ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2010-09-02

    شېئىر:نەسھەت - [يازمىلىرىم]

    نەسھەت

    ئەجدادلىرىڭ ئۆتكەن ئەزەلدىن،

    ئەدەپ-ئەخلاق شەرمىي ھايالىق.

    ئوغلانلىرى چەبدەس ھەم ئىشچان،

    قىزلىرىمۇ ئىپپەت نۇمۇسلۇق.

     

    ئەمەس ئىدى ئەرلەر چاكىنا،

    ھەممە ئىشى يوللۇق-يوسۇنلۇق.

    <مەنمۇ ئەركەك> دەيدۇ بەزىلەر،

    قىلىق،سىياقى< چوكان> تۇرۇقلۇق!

     

    ئەينىگى سەن بالاڭنىڭ سىڭلىم ،

    سۈرەر ئۇمۇ سەن ئەڭلىك سۈرسەڭ.

    تەربىيەڭ شۇمۇ بالاڭنى تاشلاپ ،

    كېچە-كۈندۈز چايلاردايۈرسەڭ.

     

    ئەلمىساقتىن ئۇزۇن چاچ قويۇش ،

    داۋاملىشىپ كەلگەن مۇماڭغا.

    ئويلىدىڭمۇ سىڭلىم ،ئوخشارسەن،

    قېرىغاندا قانداق مومايغا؟

     

    نەزىر-چىراق، توي- تۆكۈنلەردە،

    ساھىپخانتى چەبدەس، كىيىكتەك.

    سالالمايسەن ئىنىم دەستخان،

     تۆكۈپ چاينى خۇددى چولاقتەك.

     

    ئاددى ئۆتكەن ئاتاڭنىڭ تويى،

    ئاددى ئىدى ئاناڭنىڭ ئۆيى.

    قىلدىڭ چوڭ توي ئەتىۋا بالا،

    يىغىپ ئونلاپ ماشىنا توپى...

     

    سورۇن تۈزۈپ ھويلا،ئايۋاندا،

    بوۋىلىرىڭ مەشرەپ ئوينىغان.

    جوزا بولاپ داڭۋازلىق قىلىپ،

    تاپقىنىنى بۇزۇپ چاچمىغان.

     

    يىراق ئىدى زەھەردىن ئاتاڭ،

    روھى ، جىسمى ساغلامتى شۇڭا.

    چېكىپ زەھەر بولدۇڭ رو چىۋىن،

    دوزاق ئىشىگى ئوچۇقدۇر ساڭا....

     

    شۇمۇ يىتەر ئەمدى بولدى بەس،

    نادانلىقنى تۈگەتكىن تۈگەت.

    ئىلىم- پەنگەيۈرۈش قىلمىساڭ،

    باسار سىنى پايانسىز ھەسرەت!

    مەنبە:يازمام (چوغلوق)


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.