-
2010-09-29
شېئىر:تاپقىن ئەمدى غورۇرۇڭنى! - [يازمىلىرىم]
تاپقىن ئەمدى غورۇرۇڭنى!
شۇنچە قىلدىڭ ئۆزگى يارنى قەدىرلەپ،
ئۇنىڭ بىلەن چىن مۇھەببەت باغلاي دەپ.
ۋاپاسىزلىق ئەسلى ئۇنىڭ ئادىتى،
يۈرمە ئەمدى مەڭگۈ بىللە ئۆتەي دەپ.
ئاز ئىدىمۇ قىلغانلىرى ئويلاپ باق،
بار بىساتىڭ ئېلىپ كەتتى بىر-بىردىن.
يەنەيار دەپ قۇچاق ئاچما بولدى بەس،
خېلىڭ ئەمەس، ئۈمىد كۈتمە ئۇنىڭدىن.
ئۈمچەيمىگىن قاراپ ئاڭا،بىھۇدە،
يىلىنغاندەك باقما يارنىڭ كۆزىگە.
قەددىڭ رۇسلا پاك ئىنسانسەن ئەسلىدە،
گۇناھى كۆپ ئايان ھەممە ئۆزىگە.
نەپرەتلەرگە كۆممە ئەمدى ئۆزەڭنى،
پۈكمە يادەك تۇزكوريارغا قەددىڭنى.
يىغلاپ ئۆتمە ھاياتىڭدا ئاھ ئۇرۇپ،
تاپقىن ئەمدى غورۇرۇڭنى ،ئەسلىڭنى.
2010-09-10
历史上的今天:
«تارانچى» نامى توغرىسىدا 2010-09-29«تارانچى» نامى توغرىسىدا 2010-09-29(غۇلجا )ئۈمىد مەكتۋىنىڭ قىسقىچە تارىخى 2010-09-29
收藏到:Del.icio.us
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.