ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-09-29

    «تارانچى» نامى توغرىسىدا - [ئىلى دىيارىدا]

         «تارانچى» نامى توغرىسىدا

          

                                تارانچى نامى تىلغا ئېلىنغان ھامان كىشىلەر ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. نۆۋەتتە بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان ئىزدىنىشلەرنىڭ كۆپ قىسمى بەزى نۇقسانلاردىن خالىي ئەمەس. شۇڭا تارانچىنامىغا توغرا تەبىر بېرىش، جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدىكى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى چۈشىنىشتە بىر قەدەرمۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    تارانچى نامى ھەققىدىكى ئاساسلىق قاراشلار تۆۋەندىكىچە: 1. تارانچى مىلادىيىدىن ئىلگىرى پەيدا بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراشتىكىلەر مىلادىيىدىن ئىلگىرى ھازىرقى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرگەن.ئۇلار كۆچمەن خەلق بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق ئاساسىدىكى فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئۆتۈشىگە ناھايىتى كۆپ ۋاقىت كەتكەن. شۇ مەزگىللەردە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇرلار تارانچى دەپ ئاتالغان دەپ قارايدۇ.

    2. تارانچى نامى- تۈركىي تىلىدىكى تارياچىن سۆزىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراشتىكىلەر تارياچىن سۆزىتاراچىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ تۈركىي تىلىدىكى -تارانچۇ سۆزىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان، مەنىسى يەر تېرىغۇچى دېگەندىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ.3.تارانچى نامى- تۈركچىدىكى -چۆپچى دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراش.بۇ خىل قاراشتىكىلەر ئۆز زامانىسىدىكى تۈرك تارانچىلىرى سارسۇ دەرياسى، ئىلى دەرياسى، تارىم دەرياسى، سىر دەرياسى ۋە ئامۇ دەرياسى ۋادىلىرىدا چۆللۈكلەرنى سۇغىرىش ئۈچۈن ئېرىق -ئۆستەڭلەرنى چاپقان، زىرائەت تېرىغان، مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرگەن، دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە تارانچىلاردەك ئانا تۇپرىقىنى ئەزىزلەيدىغان خەلق يوق.ئىلى تۈركچىدە مەشھۇر دېمەكتۇر، تارىم تۈركچە -تارىماق مەنىسىدىن كەلگەن، زىرائەت ئېكىمەك دېمەكتۇر، تۈركچىدە-چۆپچىنى بۇرۇن تارانچى دەيتتى، دەپ قارايدۇ. 4. تارانچى- تۈرك تىلى (ھازىرقى تۈركىيە دۆلەت تىلى)دىكى يەر تېرىغۇچى دېگەن سۆز دېگەن قاراش.بۇ خىل قاراشتىكىلەر ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بەزىلەر 11-ئەسىردە قەشقەردىكى ئۇيغۇرلار ئىلىغا كۆچۈپ چىقىپ ئېكىنچىلىك قىلغان.ئەنە شۇلار تارانچىلارنىڭ ئاتا-;بوۋىلىرى دەپ قارىسا، بەزىلەر 1765-يىلى شىنجاڭدا كۆتۈرۈلگەندىن ئېسياندىن كېيىن، تېرىقچىلىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر قىسىم دېھقانلار جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغا كۆچۈرۈلگەن. ئەنە شۇلار تارانچىلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى دەپ قارايدۇ.5.تارانچى-كۆچمەنلەر دېگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېگەن قاراش.

    بۇ خىل قاراشتىكىلەر تارانچىلار تېگىتەكتىدىن ئالغاندا ئۇيغۇر، ئۇلار تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىلى ئەتراپلىرىغا كۆچۈرۈلگەن. ئۇلار شۇ كۆچۈشتە كۆچمەنلەر-تارانچىلار دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ تارانچى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە دەپ قارايدۇ. 6. تارانچىئاتالغۇسى جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدىكى  دېگەن سۆزدىن كەلگەن دېگەن قاراش.بۇ خىل قاراشتىكىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىدىكى بوز يەر ئېچىش تارىخىنى جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا جۇڭغارلار بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى جايلارغا كۆچۈرۈپ دېھقانچىلىق قىلدۇرغان. جۇڭغارلار بۇ ئۇيغۇرلارنى دەپ ئاتىغان. ئۇ موڭغۇل تىلىدىكى تېرىقچىلىق قىلغۇچىلار دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كېيىن بۇ سۆز داۋاملىق قوللىنىپ، ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى بولۇپ قالغان دەپ قارايدۇ. 7. تارانچى ئۇيغۇرچە سۆز، ئۇ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان دېگەن قاراش.بۇ خىل قاراشتىكىلەر چىڭ سۇلالىسى ئىلگىرىكېيىن بولۇپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىن 6000 دىن كۆپرەك ئۇيغۇرنى ئىلىغا كۆچۈرۈپ چىقىپ، ئالىملىقنىڭ جەنۇبىدىكى تۈزلەڭلىكتە بوز يەر ئاچقۇزدى. ئۇلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن، ئۇ ;مۇسۇلمانلارنىڭ بوز يەر ئېچىشى دەپ ئاتالدى. ئۇيغۇر تىلىدا تېرىقچىلىق قىلىدىغانلار تارانچى دەپ ئاتىلاتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىلىدىكى بوز يەر ئاچقۇچى بۇ بىر تۈركۈم خەلق تارانچى دەپ ئاتالدى دەپ قارايدۇ. 8. تارانچى موڭغۇلچە سۆز، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراشتىكىلەر 1825-يىلى قەشقەردە خوجىلار ئىسيان كۆتۈردى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى توپىلاڭنى باستۇرغاندىن كېيىن، 1829-يىلى نەچچە مىڭ قەشقەرلىكنى ئىلىغا كۆچۈردى. ئۇلار ئېغىر مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشقا مەجبۇر ئىدى. بۇ ئېغىر مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدىغان كىشىلەر تارانچىلار دەپ ئاتالدى. ئۇلار چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى ئۈچۈن يەر تېرىيتتى ۋە ھەرخىل ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىناتتى دەپ قارايدۇ. 9. تارانچى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان مانجۇچە سۆز دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراشتىكىلەر بۇغداي تېرىيدىغانلارنى مانجۇلار تارانچى دەپ ئاتىغان، تۈركىي تىللار دىۋانى دە تاران قەدىمكى تۈركچە سۆز، ئۇ دېھقان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ دەپ ئىزاھلانغان. تارانچى بۇغداي تېرىغۇچى ياكى دېھقانچىلىق قىلغۇچى دېگەن سۆزدۇر. تارانچىلار دېگەندە ئۇيغۇر دېھقانلارنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ.10. تارانچى قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى سۆز دېگەن قاراش.بۇ خىل قاراشتىكىلەر، تارانچىلار شىنجاڭدىكى يەرلىك تۈركلەرنىڭ بىر قىسمى، تارانچى دېگەن سۆز تۈركىي تىلىدا دېھقان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تارانچى دېيىلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى چيەنلۇڭ دەۋرىدە تۇرپان ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن. ئۇلار ئىلىدا ئولتۇراقلاشقان كۆچمەن تۈركلەردىن پەرقلەنگەچكە، ئۆزلىرىنىتارانچى (دېھقان) دەپ ئاتىغان. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ دەپ قارايدۇ.

    ھەرقانداق بىر تارىخىي ئاتالغۇغا ئوخشاش، تارانچى دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىدىمۇ مەلۇم ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي سەۋەبلەر بار. مانا مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تارانچى ئاتالغۇسى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى خىل قاراشتا ئېيتىلغاندەك مىلادىيىدىن ئىلگىرى كېلىپ چىققان قەدىمى ئۇيغۇرچە سۆز ياكى تۈركىي تىلىدىكى تارياچىن سۆزىدىن كېلىپ چىققان سۆز ئەمەس.چۈنكى بۇ ئىككى خىل قاراشتىكىلەر تۈركىي تىللار دىۋانى بىلەن كېيىنكى ۋاقىتتا يېزىلغان بەزى ماتېرىياللاردىن ھەم ئازادلىقتىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان بەزى ماتېرىياللاردىن نەقىل ئالغان.بۇ ھەقتە تۈركىي تىللار دىۋانىدە : پۈتكۈل تۈرك قەبىلىلىرى ھۈنەركەسىپ قىلغۇچىلارنىڭ سۈپىتىنى ئىپادىلەشتە ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «چى» نى قوشىدۇ.مەسىلەن، تارغ،ئاشلىق، سۆزىدىن;تارغچى دېھقان ئەتۈك -ئۆتۈك سۆزىدىن ;ئەتۈكچى -ئۆتۈكچى، موزدۇز دېگەن سۆزلەرنى ياسىغانغا ئوخشاش دېگەن بايان بار. شۇبھىسىزكى بۇ يەردىكى تارانچى(دېھقان)سۆزى تارغچى بىلەن مەنە ۋە شەكىل جەھەتتىن ئوخشاپ كەتسىمۇ، تىل نۇقتىسىدىن ئوخشىمايدۇ. تارغچى سۆزى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىداتېرىقچى شەكلى بىلەن ساقلىنىپ قالغان.

    بىرىنچى ۋە ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر تۈركىي تىللار دىۋانىدىن يۇقىرى باياننى ئالغاندا، مەزكۇر باياننى باشقا تارىخىي ماتېرىياللاردىكى بايانلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلمىغان. پەقەت تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى تارغچى سۆزى بىلەن تارانچى سۆزىنىڭ شەكىل جەھەتتىكى ئاددىي ئوخشاشلىقىنى كۆزدە تۇتقان. يۇقىرىقى ئىككى سۆز كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي تارىخىي شارائىتنى، ھازىرقى تارانچىئاتالغۇسى كېلىپ چىققان ماكان دەپ قارىلىۋاتقان ئىلى رايونىدا دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ قاچاندىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىغا دائىر تارىخىي پاكىتلارنى ھېسابقا ئالمىغان. ئەگەر تۈركىي تىللار دىۋانىدە تىلغا ئېلىنغان تارغچى سۆزى ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى تارانچى نامى بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دېيىلسە، تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى تەبىر بويىچە قەدىمكى دەۋىردە شىنجاڭدا ياشاپ، ئېكىنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئەجدادلىرىمىز كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇيغۇر دەپ ئاتالماي،تارغچى ياكى تارانچى دەپ ئاتالغان بولاتتى. شۇبھىسىزكى، بۇنداق قاراش ئىنتايىن زور بىر زورۇقۇش بولۇپ، پۈتۈنلەي بىر تەرەپلىمىلىك تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان يەكۈن بولىدۇ.مەلۇمكى، جۇڭغار ئاقسۆكەڭلىرىنىڭ ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجى ئەينى مەزگىلدىكى مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيەتتە، پەقەت تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىغا قاراتقان بۇلاڭ تالىڭى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئېشىپ كەلگەنىدى.


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.