قىسقارتىلما سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
1.يەككە ھەرپ بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويماي يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ج خ ج _ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى
ج ك پ _ جۇڭگۇ كومۇنىستلار پارتىيەسى
ج خ ئى _ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى
ش ئۇ ئا ر _ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى
2. بوغۇم بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەر قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
پارتىكوم _ پارتىيە كومىتېتى ئوبكوم _ ئوبلاستلىق كومىتېت
تىلكوم _ تىل-يېزىق كومىتېتى
3. كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىنىڭ قىسقارتىلغان ھەرىپىدىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
م.كاشغەرى( مەھمۇد كاشغەرى) ل. مۇتەللىپ( لۇتپۇللا مۇتەللىپ)
ئا.ت. ئۆتكۈر (ئابدۇرېھىم تىلەش ئۆتكۈر) ئا.نىزارىي( ئابدۇرەھىم نىزارى)
4. خەلقئارادا ھەرپ بويچە قىسقارتىپ قوللىنىش ئادەتلىنىپ كەتكەن قىسقارتىلغان سۆزلەر تىلىمىزغا قۇبۇل قىلىنغاندا خەلئارادىكى لاتىن ھەرپلىرىنىڭ قىسقارتىلغان شەكلى بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن :
WTO دۇنيا سودا تەشكىلاتى
GDP ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى
BBC ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى
KGB دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى
VCD ۋىدىيولۇق ئوپتىكىلىق دىسكا
DVD رەقەملىك ۋىدىيولۇق دىسكا
CD ئوپتىكىلىق دىسكا
5.خەلقئارادا ھەرپ بويىچە قىسقارتىلىپ بوغۇم تەشكىل قىلالايدىغان سۆزلەر تىلىمىزغا قۇبۇل قىلىنغاندا،ئىملادا قىسقارتىلغان لاتىن ھەرپى بويىچە يېزىشقىمۇ ياكى ئۇيغۇرچە يېزىشقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن:
OPEC ياكى ئوپىك
SARS ياكى سارس
ADIS ياكى ئەيدىز
DOS ياكى دوس
ROM ياكى روم
RAM ياكى رام
6. بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ناملىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ھەرپ بويىچە قىسقارتىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ب د ت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى
ش ئا ئە ت شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى
م د ب مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى
ئو ت م ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى
7.خەلقئارادا قىسقارتىپ يېزىپ كېلىۋاتقان ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۇيغۇرچە يەككە ھەرپ بويچە قىسقارتىپ يېزىلىدۇ،ئارىسىغا چېكىت قويۇلمايدۇ. مەسىلەن :
س م سانتىمېتىر
ك م كىلومېتىر
ك ل كىلولىتىر
ك ۋ كىلوۋات
م گ مىللىگرام