شەيئىلەرنىڭ تۈرلۈك بەلگە – خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلدۈرىدىغان سۆزتۈركۈمى سۈپەت دەپ ئاتىلىدۇ . (سۈپەتلەر 8 تۈرلۈك گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە )
دەرىجە كاتىگورىيىسى :
شەيئىلەرنىڭ بەلگە خۇسۇسىيەتلىرىنى ، ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان گرامماتىكىلىق كاتىگورىيە سۈپەتلەرنىڭ دەرىجە كاتىگورىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ .
ئۇيغۇر تىلىدا سۈپەتلەرنىڭ 5 خىل دەرىجىسى بار .
1) ئاددى دەرىجە _ شەيئىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئەسلى ھالىتى بويىچە ئادەتتىكىچە ئىپادىلەيدىغان سۈپەت دەرىجىسى .
2) سېلىشتۇرما دەرىجە _ ئاددى دەرىجىدىكى سۈپەتلەرگە ”راق ، رەك “ مورفىمىسىنى ئۇلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ .
3)ئاشۇرما دەرىجە _ سۈپەت سۆزىنى تەكرارلاش ، سۈپەتنىڭ بىرىنچى بوغۇمىنىڭ ئاخىرىغا ”پ“ تاۋۇشىنى قوشۇپ ، ئاندىن سۈپەتنى تولۇق ئېيتىش ، ئاددى دەرىجىدىكى سۈپەتلەرنىڭ ئالدىغا ئاشۇرمارەۋىشلەرنى قوشۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ .
4)كېمەيتمە دەرىجە _ ئاددى دەرىجىدىكى سۈپەتلەرگە ” ىش، ۇش، ۈش، غۇش ، مىتۇل“ مورفىمىلىرىنى ئۇلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ .
5)ئەركىلەتمە دەرىجە _ ئاددى دەرىجىدىكى سۈپەتلەرگە ”غىنە ، قىنە ، گىنە ، كىنە “ مورفىمىلىرىنى ئۇلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ .
سۈپەتلەرنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزىلىشىگە قاراپ تۈپ سۈپەت ۋە ياسالما سۈپەت دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ .
شەيئىلەرنىڭ بەلگە خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلدۈرىدىغان بىرلا توموردىن تۈزىلىدىغان سۈپەتلەر تۈپ سۈپەت دەپ ئاتىلىدۇ .
باشقا سۆز تۈركۈملىرىگە مەنسۇپ بولغان سۆزلەرگە (بولۇپمۇ ئىسىملارغا ) سۈپەت ياسىغۇچى تۈرلۈك مورفىمىلارنىڭ ئۇلىنىشى ۋە ئىككى باش مورفىمىنىڭ ئۆز-ئارا قوشۇلىشى ئارقىلىق ياسالغان سۈپەتلەر ياسالما سۈپەت دەپ ئاتىلىدۇ .
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدىكى ياسالما سۈپەتلەر مورفولوگىيىلىك ۋە سىنتاكىسسلىق يولدىن ئىبارەت ئىككى خىل يول بىلەن ياسىلىدۇ .
ھەر خىل سۆز تۈركۈملىرىگە تەۋە بولغان سۆزلەرگە سۈپەت ياسىغۇچى تۈرلۈك مورفىمىلارنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ھاسىل بولغان سۈپەتلەر مورفولوگىيىلىك يول بىلەنياسالغان ياسالما سۈپەتلەر سۈپەتلەر دېيىلىدۇ .
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىدا كۆپرەك ئۇچىرايدىغان سۈپەت ياسىغۇچى مورفىمىلار :
1)ئىسىملارغا ئۇلىنىپ سۈپەت ياسايدىغان مورفىمىلار
2)پېئىللاردىن سۈپەت ياسىغۇچى مورفىمىلار
3)رەۋىشلەردىن سۈپەت ياسىغۇچى مورفىمىلار
4)سان – مىقتار سۆزلىرىدىن سۈپەت ياسايدىغان مورفىمىلار
5)سۈپەتلەردىن سۈپەت ياسىغۇچى مورفىمىلار قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
ئىككى باش مورفىمىنىڭ ئۆز-ئارا بىتىكىشىدىن تۈزۈلگەن ياسالما سۈپەتلەر سىنتاكىسسلىق يول بىلەن ياسالغان سۈپەت دەپ ئاتىلىدۇ .
سالامنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھەسرىتى
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادىتى ھەم زامانىۋىلىشىشى توغرىسىدا
قەشقەرنى بىلەمسىز؟
خوتەننىڭ گۆشگىردىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلد
مېھرى ئىسسىق ئۈرۈمچى كوچىلىرى!
ئۇيغۇرلاردىكى ئوغلاق تارتىشىش
تۇرپاندىن تېپىلغان 2200 يىل بۇرۇنقى جەسەتنىڭ كىيىمى ‹‹ سالدۇرۇلدى ››
قۇمۇل غىجىكىنىڭ ياسىلىشى ۋە قۇمۇل 12 مۇقامىدىكى ئاساسلىق رولى
قۇمۇل راۋابى ۋە ئۇنىڭ ياسىلىشى
