-
2010-12-09
شېئىر:بەرگىن چىداشلىق - [يازمىلىرىم]
بەرگىن چىداشلىق
بۇ دۇنيانىڭ قىسمىتى كۆپتۈر بەرگىن چىداشلىق،
بەخىت قۇشى ھە بۈگۈن قونسا ئەتە جۇدالىق.
بىلەلمەيسەن بۈگۈنكى يايرىڭ ئەتە ئۆزگىنىڭ،
شۇنداق دۇنيا بۇسىرلىق ،تەڭسىز،ئازاپ-كۇلپەتلىك.
ۋىژدانى يوق تۇراقسىز يار ساڭا ھەمرا بولماس،
ئۇ كېتىدۇ قالدۇرۇپ ساڭائازاپلىق كەچمىش.
"ئاھ يايرىم" دەپ چەكسەڭمۇ ھەسرەت كېچەيۇ كۇندۇز،
بولۇپ قالار ئەقىدەڭ ھامان ئەسلىمە-ئۆتمۇش.
سۆيسەڭمۇ چىن قەلبىڭدىن بىلمەس قەدرىڭنى،
ۋاپا نىمە؟ ھەم ۋىژدان نىمە ؟ يەتمەس ئويلۇنۇپ.
بىلەر بولسا سۆيگۇنىڭ مەڭگۈ پاك - چىنلىقىنى ،
ئۇ قالدۇرۇپ ھەسرەتتەسىنى كەتمەس ئايرىلىپ .
دەس تۇرغىنا مۇڭلانما مۇنچە رۇسلا قەددىڭنى،
ئۈمۈت ئۈزمەي ھەرگىزمۇ ئىزدە سۆيگەن يايرىڭنى.
تاپقىنىڭدابەختىڭنى بېغىشلىغىن سۆيگۈڭنى،
قىلىپ بىر كۇن پۇشايمان ئۇمۇسورار ھالىڭنى.
2009يىل
收藏到:Del.icio.us
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.