خەير،كۆرۈشەرمىز!
ۋادەرىخا،كەتتى ئۇ جانىم مېنىڭ جاننى ئېلىپ،
ئۇ كېتەردە مەندە جان قايدا،ياغاچ بولدۇم قېتىپ.
جادۇ كۆز گۈل كىرپىكى بىرلە يۈرەردە بىر قاراپ،
تاش كۆڭۈلنى قوغۇشۇندەك ئېرىتىپ قىلدى خاراپ.
مەنىلىك سىرلىق قاراپ:<بولغىن ئامان يارىم>دېدى،
<مەن ئۆزۈم كەتكەن بىلەن سېنىڭ بىلەن يادىم>دېدى.
نائىلاج مەنمۇ دېدىم:<بولسۇن مۇبارەك بۇسەپەر،
تاكى جايىڭغا يېتىپ بارغۇچە يوللار بىخەتەر.>
ئاق بىلەك گەدەنگە چەمبەر،بىرلەشتى ھەر ئىككى تىنىق،
ئالما،ئانار بولدى بىر جۈپ،ئۆپتى تويغۇچە يېنىپ.
<خەير،كۆرۈشەرمىز>دېبان،ئايرىلىشتۇق نائىلاج،
ئۇيغۇر يوقاتتى ئېسىنى،دېدى:بەختىم زادى كاج.
شېئىرلار شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىلى نەشىر قىلىنغان <<ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى>> ناملىق توپلامدىن ئېلىندى.
[پارول] تۇرمۇشتا شۇ…ئۇنداق مۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرغانمۇ ياخشىمىش
[پارول] قانداق ئويلىساڭلار مەيلى، ئىشقىلىپ مەن داۋالاشنى توختاتمىدىم
[پارول] خاسىيەتلىك پالۋان بولسىلا ھېساب ئەمەس، يەنە نۇرغۇن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر بار
زامانىمىز قىزلىرىغا نەزەر
پاھىشىنىڭ مۇھەببىتى
بىر قىسىم پاھىشە ئوقۇتقۇچى ۋە بىر قىسىم پاھىشىۋاز ئوقۇتقۇچىلار (چوقۇم كۆرۈڭ)
ئۇرۇمچىنىڭ 14 يىللىق ئۆزگىرىشى !
نوم ئالغىلى بارغانلار (غەرپكە يەنە بىر ساياھەت)
بىز ئەجداد روھىغا قانداق ۋارىسلىق قىلدۇق (ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىت بەرقى)
QQدىكى "ئوۋچى"لار (ھېكايە)
![[پارول] تۇرمۇشتا شۇ…ئۇنداق مۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرغانمۇ ياخشىمىش](../../d/file/edebiyat/yumur/small14d737efbf2363c036253cf6f0fa5ea31384853530.jpg)