ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېلىجان ئىسمائىل خەۋىرى ، فوتوسى : دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك تەلپەك—كېرىيە ئاياللىرىنىڭ تەلپىكى بولۇپ ، دۇنيا جىنىس رىكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلگىنىگە نەچچە يىل بولغان ئىدى . ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت تارماقلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن يېقىندا كېرىيە ئاياللىرىنىڭ تەلپىكى دولەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى . كېرىيە ناھىيسىنىڭ جاي يېزا جاي كەنتىدىكى دېھقان بۈۋى رابىيخان تۇرسۇن 30 نەچچە يىللىق ھاياتىنى مۇشۇ كىچىك تەلپەكنى تىكىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ ، بۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى مۇكەممەل ساقلاپ قالغانلارنىڭ بىرى. شۇڭلاشقا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى يېقىندا ئۇنىڭغا ‹‹ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى—كېرىيە كىچىك تەلپىكىنىڭ تىپىك ۋارىسى ›› دېگەن شەرەپنى بەردى. ئۇ ، بۇ شەرەپكە ئېرىشكەندىن كېيىن ئەتراپىدىكى 15كە يېقىن ئايالغا تەلپەك تىكىش ھۈنىرىنى ئۆگىتىپ ، ئەجداتلاردىن قالغان بۇ بىباھا مەدەنىيەتنىڭ داۋاملىق نۇرلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقاردى .
سالامنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھەسرىتى
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادىتى ھەم زامانىۋىلىشىشى توغرىسىدا
قەشقەرنى بىلەمسىز؟
خوتەننىڭ گۆشگىردىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلد
مېھرى ئىسسىق ئۈرۈمچى كوچىلىرى!
ئۇيغۇرلاردىكى ئوغلاق تارتىشىش
تۇرپاندىن تېپىلغان 2200 يىل بۇرۇنقى جەسەتنىڭ كىيىمى ‹‹ سالدۇرۇلدى ››
قۇمۇل غىجىكىنىڭ ياسىلىشى ۋە قۇمۇل 12 مۇقامىدىكى ئاساسلىق رولى
قۇمۇل راۋابى ۋە ئۇنىڭ ياسىلىشى
