پاراڭلىشىش ئۈچۈن تورغا چىقىپ بىرەر ھەمراھ ئىزدەپ ئولتۇراتتىم ،تۇيۇقسىز ئىشىك ئېچىلىپ ،قوشنا بۆلۈمدىكى ئاسىيە كىرىپ كەلدى .
_قانداقراق تۇردۇڭ دوستەك؟ ئەتتىگەندىلا تورنى ئېچىۋالدىڭمۇ نېمە؟
_زېرىكىپ شۇ .....
_پاراڭلىشىدىغان بىرەر بۇرۇتلۇق تېپىلمايۋاتامدۇ؟ھا....ھا....ھا..._ئۇ قاتتىق كۈلۈپ كەتتى .ئۇنىڭ كۈلۈشىدىن ئوماق لەۋلىرى ئارىسىدىكى ئۈنچىدەك چىشلىرى كۆرۈنۈپ قالدى .
_بۇرۇتلۇقلارنى نېمە قىلاي ...سەنمۇ كۆرۈشۈپ تويغانغۇ ؟ھېلىقى بىر غېرىچ بىلەن ..
ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق .ئۆتكەندە ،ئاسىيە قاملاشقان بىر ئەر بىلەن تۇنۇشقانلىقىنى ،شەنبە كۈنى كۆرۈشمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتقانىدى .ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى چىرايىدىن تەپچىپ تۇرغان خۇشىاللىقىنى تىل بىلەن ئىادىلىمەك قىيىن ئىدى .ئەپسۇس ،دۈشەنبە كۈنى ئاسىيە ئىشخانامغا تولىمۇ روھسىز ھالدا كىرىپ كەلدى .
_نېمە بولدۇڭ ؟_ تېنىچ - ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن ،ئۇنىڭغا تەئەججۈپ ئىلكىدە قاراپ .
_...ئۇ بىر غېرىچلا كېلىدىكەن ،تولىمۇ كۆرۈمسىز بىر ئەر ئىكەن .ئۇنى كۆرۈپلا كەينىمگە بەدەر قاچتىم ...
_ كۆرپىگە ئوراپلا ئۆيۈڭگە ئېلىپ كەتمەي..._دەپ چاقچاقمۇ قىلىپ قويغانىدىم.
ھازىرقى بىر غېرىچ دېگەن گەپ نەق شۇنىڭدىن چىقىۋاتاتتى .
_بىر غېرىچ ئۇچراۋەرمەس ،سۇۋادان تېرەكتەكلەرمۇ چىقىپ قالار دەيمەنغۇ ئەمدى ،_دېدىم تېخىچە كۈلۈۋاتقان ئاسىيەگە قاراپ .
_ۋاي ،توردىكىلەرگە ئىشەنگىلى بولاتتىمۇ ؟تويدۇم ..راست ،سېنىڭ ھېلىىقى قوشاقچىڭ قانداق بولۇپ كەتتى؟
_ۋاي خۇدا ،ماڭا تولا قوشاق ئېيتىپ مېڭەمنى يەپ كەتتى ،ئۇنى ئاخىر قارا تىزىملىككە كىرگۈزۋەتتىم .يەنە بىر پەلسەپىچى بىلەن تۇنۇشقان .ئۇ ھە دېسىلا چۈشىنىكسىز گەپ قىلىدۇ،بىر گەپنىڭ ئىككىسى بولسا <<ھايات بىمەنە ،ھايات ئاياللار بىلەنلا گۈزەلدۇر>>دېگەندەك دەبدبىلىك گەپلىرى ھالىمنى قويمىدى ...ئاخىر ئۇنىمۇ يوقاتتىم .ئاسىيە بىزنىڭ ئەرلىرىمىزمۇ باشقا ئاياللاغا ئاۋۋال گۈل ،كالپۇكنىڭ رەسىملىرىنى ئەۋەتىپ....
_مېنىڭ ئېرىمنى ئۆزۈڭ بىلىسەن ،_دېدى ئاسىيە ،_سېپى ئۆزىدىن بىر مۆرىمەس ،ئۇنىڭ ئۇنداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىەنمەيمەن..ئۆيدىمۇ تورغا چىقىپ قوياي دېمەيدۇ.
_ياۋاشنىڭ قولتۇقىدا چىشى بار جۇمۇ ،دىققەت قىل ...
_ھا....ھا....ھا..._ئىككىمىز تەڭلا كۈلشۈپ كەتتۇق .
_مېنىڭ ئېرىم ئۆيدە ئانچە - مۇنچە تورغا چىقىدۇ ،لېكىن ئۇنىڭ بىرەرسى بىلەن پاراڭلىشۋاتقانلىقىنى بايقىمىدىم،لېكىنغۇ ئەرلەرگە ئىشىنىپ بولغىلى بولمايدۇ .گاھى كۈنلىرى ئېرىمىزنىڭ ئۆيدە بولۇشىنى تىلەپ قالغاندەك ،ئۇلارمۇ تېخى بىزنىڭ ئۆيدە يوق بولۇپ قېلىشىمىزنى ئۈمىد قىلامدۇ تېخى ؟ كىم بىلىدۇ .ھازىر چايلارغا بېرىپ كەچ قالساممۇ ،ئانچە بىر نەرسە دەپ كەتمەيدۇ ،بىزنىڭ قاسىمجان .ئادەم يەنە گۇمانلىنىپ قالىدۇ ئۇلاردىن .
_مەنغۇ ئەسلا گۇمان قىلمايمەن ،ئۇنىڭ گۇمانلانغۇدەك يېرىمۇ يوق ،ئۇ شۇنداق گومۇشتەك يۈ رۈپ نېمە ئىش قىلالىسۇن ؟ئۇ بىر مۆرىمەس دەيمەن .
_بايا دېدىمغۇ<<ياۋاشنىڭ قولتۇقىدا چىشى بار>>دەپ؟
_ئوۋۇش ،نېمە دەيدىغانسەن ؟چىشى بولغان بىلەن ئۈشكىنى ئەپلەشتۈرۈپ چاقالىسى بولىدۇ .مەن چىقاي ،سەن يەنىلا ئىزدەپ كۆر،ساھىبقىراندىن بىرەرسى ئۇچراپ قالسا ئەجەب ئەمەس ....مەن يەنە كىرىمەن ،شۇ چاغدا تاپقىنىڭنى كۆرسىتەرسەن ....
_ماقۇل.
ئۇ سېرىق سومكىسىنى پولاڭلىتىپ ،بىر تۇتام بېلىنى تولغىغىنىچە ،ساغرىسىنى ئوينىتىپ چىقىپ كەتتى .ئۇنىڭ ئېرى ئۆي بىلەن ئىدارە ئوتتۇرىسىدا مۇكىدەك قاتناپ يۈرۈيدىغان ياۋاشلا بىر ئادەم ئىدى .مەن ئېسىمنى يىغىپ كومومپىيۇتىرغا قارىسىام ،QQرىمغا قېتىلىش ئۈچۈن بىرى ئىلتىماس سوراۋىتېپتۇ .ئۇنى چىكىپ ئارخىپىنى كۆرۈپ باقتىم . ئىسمى :تەڭرىقۇت ؛ يېشى :30؛ شەھىرى :غۇلجا ؛ جىنىسى :ئەر.ئۇنى QQ رىمغا قېتىپ زېرىكىشلىك تۇرمۇشىمغا ئاز -تولا رەڭ بەرمەكچى بۇلدۇم.ئۇنى قېتىشىم بىلەنلا ئۇچۇر كەلدى .
_ياخشىمۇسىز؟
_ياخشى ،ئۆزىڭىزچۇ ؟
_ياخشى ،سىز نەدىن؟
_ ئۈرۈمچىدىن ،سىز غۇلجىدىنمۇ ؟
_شۇنداق ،پاراڭلاشساق بۇلامدۇ؟
_بولىدۇ.
_نىمە خىزمەت قىلسىز؟
_سېستىرا مەن ،_ئەسىلى خىزمەت ئورنۇمنى يۇشۇردۇم.
_قايسى دوختۇرخانىدا ؟
_4-دوختۇرخانىدا .
_ھا ھا ھا،ئۇنداق ئەمەستۇ؟
_ راسىت ،ئاغرىپ تارتىپ ،بېرىپ قالسىڭىز ئىزدەرسىز .
_ سارڭ بولۇپ قالساممۇ ،دەردى بارلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولالايمەن جۇمۇ.
_ شۇنداقمۇ ؟
_شۇنداق ،سىزنى كۆرسەم بولامدۇ؟
_مەندە كامېرا يوق ،سىزنى كۆرەيمۇ ؟
_مەندىمۇ يوق ،راستلا يوق ،جېنىم ،باشقىچە چۈشەنمەڭ ....
_ئۇنداقتا پاراڭلىشايلى .
_بولىدۇ ،_ ئۇ شۇنداق دەپ گۈل ئەۋەتتى .مەنمۇ ئۇنىڭغا گۈل .ئەۋەتىپ قويدۇم .
بۇنىڭدىن ئۇ قاتتىق تەسىرلىنىپ كەتتىمۇ قانداق ،يۈرەكنىڭ سۇقۇۋاتقان رەسىملىك ئىپادىسىنى ئارقا - ئارقىدىن ئەۋەتىتى .
_يۈرىكىڭىز نېمانچىلا سۇقىدۇ؟
_سىزدەك خېنىملار بىلەن پاراڭلاشقاندا سوقمىغان يۈرەكنى ئىتقا تاشلاپ بەرمەي .تېخى مۇنداق پارچىلىنىۋاتىدۇ ،_ئۇ يۈرەكنىڭ پارچىلىنىۋاتقان ھالىتىنىڭ رەسىمىنى ئەۋەتتى .
_تور دېگەن مەۋھۇم دۇنيا ...بىز تېخى تۈزۈك تۇنۇشمىساق ...
_ تۇنۇشمىساق تونۇشۇپ قالىمىز ،مەۋھۇمنى رئېاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغۇ ؟
_قانداق قىلىپ ،_دېدىم قەستىەنگە .
_كۆرۈشۈپچۇ؟
_ھە...
ئۇ قىپقىزىل لەۋنىڭ رەسىمىنى ئەۋەتتى .بۇ ساراڭ تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك ،نېمە قىلىپ يۈرۈيدۇئەمدى ...تونۇشا،تونۇشمايلا دېگەننى ئويلاپ ،ئۇنىڭغا دوستلىشىشىنى چۈشەندۈرىدىغان قول ئېلىشۋتقان رەسىمىنى ئەۋەتىپ قويدۇم .ئۇ بايقۇش ئەسەبىيلىشىپ قىپقىزىل لەۋنىڭ رەسىملىرىنى ياغدۇرۋەتتى .
_دىدارڭىزنى بەك كۆرگۈم كېىلىۋاتىدۇ ،رەسىمىڭىزنى بولسىمۇ ئەۋەتىڭە ،كۆرەي...
_سىز ئەر كىشى بولغاندىكىن ئاۋۋال ئەۋەتىڭ!
_ ماقۇل ،سەل ساقلاڭ جېنىم ...
ھە ...<<قانداقراق نېمىدۇ بۇ ؟>>دېگەننى خىيال قىلپ ،قاراپ ئولتۇردۇم .
_ئەۋەتتىم - ھە..
بىر چاغدا ئۇنىڭدىن سادا كەلدى .مەن سۈرەتتىكى قۇڭۇر چېچىنى بىر يانغا تۈجۈپىلەپ تارىغان ،قاتۇرۇ پ كىيىۋالغان كۆك كاستۇم ئىچىدىكى چاقماق گالىستۇكى ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان ئاق سېرىق كىشىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم .كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ ،سۈرەتكە <<شۇمۇ ،ئەمەسمۇ ؟>>دېگەندەك قىلىپ ،بىر نەچچە رەت قارىدىم .بىراق تۇيغۇلىرىم ئۇنى خاتا تۇنمايۋاتاتتى .ئۇنىڭدىن <<بارمۇ سىز؟>>دېگەن ئۇچۇر توختىماسىتىن كېلىپ تۇرۇۋاتاتتى .
_مەن بار ،سۈرەتتىكى راست سىزمۇ ؟ _دېدىم ئاخىرى.
_مەن شۇ ،خۇدا ھەققى ...
_سىز راست غۇلجىلىقمۇ ؟
_مەن ...مەن ...ئۈرۈمچىدىن...
ئەمدى ئۇنىڭدىن سورايدىغان سوئال قالمىغانىدى .مەن QQنى ئۆچۈرۈشۈم بىلەن تەڭ ئىشىك ئېچىلىپ ،ئاسىيە دىمىغىدا غىڭشىغىنىچە كىرىپ كەلدى .
_ھە، دوستەك بىرەر ساھىبقىران بىلەن تېپىشتىڭمۇ قانداق ؟مەن بىرى بىلەن ھازىرغىچە مۇڭدىشىپتىمەن ،ئۇ بەك قىزىقچىكەن ...ئۇنداق چاغدا ۋاقىتنىڭ تېز ئۆتكىنىنى تېخى ...پارارڭلاشمايمەن ،دەيمەن _يۇ،بىراق يەنە شۇ ...ۋۇي نېمە بولدۇڭ ؟چىرايىڭ بىر قىسمىلىغۇ ؟توردا بىرەرسى تىللاپ قويمىغاندۇ ؟
_ياق ..ھېچنىمە بولمىدىم ...قايتايلى ..كۆزۈم قاراڭغۇلىشۋاتىدۇ....
_ نېمە بولغانسەن ئەمدى ،كومپيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرۇۋېرىپ سەنمۇ شۇ.
_ياق ئۇ كومپيۇتىرنىڭ ،ماڭا قىلغان .ئەكىس تەسىرىدىن ئەمەس ،بەلكى ،مۆرىمەسلەرنىڭمۇ مۆرەيدىغان بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ....
_نېمە؟
مەن ئۇنىڭغا ھېچنىمە دېيەلمىدىم ..ھەممىگە ئېچىندىم .مۆرىمەسلەرنىڭ مۆرەۋاتقانىلىقى ھەققىدە قايتا ئويلىنشقا باشلىدىم...