىلى ھارۋىكەشلىرى4،5 ھارۋىنى بىر كالۇن قىلىپ،سوۋېتنىڭ تۈرلۈك ماللىرىنى تۇشۇيتى.ئۇلار ئاشۇ ناچار ھارۋىلىرى بىلەن نەچچە مېڭ كىلومىتىر چۆل جەزىرىلەرنى بېسىپ .سوۋېت ئىتىپاقىدىن كېرگەن قەنىت-گېزەك،سەرەڭگە،كىرسىن ،گەزمال ۋە باشقا سانائەت ماللىرىنى شىڭشڭىشاغا قەدەر تۇشۇپ ئاپىراتتى.«ئىلى ھارۋىكەشلىرى توغىرلىق كىتاپ يېزىش كېرەك ئىدى،-دەپ ئويلاندى بوۋاي،_ئاجايىپ بىر ياخشى تارىخىي كىتاپ بولاتتى،ھارۋىكەش قوشاقلىرىنىمۇ توپلاش كېرەك ئىدى ھەر...زۇنۇن قادىرى ھارۋىكەشلەر توغىرسىدا ماتېريال توپلىغان ،ئۇلاردىن نۇرغۇن قىزىق ۋە ئازابلىق ھېكايىلەرنىمۇ ئاڭلىغاندى.ئۆزىمۇ ئۇلار بىلەن ھارۋا ھەيدىگەنتى.ئۇ 1933-يىلىئىدى.شۇ چاغدا «ئۇرۇمچىدە تۈرلۈك مەكتەپلەرئېچىلىپتۇ.ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرگەن ئوقۇغۇچىلارغا كىيىم-كېچەك ۋە تەمىنات بېرىلىدىكەن...»دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان زۇنۇن قادىرنىڭ  كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمىەەن ئىدى.ئۇ كىراغا پۇلى بولمىغاچقا ئۇرۇمچىگە قاراپ پىيادە يولغا ئاتلانغاندى.ئەمما تەلىيىگە ئۈرۈمچىگە مال تارتقان ھارۋىنى ھەيدەپ بارىدىغان ئىش چىقىپ قىلىپ.خوجايىن ئىككى ھارۋىنى ،زۇنۇ قادىر ئىككى ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭغانتى. غۇلجىدىن چىقىپ ،ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ ،كەڭسايغا يېقىن بارغىنىمىزدا -دەپ ھېكايە قىلىدۇ .زۇنۇن قادىرى««خاتىرىلەر»دە .-تۆتىنجى ھارۋا كاتاڭغا چۈشۈپ قېلىپ ،ئوقى سونۇپ كەتتى.ھارۋىكەش پىشانىسىگە بىر شاپىلاق ئۇرۇپ ،ئالدىمغا كەلدى-دە
    ھەي كاساپەت سەن دىققەت قىلىپ ھەيدىمەي،ھارۋىنىڭ ئوقى سۇندى.تۆلەپ بىرىسەن،-دەپ تۇرۋالدى ۋە قامچىسىنى پۇلاڭلىتىپ قورقىتىپ،ئوق ئۈچۈن مەندىن بىرقانچە سوم  پۇل ئۈندۈرۋالماقچى بولدى .سەن قەيەر بىلەن ھەيدىسەڭ ئارقاڭدىكى ھارۋىلارمۇ ،شۇ يەر بىلەن ماڭدى،جۇلىقى چىقىپ كەتكەن ھارۋاڭنىڭ ئۆلۈكىنى ئارتامسەن،-دەپ مەنمۇ بوش كەلمەي ۋاقىردىم.ئۇ يەنە قامچىسىنى كۆرۈرۈپ ،ئالدىمغا دېۋەيلەپ يېقىن كەلدى.مەنمۇ دەرھال يول چېتىدە تۇرغان مۈشۈكتەك چوڭلۇقتىكى بىر تاشنى قولۇمغا ئېلىپ ھەيۋە قىلدىم .باشقا سەپەرداش ھارۋىكەشلەر ئارىغا چۈشۈپ،مېنىڭ خوجايىنىمنى ئەيىپلەپ،بىزنى ئەپلەشتۈرۇپ قۇيدى.ھارۋىكەش بۇ ئەتراپتىن ئوق تاپالماي ،ئارقىسىغا يېىنىپ لوسىگۇڭغا كەتتى.مەن بولسام ئاتلارنى بېقىپ ،ھارۋىلارغا قاراپ قالدىم.بۇ يەردە ئۈچ كۈن ئاۋارە بولۇپ،ھارۋىنى ئوقلىغاندىن كېيىن ،يەنە يولغا چۈشتۇق.ھارۋىلار داۋانغا ئۆرلەپ تىك جايغا كەلگەندە ئاتلار چارچاپ توختىغان ھامان ئاخىرقى ھارۋىنىڭ ئىككى چاقىغا تاشنى تىرەپ قويۇش ۋەزىپىسىنى مەن ئۇرۇنداپ ماڭدىم.شۇڭا قوش مۈشتەك تاشلارنى ئىككى قولۇمدا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ،داۋان ئاشقۇچە چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپ ھىچبىر دەرمانىم قالمىدى تەنەپۇسلۇق تارىخىي ساۋات: ئىلىدا ھازىر ئولتۇرۇش -سورۇنلاردا،توي-تۈكۈنلەردە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان  مەشھۇر «ھارۋىكەش ناخشىسى »مانا مۇشۇ جاپالىق يوللاردا تۇغۇلغاندى.ھارۋىكەشلەر بۇ خەتەرلىك ۋە ئازاپلىق ئۇزۇن يوللاردا تارتقان ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى ،قايغۇ ھەسرەتلىرىنى ،يول بويى ،دەڭ-دەڭلەردە كۆرگەن ئېغىر قىسمەتلىرىنى ناخشا قىلىپ ئېيتىشاتتى:

    باش ھارۋىنىڭ ئوقىنى،

    سۈيدۈڭ يولىدا ئوقلاتتىم..

    ھارۋىكەش بولۇپ قېلىپ،
    ،جەۋرىنى تولا تارتىم.

     

    ساچەنزىدە ئات ئۆلدى،

    . ئېتەكلەرگە ياش تولدى

    پۇل تاپىمىز دەپ چىقىپ،

    . يېگەن -ئىچكەن ھەش بولدى

    ھارۋىكەشلەرگە بولۇپمۇ تەلكە داۋانىدىن ئېشىپ-«دوزاخ»تىن چىققاندىن مۈشكۈل ئىدى.شۇڭا ئۇ چاغلاردا:

    تەلكىنىڭ داۋانىنىڭ،

    ئىككى ئۆتىڭى تاشلىق.

    تاش ئۆتەڭدىن ئۆتكىچە،

    تۈگەپ كېتىدۇ ياشلىق..

    جاغىستايلىق بالىلارنىڭ،

    سىمدىن ئۆرىگەن قامچىسى.

    داۋانلاردىن ئۆتكۈچە،

    يىغلاپ كەتتى قانچىسى .

    زۇنۇن قادىرىنىڭ مەھەللىكى،خەنبىڭ يېزىسى باش كۆۋرۈك كەنت پارتىيە ياچېيكىيسىنىڭ سابىق شۈجىسى ،مەرھۇم ئابدۇكىرىم خالىق ئەينى يىللاردىكى داڭلىق ھارۋىكەشلەرنىڭ بىرى ئىدى.مەن شۇ كەنىتتە ئىشلەپ يۈرگەن 1978-يىللىرى ئۇنىڭ ئكز بېشىدىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرىدىن توقىغان قوشاقلىرىنى خاتىرلىۋالغاندىم.زۇنۇن قادىرىنىڭ بۇ ئەسلىمىسىدىكى «ھارۋا كاتاڭغا چۈشۈپ ئوقى سۇنۇپ كەتتى»دېگەن سۆزى ماڭا ئىختىيارسىز ئاشۇ پىشقەدەم ھارۋىكەشنىڭ قوشاقلىرىنى ئەسلەتتى:

    بىز ئىلىدىن چىققاندا،

    دوستلار قالدى قايغۇرۇپ

    تەلكىنىڭ داۋانىدا،

    ھارۋام سۇندى لەڭ ئۇرۇپ.

     

    سەنتەي،سىتەي يوللىرى،

    تۈگىمەيدۇ تاشلىرى.

    جەرەن ئاتنىڭ كۆزلىرى،.

    قورىمايدۇ ياشلىرى.

     

    سايرامنىڭ كۆلى دەيدۇ،.

    . كۆپكۆك سۇ لىغىرلايدۇ.

    تۆت ئەتراپىغا قاراپ،
    ئىلىنىڭ تېغى دەيدۇ.

    .

    جىڭدىن ماڭدۇق قودۇققا،

    ئاتلار ھاردى قۇملۇقتا.

    توغراق چازىغا يېتەلمەي،

    چاڭقاپ كەتتۇق شۇرلۇقتا.

     

    غۇل ئۆتەڭ بىلەن تاللىق،

    كۆكۈيۈن ،پاشىسى داڭلىق.

    چىگىشۇغا بارغىچە،

    . قاراپ كۆزلىرىم ئاغرىق


     
    قۇمۇل يولى يامان يول،

    . ئوغۇل بالىنى خىللايدۇ.

    ،چاغلىماي چىقىپ قويۇپ،

    يىبىبادايىغلايدۇ.

     

    قۇمۇل دېگەن شە ئەمەس،

    پۇل تەڭلىسەم يەم بەرمەس..

    سېسىق سامان بىر بىر جىڭى،

    . بى موچەندىن كام بەرمەس.

     

    مەنبە: ئىلى دەرياسى ژورنىلى

     

    1962-يىلى ئۇ بوينىنى باغلىغاندەك مەجبۇرىيەت ئاستىدا يۇرتىدىن چىقىپ كەتكەندىن بېرى بۇ

     ئۇنىڭ گۈزەل ئىلى ۋادىسىغا تۇنجى كېلىشى ئىدى.


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.