ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-09-20

    شېئىر:كىتەلمەس شەيتانمۇئازدۇرۇپ مىنى ! - [يازمىلىرىم]

    كىتەلمەس شەيتانمۇئازدۇرۇپ مىنى !

    ئاخىرقى رەت باردىم دەريا بويىغا،

    ئۆتكەن شۇ كۇنلەرنى ئەسلەش ئۇچۇنلا.

    يالغاندىن زارلىنىپ مىنى ئالدىغان ،

    ۋاپاسىز "يارىمنى" ئۇنتۇش ئۇچۇنلا.

     

    نەپرىتىم دىلىمغا سىغماس زادىلا،

    قالدۇرغاچ ئەبەدىي كۆڭۈل يارىسى.

    سۆيگەچكەمەڭگۈلۈك ئۇنى يۈرەكتىن ،

    ئالداندىم،بەس ئەمدى! مۇشۇ چارىسى.

     

    يۈردۈممەن بىر مەھەل ناۋا ياڭرىتىپ،

    كۆڭلۈمدە كۆتۈرۈپ ئۇنى ساماغا.

    كۈندەشلىك ۋەجىدىن دىل ئازارى يەپ،

    سۆيگۈ دەپ نەچچەرەت قالغان بالاغا.

     

    ئازاپتىن زەردى گۆش بولدى يۈرۈگۈم،

    چىدىماي "شەيتاننىڭ" ئاچچىق دەردىگە.

    خوش ئەمدى ئازاپلىق كەچمىش ۋەئۆتمۈش،

    كەلمىگىن ھەرگىزمۇ قايتىپ ئەتىگە.

     

    ياشايمەن بەختىمدىن بولۇپ ئۈمىدۋار ،

    ساقلىغاي خۇدايىم شەيتان ،ئازغۇدىن.

    كىتەلمەس شەيتانمۇ مىنى ئازدۇرۇپ،

    . ئالداپ ھەم قۇرۇپمۇ قىلتاق -توزاقتىن!

    مەنبە:يازمام

     


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.