• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    jwiئاقيول تور بىكىتى
    jwiئاقيول تور بىكىتى

    jwiئاقيول تور بىكىتى
    jwiئاقيول تور بىكىتى

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىل-يېزىقى jwiئاقيول تور بىكىتى

    jwiئاقيول تور بىكىتى
     تاش رەھمانjwiئاقيول تور بىكىتى

    jwiئاقيول تور بىكىتى
    jwiئاقيول تور بىكىتى

    jwiئاقيول تور بىكىتى
    jwiئاقيول تور بىكىتى

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىjwiئاقيول تور بىكىتى

    jwiئاقيول تور بىكىتى
    jwiئاقيول تور بىكىتى

    jwiئاقيول تور بىكىتى
    jwiئاقيول تور بىكىتى

    1 . گرامماتىكا ۋە ئۇنىڭ تەركىبىي قىسىملىرىjwiئاقيول تور بىكىتى

    گرامماتىكا تىلنىڭ قۇرۇلما قانۇنى بولۇپ ، سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىش ، ياسىلىش قائىدىلىرى بىلەن سۆز – جۈملىلەرنىڭ بىرىكىش قائىدىلىرىدىن ئىبارەت ئىككى يۈرۈش قائىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . «گرامماتىكا» دېگەن ئاتالغۇ يەنە سۆزلەرنىڭ ياسىلىش ، تۈرلىنىش قائىدىلىرى ۋە سۆز – جۈملىلەرنىڭ بىرىكىش قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم دېگەن مەنىدىمۇ قوللىنىلىدۇ .jwiئاقيول تور بىكىتى
    گرامماتىكا ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ دائىرىسىگە قاراپ مورفولوگىيە (سۆزلەرنىڭ ياسىلىش ۋە تۈرلىنىش قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن) ۋە سىنتاكسىس (سۆز – جۈملىلەرنىڭ بىرىكىش قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن) دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ . شۇڭا ، ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى مۇشۇ ئىككى جەھەتتىن بايان قىلىشقا بولىدۇ .jwiئاقيول تور بىكىتى

    2 . ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيىلىك خۇسۇسىيىتىjwiئاقيول تور بىكىتى

    1) سۆزنىڭ تۈزۈلۈشىjwiئاقيول تور بىكىتى

    ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر تۈزۈلۈش (قۇرۇلما) ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ :jwiئاقيول تور بىكىتى
    (1) تۈپ سۆز — بىرلا باش مورفېمىدىن تۈزۈلگەن سۆزلەردۇر . مەسىلەن ، ئىش ، ئۈن ، خىزمەت ، ساندۇق ، ئەمگەك . . .jwiئاقيول تور بىكىتى

    (2) سۆز تۈركۈملىرىjwiئاقيول تور بىكىتى

    سۆزلەرنىڭ مەنىسى ۋە گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ئايرىلغان تۈرى سۆز تۈركۈمى دەپ ئاتىلىدۇ .jwiئاقيول تور بىكىتى
    ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەر مەنىسى ۋە گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ، ئىسىم (مەسىلەن ، تاغ ، سۇ ، كۈلكە) ، سۈپەت (مەسىلەن ، قىزىل ، ئېگىز ، يۇمىلاق) ، سان (مەسىلەن ، بەش ، ئىككىنچى ، ئونچە) ، رەۋىش (مەسىلەن ، بۈگۈن ، دەرھال ، ناھايىتى) ، ئالماش (مەسىلەن ، مەن ، قانداق ، ئۆزۈم ، ئاللىكىم) ، پې’ئىل (مەسىلەن ، ياز - ، ماڭ ، ئىشلە - . . .) ، تەقلىد (مەسىلەن ، ۋاراڭ – چۇرۇڭ ، پال – پۇل ، شىر – شىر) ، تىركەلمە (مەسىلەن ، ئۈچۈن ، توغرۇلۇق ، ئارقىلىق) ، باغلىغۇچى (مەسىلەن ، ۋە ، ھەم ، لېكىن ، بىراق ، چۈنكى) ، يۈكلىمە (مەسىلەن ، مۇ ، چۇ ، زە ، قۇ ، دە ، ھە) ، ئىملىق (مەسىلەن ، پاھ ، ۋايجان ، ئاپلا) تىن ئىبارەت 11 تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ . بۇلاردىن ئالدىنقى يەتتىسى ئۆز ئالدىغا جۈملە بۆلىكى بولۇپ كېلەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن «مۇستەقىل سۆزلەر» دەپ ئاتىلىدۇ . تىركەلمە ، باغلىغۇچى ، يۈكلىمىلەر مۇستەقىل سۆزلەرگە ياكى جۈملىلەرگە قوشۇلۇپ گرامماتىكىلىق مەنە ياكى قوشۇمچە مەنە ئىپادىلەيدىغانلىقى ئۈچۈن ياردەمچى سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ . ئىملىق (ئۈندەش) سۆزلەر مۇستەقىل سۆزلەر بىلەن ياردەمچى سۆزلەر ئارىلىقىدا تۇرىدىغان ئالاھىدە سۆز تۈركۈمى ھېسابلىنىدۇ . پېئىلدىن باشقا مۇستەقىل سۆزلەر يەنە ئورتاق بىر مۇنچە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن «تۇرغۇن سۆزلەر» دەپ ئاتىلىدۇ .jwiئاقيول تور بىكىتى

    3) سۆزنىڭ مورفولوگىيىلىك شەكىللىرىjwiئاقيول تور بىكىتى

    ئۇيغۇر تىلى مورفولوگىيىلىك شەكىللەرگە ئىنتايىن باي تىل . سۆزنىڭ مورفولوگىيىلىك شەكىللىرى سۆزگە سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى ياكى مەخسۇس ياردەمچى سۆزلەرنىڭ بىرىكىپ كېلىشى ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ . بىر سۆزنىڭ تۈرلۈك مورفولوگىيىلىك شەكىللىرى ئۇ سۆزنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى ئۆزگەرتمەستىن ، ئۇنىڭغا تۈرلۈك گرامماتىكىلىق مەنىلەرنى قوشىدۇ ياكى ئۇنىڭ گرامماتىكىلىق ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىدۇ .jwiئاقيول تور بىكىتى
    (1) ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز تۈركۈملىرى ئىچىدە پې’ئىل تۈركۈمى مورفولوگىيىلىك شەكىلگە ئەڭ باي سۆز تۈركۈمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللار تۈرلىنىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى مورفولوگىيىلىك شەكىللەرنى ھاسىل قىلىدۇ : پېئىلنىڭ ئۆزەك قىسمىدا كۆرۈلىدىغان دەرىجە شەكىللىرى (مەسىلەن ، ياز – يازدۇر ، يېزىل ، يېزىش) ، بولۇشلۇق – بولۇشسىز شەكلى (مەسىلەن ، ياز – يازما) ؛ پېئىلنىڭ خەۋەر شەكلىدە كۆرۈلىدىغان تۈرلۈك مەيل شەكىللىرى (مەسىلەن ، يازدىم ، يېزىپتىمەن ، يازغۇدەكمەن ، يازسام ، يازاي ، يازغىيدىم . . .) ؛ ھال – زامان شەكىللىرى (مەسىلەن ، يازىمەن ، يېزىۋاتىمەن ، يازماقچىمەن ، يازدىم ، يازغانمەن ، يازغانىدىم ، يازاتتىم ، يېزىۋاتاتتىم ، يازماقچىدىم) ؛ شەخس شەكىللىرى (مەسىلەن ، يازىمەن ، يازىمىز ، يازىسەن ، يازىسىلەر ، يازىدۇ) ؛ پېئىلنىڭ سۈپەت ، ئىسىم ۋە رەۋىش رولىدا كېلىدىغان تۈرلۈك نۇرغۇن سۆز شەكىللىرى ، يەنى سۈپەتداشلار (مەسىلەن ، يازغان ، يازىدىغان ، يېزىۋاتقان ، يازار) ؛ ئىسىمداشلار (مەسىلەن ، يازماق ، يېزىش ، يازغانلىق) ۋە رەۋىشداشلار (مەسىلەن ، يېزىپ ، يازغاچ ، يازغىلى ، يازغۇچە) .jwiئاقيول تور بىكىتى
    ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللار يەنە تۇرغۇن سۆز شەكلىدە بىر قىسىم ياردەمچى پېئىللار بىلەن بىرىكىپ ، پېئىلنىڭ مۇرەككەپ ئۆزەك شەكىللىرىنى ھاسىل قىلىدۇ . پېئىلنىڭ بۇ خىل مۇرەككەپ ئۆزەك شەكىللىرى خىلمۇخىل تۈس ، ھال مەنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مول گرامماتىكىلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ . (مەسىلەن ، يېزىپ بول – يېزىپ قوي – يېزىۋەت – يېزىۋال) .jwiئاقيول تور بىكىتى
    پېئىللار جۈملىگە كىرگەندە ، بىر ۋاقىتتا بىرقانچە خىل مورفولوگىيىلىك شەكىلنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ ، بىرقانچە خىل گرامماتىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەپ كېلىشى مۇمكىن . مەسىلەن ، «كۆرۈشەلمىدىم» دېگەن پې’ئىل شەكلىنى ئالساق ، ئۆملۈك دەرىجە ، ئىمكان تۈس ، بولۇشسىزلىق ، ۋاسىتىسىز بايان مەيلى ، ئاددىي ئۆتكەن زامان ، 1 شەخس ، بىرلىكتىن ئىبارەت سەككىز خىل گرامماتىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەپ كەلگەن .jwiئاقيول تور بىكىتى
    (2) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملارمۇ ئۆزگىرىشچان سۆز تۈركۈمى . ئىسىملار تۈرلىنىش ئارقىلىق ، تۆۋەندىكىدەك مورفولوگىيىلىك شەكىللەرنى ھاسىل قىلىدۇ : بىرلىك ۋە كۆپلۈك شەكلى (مەسىلەن ، ئۆي – ئۆيلەر) ؛ تەۋەلىك شەكىللىرى ( مەسىلەن ، ئۆيۈم ، ئۆيىمىز ، ئۆيۈڭ ، ئۆيۈڭلار ، ئۆيى) ؛ ھەرخىل كېلىش شەكىللىرى (مەسىلەن ، ئۆي ، ئۆينىڭ ، ئۆيگە ، ئۆيىنى ، ئۆيدە ، ئۆيدىن ، ئۆيدەك ، ئۆيدىكى ، ئۆيگىچە ، ئۆيچىلىك) .jwiئاقيول تور بىكىتى
    ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملار يەنە «تىركەلمە» دەپ ئاتىلىدىغان ياردەمچى سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ ، ئىسىم – تىركەلمە قۇرۇلمىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ . بۇ خىل قۇرۇلمىلار ئەمەلىيەتتە ئىسىمنىڭ ئانالىتىك كېلىش شەكىللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . مەسىلەن ، ئۆي توغرۇلۇق ، ئۆي ئارقىلىق ، ئۆي ئۈچۈن .jwiئاقيول تور بىكىتى
    ئىسىملار جۈملىگە كىرگەندە ، بىر ۋاقىتتا بىرقانچە خىل مورفولوگىيىلىك شەكىلنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ ، بىرقانچە خىل گرامماتىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەپ كېلىشى مۇمكىن . مەسىلەن ، «بالىلىرىمنىڭ» دېگەن ئىسىم شەكلىنى ئالساق ، كۆپلۈك ، 1 شەخس ، بىرلىك ئىگىلىك كېلىشتىن ئىبارەت تۆت خىل گرامماتىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەپ كەلگەن .jwiئاقيول تور بىكىتى
    (3) ئۇيغۇر تىلىدا بىردىن ئونغىچە بولغان پۈتۈن سانلار ، ئونلار خانىنىڭ ھەربىر ئونلۇق پەللىسىدىكى پۈتۈن سانلار ۋە «يۈز ، مىڭ ، مىليون ، مىليارد» قاتارلىق چوڭ سانلار ئاددىي سان ھېسابلىنىپ ئايرىم يەككە سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، پۈتۈن سانلار مۇرەككەپ سان ھېسابلىنىپ چوڭ خانىلىق سانلارغا كىچىك خانىلىق سانلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن (مەسىلەن ، ئون بىر ، يەتمىش بەش ، يۈز بەش) ياكى كىچىك خانىلىق سانلارنىڭ چوڭ خانىلىق سانلارنى ھەسسىلەپ كېلىشىدىن (مەسىلەن ، ئىككى يۈز بەش مىڭ ، ئون ئۈچ مىڭ) ھاسىل بولىدۇ . يۈزلەر خانىسى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى خانىدىكى ئاددىي سانلارلا ھەسسىلىنىدۇ (مەسىلەن ، ئىككى يۈز ، بەش مىڭ ، تۆت يۈز مىڭ) .jwiئاقيول تور بىكىتى
    ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاددىي ۋە مۇرەككەپ سانلارنىڭ ئەسلىي شەكلى مەنە ۋە مورفولوگىيىلىك شەكىل جەھەتتىن «ساناق سان» ھېسابلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىنىشى ئارقىلىق مۆلچەر سان (مەسىلەن ، ئونچە ، يۈزدەك ، يەتتە – سەككىز) ، تەرتىپ سان (مەسىلەن ، ئىككىنچى ، بەشىنچى) ، كەسىر سان (مەسىلەن ، تۆتتىن بىر ، ئالتىدىن ئۈچ) ، ئۆملۈك سان (مەسىلەن ، بەشەيلەن ، ئىككىيلەن) قاتارلىق سان تۈرلىرى ھاسىل بولىدۇ .jwiئاقيول تور بىكىتى
    (4) ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى كۈچەيتىشكە ياكى ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولىدىغان سۈپەتلەر (دەرىجىلىك سۈپەتلەر) تۈرلىنىش ئارقىلىق ، ئەسلىي دەرىجە (مەسىلەن ، ئاددىي ، ئېگىز) ، كېمەيتمە دەرىجە (مەسىلەن ، ئۇزۇنراق ، ئېگىزرەك) ، ئاشۇرما دەرىجە (مەسىلەن ، ئاپئاق ، قىپقىزىل) ، ئەركىلەتمە دەرىجە (مەسىلەن ، چىرايلىققىنا ، ئېگىزگىنە) شەكىللىرىنى ھاسىل قىلىدۇ .jwiئاقيول تور بىكىتى
    (5) ئالماش — ئىسىم ، سۈپەت ، سان قاتارلىق سۆزلەر بىلەن ئالمىشىپ ، ئۇلارنىڭ ئورنىدا كېلىدىغان سۆز تۈركۈمى . ئۇيغۇر تىلىدىكى ئالماشلار قايسى سۆز تۈركۈمدىكى سۆزنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ كەلگەن بولسا ، ئاساسىي جەھەتتىن شۇ سۆز تۈركۈمى بىلەن ئوخشاش تۈرلىنىپ ، شۇ سۆز تۈركۈمىنىڭ مورفولوگىيىلىك شەكىللىرىگە ئوخشاش مورفولوگىيىلىك شەكىللەرنى ھاسىل قىلىدۇ .jwiئاقيول تور بىكىتى
    (6) ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ تولۇق باغلامچى رولىدىكى «بول - ، قىل -» قاتارلىق ياردەمچى پېئىللار بىلەن بىرىكىشىدىن شۇ سۆزلەرنىڭ پې’ئىل شەكلى ھاسىل بولۇپ ، خۇددى ئادەتتىكى پېئىللارغا ئوخشاش قوللىنىلىدۇ (مەسىلەن ، باغ قىل - ، ئادەم بول - . . .) .jwiئاقيول تور بىكىتى

    4 ) كۆپ ۋارىيانتلىق قوشۇمچىلارنىڭ قوللىنىلىشىjwiئاقيول تور بىكىتى

    ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى ۋە سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئىككىدىن ئارتۇق شەكىلگە ئىگە . بىر قوشۇمچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىللىرى «ۋارىيانت» دەپ ئاتىلىدۇ .jwiئاقيول تور بىكىتى
    قوشۇمچىلارنىڭ كۆپ ۋارىيانتلىق بولۇشىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ ، بىر قوشۇمچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋارىيانتلىرى شۇ قوشۇمچە قوشۇلىدىغان ئۆزەكنىڭ تاۋۇش ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشقان ھالدا قوشۇلىدۇ . ۋارىيانتلارنىڭ ئۆزەككە ماسلىشىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە :jwiئاقيول تور بىكىتى
    (1) « - دىن // - تىن» غا ئوخشاش بېشىدىكى تاۋۇش جاراڭلىق – جاراڭسىز جەھەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلار ، جاراڭلىقلىرى جاراڭلىق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەككە ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، قەغەز + دىن ، قولىمىز + دىن ؛ جاراڭسىزلىرى جاراڭسىز تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرگە ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، ئۆگىنىش +تىن ، ئاش + تىن .jwiئاقيول تور بىكىتى
    (2)«- سا // - سە» گە ئوخشاش تەركىبىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش تىل ئورنى جەھەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلار ئۆزەكنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشقا تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، ياز +سا ، كەل +سە . . .jwiئاقيول تور بىكىتى
    (3«- ئى // - سى» غا ئوخشاش بېشىدا سوزۇق تاۋۇش بار – يوقلۇقى جەھەتتىنلا پەرقلىنىدىغان ۋارىيانتلارنىڭ سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغىنى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرگە قوشۇلىدۇ . مەسىلەن ، قەلەم + ئى ، كۆز + ئى . . . ؛ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغىنى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرگە ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، ياخشى – سى ، بالا + سى . . .jwiئاقيول تور بىكىتى
    (4 « - ي // - ئاي // - ئەي» گە ئوخشاش بېشىدا سوزۇق تاۋۇش بار – يوقلۇقى جەھەتتىن ھەم سوزۇق تاۋۇش تىل ئورنى جەھەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلارنىڭ سوزۇق تاۋۇشسىز كەلگىنى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرگە ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، سۆزلە + ي ، قارا + ي ؛ سوزۇق تاۋۇش بىلەن كەلگەنلىرى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇشقا تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، قايت + ئاي ، كۆندۈر + مەي . . .jwiئاقيول تور بىكىتى
    (5) «- غان // - قان / / - گېن / / - كەن» گە ئوخشاش بېشىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار جاراڭلىق – جاراڭسىزلىق جەھەتتىن ، تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلار بىر تەرەپتىن ئۆزەكنىڭ ئاخىرىدىكى تاۋۇشقا جاراڭلىق – جاراڭسىزلىق جەھەتتىن ماسلاشسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۆزەكنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشقا تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، ياز + غان ، ئوقۇت + قان ، كەل + گېن ، ئەت + كەن . . .jwiئاقيول تور بىكىتى
    (6) «- لىق / / - لىك / / - لۇق / / - لۈك» ئوخشاش تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇش ھەم تىل ئورنى ، ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلار ئۆزەكنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشقا ھەم تىل ئورنى ، ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، كۇچا + لىق ، خوتەن + لىك ، قۇمۇل + لۇق ، بۈگۈر + لۈك . . .jwiئاقيول تور بىكىتى
    (7 «- ڭلار / / - ئىڭلار / / - ئۇڭلار / / - ئۈڭلار» گە ئوخشاش بېشىدا سوزۇق تاۋۇش بار – يوقلۇقى جەھەتتىن ھەم بېشىدىكى سوزۇق تاۋۇش تىل ئورنى ۋە لەۋ ھالىتى جەھەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلارنىڭ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغىنى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرگە ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، بالا + ڭلار ، يىڭنە + ڭلار ؛ لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغىنى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ۋە ئاخىرقى بوغۇمىدا لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش كەلگەن ئۆزەكلەرگە ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، دەپتەر + ئىڭلار ، كىتاب + ئىڭلار ؛ لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغىنى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ۋە ئاخىرقى بوغۇمىدا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش كەلگەن ئۆزەكلەرگە تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، كۈن + ئۈڭلار ، ئوقۇش + ئۇڭلار .jwiئاقيول تور بىكىتى
    (8) «- دىڭ / / - تىڭ / / - دۇڭ / / - تۇڭ / / - دۈڭ / / - تۈڭ » ئوخشاش بېشىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار جاراڭلىق – جاراڭسىزلىق جەھەتتىن ، تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ھەم تىل ئورنى ، ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلار ئۆزەكنىڭ ئاخىرىدىكى تاۋۇشقا جاراڭلىق – جاراڭسىزلىق جەھەتتىن ھەم ئۆزەكنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشقا تىل ئورنى ۋە لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، ئوينا + دىڭ ، سۆزلەش + تىڭ ، ئوقۇ + دۇڭ ، ئوقۇت + تۇڭ ، يەتكۈز + دۈڭ ، پۈتۈش + تۈڭ . . .jwiئاقيول تور بىكىتى

    3 . ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىنتاكسىسلىق خۇسۇسىيىتjwiئاقيول تور بىكىتى

    1 ) سىنتاكسىسلىق قۇرۇلما ، سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەت ۋە سىنتاكسىسلىق ۋاسىتەjwiئاقيول تور بىكىتى
    سۆز بىرىكمىسى ۋە جۈملىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى سىنتاكسىسلىق قۇرۇلما دەپ ئاتىلىدۇ .jwiئاقيول تور بىكىتى
    سۆزلەرنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بىرىكمىنىڭ تەركىبلىرى (ئاساسەن بىۋاسىتە تەركىبلىرى) ئوتتۇرىسىدىكى گرامماتىكا جەھەتتىكى مۇناسىۋەت سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەت دېيىلىدۇ . ئۇيغۇر تىلىدا جۈملە ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ تەركىبىدىكى سۆزلەر بىر – بىرى بىلەن تۆۋەندىكىدەك نۇسخىدا مۇناسىۋەتلىشىدۇ :jwiئاقيول تور بىكىتى
    (1) تەڭداش مۇناسىۋەت — بۇ خىل مۇناسىۋەتتىكى قۇرۇلما باراۋەر ئورۇندا تۇرىدىغان ، رولى ئوخشاش بولغان ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تەركىبتىن تۈزۈلگەن سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدۇر . ئۇيغۇر تىلىدىكى تەڭداش مۇناسىۋەتتىكى سۆز بىرىكمىلىرى ، تەڭداش مۇناسىۋەتتىكى قوشما جۈملىلەر مۇشۇ خىل مۇناسىۋەتتىكى قۇرۇلمىلاردۇر . مەسىلەن :jwiئاقيول تور بىكىتى
    سۇ تەمسىز ، پۇراقسىز ، رەڭسىز سۇيۇق جىسىم .jwiئاقيول تور بىكىتى
    (2 ) ئىگە – خەۋەرلىك مۇناسىۋەت — ئىگە ۋە خەۋەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدۇر . مەسىلەن : ئۇلار كەلدى . ئۆيۈڭلار قايسى ؟jwiئاقيول تور بىكىتى
    (3 ) باشقۇرۇش — باشقۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى — باشقۇرغۇچى تەركىب بىلەن باشقۇرۇلغۇچى تەركىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدۇر . بۇنىڭدا باشقۇرغۇچى تەركىب ھەرىكەتنى ، باشقۇرۇلغۇچى تەركىب ھەرىكەتنىڭ ئوبيېكتىنى بىلدۈرىدۇ . مەسىلەن :jwiئاقيول تور بىكىتى
    ناخشا / ئېيتىش ، ۋەتەننى / سۆيمەكjwiئاقيول تور بىكىتى
    ( يانتۇ سىزىقنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى باشقۇرۇلغۇچى ، سول تەرىپىدىكى باشقۇرغۇچى تەركىب)jwiئاقيول تور بىكىتى
    (4 ) ئېنىقلاش – ئېنىقلىنىش مۇناسىۋىتى — ئېنىقلىغۇچى تەركىب بىلەن ئېنىقلانغۇچى تەركىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدۇر . مەسىلەن :jwiئاقيول تور بىكىتى
    ئوقۇغان / بالا ، مىللەتنىڭ / ئۈمىدى ، بەش / ئادەمjwiئاقيول تور بىكىتى
    (يانتۇ سىزىقنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكىلىرى ئېنىقلىغۇچى ، سول تەرىپىدىكىلىرى ئېنىقلانغۇچى تەركىب )jwiئاقيول تور بىكىتى
    سىنتاكسىسلىق ۋاسىتە — گرامماتىكىلىق شەكىللەرنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيىتىگە قاراپ ئايرىلغان تىپ بىرلىكلىرى . ئۇيغۇر تىلىدىكى سىنتاكسىسلىق (گرامماتىكىلىق) ۋاسىتىلەر تۆۋەندىكىچە :jwiئاقيول تور بىكىتى
    ( 1) سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچە — سۆز ياكى سۆز يىلتىزىغا ئۇلىنىپ ، ھەرخىل گرامماتىكىلىق مەنە ئىپادىلەيدىغان مورفېمىلاردۇر . تىلىمىزدىكى ئىسىمنىڭ تەۋەلىك (شەخس) ۋە كېلىش كاتېگورىيىلىرىنىڭ قوشۇمچىلىرى ، پېئىلنىڭ شەخس – سان كاتېگورىيىلىرىنىڭ قوشۇمچىلىرى سۆز بىلەن سۆزنى مۇناسىۋەتلەشتۈرىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك سىنتاكسىسلىق ۋاسىتىدۇر . مەسىلەن ، خەلقنىڭ ئۈمىدى ، بالىلىرىمىز كەلدى . . .jwiئاقيول تور بىكىتى
    (2) ياردەمچى سۆز (تىركەلمە ۋە باغلىغۇچى) — مەخسۇس تۈردە گرامماتىكىلىق مەنە بىلدۈرىدىغان سۆزلەردۇر . تىركەلمە ئىسىمنىڭ باشقا سۆزلەر بىلەن بولغان ، بولۇپمۇ پې’ئىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىشتە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ . (مەسىلەن ، ئوقۇش ئۈچۈن كەتتى . پەلەمپەي ئارقىلىق چىقتى .) ؛ باغلىغۇچىلار بولسا سۆز ۋە جۈملىلەر ئارىسىدىكى تەڭداش مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىشتە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ (مەسىلەن ، شەھەر ۋە يېزىلار گۈللەپ ياشنىدى . ئۇ دەرسنى ئوبدان ئاڭلىدى ھەم ياخشى خاتىرە قالدۇردى) .jwiئاقيول تور بىكىتى
    (3 ) سۆز تەرتىپى — نۇتۇقتا سۆزلەرنىڭ ئىلگىرى – كېيىن تىزىلىش تەرتىپى . مەسىلەن ، پادىچى بالا ، ئۇلۇغ غايە . . .jwiئاقيول تور بىكىتى
    (4) ئىنتوناتسىيە — جۈملە ياكى جۈملە ئۈزۈندىسىنىڭ ئاھاڭىنىڭ ئېگىز – پەس ئۆزگىرىشى بولۇپ ، ئۇنىڭ ۋاسىتىسىدە ئوخشىمىغان جۈملىلەر بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ . پائۇزىمۇ ئىنتوناتسىيىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى بولۇپ ، جۈملە بىلەن جۈملە ئوتتۇرىسىدىكى ، جۈملە بۆلەكلىرى بىلەن جۈملە بۆلەكلىرى ، سۆز بىلەن سۆز ئوتتۇرىسىدىكى ئاۋاز جەھەتتىكى تىنىشتىن ئىبارەت . مەسىلەن ، جالال ئاكام / سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ . جالال / ئاكام سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ . ئادىل – ئوقۇغۇچى . مەدەنىيەتلىك ، ئىنتىزامچان ، غايىلىك ، ئەخلاقلىق .jwiئاقيول تور بىكىتى
    2) ئۇيغۇر تىلىدىكى سىنتاكسىسلىق بىرلىكلەرjwiئاقيول تور بىكىتى
    ئۇيغۇر تىلىدا مورفېما ، سۆز ، سۆز بىرىكمىسى ۋە جۈملىدىن ئىبارەت تۆت خىل گرامماتىكىلىق بىرلىك بار بولۇپ ، بۇنىڭ كېيىنكى ئىككىسى سىنتاكسىسنىڭ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرىدۇ ، شۇڭا سىنتاكسىسلىق بىرلىكلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ .jwiئاقيول تور بىكىتى
    (1) سۆز بىرىكمىسى — ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق مۇستەقىل سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان ، بىر سۆزگە ئوخشاش رول ئوينايدىغان جۈملىنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىيالىدۇر . ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز بىرىكمىلىرى تۈزۈلۈش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىككە (ئىككى سۆزدىن ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزدىن تۈزۈلگەنلىكىگە) ئاساسەن ئاددىي سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، دېھقان بالىسى) ۋە مۇرەككەپ سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، ھاياتنىڭ گۈزەل چاغلىرى) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنسە ؛ تەركىبىدىكى بېقىندۇرغۇچى سۆزنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ ، ئىسىم خاراكتېرلىك سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، بىزنىڭ ئوقۇتقۇچى) ، سۈپەت خاراكتېرلىك سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، ئۆگىنىشتە ئەلا) ، ئىسىمداش خاراكتېرلىك سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، ئوقۇشقا بارماق) ، سۈپەتداش خاراكتېرلىك سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، بەش يىل ئوقۇغان) ۋە رەۋىشداش خاراكتېرلىك سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، ئاستا – ئاستا مېڭىپ) دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ .jwiئاقيول تور بىكىتى
    سۆز بىرىكمىسىدىن ئىبارەت بۇ بىرلىك جۈملىدىن تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن پەرقلىنىدۇ : ① سۆز بىرىكمىسى جۈملە ئىچىدىكى بىرلىك بولۇپ ، بايان خاراكتېرىگە ئىگە ئەمەس ؛jwiئاقيول تور بىكىتى
    ② سۆز بىرىكمىسى كەم بولغاندا ئىككى سۆزدىن تەركىب تاپىدۇ ؛ ③ سۆز بىرىكمىسى بىۋاسىتە تەركىبلەرنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىب تاپىدىغان بىرىكمە .jwiئاقيول تور بىكىتى
    (2 ) جۈملە — تولۇق بىر ئوي – پىكىرنى بىلدۈرىدىغان ، مۇئەييەن ئىنتوناتسىيىگە ئىگە بولغان ئەڭ كىچىك نۇتۇق بىرلىكى .jwiئاقيول تور بىكىتى
    جۈملە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە : ① ھەرقانداق جۈملە تولۇق ئاياغلاشقان ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەيدۇ ؛ ② ئۇ سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ مۇئەييەن سىنتاكسىسلىق قا’ئىدە – قانۇنىيەتلەر بويىچە بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان مۇكەممەل تىل بىرلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ؛ ③ ھەرقانداق جۈملە ئۆزىگە خاس ئىنتوناتسىيىگە ئىگە بولىدۇ .jwiئاقيول تور بىكىتى
    ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈملىلەر مەنىسىگە ئاساسەن : ① بايان (خەۋەر) جۈملە — ئوي – پىكىر بايان تەرىقىسىدە ئىپادىلەنگەن جۈملە (مەسىلەن ، ئۇ 1908 – يىللاردىن باشلاپ شېئىر ئىجادىيىتىدە تېخىمۇ دادىللىق بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ ، تېخىمۇ سالماقلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ ، باشقىلار بايقىمىغان نەرسىلەرنى بايقاپ ۋە ئۇنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن ئىپادىلەپ ، شېئىرىيەت ساھەسىدە خېلى زور ئۈنۈم ھاسىل قىلدى) ؛ ② سوئال جۈملە — ئوي – پىكىر سوئال تەرىقىسىدە ئىپادىلەنگەن جۈملە (مەسىلەن ، بۇ شېئىردىكى رېئاللىق ھەممە كىشى كۆرگەن ، لېكىن ھېس قىلالمىغان ، تونۇپ يەتمىگەن ئاشۇ ئاپەتلىك يىللارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك شېكايىتى ئەمەسمۇ ؟) ؛ ③ ئۈندەش جۈملە — تۈرلۈك ھېس – ھاياجانلىق پىكىرلەرنى ئىپادىلىگەن جۈملە (مەسىلەن ، سېنى تۇغۇپ ئۆستۈرگەن قاراقاش دەرياسى بىلەن يۇرۇڭقاش دەرياسىغا بارىكاللا ! شۆھرىتىڭنى جاھانغا يايغان ھۈنەرۋەن خوتەن خەلقىگە ھەشقاللا !) ؛ ④ بۇيرۇق جۈملە — بۇيرۇق ، تەلەپ ، ئۆتۈنۈش ، شوئار ، چاقىرىق ، ئارزۇ – ئىستەك ۋە مەسلىھەت مەزمۇنىدىكى ئوي – پىكىرلەرنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە . (مەسىلەن ، دەرھال يولغا چىقىڭلار !) دېگەن تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ .jwiئاقيول تور بىكىتى
    جۈملە يەنە تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن : ① ئاددىي جۈملە — تولۇق ئاياغلاشقان يەككە ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە . (مەسىلەن ، بۇ تەسۋىر ئۆز ئوغلى ئۈچۈن كۆيۈپ – پىشىپ يۈرگەن مېھرىبان ئانىنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ تولۇقلايدۇ .) ؛ ② قوشما جۈملە — مەزمۇن جەھەتتىن بىر – بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تارماق جۈملىلەرنىڭ مەلۇم سىنتاكسىسلىق قا’ئىدە بويىچە بىرىكىشىدىن تۈزۈلۈپ ، بىرقەدەر مۇرەككەپ ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە (مەسىلەن ، ئوغۇلنىڭ مەردلىكى ئاتىغا تالىق ، قىزنىڭ ئۇزلۇقى ئانىغا تالىق ، داننىڭ توقلۇقى تۇپراققا باغلىق ، گۈلنىڭ جامالى ياپراققا باغلىق) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ .jwiئاقيول تور بىكىتى


    ئادىرسىمىز