• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئايرىلمىغىل (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-08-07
    ئاپتورى : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
      ئايرىلمىغىل

      ھىممىتىڭدىن، غەيرىتىڭدىن ئۆل، لېكىن ئايرىلمىغىل،
      ھەقلىقىن بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر، قايرىلمىغىل.CQ7ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى


      مانىئىڭ كۆپ بولسىمۇ، قورقماي ئۈزۈپ ئالدىڭغا باس،
      تاغۇ تاش، دەريا ئۇلۇغ سۆزلەرگە سەن تاڭ قالمىغىل.CQ7ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى


      ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە، يا غەرق بول، يا تاپ گۆھەر،
      شىر نە يا يولۋاس كەبى باسقان ئىزىڭدىن يانمىغىل.CQ7ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى


      تۆت تەرەپ ياۋ ھوۋلىشىپ، سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە،
      ئېلىشىپ قانغا بويال، نومۇسنى ھەرگىز ساتمىغىل.CQ7ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى


      كىمكى ھەق يولغا قەدەم قويسا ئۇتۇق مۇتلەق شۇنىڭ،
      بۇ نېچۈك بولغاي كىيىن دەپ، يوق خىيالغا قالمىغىل.CQ7ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى


      سەن ۋەتەن، مىللەت دېسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
      بول جەسۇر، ئالىي نىشان، كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل.CQ7ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى


      ئابدۇخالىقنىڭ سۆزى دەپ ئېتىبار قىلماي قېلىپ،
      ئۇشبۇ ۋىجداننى كېيىن پۈتمەس ئازابقا سالمىغىل.

      1929-يىلCQ7ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    CQ7ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى
    CQ7ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت