ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-09-02

    چوڭ ئەيسا-خالمۇرات ئۆمەر - [ئاتاقلىق كىشىلەر]

    چوڭ ئەيسا"-خالمۇرات ئۆمەر"

    خالمۇرات ئۆمەر 

    ئىسىم فامىلىسى: خالمۇرات ئۆمەر  
     
    تۇغۇلغان ۋاقتى: 1969-يىلى

    تۇغۇلغان جاي: غۇلجا جاغىستاي                
    ئېكرانغا تۇنجى چىققان ۋاقتى: 1994-يىلى

    تۇنجى ئېكران ئوبرازى: چوڭ ئەيسا                     
      ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو فىلىمى: «قەيسەر يۈرەك»، «ئۇرۇش ۋە ئەسلىمىلەر
    »
    ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەر چولپىنى: مىل گېپسون

    (
    قەيسەر يۈرەك فىلىمىگە باش رول ئېلىپ چىققان)        ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان كىتابى: «ئانا يۇرت»
    ئەڭ رازى بولغان ئېكران ئوبرازى: ئوسمان داڭگال، ئالىمجان

    جۆرىسى: گۈلنۇر
    جۆرىسىنىڭ كەسپى: نېفىت ئىشچىسى
    شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ گۈلدەستە پروگراممىسىدا ھاراقكەش « چوڭ ئەيسا » نىڭ ئوبرازىنى چىن ھېسسىيات ، يۇمۇرلۇق خاراكتېر ، ئىخچام، ئاممىباب ھەم قىزىقارلىق تىل ۋە ھەرىكەتلەر بىلەن ئورۇنداپ ، خەلققە تونۇلغان خالمۇرات ئۆمەردۇر. ئۇ 1969 - يىلى 31 - يانۋار ، چاپچال ناھىيىسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا بىر سەنئەتكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1991- يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ تىياتىر فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندى . 1995- يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۆمەك تەييارلىغان چوڭ تىپتىكى ئوپېرا « گۈلەمخان » دىكى باش پېرسوناژ ئەختەمنىڭ رولىنى ئىلىش ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. خالمۇرات ئىلى دىيارىدا ياشاپ ئۆتكەن بۇ تارىخى شەخسنىڭ رولىنى ناھايىتى چىن، تەسىرلىك ئويناپ چىقتى. بۇ ئوپېرا ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭلاردا ئوينىلىپ، زىلزىلە پەيدا قىلدى . بۇ ئوپېرا مەملىكەتلىك جۇڭخۇا مەدەنىيەت مۇكاپاتى، بەش بىر قۇرۇلۇش مۇكاپاتى ۋە ئالتۇن توز مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1998 - يىلى ئىشلەنگەن « قىرلىق ئىستاكان » ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئۇ ئوسمان داڭگالنىڭ ئوبرازىنى ئىلىپ چىقىپ ، زور داغدۇغا قوزغىدى . ھەمدە خەلقنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى . 1999- يىلى 10- ئايدا ئۇ « ئالىمجان بولۇمسىزمۇ؟» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئالىمجاننىڭ رولىنى ئىلىپ چىقتى . بۇ رولنى ئىلىپ چىقىپ ، بىراقلا ھەممە ساھەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ ، تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىدا ، ئۆچمەس بىرى بەدىئىي ئوبرازنى بارلىققا كەلتۈردى ھەم گىگانېت چولپانغا ئايلاندى . ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ رول ئىلىش ۋە ئوبراز يارىتىشتىكى تىرىشچانلىقى بىلەن « چىن سۆيگۈ « ، « ساراڭ »، « چار خوراز» ، « بۇ كىشىنى تونۇمسىز؟ » قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئىلىپ ، چىقىپ ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىدا كىشىلەر قەلبىدە ئاجايىپ بىر ئۇنتۇلماس ئوبرازلارنى ياراتتى

     


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.