ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-09-02

    تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى - [ئىلى دىيارىدا]

    تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى

    تۇغلۇق تۆمۈرخان چىڭگىزخاننىڭ 7-نەۋرىسى(مىلادى1330-1363-يىل)،شۇنداقلا بىرىنچى بولۇپ ئىسلام      دىنىغا ئىتقاد قىلغان موڭغۇل خاقانى،ئۇنىڭ مازىرى قورغاس ناھىيسىنىڭ شەرقىي شىمالىي تەرىپىدىن 45 كىلومېتىريىراقلىققا جايلاشقان.
    ئۇⅩⅣئەسىردە ياسالغان بولۇپ،شىنجاڭنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئىسلام دىنىي بىناكارلىق شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.مازارنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ،مازار گەۋدىسى خىشتىن قوپۇرلۇپ ئۆينىڭ ئۈستى گۈمبەز شەكلىدە يېپىلغان،ئېگىزلىكى 14مېتىر بولۇپ،ئىچىدىكى پەلەمپەي بىلەن مازارنىڭ ئۈستىگە چىققىلى بولىدۇ.ئۇدۇلدىكى ئىشىك ئەگمە شەكىلدە بولۇپ،تاملىرىغا ئاق،كۆك ۋە سۆسۈن رەڭدىكىكاھىشلارنى چاپلاپ،قانۇنىيەتلىك گىئومېتىرىك نەقىش چۈشۈرۈلگەن،يان تەرەپكە تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ خانىشىنىڭ قەبرىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

    تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىش تارىخى
                                      
    تۇغلۇق تۆمۈرخان چىڭگىزخاننىڭ 6- نەۋرىسى بۇلۇپ، << مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر بىلەن بابۇر تۇغلۇق تۇمۇرخاننى ئەسەن بۇقا خاننىڭ ئوغلى دەپ يېزىپتۇ >> مىلادى 1310- يىللىرى ئەسەن بۇقاخان چاغاتاي خانى بولغان ئىكەن. ئەسەن بۇقا خاننىنىڭ ئەركە خانىشى ساتمىش خاتۇن تۇغماس بۇلۇپ، ئەسەن بۇقانىڭ مەڭلىك ئىسىملىك ئايالى ھامىلدار بۇلۇپ قالغاندا ساتمىش خوتۇن كۈندەشلىك قىلىپ ، خاننىڭ يوق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى باشقا بىرسىگە خوتۇنلۇققا بېرىۋېتىپتۇ.
    1318- يىلى ئەسان بۇقا ۋاپات بولغان چاغدا چاغتاي ئولۇسدىكى موڭغۇل قەبىلىسى خانسىز قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دۆلەتتە قالايمىقانچىلىق كۇپۇيۇشكە باشلاپتۇ. بۇ چاغدا دوغلات قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئەمىر پولاتچى خان ئەۋلادىدىن بىر كىشىنى تېپىپ ئۇنى تەخىتكە چىقىرىپ، دۆلەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بەل باغلاپتۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن مەڭلىك خوتۇننى ۋە ئۇنىڭ خاندىن بولغا پەرزەنتىنى ئىزلەپ تاشتۆمۈر دېگەن ئادەمگە جىكىپتۇ. ئەگەر بالا ئوغۇل بالسا، ئۇنى بىر ئامال قىلىپ ئەلىپ كىلىشكە بۇيرۇپتۇ. تاشتومۇر سۈرۈشتە قىلسا، ئەسان بۇقانىڭ مەڭلىكتىن تۇغۇلغان بالىسى ئوغۇل بۇلۇپ، ئىسمىنىڭ توغلۇق تۆمۈر ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپتۇ. ئۇ ھەر خىل ئۇسسۇللار بىلەن بالىنى قولغا چۇشۇرۇپ، مۇز ئارت داۋىنى ئارقىلىق ئاقسۇدىكى ئەمىر پولاتچىنىڭ يېنىغا ئەلىپ كەپتۇ. بۇ چاغفا تۇغلۇق تومۇر 16 ياشقا كىرگەن ئىكەن. "ئۇ 18 يېشىدا خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇپتۇ" ئۇ چاغدا خانزادە شىكارغا چىقسا ھەر قانداق يات ئادەمنىڭ شىكار رايونىغا كىرىشىگە يول قويمايدىكەن. شىكار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئەسكەرەر كۆتەك شەھرىدىن بۇ يۇرتقا كىلىپ قالغان شەيخ جامىلىدىننى ئادەملىرى بىلەن تومۇرنىڭ ئالدىغا ئەلىپ كەپتۇ. شەيخ جاملىدىن ئۆزىنىڭ كۆتەك شەھرىدىن ئىكەنلىكىنى، ئۇ شەھەرنى خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن قۇم بېسىپ كەتكەنلىكىنى، پۇتۇن شەھەر ئالاھىلىسىنىڭ قۇم ئاستىدا قالغانلىقىنى بايان قىپتۇ. شۇ جەرياندا شەيخ جامالىدىن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئىسلامنىڭ دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىپتۇ. خان شەيخ جامالىدىندىن << ئادەم قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىغاندا ئىتتىن ئۇلۇغ بولىدۇ؟>> دەپ سوراپتۇ. شەيخ جامالىدىن << ئىتىقاد >> دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن توغلۇق تۆمۈر ئۇنىڭغا << مەن خان بولغاندا ھەم ئالى ھوقۇقنى قولغا ئالغاندا مىنىڭ قېشىمغا كەلگىن، مەن مۇسۇلمان بولاي >> دەپ ۋەدە قىپتۇ. شەيخ تومۇر خان بىلەن كۇرۇشۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ۋاپات بۇلۇپ كېتىپتۇ. ئۇ جان ئۇزۇش ئالدىدا ئوغلى مەۋلانى ئەرشىدىن تۇغلۇق تومۇرنىڭ ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئېيتىپتۇ ۋە ئۇنى ئىزلەپ تېپىپ ئۇنىڭ ۋەدىسىنى چۇقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ۋەسىيەت قىپتۇ. مەۋلانى ئەرشىدىن ۋەسىيەتكە ئاساسەن سوراپ-سۇرۇشتۇرۇپ يۇرۇپ توغلۇق تۇمۇرنىڭ چاغاتاي خانى بولغانلىقىنى، ھەم ئۇنىڭ ئالمىلىق شەھرىدە تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ شۇ يەرگە بېرىپتۇ. ئەمما خان بىلەن كۇرۇشۇشنىڭ ئامالىنى قىلالماپتۇ. ئاخىرى ئۇ خاننىنىڭ چېدىرىغا يېقىن يەردىكى بىر تۆپىلىككە چىقىپ ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۈنلۈك ئاۋازدا ئەرزان توۋلاۋېرىپتۇ. بۇ ئىش تەكرارلىنىۋەرگەندىن كىيىن ، توغلۇق تومۇر ئۆزىنىڭ بىر خىزمەتچىسىگە << بۇ كىشى بىر قانچە كۇن بولدى دائىملا مۇشۇ ۋاقىتتا ۋارقىرايدۇ. ئۇنى مىنىڭ يېنىمغا ئەلىپ كەلگىن >> دەپتۇ. خىزمەتچى مەۋلانى ئەرشىدىننى ئەرزان توۋالاۋاتقان يېرىدىن تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئالدىغا ئەلىپ كەپتۇ. توغلۇق تومۇرخان مەۋلانى ئەرشىدىندىن << سەن نىمە ئادەم؟ نىمىشقا ھەر كۇنى مىنىڭ ئۇيقۇمغا دەخلى قىلىسەن؟>> دەپ سوراپتۇ. مەۋلانى ئەرشىدىن << سىز بىر كىشىگە ئىسلام دىنىگە كىرىش توغرىلىق ۋەدە قىلغان ئىكەنسىز. مەن شۇ كىشىنىڭ ئوغلى بولىمەن >> دەپ ئاتىسى ۋە توغۇرلۇق تومۇر ئوتتۇرىسىدا بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى تەپسىلى سۆزلەپ بېرىپتۇ. توغلۇق تومۇر ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندا ، ئۇ << دادام ئالەمدىن ئۆتتى، بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرغان ئىدى >> دەپتۇ. توغلۇق تۆمۈرخان << مەن خان بولغاندىن تارتىپ ۋەدەمنى ئويلۇدۇم، لېكىن مەن ۋەدە بەرگەن ئادەم زادى كەلمىدى، سەن كەپسەن سىنى قارشى ئالىمەن، قېنى سەن دەپ باقە ئەمدى مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟>>
    تۇغلۇق تومۇرخان ۋەدىسى بۇيىچە 24 يېشىدا مۇسۇلمان بوپتۇ. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ يازغانلىرىغا ئاساسلانغاندا مەۋلانى ئەرشىدىن تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئالدىغا ئەلىپ كېلىنگەن چاغاتاي خانلىقىدىن ئەمەلدار ، ئەسكەر بۇلۇپ 160 مىڭ كىشى بىراقلا ئىمان ئېيتقان ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن چاغاتاي خانلىقى مۇسۇلمان دۆلىتىگە ئايلانغان ئىكەن. مەۋلانى ئەرشىدىن ئەرزان توۋلىغان دوڭ ھازىرمۇ تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە قورغاس ناھىيىسىنىڭ شەرقى شىمالىدا كونا كىگەن دەرياسىنىڭ (كىگەن ساي دەپمۇ ئاتىلىدۇ) شەرقىدە ھازىرمۇ << ئەزەن دوڭ >> دەپ ئاتىلىپ قەد كوتۇرۇپ تۇرۇپتۇ
    .


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.