• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • يۇلغۇن چېچىكى (مىكرو ھېكايە)

    مەنبە : ئەلكۈيى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-05-21
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مىھرى،ياخشى تۇرۋاتامسەن؟كۆرۈشمىگىلى گەرچە ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ ئاشۇ سەبى چىرايىڭ، سەمىمى ،مىيىقىڭدا كۇلۈشلىرىڭ ھەردائىم كۆز ئالدىمدىن غايىپ بولغىنى يوق،بولۇپمۇ ئۆزۈمنىڭ ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنىۇتلىرىدا ياشاۋاتقىنىمنى بىلگەندىن كىيىن تۇنجى بولۇپ سېنى سېغىنىش ئىلكىدە ئەسكە ئالدىم...
    ئېسىڭدىمۇ ئاشۇ قوينى كەڭرى ،ساپ ھاۋالىق،گۈزەل سەھرايىمىز؟نىمىدىگەن گۈزەل بالىلىق دەۋرىمىز ھە؟ئەتتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرۇپلا سەيناغا(ھويلا)چىقىپلا داۋزا(دەرۋازا)ئالدىدا پۇتلىرىڭ بىلەن يەرگە چەمبەر،مىنىڭ، ياكى سېنىڭ ئىسمىڭنى يېزىپ تۇرغانلىقىڭنى كۆرەتتىم.مىنى كۆرۈپلا شۇنداق تاتلىق مىيىقىڭدا كۈلەتتىڭ،دە ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كىلىپ قوللىرىڭنى سۇناتتىڭ،نىمىشقىكىن سېنىڭ قوللىرىڭ دائىم مىنىڭكىدىن ئىسسىق ئىدى.
    -بولە ئاداش قويلارنى تىزرەك باققىلى ئەچىقمىساق مەكتەپكە كىچىكىپ قالىمىز ،-دەيتتىڭدە ھويلاڭغا قاراپ يۈگرەيتىڭ،مەن قويلارنى ھەيدەپ سىرتقا ئەچىققىنىمدا ئىككىمىزنىڭ قويلىرىمۇ بىر-بىرىگە بەدەنلىرىنى سۈركىشىپ،يالىشىپ،تىپچەكلەپ...ئويناپ كىتەتتى،ھەمدە ئۆزلىرىگە تولىمۇ تۇنۇش بولغان توقايلىققا قاراپ يۈگرەيتى،ئىككىمىزمۇ قوللىرىمىزغا ئېلىۋالغان چىۋىقلارنى ئوينىتىپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگرەيتۇق....
    بەك مىسىلداپ سۆزلەپ كەتكىنىمنى كەچۈر لېكىن مىنىڭ ئاشۇ ۋاقىتلارنى ،ئاشۇ ۋاقىتلاردىكى ھەربىر ئىشلارنى قايتا ئەسلىگۈم خاتىرە بېتىمگە سىڭدۈرگۈم بار مىھرى،بۇ قىسقىغىنە ھاياتىمدا مەن ئۈچۈن ئەڭ خوشاللىق ئاتا قىلغىنى دەل ئاشۇ بالىلىق دەۋرىم ،سەن،ھەم ئاشۇ ئانا سەھرا.
    توقايلىقتىكى ھېلىقى كىچىك ئېقىن ئىسىڭدىمۇ؟قويلارنى ئوتلاشقا قويۇۋېتىپ ئىككىمىز پۇشقاقلىرىمىزنى تۈرۈپ سۇغا چۈشۈپ بېلىجان تۇتاتتۇق،سۇ چېچىشىپ ئوينايتۇق،لېكىن ئەكەلگەن بېلىقلىرىمىز(بىر غېرىچ)قا توشمىغاچقا ئاپام پۇشۇرۇپ بېرىشكە ئۇنىماي قارا ئاسلىنىمغا بېرەتتىم،
    قوللىرىمىزنى مەھكەم تۇتۇشۇپ يۇمشاق ،توپىلىق يولدا يالىڭاياق مەكتەپكە قاراپ يۈگىرەيتۇق،(ھازىر ئويلىسام نىمىدىگەن ئىللىق ،راھەتبەخىش تۇپراق ھە)؟
    سىنىپ بويىنچە سېنىڭ ئوقۇش نەتىجەڭ يۇقىرى ئىدى،تولىمۇ ئەستايىدىل ئۆگىنەتتىڭ،مەنمۇ ساڭا يىتىشىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشاتتىم ،ئاخشاملىرى توغرا تام(ئوچاقنىڭ سۇپىغا تۇتىشىدىغان جايىغا سېلىنىدىغان كىچىككىنە تام)يېنىدا جىنچىراقنىڭ ئاجىز يورۇقىدا تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئۆگىنىش قىلاتتۇق.كىتاپلاردىكى ھەر-بىر دەرسلىك بىزگە ياد بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ھەر بىر قىستۇرۇلما سۆرەتلەرگىچە تەپسىلى كۆرۈپ بىر-بىرىمىزگە چۈشەندۈرەتتۇق...
    سېنىڭ ئائىلە شارائىتىڭ بىزنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىدى،ئاتاڭ ھەربىي سەپتىن قايتقان ،مەھەللىمىزنىڭ ئامانلىق ساقلاش كادىرى،ئاناڭ شۇ ۋاقىتلارنىڭ ئۆزىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ،ئوقۇمۇشلۇق ،خۇشچاخچاق ،شىئېر-قوشاق،ھىكايە توقۇشقا تولىمۇ ئۇستا ھېرىسمەن ئايال ئىدى ،كەچلىكلىرى ئۇنىڭ ھىكايە-قىسسىلىرىنى ئاڭلاش بىزگە خۇمار بولۇپ كەتكەن ئىدى،مەھەللىمىز ناھىيە بازىرىغا ئانچە يېقىن بولمىسىمۇ ھەر بىر يېڭى كىتاب نەشىردىن چىققىنىنى ئاڭلىغان ھامان ئاتاڭ ھارۋىسىنى قېتىپ ناھىيە بازىرىدىكى كىتاپخانىعا قاراپ ماڭاتتى ،يېڭى كىتاپنى ئەكەلگەن كۈنى ئۆيۈڭلار شۇنچە خوشال كەيپىياتقا چۈمەتتى ،ئاتاڭ،ئاناڭ،ئانام،ئۈچى تاڭ ئاتقۇچە ئۇ كىتابنى قولدىن-قولغا ئالماشتۇرۇپ ئوقۇپ تۈگەتمىگۈچە بولدى قىلمايتتى،ئىككىمىز تاڭ سۈزۈلەي دىگەنلەردە ئىرادىمىزگە خىلاپ ھالدا ئۇخلاپ قالاتتۇق...
    ھەر-بىر كىتاب  ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىزنى،ۋەقەلىك،باش قەھرىمان... دىگەنلەرنى نەچچە كۈنگىچە ئاغزى-ئاغزىمىزغا تەگمەي ،سۆزلەپ يۈرەتتۇق.
    ئېسىڭدىمۇ؟شام ۋاقتى بىلەن قويلارنى ھەيدەپ مەھەللىگە يېقىن كەلگىنىمىزدە كۆرۈنىدىغان،بىز تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ،قاتار كەتكەن رەتلىك دەرەخلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا خۇددى بۇلۇتلاردەك تۇرۇپ قالىدىغان تۈتەكلەر؟بۇرنىمىزغا ئۇرۇلىدىغان ياغاچ ئۇتۇنىنىڭ قاڭسىق ھىدى بىلەن بىرلىشىپ پىننە سېلىنغان سۇيۇقئاشلاردىن تارقاۋاتقان ئىشتىيىمىزنى غىدىقلاپ،ئاغزىمىزغا سېرىق سۇ كەلتۈردىغان ئاشۇ مىززىلىك پۇراقلار....(ھازىرمۇ ئاشۇ تونۇش ھىد بۇرنۇمغا پۇرىماقتا).
    دۇنيادا ھىچقايسىبىر مەھەللە ئاشۇ بىزنىڭ سەھرايىمىزدەك گۈزەل بولمىسا كېرەك،ھەتتا چۈشۈمدىمۇ ئەشۇ مەھەللىنى كۆرىمەن،قارا ،چوڭ يولنىڭ ئوڭ تەرىپى مۇنبەت تۇپراق ئېتىزلار،ئېتىزدىن ئۆتسەڭ،بىز خوشال-خورام چۇقىرىشىپ ئوينايدىغان،ئۆستەڭ،(ئۇ ئۆستەڭ بەكلا تۈپتۈز ئىدى)،ئۆستەڭدىن ئۆتسەڭ توپىلىق سەھرا يولى،يول بويىغا قاتار كەتكەن رەتلىك سېلىنغان ھەممىسىنىڭ شاخىسسى(چىۋىقلاردا تۇقۇپ ياسالغان دەرۋازا)بىرلا تەرەپكە قارايدىغان ،لاي كېسەك ئۆيلەر....
    چوڭ يولنىڭ سول تەرىپى زەيكەش شال ئېتىزلىقلىرى (ئۇ يەردىكى زەي تۇپراق ھىدى ،دىلنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ)شال ئېتىزلىرىدىن ئۆتسەك دەل بىز مال باقىدىغان توقايلىق.ئۇ يەردە بىزنىڭ نۇرغۇن نۇرغۇن ئەسلىمىلىرىمىز قالغان،ئاھ ئۇ يەردىكى يۇلغۇن چېچەكلىرى...يۇلغۇن چېچىكىنىڭ شورلۇق تۇپراق ھىدى بىلەن ئارلىشىپ كەتكەن بىزگە تولىمۇ تونۇش مىزىلىك پۇراق...
    ھېلىمۇ ئىسىمدە قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە توقايلىقتا مال بېقىۋېتىپ توڭلاپ كىتىپ تېزەك تېرىپ ئوت قالاپ ئىسسىندۇق،نىمىلەرنى تالاشتۇقكىنتاڭ ئېنىق ئىسىمدە قالماپتۇ ،بىز بالىلارچە ئازارلىشىپ قالدۇق،مەن سېنى ئوتۇمدىن ئىسسىنغىلى قويمۇدۇم،سەن قېيىداپ قۇپۇپ يەنە بىر يەرگە ئوت قالىدىڭ،نىمىدىگەن كۈلكىلىك ھە؟ئىككىمىز ئىككى يەردە ئوتسىنىپ ئولتۇرۇپ تاكى ئۆيگە قايتقۇچە گەپلەشمىدۇق،ئەتىسى ئەتتىگەندە يولغا چىقسام سەن يوق،ماللارنى ھەيدەپ توقايلىققا بارغۇچە سېنىڭ ئاشۇ يەردە بولۇپ قېلىشىڭنى تولىمۇ ئۈمىد قىلدىم،چوقۇم ئالدىڭغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىسسىق قولۇڭنى تۇتساملا ھەممە كۆڭۈلسىزلىكنىڭ ئۆتۈپ كىتىدىغىنىغا ئىشىنەتتىم .شاللىقتىن ئۆتۈشۈمگە توقايلىق تەرەپتىن توپىلارنى توزۇتۇپ يۈگرەپ كىلىۋاتقىنىڭنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم تېپچەكلەپ كەتتى.مەنمۇ ساڭا قاراپ يۈگۈردۈم ،ئۇچراشتۇقيۇ يۈزلىرىمىز بىلىنەر بىلىنمەس قىزىرىپ كەتتى،سەن بۇ ئوڭايسىزلىقتىن مىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن گەپنى باشقا ياققا بۇراپ(تاپشۇرۇقنى ئىشلىيەلىدىڭمۇ)؟دەپ سورىدىڭ(ھەئە سەنچۇ؟)دەپ جاۋاپ بېرىۋېتىپ ئۆزۈمنى شۇنداق يەڭگىللەپ قالغاندەك ھىس قىلدىم....بۇنداق سۆزلەپ كەلسەم بۇ خاتىرەم توشۇپ كەتكۈدەك سەنمۇ ئوقۇپ بۇلالماي قالغۇدەكسەن،ئازراق قىسقارتىپ سۆزلەشكە تىرىشاي ھە؟
    مانا بىز باشلانغۇچنى پۈتتۇردۇق،مەكتەپ قوراسىدىن چىقىپ بۇلاي دىگەندە كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام نۇرغۇن ئەسلىمىلەر قالغان سىنىپلار،بىزگە مۇڭلىنىپ قاراۋاتقاندەك بىلىندى.
    ئاشۇ باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈش بىلەن ھاياتىمىزدىكى چوڭ تاللاشلارغا دۈچ كەلدۇق،ئاپام سىڭلىم ئىككىمىزنى ئېلىپ ئۈرۈمچىدىكى ئاكامنىڭ تەكلىپى بىلەن كۆچۈپ كەتمەكچى بولدۇق،ماڭىدىغان كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى مەھەللىمىزدىكىلەرنى چاقىرىپ نەزىر بەردۇق،سەن يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ياردەملىشىۋاتاتتىڭ،كۆزۈڭ پات-پات ماڭا مەيۇس باقاتتى،خۇدىى ماڭا دەيدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىڭ باردەك ئەمما ئېيتالمايدىغاندەكلا بىلىنەتتى.كۆزۈڭدە ۋەھىمە،ئەندىشە تۈسىنى ئالغان بىر ئەندىكىش قېتىپ قالغاندەك ،خۇددى مىنى ئۇزۇن كۆرمىگەن يېقىنىڭنى كۆرىۋاتقاندەك ئۇزۇندىن ئۇزۇن تىكىلىپ قارايتىڭ.
    مەن تىپ-تىنىچ ،گۈزەل سەھرا بىلەن خوشلاشتىم،كىچىككىنە قەلبىمدە نە خوشال بولۇشنى نە ئازاپلىنىشنى بىلمەيتىم،سەبىلىكىمدە مىنى نىمىلەرنىڭ ئۇزۇتۇپ نىمىلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغىنىنىمۇ بىلەلمىگەن ئىدىم.
    مىھرى، بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن مىنىڭ بىردىن بىر خوشاللىقىم سەندىن كەلگەن،ئازۇت خالتىسىدىن كىسىۋېلىنغان قەغەزلەرگە يىزىلغان خەتلىرىڭلا بولۇپ قالدى...
    يىڭى مۇھىت،يىڭى مۇئەللىم،يىڭى ساۋاقداشلار.....ئىشقىلىپ مەن پەقەتلا كۆنەلمىدىم مىھرى.سىنىپتا ھەممە ساۋاقداش مەسخىرلىك كۆلۈپ مىنى سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەكلا بىر بولۇڭغا بېرىپ شۈمشىيىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلايتى،يۈتكەن ياكى خاتا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئارتىلىپلا قالاتتى ،مېڭىش-تۇرۇش،كىيىم-كېچەك،سۆز-ھەركەت،كۈچلۈك يەرلىك شىۋىدا سۆزلىشىمدىن ئۇلار ھەردەم قۇسۇر چىقىرىپ مىنى مازاق قىلاتتى.
    شۇ پەيتلەردە ئاشۇ سەھرادىكى مىرىبان كۆيۈمچان،مۇئەللىملىرىمنى،ساددا-سەمىمى ساۋاقداشلىرىمنىڭ مىنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ چۇۋرلاشلىرىنى ،سېنىڭ غەمخورلۇقلىرىڭنى ،مەكتەپتىن قايتقاندا ئۆي-ئۆيدىن چىقىپ بىزنى ئەركىلىتىپ ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ كىتىدىغان تونۇش چىرايلارنى شۈنچە سېغىناتتىم.توقايلىقلاردىكى تولىمۇ ئاددى لېكىن قاراڭغۇ چۈشكىنىنىمۇ سەزمەي ئويناپ كىتىدىغان ئويۇنلىرىمىزنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئەسلەيتتىم.مەيۇس چىرايىمدا شۇندىلا كۈلكە جىلۋىلىنىپ قالاتتى.ھېلىقى مەكتەپ قوراسىدىكى ماشىنا چاقىنىڭ كېرەكسىز تۆمۈرىدىن ياسالغان ئىككىمىز نۆۋەتلىشىپ ئۇرۇپ ساۋاقداشلارنى يىغىدىغان (جاڭ)ئىسىڭدىمۇ؟بۇ يەردە ئۇنداق نەرسە يوقكەن،ھەر بىر سىنىپ ،مەكتەپ قوراسىدا تامغا ئورنىتىۋىتىلگەن قوڭغۇراق باركەن ،ئۇنى مۇئەللىملەر ئىشخانىدا ئولتۇرۇپلا چالىدىكەن...مەكتەپتىن قايتقاندا ھەممە ساۋاقداشلىرىم بىللە چۇۋۇرلىشىپ ماڭىدۇ،پەقەت مەنلا يالغۇز ئۇلارنىڭ كەينىدىن خۇددى سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغان ئادەمدەك بېشىمنى تۆۋەن ساڭگىلىتىپ ماڭىمەن....
    بارا-بارا بۇ يىڭى مۇھىتقا كۆندۈم.لېكىن ھەركۇنى كەچتە ئاپامغا ئاشۇ سەھراغا قايتىشنى تەكىتلەپ،بەزىدە كۆزلىرىم ياش يۇقى ئۇخلاپ قالىمەن.
    مىھرى،ۋاقىت ھەممىگە شۇنداق قادىر ئىكەنكى ئۇ ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيدىكەن،كۆندۈرىدىكەن،ئۇنتۇلدۇرالايدىكەن،لېكىن ئاشۇ بالىلىقىم ئۆتكەن سەھرادىكى بارلىقىمنى پەقەتلا ئاچچىق سېغىنىشىم بىلەنلا ساقلاپ كەلدىم.ھېلىقى بەشىمىز بىر مودىن يىغىش قىلىپ چۈشكەن كىچىككىنە رەڭسىز سۆرەت ھازىرغىچە ياستۇقۇمنىڭ ئاستىدا،ھەر كۈنى سىلەرنىڭ چىرايىڭلارنى ئۇنتۇلۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ تاكى كۆزۈم ئۇيقۇغا كەتكۈچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارايمەن.
    تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقىدا ئۇقۇۋاتقىنىمدا سەندىن كەلگەن خەت مىنى تولىمۇ گاڭگىرىتىپ قويدى،
    (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،گۈلشەن،ياخشى تۇرۋاتامسەن؟ئاپاڭ،سىڭلىڭ ۋە ئاكاڭ ،يەڭگەڭ سالامەتمۇ؟ئۇقۇشۇڭ ئۇتۇقلۇق.كۈنلىرىڭ خوشال-مەنىلىك ئۆتىۋاتقاندۇر بەلكىم؟گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمىدىم ئاداش.سەن كەتمەكچى بولغاندا مەن رەھىمسىز تەغدىردىن تولىمۇ ئاغرىنغان ئىدىم،لېكىن ھازىر سېنىڭ كەتكىنىڭدىن تولىمۇ سۆيۈنىۋاتىمەن،بۇنداق دىسەم ھەيران قالمىغىن،ئاداش سەن ئوقۇش پۇرسىتىگە بولسىمۇ ئېرىشتىڭ،مەنچۇ؟مەن باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپلا ئۆيدە ئانامغا ياردەملىشىپ كەلگۈسىدە لاياقەتلىك ئائىلە ئايالى بولۇشنى ئۆگەندىم.
    سەن بىلەن كەلگۈسى ھەققىدە قىلىشقان گۈزەل-ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز ،خام خىيال ھالىتىدە كۆپۈككە ئايلاندى گۈلشەن.ساڭا ئۇدۇللا دەۋېرەي ئادىشىم مەن توي قىلماقچى ۋاقىتمۇ بېكىتىلىپ بولدى،كىلەر ئاينىڭ 8-كۈنى.مەن كەلگۈسىدىكى ئۆمۈرلۈك ھەمرايىمنى قىلچىلىك چۈشەنمەيمەن،ھەراست سەن ئۇنى تونۇيسەن،ئۇ بىزدىن بىر سىنىپ يۇقىرى ئوقىغان،بىز ساۋاق ئالغان داۋۇت موللامنىڭ ئوغلى سەمەت.مىنى نىمىلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ بىلمەيمەن،كاللام قۇپ-قۇرۇق،كەلگۈسۈم قاراڭغۇ.جېنىم ئاداش چوقۇم ئۈلگۈرۈپ كەل !ماڭا قولداش بولۇش توغرىسىدا 10 يىل ئاۋاللا  ۋەدە بەرگىنىڭ ئېسىڭدىدۇ؟مەن سېنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن.....)
    شۇنداق دوستۇم نۇرغۇن ئارزۇلىرىمىز ئارمان پېتى ئۆتمۈشكە ئايلاندى ،تەغدىرنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىندى.مەن تويىڭغىمۇ بارالمىدىم،قانچىلىك ئۈمۈتسىزلىنىپ،ئاغرىنغىنىڭنى،ھەتتا توي كۈنىڭمۇ يولۇمغا قاراپ كۆزۈڭ تىشىلەي دىگىنىنى مەن بىلىمەن.ھىس قىلالايمەن.
    رەھىمسىز رىئاللىق،تۇرمۇش مۇساپىسى بىزنى يىراق-يىراقلارغا ئايرىۋەتتى.سەن توي قىلغاندىن كىيىن بورۇنقىدەك كۆپ خەتلەرنىمۇ يازمىدىڭ،پەقەت چوڭ-چوڭ ئىشلار بولغاندا يازغان ئەمما ئەۋەتمىگەن خەتلىرىڭنى بىراقلا يوللايتىڭ.خەتلىرىڭنى تولا قايتا-قايتا ئوقۇپ ماڭا يادا بولۇپ كىتەتتى.....
    نۇرغۇن يىللار ئۆتتى مەنمۇ مەكتەپ ھاياتىم بىلەن خوشلىشىپ خىزمەتكە چىقتىم.ھەر-بىر ئىنسان ئېرىشىشكە تىگىشلىك مۇھەببەت ئاخىر مىنىڭ ئىشىكىمنىمۇ چەكتى.
    مۇھەببەت شۇنداق ئۇلۇغ بىر تىلسىم ئىكەنكى مىھرى تىل بىلەن تەسۋېرلەشكىمۇ ئاجىزلىق قىلىدىكەن كىشى.ئۇنىڭ قوينىدا ئۆزۈڭنى شۇنچە بەخىتلىك ھىس قىلىپ،ئۇنىڭسىز ياشاشنى تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىكەنسەن.ھاياتىم قايتىدىن نۇرلىنىپ،چېھرىمگە كۈلكە تەبەسسۇم،يۈگۈرۈپ،ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك قىز دەپ ھىس قىلاتتىم.ئۇنى ھەر-بىر ئۇچراتقىنىمدا يۈرىكىم ئەنسىز دۈپۈلدەپ،تىنىقىم يىتىشمەي،ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپلا قالاتتىم،ئۇنىڭغا دىيىش ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان گەپ-سۆزلىرىم نەلەرگىدۇر بىراقلا غايىپ بولۇپ كاللام قۇپ-قۇرۇق بولۇپ قالاتتى.قىيالمىغان ھالدا خوشلىشىپ ئۆيگە قايتقىنىمدا نۇرغۇن گەپلىرىمنى دىيەلمىگەنلىگىم،دىگەنلىرىمنىڭمۇ چالا قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئەيىپلەيتىم،پۇشايمان قىلاتتىم...
    ئۇلۇغ اللاھ ئىگەم ئىككىمىزنىڭ رىزقىنى بىر قىلىپ بىر كىچىككىنە ئائىلىگە ئېرىشىپ ھاياتىمىزغا نۇر بەرگۈچى مۇھەببىتىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە بەخىتلىك ياشىماقتىمىز،اللاھ ئىگەمنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بىر ئوغۇل بىر قىزغا ئاتا-ئانا بۇلۇشقا مۇيەسسەر بولدۇق.
    مىھرى ئايرىلغىنىمىزغا شۇنچە ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ يۇرتقا بولغان كۈچلۈك سېغىنىشىم بارغانسىرى لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان گۇلخانغا ئايلاندى ،چۈشۈمدىمۇ ئاشۇ توپىلىق يولنى ،ئېتىز-قىرلارنى،توقايلىقلارنى...چۈشەيمەن،ئاخىرى بىر قاراغا كىلىپ خىزمىتىمدىن 15 كۈنلۈك رۇخسەت سوراپ ئىككى بالامنى ئېلىپ يولغا چىقتىم ،ئاھ ئۇ ۋاقىتتىكى كەيپىياتىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسەن دوستۇم!خۇددى ئۆز ئانىسىدىن ئايرىلغان يىتىملىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان قەپەزدىكى قۇش ئەركىنلىككە ئېرىشكەندەك پۈتۈن جىسمىم تىترەيتتى،تاتلىق ئارزۇ-ئۈمىد،خوشاللىقلار قۇچىقىنى ئېچىپ مىنى باغاش ئىتىشكە تەييار تۇرغاندەك...ئۆزۈمنى شۇنچە بەخىتلىك ھىس قىلاتتىم،تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقماي ئەتتىگەندىلا يۇرتۇمنىڭ ئاشۇ تونۇش ،سۆيۈملۇك تۇپرىقىغا قەدەم باسىدىغىمدىن چەكسىز ئىپتىخاردا سۆيۈنۈپ ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈمچە كۈلەتتىم،پىچىرلايتتىم...
    مانا ئاپتۇۋۇزدىن چۈشتۇم!پۈتۈن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى،پۇتۇم ئانا تۇپراققا تىگىشى ھامان ھېلىقى تونۇش ھىد بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى...خۇددى سۇدىن ئايرىلغان بېلىق قايتىدىن سۇغا سېلىنغاندا ئاغزىنى يوغان ئېچىپ توختىماي سۇنى سۈمۈرگىنىگە ئوخشاش،پۈتۈن كۈچۈم بىلەن خۇددى بۇ ھاۋانىڭ ھەممىنى شۈمۇرىۋالماقچى بولغاندەك نەپەس ئالدىم،مەستخۇش بولدۇم.كۆزلىرىم يومۇلۇپ كەتتى...
    كەلگىنىمنى ئاڭلاپ كۆرۈشكىلى كىرىپ-چىقىۋاتقانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتى،ئۇرۇق-تۇققان،خۇلۇم-خوشنا،مەھەللىدىكىلەر.....كۆپچىلىك ئىچىدىن سېنى توختىماي ئىزدەيتىم لېكىن سەن قېرىشقاندەك كۆرۈنمەيتىڭ.
    كەچتە ئادەملەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلىشى كىچىك ئاپامدىن سېنى سورىدىم.ئاندىن بىلدىمكى سەن يېزا بازىرىغا كۆچۈپ كىتىپ يولدىشىڭ بىلەن تىجارەت قىلىۋېتىپسەن،ئەتىسى سېنى ئىزدەپ بېرىشنى قارار قىلىپ يېتىپ قالدىم.
    سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا سىرتقا چىقىپ ھەممە يەرگە تويماي قارىدىم،ھەممە شۇ قەدەر يېقىملىق ئىدى ،ئۆستەڭدە پولتوڭلاپ ئۈزۈشۈپ ئويناۋاتقان بالىلار،تونۇش مەھەللە يوللىرى،تونۇش ھىد....ئايىقىمنى سېلىۋېتىپ يۇمشاق،قىززىق توپىغا دەسسىگىنىمدە شۇنداق بىر ئىللىق تۇيغۇغا چۆمۈلدۈم.
    مىنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرغىنى چۈشلىرىمدىن چىقمايدىغان يۇلغۇن چېچەكلىرىگە تولغان توقايلىقنىڭ تۆمۈر يول ياساش سەۋەپلىك قەلبىمدە ساقلىنىپ قالغان ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىپ تەسەۋۋۇرۇمدىن ھالقىپ كەتكىنى بولدى..مەن ئۇ يەرنىڭ مەڭگۈ ئۆز پېتىنى ساقلاپ قېلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم،ئەپسۇس...بەكلا ئۈمۈتسىزلەندىم،ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسىلەردىن بىرىنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك ئازاپلاندىم.لېكىن مىنى خوشال قىلغىنى ئاشۇ توپىلىق سەھرا يولى ھەم قاتار سېلىنغان ئۆيلەر بولدى ،بەزى داۋزىلار ياغاچ،تۆمۈر..چوڭ دەرۋازىلارغا ئايلانغان،خام كېسەك ئۆيلەر پىششىق خىشلاردىن قايتا سېلىنغان بولسىمۇ يەنىلا بۇرۇنقى ئۇسلۇبىنى ساقلىغان ھالەتتە تۇرۇپتۇ،يەنىلا شۇ ئىتلارنىڭ ھاۋشىشلىرى،كەپتەرلەرنىڭ ئۈنلەشلىرى،بالىلارنىڭ قىقاس-چۇقانلىرى مەھەللىنىڭ بېشىدىكى چوڭلار يىغىلىپ،چوڭ-چوڭ ئىشلاردىن بىر-بىرىگە خەۋەر يەتكۈزىدىغان ياغاچ كۆۋرۈك...ھەممىگە تويماي قارىماقتىمەن،ئاھ سۆيۈملۈك سەھرا!ئانا ماكانىم بىلدىڭمۇ؟مەن قايتىپ كەلدىم،مىنى تونىغانسەنمۇ؟ئىللىق قۇچىقىڭغا يەنە بىر تامچە سۇ،بىر ئوچۇم تۇپراقتەك سىڭدۈرەرسەنمۇ؟كىندىك قېنىم ساڭا تۆكۈلگەن،تۇنجى يىغا ئاۋازىم سېنىڭ قوينۇڭغا سىڭىپ كەتكەن،تۇنجى قېتىم كۆزۈمنى ئاچقىنىمداساڭا ھەيرانلىق ئىلكىدە تويماي قارىغان، بالىلىقتىكى نۇرغۇن سەبى خىياللىرىم سېنىڭ قوينۇڭدا قاناتلانغان،سېنىڭ قوينۇڭدىن مەھرۈم بولغاندىن كىيىن ھەر-بىر دەقىقەم سېنى سېغىنىش بىلەن،ھەر-بىر كېچە سېنى چۈشەش بىلەن ئۆتكەن.ۋەسلىڭگە زارىقىش بىلەن لەختە بولغان جىسمىمنى ئىللىق تۇپرىقىڭنى باغاش ئىتىپ بۇ دۈنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋىسالدىن بەھىرلەندۈرمەكتىمەن!
    دوستۇم بېشىڭنى كۆتۈرسەڭچۇ؟نىمىشقا كۆزلىرىڭنى مەندىن ئېلىپ قاچىسەن؟نىمىشقا بىر يۇچۇن ئادەمگە ھېيىقىش،ئۇيۇلۇش ...ئىچىدە قارىغاندەك ئەندىكىپ،قورۇنۇپ قارايسەن؟مەن سېنىڭ سەبىيلىكىڭدىكى ئەڭ سەمىمى دوستۇڭ!سېنى قانچىلىك سېغىنغىنىمنى بەلكىم تەسەۋۋۇر قىلالماسسەن؟لېكىن مەن سېنى ھەقىقەتەن سېغىندىم!يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى تىل بىلەن تەسۋېرلىگۈسىز ۋىسال شاتلىقىدىن يۈرىكىم يېرىلىپ كىتەيلا دەۋاتىدۇ.ساڭا تىكىلىپ،تەلمۈرۈپ قارىماقتىمەن،يۈزۈڭگە چۈشكەن ۋاقىتسىز قورۇقلار،ئۆزيېشىڭدىن ئوننەچچە ياش چوڭ كۆرسىتىپ تۇرغان يوغان ياغلىق،ئۇزۇن كۆينەك،نۇرسىز كۆزلەر،نۇرغۇنلىغان دەرت-ئازاپلاردىن مۈكچەيگەن جىسمىڭ،سۇلغۇن چىرايىڭ....ماڭا ھەممىنى ئۈنسىز ئېيتىپ بەرمەكتە...
    قوللىرىڭنى تۇتقىنىمدا جىسمىڭنىڭ يىنىڭ تىترەپ،كالپۇكلىرىڭ ئۈمچىيىپ،كۆزلىرىڭدىن شەبنەم تامچىسىدەك ياشلار تۆكۈلگىنىدە يۈرىكىم ئېچىشماقتا!مىنىڭ قەلبىمدىكى ئەڭ گۈزەل قىز سېنى قايتا باغرىمغا باستىم!ئاھ مىنىڭ بالىلقىم،بالىلىقىمدىكى ئەڭ سەمىمى،غەرەرسىز پاك دوستلۇقۇم!مىنى قويۇۋەتمىگىن،قانغۇچە قۇچاقلىۋالاي،كۆز-ياشلىرىڭنى سۈرمە ئىتىپ كۆزلىرىمگە سۈركىۋالاي!ئازاپلىرىڭغا ئورتاقلىشاي!قايغۇلىرىڭغا يىغلاپ ،خوشاللىقلىرىڭغا ئورتاق كۈلەي!قارا ئۇ سېنىڭ قىزىڭمۇ؟ياق،ياق جاۋاپ بېرىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق دوستۇم ،ئۇنىڭ قاپ-قارا كۆزلىرىدىن،يۇمىلاق يۈزلىرىدىن،مىيىقىدا پىسسىڭڭىدە كۈلۈشلىرىدىن سېنىڭ ئاشۇ توقايلىقتا قەلبىمگە سىڭدۈرىۋەتكەن سىمايىڭ جۇلالىنىپ تۇرماقتا!گەرچە 3بالىنىڭ ئانىسى بولغان بولساڭمۇ،مىنىڭ نەزىرىمدە سەن يەنىلا ئاشۇ سەبى،سەمىمى ،شەرمىي-ھايالىق،مىھرىڭ ئىللىق...سەھرا قىزى!كەل قولۇڭنى بەر!ھاياتىمىزنىڭ كىيىنكى قىسمىنى بىللە ئۆتكۈزەيلى،تۈگىمەس ،قىزغىن پاراڭلىرىمىز يەنە داۋام ئەتسۇن!ئەپسۇس،ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىلا قالغانلىقىنى،ئەزىز،ئانا سەھرا بىلەن ئاخىرقى قېتىم خوشلاشقىلى كەلگىنىمنى،سېنىڭ مىھىرلىك قۇچىقىڭدا جان بېرىشنى ئۈمىد قىلىپ باغرىڭغا ئۆزۈمنى ئاتقىنىمنى بىلگىنىڭدە بەرداشلىق بېرەلەرسەنمۇ؟شۇنداق ئادەم ھەممىگە كۆنىدۇ،تەغدىرگە باش ئىگىدۇ،سەنمۇ،مەنمۇ ھەم شۇنداق!
    ساڭا ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم:مەن بۇ دۇنيادىن خوشلاشقىنىمدا مىنى ئۆز قولۇڭ بىلەن يۇيۇپ-تاراپ،كېپەنگە ئال!تۇپراق بېشىمغا ھەر بارغىنىڭدا توقايلىقتىكى يۇلغۇن چېچەكلىرىدىن ئالغاچ بېرىشنى ئۇنۇتما!ئەپسۇس،يۇلغۇن چېچىكىنىڭ شورلۇق تۇپراق بىلەن بىرلىشىپ چىقارغان ،بىر ئۆمۈر دىمىقىمدىن كەتمىگەن ئاشۇ ئۆزۈملا ھىس قىلالايدىغان پۇرىقىنى قايتا پۇرىيالمىساممۇ......


    ئادىرسىمىز

    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت