ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-09-20

    ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ پارتىلىشى - [ئىلى دىيارىدا]

     

                                ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ پارتىلىشى

                           مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىنىڭ بېشىدا قار نىيەت شىڭ شىسەيھاكىميەت بىشىغا چىققاندىن كىيىن ، شىنجاڭدا ،كوممۇنىزىمنى خالايدىغان، ماركىسىزىم - لىنىنىزىم ئۆگەنگەن  قىياپەتكە كىرۋالغان بولسىمۇ ،كېيىن ئۆزىنىڭ ئەپتى بەشىرىنى ئاشكارىلاپ ، شىنجاڭدا ئۆزى گۇمانلىق دەپ قارىغان يۇرت مۆتىۋەرلىرى ، بايلار ، دىننىي زاتلار ، دىمكۇراتىك زاتلارنى ھەدەپ قامىدى ، بولۇپمۇ گىتلىر گىرمانىيىسى سابىق سۇۋېت ئىتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كىيىن ، كومىنىتسلار ، زىيالىلار ھەتتا ئوقۇغۇچىلارغا كەڭ كۆلەملىك زىيانكەشلىك قىلغان . بەزى ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشچە ، ئەينى ۋاقىتتا تۆت مىليون نوپۇسى بار شىنجاڭدا شىڭ شىسەي ھۆكۇمرانلىق قىلغان مەزگىلدە قامالغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم 100 مىڭغا يەتكەن . شىڭ شىسەي ۋە گومىنداڭنىڭ چېكىدىن ئاشقان سىياسىي زۇلۇمى ، خەلق ئۈستىدىكى ھەر خىل چىدىغۇسىز ئايۋان - سېلىق ، پۇل پاخاللىقى ، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى خەلقنىڭ ئىستىبدات ھاكىميەتكە نارازىلىق ئوتىنى تۇتاشتۇردى . دىيارىمىزنىڭ جاي - جايلىرىدىكى بىر قىسىم ياشلار سابىق سوۋېت ئىتىپاقىغا بىرىپ پاناھلانغان . بۇ ياشلار سابىق سوۋېت ئىتىپاقىغا بارغاندىن كېيىن بىر قانچە يەردە گۇرۇپپا تەشكىللەپ . شىنجاڭغا قايتىپ گومىنداڭغا قارشى ئىنقىلابى ھەركەتتە بولماقچى بولدى . ئەنە شۇ گۇرۇپپىلارنىڭ بىرى قازاقىستاندا تەشكىللىنىپ ، سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ھەر جەھەتتىكى ياردىمى بىلەن 1944 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئۇتتۇرلىرىدا ئالماتادىن ئىلى ۋىلايىتىنىڭ جۇغراپىيە ، سىتراتىگىيە ۋە باشقا جەھەتلەردە مۇۋاپۈق بولغان نىلقا ناھىيىسىگە ئاتلاندى

    دىيارىمىزدا ئەسلىدە شېڭ شىسەي ، گۇمىنداڭغا قارشى ئىنقىلابىي ھەركەت ئەسلىدە 1943 - يىلى يازنىڭ بېشىدا قەشقەر ، ئىلى ، تارباغاتاي تەرەپلەردە باشلىنىشىنى پىلانلانغانىدى . ئەمما ئىچكى جەھەتتە خائىن جاسۇسلارنىڭ چىقىشى ئارقىسىدا ، ئىشلار ئۇڭۇشلىق بولمىغان . شۇنىڭ بىلەن 1943 - يىلى 8 - ئايدا ئىش باشلاش تۇغرىسىدا ئويلىشىلغان بولسىمۇ يەنە ئىمكانىيەت بولماي ،رەسمىي ئىنقىلاپ ھەركەت 1944 - يىلى 8 - ئايغا سۈرۈلگەن . ئالتاي تەرەپتە بولسا ، 1940- يىلى 2 - ئايداشىڭ شىسەيگە قارشى ئېرىسقان ، ئىشىمقانلار باشلىغان بىر قوراللىق گۇرۇھ بىر توزۇپ بىر يىغىلىپ كەلگەن ئىدى . 1943 - يېلىغا كەلگەندە شۇ گۇرۇھنىڭ داۋامىي ھىسابىدا ئۇسمان ئىسلام باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇھ پائالىيەت ئېلىپ باردى . 1943 - يىلى كۇزدىن باشلاپ سابىق سۇۋېت ئىتىپاقىنىڭ كېلىشىم بويىچە ( موڭغۇلىيە خەلق جومھۇريىتى ئارقىلىق ) بەرگەن ياردىمى بىلەن ئالتايدا ئۇسمان ئىسلامنىڭ قوراللىق ھەركىتى كۆرۈلدى . جەنۇبىي شىنجاڭدا بولسا تاشقورغاندا ئارىلاپ ئۇق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى . گۇمىنداڭ ھۆكۈمىتى شۇنىڭ بىلەن دىققىتىنى ئالتاي ، تاشقۇرغان تەرەپلەرگە قارتىشقا مەجبۇر بولدى . يەنە شۇنداق ۋەزىيەتتە شىنجاڭدا شىڭ شىسەيگە ، گۇمىنداڭغا قارشى كەڭ كۆلەملىك قوراللىق ئىنقىلابىي ھەركەت ئېلى ۋىلايىتىدە باشلاندى

    يۇقۇرىدا ئېيتىلغان قازاقىستاندا تەشكىللىنىپ نىلقىغا ئاتلانغان گۇرۇپپىدا پاتىخ مۇسلىمۇۋ باشلىق يەتتە كىشى بار ئىدى . بۇلار پاتىخ مۇسلىمۇۋ ( گۇرپا باشلىق ) ، خەمىت مۇسلىمۇۋ ، رەپىق بايچۇرىن ، قۇربان بۇرھادىنۇف ، ئۇسمان ئىبراھىمۇۋ ، نۇر ئۇبۇلۇۋ ، ھۇشۇر مامۇتۇا . بۇلارنىڭ ئىچىدە پاتىخ مۇسلىمۇاتىن باشقىلىرى 20 نەچچە ياشلىق ياشلار بولۇپ ، پاتىخ بۇلاردىن ئون نەچچە ياش چوڭ ئىدى . پاتىخ مۇسلىمۇا ئەسلىدە نىلقا ناھىيىلىك يەرلىك مەھسۇلاتلار شېركىتىدە مۇئاۋىن دىرىكتۇر ئىدى . قۇربان بۇرھادىنۇف ئۇرۇمچىدىكى ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان ، خەمىت مۇسلىمۇا پاتىخنىڭ ئاكىسىنىڭ ئوغلى ، رەپىق بايچۇرىن پاتىخنىڭ ھەدىسىنىڭ ئوغلى ئىدى . ئۇسمان ئىبراھىمۇۋ ، نۇر ئۇبۇلۇۋ ، ھۇشۇر مامۇتۇۋلار بۇلسا غۇلجا ئايدۇرۇمىدىكى گۇمىنداڭنىڭ ئۇچقىچى تەييارلاش مەكتىپىدە ئىشلەۋاتقان سابىق سۇۋېت ئىتىپاقى مۇتەخەسلىرىنىڭ ھويلا ئىشچىلىرى ئىدى . بۇلاردىن خەمىت مۇسلىمۇۋ نىلقا ساقچى ئىدارىسىنى ئېلىش جېڭىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان . باشقىلىرى 50 - 60 يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن

                                                                         ئالمىزاردىن  ----


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.