ئەمدى مەن يالغۇز ئەمەس
ئاپتۇۋۇزدىن چۈشۈشىم بىلەن تەڭ كېچىچە تارتقان ئۇيقۇ ئازاپلىرىنى بىراقلا ئۇنتۇپ،ئۇھ دەپ يىنىك تىنىپ ھاردۇقۇم چىقىپلا قالدى.پاكىز،گۈزەللىكى بىلەن دىللارغا ھوزۇر بېغىشلىغۇچى بۇ شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىدىن كىسىپ ئۆتىدىغان ئاشۇ سۈيى ئەلۋەك دەريا بۇ شەھەرگە تېخىمۇ ھۆسىن قوشقان ھالدا تىنىم تاپماي شەرققە قاراپ ئاقاتتى...
بۈگۈن نەۋرە ھەدەمنىڭ تويى بولماقچى،شۇ سەۋەپلىك ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ بۇ شەھەرگە يەنە قايتا قەدەم تاشلىدىم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!دەپ ئۆيگە كىرىشىم بىلەن تەڭلا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ سالام قايتۇرغان تونۇش چىرايلاردىن دىلىم سۆيۈنۈپ يۈرەكلىرىم تېپچەكلەپ كەتتى،ھەر-قايسى يىراق-يېقىنلاردىن كەلگەن ئۇرۇق-تۇققانلار شۇنچە قىزغىن كۆرۈشۈپ ،قۇچاقلىشىپ ھەتتا كۆز-يېشى قىلىشىپ كەتتۇق،نەۋرە ھەدەمنىڭ ھۆسىن تۈزەش ئورنىغا ياسىنىشقا كەتكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشىم كۈتۈپ تۇرۇشنى لايىق كۆرمەي ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلىپ ئورنىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇدۇل شۇ يەرگە باردىم،ئازادە،ياسىداق بېزەلگەن ھۆسىن تۈزەش مەركىزىدىن ھەدەمنى تېزلا تاپتىم .
قىزغىن ،خوشاللىق ئىچىدە سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن ھەر ئىككىلىمىز ئۆزىمىزنى ياساش بىلەن بىر مەھەل ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق،
[مەن پەقەت چېچىمنى ئاددىلا تۈگدۈرۈپ ياساتقاندىن كىيىن يۇمشاق ئورۇندۇققا چۆكۈپ ھەدەمنىڭ ئەتتىگەندىكى ھەشقىپىچەكتەك ئېچىلىپ،نۇرلىنىپ كەتكەن چىرايىغا تويماي قارىغانچە ئاغزى-ئاغزىمغا تەگمەي نەچچە يىل يىغىلىپ قالغان سۆزلىرىمنى ئېيتىپ ،مۇڭدىشىپ ئولتۇراتتىم،بۇ دۇكاننىڭ ئىچىدە بىر-بىرىدىن چىرايلىق قىزلاردىن ئوننەچچىسى بار بولۇپ ھەممىسى ئۆزكەسپىنى ئالدىراش ئورۇنداۋاتاتتى...بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىز تۇيۇقسىز دىققىتىمنى تارتتى،16-17ياشلار چامىسىدىكى ئاددى،پاكىز كىيىنگەن ،ئوماققىنە بۇ قىزغا ھەر-بىر قارىغىنىمدا يۈرەكلىرىم ئىختىيارسىز تىترەپ كەتكىنىدىن تولىمۇ ھەيرانلىق ھىس قىلدىم،(توۋا نىمە ئىشتۇر بۇ؟بۇ قىز ماڭا نىمانچە تونۇش،يېقىملىق كۆرۇنىدىغاندۇ؟نىمىشقا ئۇنىڭغا قارىساملا باشقىچە بىر خىل بولۇپ كىتىدىغاندىمەن؟بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەن بولغىيمىدىم يە؟ياق،ياق،كۆرگەن بولساممۇ بۇنداق يۈرىكىم سېلىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىدىغۇ؟)ئۆزۈمدىكى بۇ روھى ھالەتتىن بەكلا ئەجەپلىنىش ئىلكىدە كۆڭلۇمگە لەپپىدە كەلگەن بىر گۇمان مىنى تېخىمۇ گاڭگىرىتىپ قويدى(راست شۇمىدۇ؟)دىگەنلەرنى ئويلىدىمدە يۈرىكىم تېخىمۇ ئەنسىز تىپچەكلەپ كەتتى.
********************************************************************************
بۇنىڭدىن 15يىل بۇرۇن مىنىڭمۇ شۇنداق قاملاشقان،بويلىرى ئىگىز،قاڭشارلىق،مىھرىبان بىر ئاكام بولغان،گەرچە ئۇنىڭغا تىك بېقىپ قاراپ باقمىغان بىرەر قېتىم(سەن)لەپ سۆزلەپ باقمىغان بولساممۇ ،بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئاكىلاردىن ئارتۇق كۆرەتتىم،ھۆرمەتلەيتىم،پەخىرلىنەتتىم،دادا مىھرىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى كۆرۈشكىمۇ ئۈلگۈرمىگەن مەن ئۈچۈن ئۇ ھەم دادا ھەم ئاكا ئىدى.شۇنداق بىر ئاكامنىڭ بولغىنىدىن ئۆزۈمنى شۇنچە بەخىتلىك ھىساپلاپ سۆيۈنەتتىم.
مەكتەپتىن قايتىپ ئۇدۇللا ئۇنىڭ ئۆيىگە بىر جۈپ پەرىشتىلىرىمنى كۆرۈشكە ئالدىراپ يۈگرەيتىم ،ئۇنىڭ مىھرىبان ئايالى بېشىمنى سىلاپ كىيىملىرىمنى سالدۇرۇپ بولغۇچە بىر جۈپ قىزى ماڭا ئېسىلىشىپ قۇچىقىمغا چىقىپ بۇلاتتى،ئۇلارنىڭ تاتلىق-چۈچۈك تىللىرى ،ئەركىلەشلىرى ...ماڭا چەكسىز خوشاللىق،سۆيۈنۈش ئاتا قىلاتتى.
ئەپسۇس بۇ بەختىيار گۈزەل كۈنلەر خۇددى تۇيۇقسىز چىققان شىۋېرغان ئۆرۈك چېچەكلرىنى بىر كېچىدىلا توزىتىۋەتكىنىگە ئوخشاش،بىر كېچە ئىچىدىلا ھەممە خوشاللىقلىرىمنى ئاكام بىلەن قوشۇپ رەھىمسىز رىئاللىق قوينىغا دەپنە قىلىۋەتتى.
شۇنداق بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار قاتارىدا ئاكاممۇ بىز بىلەن مەڭگۈلۇك خوشلاشتى.ئادەم تولىمۇ ئاجىز بولغىنى بىلەن ھەممىگە كۆنىدىكەن،باش ئىگىدىكەن.
بۇ رەھىمسىز تەغدىردىن پۇچۇلىنىپ ،بۇ ئايرىلىش ھىجرانلىرىغا بەردەشلىق بېرىشكە تولىمۇ ئاجىزلىق قىلدىم،ئاكامنىڭ مەن ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى ،ئۆزۈمنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تۆۋرۈكۈم،يولباشچىم،قانىتىم....ئىكەنلىكىنى تۇلۇق ھىس قىلغىنىمدا ئۇ ئاللىقاچان سوغۇق تۇپراق ئاستىغا مەڭگۈلۈككە كۆمۈلۈپ كەتكەن ئىدى.
++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++
ئاكامنىڭ يىل نەزىرىدىن كىيىن يەڭگەم ئاكامنىڭ دوستلىرىنىڭ تۇنۇشتۇرىشى ۋە تۇرتكىسىدە قايتا ياتلىق بولماقچى بولدى.ئاكام قازا قىلغاندا چوڭ قىزى ئايگۇزەل 3ياشقا كىچىگى گۈزەلنۇر 6ئايلىق ئىدى كېڭىشىش ئارقىلىق ئايگۈزەل يەڭگەم بىلەن بىللە كىتىدىغان گۈزەلنۇرنى بىز باقىدىغان بولۇشۇپ يەڭگەم باشقا ناھىيەگە ياتلىق بولۇپ كەتتى،بىر مەزگىل ئالاقىلىشىپ،بېرىپ-كىلىپ تۇرغان بولساقمۇ كىيىن ئۇيولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ باشقا شەھەرگە كەتكەندىن كىيىن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپلا قالدى ،ئاپام ئىككىمىز گۈزەلنۇرنى ئېلىپ نەچچە قېتىم ئىزدەپ بېرىپمۇ ئۇلارنىڭ دېرىكىنى ئالالماي قايتىپ كەلدۇق ھەم يەڭگەمنىڭ ياتلىق بولۇپ ئىچكىرى ئۆلكىنىڭ مەلۈم يېرىگە كەتكەنلىكىنى بىلدۇق.گۈزەلنۇر تولىمۇ ئوماق،ئەقىللىق چوڭ بولدى ،كۆز-قاڭشارلىرى ئاكامغا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايتى.ئۇ 6ياشقا كىرىپ مەكتەپ ھاياتىنى باشلىغىنىغا تېخى 5 ئاي بۇلىۋېىدى مەكتەپ ئالدىدا يۈز بەرگەن چوڭ قاتناش ۋەقەسىدە ھەممىمزنى ئاچچىق ھەسرەت،ھىجران ئازابىغا تاشلاپ دادىسىنىڭ يېنىغا ۋاقىتسىزلا كەتتى،بىر مەزگىل ئېسىمنى يوقىتىپلا قويدۇم،شۇنچە ئادەم پاتقان ،ياشاۋاتقان...دۇنيادىن نىمە ئۈچۈن مىنىڭ ئاكام ھەم تېخى ئون گۈلىنىڭ بىرسى ئېچىلمىغان سەبى قىزى مەھرۇم بولىدۇ؟ ئاھ رەھىمسىز قىسمەت،رەھىمسىز رىئاللىق...مىنىڭ بۇ دۇنيادىكى بارلىق تەسەللى،خوشاللىق ،ئەرمەكلىرىمدىن مەھرۇم قىلدىڭ!
-جۈرە سىڭلىم قايتىمىز دىگەن سۆزدىن ئەندىكىپ خىياللىرىمنىڭ يىپى ئۈزۈلۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم.ھەدەم ياسىنىپ تەييار بولۇپ بولغان ئىدى ،مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئىشىك تۈۋىگە باردىمدە،كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ئۇ قىزغا يەنە بىر قارىدىم،(گەپ قىلايمۇ؟ئەگەر ئەمەس بولۇپ قالسا شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا ئوڭايسىزلىنىپ قالارمەنمۇ؟)دىگەنلەرنى ئويلىغاچ توي بولىدىغان رېستۇراننىڭ ئالدىغا كىلىپ قالغىنىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن.
توي باشلاندى ،ھەممە چېھىردە خوشاللىق ،توي شاتلىقى ئەۋج ئېلىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە مەن تولىمۇ بىئاراملىق ئىچىدە مەيۇس ئولتۇراتتىم ،بايىقى خىياللىرىمنىڭ ئىچىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كىتەلمىگەن جىسمىم تىترەيتى(ئۇ چۇقۇم ئايگۈزەل!)،كۆزلىرىمدىن تۇيۇقسىز،ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا نەچچە تامچە ياش فونتاندەك ئېتىلىپ چىقتى،ئورنۇمدىن قانداق تۇرغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن زالدىن قانداق ئۈتۇپ،چوڭ يولغا قانداق چىققىنىمنىمۇ ھەتتا ئاشۇ ھۆسىن تۇزەش دۇكىنىنىڭ ئىشىكىنى قانداق ئېچىپ كىرگىنىمنىمۇ بىلمەيلا قالدىم.
ـئايگۈزەل.!ئاۋازىم شۇنچە يوقىرى ھەم تىترەڭگۈ چىقىپ كەتتى.
ئۇ ئۆرۈلۈپ ماڭا قارىدى ،توۋا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ياش مىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى،
ـمەن سىزنى كۆرگەندىلا يۇرىكىم سىزنىڭ ماڭا يات بىرسى ئەمەسلىكىڭىزنى تۇيغان،ماڭا شۇنچە ئۇزۇن قاراپ كەتكىنىڭىز گۇمانىمنى تېخىمۇ ئۈمىدلەندۈردى ،سىز چىقىپ كەتكەندىن كىيىن مەن ئارقىڭىزدىن رېستۇرانغا بېرىپ باشقىلاردىن توي ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى،سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى بىلگەندىن كىيىن مۇلازىمغا سىزگە مىنىڭ ئايگۈزەل ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپ قويۇشىنى ھاۋالە قىلىپ قايتىپ كەلگەن ئىدىم!
ئۇنى مەھكەم باغرىمغا باستىم!ئاھ خۇدا مەن ئايگۈزەلنى تېپىۋالدىم!ئاكا مەن ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈدۈمنى تېپىۋالدىم،بۇ دۇنيادىكى بىردىن بىر قېرىندىشىمنى تېپىۋالدىم!پۇتۇن جاھان ئاڭلا مەن يوقاتقان ،ئىزدەۋاتقان،بۇ دۇنيادا بار بولغان ھەممە نەرسەمنى تېپىۋالدىم!ئەمدى مەن يالغۇز ئەمەس .