ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-12-15

    ئەلەملىك تولغانما شېئىر: - [يازمىلىرىم]

    ئەلەملىك تولغانما

    (تورداش شاتئاينىڭ"ئەلەملىك سۆيگۈ"ناملىق شېئىرىغا مۇشائىرە)

    ئەلەملەر قوينىدا تولغانما ئەمدى،

    كۆزيېشىڭ ئېقىۋەرسە تۈگەر بىر كۈنى.

    نەپرىتىڭ تېگىدە چىن سۆيگۇ بولغاچ،

    قىيناركەن ھىجىران ئوتلىرى ھەر تۈنى.

     

    توختىغىن يىغلىما، ئۆزەڭنى قىيناپ،

    دىلدىن ئۇرغىغان مۇھەببەت ئۈچۈن.

    يىغىدىن تاپامسەن مەڭگۈلۈك تەسكىن،

    ئويلاپ باق ئازار سەۋەبى نە ئۈچۈن؟

     

    .دىل ئازار تارتقاندۇ سىنىڭدىن ئۇمۇ،

    كۈتكەندۇ مەڭگۈلۈك چىن سۆيگۈ سەندىن.

    ھاياتىڭ، بەختىڭنى بېغىشلاپ ئاڭا،

    چىن سۆيگۈ، مۇھەببەت كۈتكەندەك ئۇندىن.

     

    ئۇقۇشماسلىق بولغاندۇئىشەنگىن يارغا،

    سۆيگەنتى ئايىماي مۇھەببەت سەندىن.

    قەلبىڭدە بولسائۇ ،قىلمىغىن گۇمان،

    ئىشەنچىڭ ئەلادۇر، ئازاپلىق غەمدىن.

     

    دائىما ئۆزەڭگە تەسەللى بەرگىن،

    بىر كۈنى سۆيگۈدىن كۈلىسەن ھامان.

    مەنسۇپتۇر چىن سۆيگۈ چىن سۆيسەڭ سەنمۇ،

    كەچمىگىن جىنىڭدىن بولغىن تىچ ئامان.

    مەنبە:يازمام


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.