ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-12-09

    شېئىر:ئوغلۇم - [يازمىلىرىم]

    ئوغلۇم

    بالاچۈن ئاتىغا قىلسىمۇ زۇلۈم،

    مىننەتسىز،جاپاكەش،ئەجىرى بىر تۇلۇم.

    ئەر يېتىپ دىسەڭمۇ تاپتىممەن يولۇم ،

    سەن ئۈچۈن جان بېرەر گەركەلسە ئۆلۈم.

    شۇئاتاڭ تارتقاننى تارتىپ باق ئوغلۇم!

     

     

    سەن خەقىش قىلغان شۇ تاتلىق ۋەتۇرۇم،

    نەدەدى شاكىلات ۋە" ئارمان" دىگەن.

    سىنى دەپ ئاق ناننى قوينىغا تىقىپ،

    ئۆزىچۇ؟ داغ سۇدا زاغىرنى يىگەن.

    شۇئاتاڭ يىگەننى يەپ باققىن ئوغلۇم!

     

    دەر ئىدى ھەر دائىم :" ئۈگەنگىن ئوغلۇم ،

    كەشپىيات،يېڭىلىق چىقسۇن ھەم بىزدىن.

    "ئويغاتقىن خەلقىڭنى بولدى بەس، يىتەر،

    خۇراپىي،نادانلىق يوقالسۇن تېزدىن "

    شۇئاتاڭ دىگەننى دەپ باققىن ئوغلۇم!

     

    بىلىمسىزنادانلار ئاتاڭنى قارلاپ،

    شۇم دوزاق ئوتىدا كۆيدۈردى بىرچاغ.

    روھىدىن ئۆچمىدى ھەقىقەت ئوتى،

    "داڭ چېلىپ" قەلبىدە قالدىغۇ بىرداغ.

    شۇئاتاڭ چالغاننى چەپ باققىن ئوغلۇم!

     

    بىلەمسەن؟ ئۇنىيەت قىلغانتى شۇچاغ،

    بىلىمدىن ئۆزگىنى قىلماسقا ھەمرا.

    تاپقىنى بىر گۆھەر،دەيتى ئۇ دائىم:

    "بىلىمسىز يۈرگەنلەر بولمامدۇ سەپرا".

    شۇئاتاڭ تاپقاننى تېپ باققىن ئوغلۇم!

     

    چوڭ بولۇپ ئۇنۇتتۇڭ ھەممىنى بىردىن،

    ھەتتاكى ئاتاڭغا قىلمىدىڭ ھۆرمەت.

    پۇل دىسەڭ بەرسىمۇقانائەت قىلماي،

    ئاتاڭنى قارىلاپ قىلدىڭغۇ تۆھمەت.

    شۇئاتاڭ بەرگەننى بېرىپ باق ئوغلۇم!

     

    پىژغېرىم ئاپتاپتا ۋەياكى سوغدا،

    ئېتىزدىن كىرمىدى بولسىمۇ بىتاپ.

    مول-ھوسۇل ئالغاندا بولدۇڭ سەن ئىگە،

    شۇڭغىچە يۇردۇڭغۇ شەلەردە ئويناپ.

    شۇئاتاڭ ئالغاننى ئەپ باققىن ئوغلۇم!

     

    ئاتاڭنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلەر،

    سىنىڭمۇ بېشىڭىدىن ئۆتمىگەي ئەمدى.

    بىر لوقما ئاش ئۈچۈن مۇكچۈيۈپ بېلى ،

    بىر ئۆمۈر ئۆتتىغۇ ئۆتمىگەي ئەمدى.

    شۇئاتاڭ قىلغاننى قىپ باققىن ئوغلۇم!

     

    2010-12-05


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.