ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-09-29

    «تارانچى» نامى توغرىسىدا - [ئىلى دىيارىدا]

     «تارانچى» نامى توغرىسىدا(داۋامى)

    بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا قازاق فېئوداللىرىنىڭ سۇيۇرغاللىقىنىڭ كېڭيىشى ۋە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ئۇلارنى ئاشلىققا بولغان ئېھتىياج جەھەتتە قايتا چىقىش يولى تېپىشقا مەجبۇر قىلدى. بۇ خۇددى باشتا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئاخىرى بېرىپ،موڭغۇللارنىڭ خان ۋە ۋاڭگۇڭلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىقىدا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرمىسا بولمايدىغان كويغا سالدىنەتىجىدە جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى باتۇر قۇنتەيجى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتتىكى مەركىزى قوبۇقسارغا ئاھالە كۆچۈرگەنىدى. يەر تېرىغۇچىلار ئاساسەن بۇخارالىقلار نامىدىكى ئۇيغۇرلار ئىدى. بۇ توغرىسىدا قالدۇرۇلغان خاتىرىلەرمۇ بىرقەدەر كۆپ. خۇسۇسەن روسىيە ئەلچىسى ف.ئى. ۋايكوۋنىڭ جۇڭگوغا بېرىش ساياھەت خاتىرىسىدەپ قوبۇقسار ۋە ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا تېرىقچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ ئاساسەن بۇخارالىقلار ئىكەنلىكى كۆرستىلگەن بولۇپ، ۋايكوۋ بۇ بۇخارالىقلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىدىغان يەرلىرىنى تارىئان دېگەن نام بىلەن تىلغا ئالغان ئىدى. دەرۋەقە يەنە تارىئانچىندېگەن نامنى جۇڭغار خانلىقىنىڭ باتۇر قۇنتەيجى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرىگە ئائىت خاتىرىلەردىن كۆپلەپ ئۇچرىتىش مۈمكىن، مەسىلەن، 1667-يىلى سېڭگىنىڭ ئوردىسىغا ئەلچىلىككە بارغان روسىيە ئەلچىسى كرونوۋىسكى تارىئانچىنلا، ئەسىرلەر بولۇپ، كىچىك بۇخارىيىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ كېلىنگەنلەر ئىدى دەپ قەيت قىلغانىدى. مانا بۇلار تارانچى نامى ھەققىدىكى ئەڭ دەسلەپكى يازما يادىكارلىقلار. دېمەك، تارانچى نامى جۇڭغارلارغا باتۇر قۇنتەيجى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر (1634-1653)دەپ ئوتتۇرىغا چىققان موڭغۇلچە سۆز بولۇپ، دەسلەپتە قوبۇقسار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى، زايسان كۆلى بويى قاتارلىق جايلاردا ئېكىنچىلىك قىلىدىغان بۇخارا نامىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى كۆرسىتەتتى. باتۇر قۇنتەيجى ۋە سېڭگىدىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان غالدان جۇڭغار خانلىقىنىڭ مەركىزىنى قوبۇقساردىن ئىلى رايونىغا يۆتكىگەندىن كېيىن بولسا ئىلى رايونىدا جۇڭغارلار ئۈچۈن ئېكىنچىلىك قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نامى بولۇپ قالغانىدى.

    تىل نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئىككىنچى خىل قاراشتا تىلغا ئېلىنغان تۈركىي تىلدىكىتارياچىنسۆزى ئەسلى موڭغۇل تىلىدىكى دېگەن سۆز بولۇپ، ئۇ خەنزۇ تىلىدا تۈركىي تىلىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن;تارۇنچۇ دەپ خاتا ترانسكرىپىسيە قىلىنغان. موڭغۇلچەتۈركچە لۇغەت بىلەن روسچەفرانسۇزچەموڭغۇلچە لۇغەتكە ئاساسلانغاندا، تارانچى نامى موڭغۇل تىلىدىكى سۆزىدىن كەلگەن، ئۇ  (مەنىسى ئاشلىق، ئېكىن) ۋە (سۆز ياسىغۇچى ئۇلانما)دىن ئىبارەت ئىككى تەركبتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئېكىنچى دېھقان تېرىقچى ئىجارىكەش)دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ ھازىرقى شىنجاڭ موڭغۇللىرىنىڭ دىئالېكتىدا دېگەن سۆزئېكىن بۇغداي دېگەن مەنىنى، ئىچكى موڭغۇل دىئالېكتىدا دېھقانچىلىق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۆزئارا سېلىشتۇرساق،  دېگەن سۆز يىلتىزىدىندېگەن شەكىل ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا تارانچى ئاتالغۇسىنى موڭغۇلچە سۆز دەپ قاراش ئانچە ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. شىنجاڭدا;تارانچى دەپ ئاتىلىدىغان جاي ئىسمىمۇ بار.مەسىلەن، شەرقىي شىنجاڭدىكى بارلىق تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان قۇمۇل شەھىرىنىڭ 84 كىلومېتىر شەرقىدىكى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈركان ھازىرمۇ تارانچى كۆمۈر كېنى دەپ ئاتىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈشىچە، كۆمۈركان ئەتراپىدا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت دېھقانچىلىقنىڭ ئىزلىرى بارئىكەن.

    دېمەك، يۇقىرىقى خاتىرىلەردىن تارانچى نامىنىڭ مىلادىيىدىن ئىلگىرى كېلىپ چىققان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياكى تۈركىي تىلىدىكى تارۈنچۈ سۆزىدىن كېلىپ چىققان سۆز بولماستىن، 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىدا موڭغۇل تىلىدىكى سۆزىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

    تارانچىئاتالغۇسى ئۈچىنچى خىل قاراشتا ئېيتىلغاندەك چۆپچى دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. تۆتىنچى خىل قاراشتا ئېيتىلغاندەك يەر تېرىغۇچى دېگەن سۆزمۇ ئەمەس. يۇقىرىدىكى ئىككى خىل قاراش تارانچى ئاتالغۇسى كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي، تارىخىي شارائىتقا خېلى ئۇيغۇن كەلسىمۇ، لېكىن ماھىيەتتە ئۇلارداتارانچى ئاتالغۇسىنى تۈرك تىلىدىكى سۆز دەپ ئىسپاتلاش بىلەن بىرگە، تۈركىي خەلقلەر كەڭ كۆلەمدە ئولتۇراقلاشقان دەۋرنى تارانچى نامى كېلىپ چىققان دەۋر دەپ ھېسابلىغان.

    تارانچى نامىنى 5-خىل قاراشقا ئوخشاش كۆچۈش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان-كۆچمەنلەر- دېگەن سۆزگە كەلسەك، بۇ خىل قاراش تىل نۇقتىسىدىن رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى كۆچمەنلەر دېگەن ئۇقۇم چارۋىچىلىق ئىقتىسادى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى بىرەر مۇھىم ئىچكىتاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆچۈپ تۇرىدىغان خەلقلەرگە قارىتىلىدۇ. بۇ خىل قاراشتىكىلەر ھەرقانچە قىلغىنى بىلەن كۆچمەنلەرسۆزى بىلەن تارانچى سۆزىنى سېلىشتۇرۇپ ئۇلاردىن ئورتاقلىقنى تاپالمايدۇ.

    تارانچى ئاتالغۇسىنى 6خىل قاراشقا ئوخشاش جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدە پەيدا بولغان، موڭغۇل تىلىدىكى دېگەن سۆز دېگەن قاراشقا كەلسەك، بۇ خىل قاراشتا، بىرى ئىزدىنىش كەمچىل بولۇش، يەنە بىرى، ۋاقىت توغرا بولماسلىقتىن ئىبارەت ئىككى يېتەرسىزلىك ساقلانغان، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلى رايونىدىكى دېھقانچىلىق تارىخنى جۇڭغار خانلىقى دەۋرىگە باغلاپ قويغان. بۇ خىل قاراشتىكىلەر يەنە تارانچى نامىنىڭ جۇڭغار خانلىقىنىڭ قايسى مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنىمۇ ئېنىق كۆرسەتمىگەن. شۇنداقلا تارانچى نامىنىڭ موڭغۇل تىلىدىكى ئاتىلىشىنىمۇ  دەپ خاتا ترانسكرىپسىيە قىلغانىدى.دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى موڭغۇلشۇناسلارنىڭ ئىزدىنشىگە ئاساسەن تارانچى نامىنى باتۇر قۇنتەيجىنىڭ دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان دەپ جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. باتۇر قۇنتەيجى جۇڭغار خانلىقىنىڭ داڭلىق خانلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋرىدە جۇڭغار خانلىقى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر قەدەر كۈچلۈك دۆلەتلەردىن بولۇپ قالغانىدى، ئىقتىسادى جەھەتتە بىر قاتار ئىلغار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرگەنىدى. ئىدىئولوگىيە جەھەتتە لاما دىنىنى تەشەببۇس قىلىپ، لاما دىنىنىڭ سېرىق مەزھىپىنى يۆلىگەنىدى. يېزىق ئىسلاھاتى جەھەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى شەكلىدىكى موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا، ئويرات شۋىسىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن توت يېزىقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا ئىمكانىيەت ھازىرلاپ بەرگەنىدى. خانىدا ئاكىرانىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، تارانچى نامىنىڭ تۈپ يىلتىزى بولغان سۆزى دەل مۇشۇ توت موڭغۇل تىلىدىكى سۆز بولۇپ،يەر تېرىش، ئۇرۇق، ئاشلىق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن.

    تارانچى ئاتالغۇسى توغرىسىدىكى 7-،8-،9-،10-خىل قاراشلارغا كەلسەك، بۇ خىل قاراشلاردا تىل مەنىسى جەھەتتىن ھەرخىل بولۇش، يىل دەۋرى خاتا بولۇشتەك نۇقسانلار بار. چۈنكى بىرىنچىدىن، باتۇر قۇنتەيجى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسى غالدان جۇڭغار خانلىقىنىڭ مەركىزىنى قوبۇقساردىن ئىلىغا كۆچۈرگەن مەزگىلدە، ئىلى رايونىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى راۋاجلىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن،تارنچى دېگەن نام جۇڭغارلارغا باتۇر قۇنتەيجى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىللەردىلا تارىخىي مەنبەلەردە كۆرۈلۈشكە باشلىغانىدى. ئىككىنچىدىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى 1755-يىلى ئامورسانانىڭ ياردىمى بىلەن داباچىغا قارشى جازا يۈرۈشى قىلغاندا، جۇڭغارلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرى ئىلى رايونىدىكى ;تارىئانچىن دەپ ئاتالغان دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك ھەم كېمىچلىك بىلەن شۇغۇللىندىغان ئۇيغۇر پۇقرالىرىدىن ئەسكەر تەشكىللەپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن بىللە داباچىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقانىدى.ئەمما، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىلىدىكى قوشۇنلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىلى رايونىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بوز يەر ئېچىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى 1759-يىلىدىن كېيىنكى ئىش بولۇپ، جۇڭغارلار دەۋرىدە، بولۇپمۇ جۇڭغار خانلىقى مەركىزىنى قوبۇقساردىن ئىلىغا كۆچۈرگەندىن كېيىن، ئىلى رايونىدا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلار خېلى كۆپەيگەنىدى. بازارگانلار تارىئانچىنلار، مۇلازىملاردىن ئىبارەت ئۈچ خىل تاغلىق ئۇيغۇرلاردىنمۇ ئىلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىقچىلىق قىلىدىغانلارنى ھەمىشە كۆزگە چېلىقتۇرغىلى بولاتتى .چىڭ سۇلالىسى بولسا جۇڭغار خانلىقى يولغا قويغان كونا تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن، خالاس. چىڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارنى ھەتتا ئىچكى موڭغۇلغىمۇ كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ دېھقانچىلىق قىلدۈرغان. بۇ ھەقتەچىڭ ئوردىسىنىڭ گاۋزۇڭ زامانىسىدىكى ئوردا خاتىرىلىرىدە: تارانچى ئۇيغۇرلىرىدىن 100 نەچچە كىشى خۇلۇنبىرغا كېلىپ سولۇن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئېرىق–ئۆستەڭ چېپىپ، تېرىقچىلىق قىلىشىغا يول كۆرسەتكەن دېيىلگەن. ئىلى رايونىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى ھەققىدە، 1782-يىلى ئىلى جياڭجۈنى ئىلىتۇ ئۆز دوكلاتىدا: ئىلى ساڭلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئاشلىق 500 مىڭ خودىن ئېشىپ كەتتى، ئاسلىق سېسىپ كەتمەكتە دەپ يازغان. دېمەك، تارانچى نامى جۇڭغار خانلىقىغا باتۇر قۇنتەيجى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن دېھقانچىلىق قىلغان بىر بۆلۈم ئۇيغۇرلارغا قويغان نامى، بۇ نام تەخمىنەن 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىدىكى تارىخىي مەنبەلەردە دېيىلگەن.19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ;دەپ ئاتالغان تارانچى ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاتىلىپ قالغان نامى بولسىمۇ، لېكىن بۇ نام ئىلى رايونىدا ئەمەس، جۇڭغار خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەركىزىقوبۇقساردا ئوتتۇرىغا چىققان.غالدان تەختكە چىقىپ، مەركەزنى قوبۇقساردىن ئىلى رايونىغا يۆتكىگەندىن كېيىن، تارانچى نامى ئىلى رايونىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى دېھقانچىلىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىن كەڭ كۆلەمدە ئىلىغا كۆچۈرۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نامى بولۇپ قالغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىلىدىكى قوشۇنلىرى ئۈچۈن دېھقانچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇر پۇقرالىرىمۇ شۇ نام بىلەن ئاتالغانىدى.

     مەنبە:ئالمىزار


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.