-
2010-09-21
شېئىر:ھاياتلىق ھېسلىرى - [يازمىلىرىم]
ھاياتلىق ھېسلىرى
(پارچىلار)
تىلىڭ بولغاچ ھايۋان ئەمەسسەن،
بولمىسا ئاڭ ئىنسان ئەمەسسەن.
تىلىڭ بولسىمۇ بولمىسا غورۇر،
بىرمۇكەممەل ئادەم ئەمەسسەن!
****************
تۇرمۇش ئۇبىر چەكسىز دېڭىزدۇر،
ھەر بىركىشى ئۇزەر زوروقۇپ.
قىرغاق يىراق يەتمەي ماجالى،
ھەسرەت چېكىپ چۆكەر قول سوزۇپ...
*******************
ئۆلۇم- تويماس ۋەھشى يالماۋۇز،
يۇتۇپ كىتەرھامان ئىنساننى.
ئۇ كەلگىچە سەندىن جان تىلەپ،
تىرىش، ئەپكەتمەزەررە ئارماننى!
*******************
مۇھەببەتسىز ئىنسان ياشالماس ،
ئاتاپ ئاناڭ... ياكى يارىڭغا .
گەر بولمىسا سەندە مۇھەببەت،
ئوخشىمامسەن ھېسسىز ھايۋانغا .
چوغلذق
收藏到:Del.icio.us
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.